ﯞﯦﺴﺎﻝ ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﻰ(ناخشا تېكىستلىرى)

يوللىغۇچى : elqut يوللىغان ۋاقىت : 2008-10-14 11:30:00

ﯞﯦﺴﺎﻝ ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺑﯩﺰ ﺗﻮﻧﯘﺷﻘﺎﻥ ﯪﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﮔﯜﻟﻠﻪﺭ ﭘﻮﺭﻩﻙ ﯪﭼﻘﺎﻥ ﺋﯧﺪﻯ. ﻳﯜﺭﻩﻛﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻫﻮﺯﯗﺭ،ﺧﯘﺷﭙﯘﺭﺍﻗﻼﺭ ﭼﺎﭼﻘﺎﻥ ﺋﯧﺪﻯ. ﺗﻮﺳﺎﺗﺘﯩﻨﻼ ﯴﺷﺸﯜﻙ ﺗﯧﮕﯩﭗ،ﮔﯜﻟﻠﻪﺭ ﺑﻪﺭﮔﻰ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ.ﮔﯜﻟﮕﻪ ﺷﻪﻳﺪﺍ ﺑﯘ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻢ، ﭘﯘﭼﯘﻻﻧﺪﻯ-...

     

     ﯞﯦﺴﺎﻝ ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﻰ

    ﺑﯩﺰ ﺗﻮﻧﯘﺷﻘﺎﻥ ﯪﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ،
    ﮔﯜﻟﻠﻪﺭ ﭘﻮﺭﻩﻙ ﯪﭼﻘﺎﻥ ﺋﯧﺪﻯ.
    ﻳﯜﺭﻩﻛﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻫﻮﺯﯗﺭ،
    ﺧﯘﺷﭙﯘﺭﺍﻗﻼﺭ ﭼﺎﭼﻘﺎﻥ ﺋﯧﺪﻯ.

     ﺗﻮﺳﺎﺗﺘﯩﻨﻼ ﯴﺷﺸﯜﻙ ﺗﯧﮕﯩﭗ،
    ﮔﯜﻟﻠﻪﺭ ﺑﻪﺭﮔﻰ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
    ﮔﯜﻟﮕﻪ ﺷﻪﻳﺪﺍ ﺑﯘ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻢ،
    ﭘﯘﭼﯘﻻﻧﺪﻯ-ﭘﺎﻳﺨﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ.

     ﻗﺎﻳﺘﺎﺭﻣﺎ: ﺗﻮﺳﺎﺗﺘﯩﻨﻼ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺟﯘﺩﯗﻥ،
    ﮔﯜﻟﻠﻪﺭ ﺑﻪﺭﮔﻰ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
    ﯞﯦﺴﺎﻝ ﯴﭼﯜﻥ ﯰﺯﺍﻕ ﻛﯜﺗﺘﯜﻡ ،
    ﺗﺎﻗﻪﺕ ﻣﺎﯕﺎ ﺩﻩﺭﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ.

     ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﯴﻣﯩﺪ ﻣﺎﯕﺎ،
    ﻛﯧﭽﻪ-ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﯪﺷﻴﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
    ﻗﯩﺶ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺯ ﻛﻪﻟﮕﯜﭼﻪ ،
    ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺑﺎﻏﺮﯨﻢ ﻗﺎﻥ-ﻗﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ.

     ﻣﺎﻧﺎ ﯪﺧﯩﺮ ﯞﯦﺴﺎﻝ ﺗﺎﭘﺘﯩﻢ ،
    ﺗﺎﻗﻪﺕ ﻣﺎﯕﺎ ﺩﻩﺭﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
    ﻟﻪﯞﻟﯩﺮﯨﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﭽﺘﯩﻢ ﺷﻪﺭﺑﻪﺕ،
    ﺩﯨﻞ ﻳﺎﺭﺍﻣﻐﺎ ﻟﻮﻗﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ.

     قايتارما: ﻟﻪﯞﻟﯩﺮﯨﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﭽﺘﯩﻢ ﺷﻪﺭﺑﻪﺕ ،
    ﺩﯨﻞ ﻳﺎﺭﺍﻣﻐﺎ ﻟﻮﻗﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
    ﮔﯜﻝ ﺑﯧﻐﯩﻤﯩﺰ ﻛﯚﻛﻠﻪﭖ-ﻳﺎﺷﻨﺎﭖ،
    ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻣﺎﻛﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ.

    ﻫﯩﺠﺮﺍﻥ ﻫﯩﭻ ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯗ،
    ﺑﯩﺰ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪﻥ ﻣﯧﻨﯘﺗﻼﺭ.
    ﻗﯘﺗﻠﯘﻗﻠﯩﻐﺎﻥ ﺗﯘﻟﯘﻧﯫﻱ،
    ﭼﺎﭼﻘﯘ ﭼﺎﭼﻘﺎﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ.

     ﺋﯧﺴﯩﯖﺪﯨﻤﯘ ﻳﺎﺭ ﺳﯧﻨﯩﯔ،
    ﺳﯚﻳﮕﯩﻨﯩﻤﺪﻩ ﻟﯧﯟﯨﯖﺪﯨﻦ.
    "ﺟﺎﻥ ﺑﯧﺮﯨﻤﻪﻥ ﺑﺎﻏﺮﯨﯖﺪﺍ ",
    ﺩﯦﮕﻪﻥ ﯪﺷﯘ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﯔ.

    ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺳﯚﻳﮕﯜﻧﯩﯔ ،
     ﭼﯚﻟﯩﺪﻩ ﻣﻪﻥ ﻳﯩﮕﺎﻧﻪ.
    ﯲﺗﻤﯜﺷﯜﻣﺪﯨﻦ ﺗﻪﯞﻩﺭﯛﻙ،
    ﻗﺎﻟﺪﻯ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﯬﺳﻠﯩﻤﻪ.

     نۇر سۆيگۈسى تاڭ پەرىسى قوغلاپ كېچىنى،
    قىز مەڭزىدەك بويالدى ئوپۇق.
    دىلدا زوقلار قوزغاپ باشقىچە،
    كىيدى زىمىن نۇردىن زەر يوپۇق.

     كۈلدى بىردىن لالە-رەيھان...لار،
    گۈل بەرگىدە نۇرلار قىلغاچ ناز.
    نۇرغا ئاشىق كاككۇك،بۇلبۇل...لار،
     باشلىۋەتتى بىردىن نەغمە-ساز.

     تاغ سۇلىرى جىلغىغا تولۇپ،
    ئاقار ئويناپ نۇرغا چىلىشىپ.
    نۇر قۇچاقلاپ ياتار كەڭ دالا،
    نۇر بەھرىدىن كۈلۈپ ،ياشىرىپ.

     قايتارما: نۇرغا مۇھتاج ئادەم،مەۋجۇدات،
    نۇر دېمەكلىك -ھاياتتىن نىشان.
    شۇ سەۋەبلىك نۇرغا سۆيگۈمىز،
    يۈرەكلەردە ياسايدۇ قىيان.

     ئۈزۈلەرمۇ سۆيگۈ تارىمى بىزگە پاناھ كونا جىگدىلىك،
    ئاللىقاچان ئۆچكەن ئىزىمىز.
    مونەك-مونەك يىلىملار ئارا،
    لېكىن ئۇيۇپ قالغان ھىدىمىز.

     ئۇزارماقتا سايىلەر چەكسىز،
    ئۇزارغاندەك بىزنىڭ ئارىمىز.
    شۇ ئۇزراشنىڭ چېكىدە ھەيھات،
     ئۈزۈلەرمۇ سۆيگۈ تارىمىز؟!

     ياپراقلارنىڭ كۆزلىرىدە ياش،
    خۇيلۇق قىزدەك قالغان دومسىيىپ،
    بىر نەرسىگە قىيالمىغاندەك،
    ئۇلاپ -ئۇلاپ قويار ئۇھسىنىپ...

     ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻤﻨﻰ قىلغىن ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻤﻨﻰ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ،
    ﯮﻏﯘﺯﺩﯨﻦﭘﺎﻙ ،ﺳﯜﺗﺘﯩﻨﻤﯘ ﯪﻕ ﺩﻩﭖ.
    ﯞﻩ ﻣﯩﺴﺎﻟﻰ ﯪﻗﻘﯘ ﻗﺎﻧﯩﺘﻰ،
    ﻛﻪﯓ ﺳﺎﻣﺎﺩﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻟﻪﭘﯩﻠﺪﻩﭖ.

     ﺷﯘ ﯪﻥ ﻗﻪﻟﺒﯩﯔ ﭘﺎﺭﻻﭖ ﺗﺎﯓ ﻛﻪﺑﯩﻲ،
    ﻧﯘﺭ ﯪﻟﯩﻤﻰ ﻗﯘﭼﺎﻗﻼﺭ ﺳﯧﻨﻰ.
    ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﻪﯞﻩﻟﻠﯘﺕ،
    ﺗﻮﻧﯘﻏﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﯩﺴﻪﻥ ﻣﯧﻨﻰ.

    ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻤﻨﻰ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ،
    ﻧﯘﺭ ﯪﻟﯩﻤﻰ ،ﭘﺎﻛﻠﯩﻖ ﯪﻟﯩﻤﻰ.
    ﺷﯘ ﭼﺎﻍ ﻧﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻜﯩﮕﻪ ﯲﺗﯜﭖ،
     ﯲﺯ ﻗﻮﻳﻨﯘﯕﻐﺎ ﯪﻟﯩﺴﻪﻥ ﻣﯧﻨﻰ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق