ئەتەمسەن (تۈركچە-ئۇيغۇرچە)

يوللىغۇچى : aypalta يوللىغان ۋاقىت : 2008-02-23 13:08:00

ئەتەمسەن (تۈركچە-ئۇيغۇرچە) ئەتەمسەن سەن جېنىمسەن، جېنىمسەن، تومۇرىمدا ئاققان قېنىمسەن. سەنسىزلىك تۆنۈگۈندە قالدى، بۈگۈنىمسەن، ئەتەمسەن. بۈگۈنىمسەن، ئەتەمسەن. كۆڭلۈمدىكى سەن مەڭگۈ ياشايدۇ سېنى...

    ئەتەمسەن (تۈركچە-ئۇيغۇرچە)

            ئەتەمسەن سەن جېنىمسەن، جېنىمسەن، تومۇرىمدا ئاققان قېنىمسەن.
    سەنسىزلىك تۆنۈگۈندە قالدى،
    بۈگۈنىمسەن، ئەتەمسەن.
    بۈگۈنىمسەن، ئەتەمسەن.
    كۆڭلۈمدىكى سەن  مەڭگۈ ياشايدۇ سېنىڭ سۆيگۈڭگە تولۇپ تاشىدۇ ئىشەن،
    سەندىن باشقىسى ھېچ بولمايدۇ.
    سەندىن تېتىدىم ئاشق- سەۋدانى
    سەندىن ئۆگەندىم تەنھالىقنى
    بىرىنى سۆيۈپ ئۇنىڭ بولماقنى.

    بەلكىم يىغلاپ قالىمەن بىر بۇلۇڭدا
    تىكەنلەر سانجىلىدۇ يۈرىگىمگە.
    گۈل چېكىمەن ھەسرەتلەرنىڭ يۈزىگە
    ئەمما سېنى ئۇنۇتمايمەن مەڭگۈگە
    سەندىن باشقىسىنى يولاتمايمەن سۆيگۈمگە.
    سەن مېنىڭ تۇنجى كۆز نۇرۇمسەن
    سەن مېنىڭ تۇنجى سەۋدالىقىم سەن
    يۈرىكىمدىكى ئورنۇڭ ھېچ مەڭگۈ ئۆچمەس
    بورانلار چىقار... ياغمۇرلار ياغار...
    لېكىن سەندىن... باشقىسى بولماس.
    بىر سەن بارسەن كۆڭلۈمدە خىيالىمدا، چۈشۈمدە
    ئىچ- ئىچىمدىن كۈلگەندە چىققان تاتلىق سۆزۈمسەن
    مېنىڭ بىر جۈپ كۆزۈمسەن.
    سەندىن تېتىدىم ئاشق- سەۋدانى
    سەندىن ئۆگەندىم تەنھالىقنى
    بىرىنى سۆيۈپ ئۇنىڭ بولماقنى.

     Yarınımsın Sen canımsın, canımsın,
    Damarımda akan kanımsın.
    Sensizlik dünde kaldı,
    Bugünüm, yarınımsın.
    Bugünüm, yarınımsın.

    Bu bendeki sen hep yaşayacak Senin sevginle dolup taşayacak İnan,
    senden başkası hiç olmayacak.
    Ben senden tattım aşkı sevdayı,
    Senden anladım,bir tek kalmayı
    Birini sevip onun olmayı.

     Belkide ağlayacağım bir köşede
    Sancılar tuttuğunda yüregimde
    Hasretin üzerine cizgi çekeceğim
    Ama seni seni unutmayacağim
    Sendenbaşkasını zaten sevemiceğim.
    Sen benim ılk gözağrım
    Sen benim ılk sevdalım
    Senin yüreğimdeki yerin hiç solmayacak
    Fırtınalar kopacak...
    Yağmur yağacak...
    Ama senden... senden başkası olmayacak.
    Bir sen varsın gönlümde Hayalımde
    düşümde Eniçten gülüşümde
    Çıkan tatlı sözümsün Benim iki gözümsın.
    Ben senden tattım aşkı sevdayı
    Senden anladım, bir tek kalmayı
    Birini sevip onun olmayı

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-3-1 11:06:16]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تۈركچە