كۈز يامغۇرى

يوللىغۇچى : Qarluq يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-13 08:39:01

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} كۈز يامغۇرىماڭماقتىمەن يالغۇزلا، ئۇزۇن ئورمان يولىدا.كۈز يامغۇرى تامچىيدۇ، يۈرۈكۈمگ

    كۈز يامغۇرى

     

    ماڭماقتىمەن يالغۇزلا، ئۇزۇن ئورمان يولىدا.
    كۈز يامغۇرى تامچىيدۇ، يۈرۈكۈمگە ئاستىلا.
    ئوڭ يېنىمدا قۇم ئۆستەڭ، بىر تەرەپتە تار ئورمان.
    ماڭماقتىمەن ئالدىمغا ، بارارغا يوق ھىچ نىشان.

     

    بىلمەيمەن خاتا قىلدىممۇ، ياكى سېنى ئازاپلىدىممۇ،
    بىلمەيمەن سۆيگەنىم گۇناھمۇ...
    (تەكرار)

     

    بىلمىدىم بۇ گۇناھمۇ، ياكى سۆيگۈمۇ،
    مەنىسىز كۈنۈمگە، مەنا ئىزدەشمۇ...
    (تەكرار)


    بىلمىدىم بۇ سۆيگۈمۇ، ياكى ماڭا چۈشكەن سەۋدامۇ،
    كەچۈرگىن، تىلىم كەلمەس باشقا سۆزگىمۇ...
    ---------------------

     

    مۇڭلىنىدۇ باش كۈزنىڭ، سوغۇق شامال-يامغۇرى،
    ياپراقلار تىترىشىدۇ، تەۋرىنىپ غەمكىن.
    ئۇزۇن-ئۇزۇن ئازاپ كەبى، تولغانغان يولدا،
    ئېزىپ يۈرەر كۈز شامىلى، تاپالماي تەسكىن.

     

    بىلمەيمەن خاتا قىلدىممۇ، ياكى سېنى ئازاپلىدىممۇ،
    بىلمەيمەن سۆيگەنىم گۇناھمۇ...
    (تەكرار)

     

    گۇناھ ئۆتكۈزدۈممۇ مەن ۋە يا، سۆيگۈ شۇنداقمۇ؟
    بىلمەيمەن كۆڭلۈڭگە ئازار بەردىممۇ؟
    (تەكرار)


    بىلمىدىم قانداقچە سېنى،
    رەنجىتىشكە پېتىندىم ئەجەپ،
    بىلمىدىم كەچۈرگىن مېنى...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تېكىست