ئاي تەلمۈردى يارىمدەك(ئۇچقۇنجان ئۆمەر)

يوللىغۇچى : akpar يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-27 13:29:00

ئاي تەلمۈردى يارىمدەك ئۇچقۇنجان ئۆمەر زوق بەردى ماڭا ئاخشام،ئىلھام كۆكىدە چاپسام.ئاي تەلمۈردى يارىمدەك،ئاسمانغا كۈلۈپ باقسام. ئاينىڭ يېنىدا يۇلتۇز،ئۆستەڭ بويىدا يالپۇز.يېنىمدا ماڭا ھەمراھ،چاچلى...

    ئاي تەلمۈردى يارىمدەك

    ئۇچقۇنجان ئۆمەر

    زوق بەردى ماڭا ئاخشام،
    ئىلھام كۆكىدە چاپسام.
    ئاي تەلمۈردى يارىمدەك،
    ئاسمانغا كۈلۈپ باقسام.

    ئاينىڭ يېنىدا يۇلتۇز،
    ئۆستەڭ بويىدا يالپۇز.
    يېنىمدا ماڭا ھەمراھ،
    چاچلىرى قارا قۇندۇز.

    ئاي نۇر چاچار ئالەمدە،
    جىلۋىسى بار سايەمدە.
    گۈزەللىك قۇچاق ئاچتى،
    بەختىم چاقناپ غايەمدە.


            تەھرىرلىگۈچى: ئەركىن نۇر

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئۇچقۇنجان ئۆمەر