سەن شۇنداق ھۈنەرۋەنمۇ

يوللىغۇچى : توغراق يوللىغان ۋاقىت : 2008-10-18 13:50:00

سەن شۇنداق ھۈنەرۋەنمۇ (ناخشا تېكسىتى) تاشلىدىڭ ئەجەپ تەنھا ،چۆل كېزىپ كېتەرمەنمۇ .يۈرەكتە ئۆزۈڭ بەرنا ،تەلمۈرۈپ ئۆتەرمەنمۇ ؟ قېشىڭنى خىيال قىلسام ،كۆزۈڭدە بىتاپ بولدۇم .دەرتلىرىڭ گويا گۈلخان. مە...

    سەن شۇنداق ھۈنەرۋەنمۇ

    (ناخشا تېكسىتى)

     تاشلىدىڭ ئەجەپ تەنھا ،
    چۆل كېزىپ كېتەرمەنمۇ .
    يۈرەكتە ئۆزۈڭ بەرنا ،
    تەلمۈرۈپ ئۆتەرمەنمۇ ؟

     قېشىڭنى خىيال قىلسام ،
    كۆزۈڭدە بىتاپ بولدۇم .
    دەرتلىرىڭ گويا گۈلخان.
    مەن ئېرىپ سىماپ بولدۇم.

     ياش تۆكۈپ يۈرەرمەنمۇ ،
    تۈنلەردە تۈنەرمەنمۇ ،
    كۈلكەمنى ئېلىپ قاچتىڭ ،
    سەن شۇنداق ھۈنەرۋەنمۇ؟

     سەن شۇنداق ھۈنەرۋەنمۇ ،
    بۇ خۇيغا كۆنەرمەنمۇ ،
    شوخ كۈلكەڭ ئەجەپ سىرلىق،
    بىر سۆيسەڭ ئۆلەرمەنمۇ ؟

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق