ئەسلەيمەن سېنى

يوللىغۇچى : Qarluq يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-13 08:41:43

ئەسلەيمەن سېنى(ناخشا تېكىستى)سۆيگۈم بېغىنىڭ باھارى ئىدىڭ، گۈللىرى غۇنچە، گۈلزارىم ئىدىڭ.كېچىكىپ تاپقان گۆھىرىم ئىدىڭ،ھەر كۆرسەم تەسكىن تاپاتتى كۆڭلۈم.تەقدىر قىسمىتى ئايرىدى بىزنى،سېغىنمايمەن...

    ئەسلەيمەن سېنى
    (ناخشا تېكىستى)

     

    سۆيگۈم بېغىنىڭ باھارى ئىدىڭ،
    گۈللىرى غۇنچە، گۈلزارىم ئىدىڭ.
    كېچىكىپ تاپقان گۆھىرىم ئىدىڭ،
    ھەر كۆرسەم تەسكىن تاپاتتى كۆڭلۈم.

     

    تەقدىر قىسمىتى ئايرىدى بىزنى،
    سېغىنمايمەن ئۇ كۈنلەرنى ئەمما ئەسلەيمەن سېنى.
    (تەكرار)

     

    ئەسلەيمەن سەن بىلەن، ئۆتكەن شۇ دەقىقە،
    ئەشۇ ئازاپلىق، خوشال مىنۇتنى.
    مۇھەببەت ئەركىسى بولغان بۇ كۆڭلۈم،
    باش ئېگىپ ساڭا، خارلانغان چاغنى.
    ئەسلەيمەن سېنى سۆيگەنىم ئۈچۈن،
    گۇناھكار بولۇپ، ئازاپلانغىنىمنى.

     

    ھەققىم يوق، ئەيىپلەشكە،
    ئىزىڭ قالدى قەلبىمدە.
    مەيلى ئۇنتۇ سەن مېنى،
    مەن ئەسلەيمەن سېنى ئەبەتكە
    ئەسلەيمەن ئەبەتكە.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تېكىست