ناخشا تېكىستى-ساختا سۆيگۈ

يوللىغۇچى : WAPADARKIZ يوللىغان ۋاقىت : 2008-11-05 19:45:00

ساختا سۆيگۈ قارا ئىكەن دىسەم يارنىڭ قاشلارىنى،قاشى ئەمەس كۆڭلى ئەسلى قارا ئىكەن. شىرىن ئىكەن دىسەم يارنىڭ سۆزلەرىنى ،سۈزى شىرىن دىلى ئەسلى زەھەر ئىكەن . يارىنى ماڭا چىن دىلىدىن ئاشىق دىسەم ،ي...

     

    ساختا  سۆيگۈ

    قارا ئىكەن دىسەم يارنىڭ قاشلارىنى،
    قاشى ئەمەس كۆڭلى ئەسلى  قارا  ئىكەن.
    شىرىن ئىكەن دىسەم يارنىڭ  سۆزلەرىنى ،
    سۈزى  شىرىن دىلى  ئەسلى زەھەر  ئىكەن .

     يارىنى  ماڭا چىن  دىلىدىن  ئاشىق دىسەم ،
    يار  كۆيگىنى  مەن  ئەمەستىن بايلىق ئىكەن .
    يارنىڭ  بەرگن  ۋەدەسىنى چىن سۆز  دىسەم ،
    يارنىڭ  بەرگەن  ۋەدەسىمۇ  چاغلىق ئىكەن .

    مەن يارىمنى پەقەت  مىنىڭ يايرىم دىسەم ،
    يار يانىدا  مەندىن  باشقا يار  بار  ئىكەن.
    يارنىڭ ماڭا  بەرگىنى گۈلكەن دىسەم،
    يار  بەرگىنى گۈل ئەمەس تىكەن ئىكەن .


    ئاپتۇرى:  ۋاپادار قىز 
     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق