يۈسۈپجان ناخشاتىكىستلىرى

يوللىغۇچى : يۈسۈپ يوللىغان ۋاقىت : 2008-11-23 13:18:00

مانادوستوم، شۇنىڭ ئۆزى تەغدىردىگەن ئەتە بەلكىم يىغلاپ قالار بۈگۈن كۈلگەن.كۈلۈپ ئۈتەر بەلكىم يەنە يىغلاپ يۈرگەن،كەلگۈسىنى بىلەلمەيدۇ ئىنسان دىگەن،مانا دوستوم شۇنىڭ ئۈزى تەغدىر دىگەن. گادايلارم...

    مانادوستوم، شۇنىڭ ئۆزى تەغدىردىگەن

    ئەتە بەلكىم يىغلاپ قالار بۈگۈن كۈلگەن.
    كۈلۈپ ئۈتەر بەلكىم يەنە يىغلاپ يۈرگەن،
    كەلگۈسىنى بىلەلمەيدۇ ئىنسان دىگەن،
    مانا دوستوم شۇنىڭ ئۈزى تەغدىر دىگەن.

    گادايلارمۇ گاداي پىتى ئۆتىۋەرمەس،
    بايۋەتچىلەر شىرىن چۈشنى كۆرىۋەرمەس،
    زىمىستان بار، كۈندە باھار بولىۋەرمەس،
    مانا دوستوم، شۇنىڭ ئۆزى تەغدىر دىگەن.

    جاپالاردا ئاقلار كىرىپ چاچلىرىغا،
    بىرلىرى بارئۆلۆم كەلگەن باشلىرىغا،
    ئامال يۇقتۇر ئىچىنغاننىڭ ياشلىرىغا،
    مانادوستوم، شۇنىڭ ئۆزى تەغدىر دىگەن.

    تالاي ئشلار كېلەر يەنە ئەزىز باشقا،
    كۆيۆپ مەڭگۈ ئۆتەلمەيسەن قەلەم قاشقا،
    ئۇچراشتۇرار سېنى يىللار تەقدىرداشقا،
    مانا دوستوم، شۇنىڭ ئۆزى تەغدىر دىگەن.
    ..................................................................................

    بۇ تېكىستنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقوقى مەندە ئىشلەتكۈچىلەر بولسا 09994320837......................15899409160بىلەن ئالاقىلىشىڭ. قالايمىقان كۆچۆرۈپ تارقاتماڭ!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق