ئۆزىمىز ۋە كۆزىمىز

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-01 11:39:51

ئۆزۈمىز ۋە كۆزىمىز كامىلجان ناسىر(دىلداش) ياخشلارنى كۆرەلمەيدۇ كۆزىمىزچۆچەك توقۇپ تۈگىمەيدۇ سۆزىمىز.پەرق قىلماي ئاق-قارىنى مىڭ توۋاقاچانغىچە غودۇراش بىلەن ئۆتىمىز؟ ياخشىلارغا نىچۈن رىغبەت بەرمە...

     

    ئۆزۈمىز ۋە كۆزىمىز

     كامىلجان ناسىر(دىلداش)

    ياخشلارنى كۆرەلمەيدۇ كۆزىمىز
    چۆچەك توقۇپ تۈگىمەيدۇ سۆزىمىز.
    پەرق قىلماي ئاق-قارىنى مىڭ توۋا
    قاچانغىچە غودۇراش بىلەن ئۆتىمىز؟


    ياخشىلارغا نىچۈن رىغبەت بەرمەيمىز؟
    پاك ئەجىرىنى دۇرۇس كۆزدە كۆرمەيمىز؟
    ئەجرىمىزنى تارازىدا ئۆلچىمەي،
    ماختىنىپلا ھەر قەدەمدە سۆزلەيمىز؟

    ئاسان ئىشقۇ ئۆزىمىزنى ماختىماق،
    باشقىلاردىن ئۆزىمىزچە قاقشىماق.
    ئەمما قىيىن ئەجرىمىزدىن شان قۇچۇپ،
    ئەل قەلبىدە تۆھپىمىزدىن چاقنىماق.

    مەنچە بولسا ئۆتكۈر بولسۇن كۆزىمىز،
    لىللا بولسۇن ھەرقەدەمدە سۆزىمىز.
    ئىللەتلەرنى يۇقتۇرمايلى دوستلۇرۇم،
    تۆھپىمىزدىن جۇلالانسۇن ئىزىمىز.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.