چىمەنگۈل ئاۋۇت ناخشا تېكىستلىرى

يوللىغۇچى : nawa يوللىغان ۋاقىت : 2008-11-05 22:57:00

ناخشا تېكىستى (چىمەنگۈل ئاۋۇت)ئۇزاپ كەتكەن يولۇڭغا،ئىسسىق يېشىم تۆكۈلدى.قايرىلمىدىڭ ئارقىڭغا،سەرۋە قەددىم پۈكۈلدى.كۆنەلمىدىم ھېجرانغا،سۇمبۇل چېچىم چۇۋۇلدى.سۆيۈلمىدىم نېمىشقا،يۈرەك باغرىم تېلىن...

    ناخشا تېكىستى

    (چىمەنگۈل ئاۋۇت)

    ئۇزاپ كەتكەن يولۇڭغا،
    ئىسسىق يېشىم تۆكۈلدى.
    قايرىلمىدىڭ ئارقىڭغا،
    سەرۋە قەددىم پۈكۈلدى.

    كۆنەلمىدىم ھېجرانغا،
    سۇمبۇل چېچىم چۇۋۇلدى.
    سۆيۈلمىدىم نېمىشقا،
    يۈرەك باغرىم تېلىندى.

    تۈندە ئايغا قارىسام،
    شەھلا كۆزۈم ئويۇلدى.
    سېغىنغىنىم سەن ئۈچۈن،
    قارا تىكەن تۇيۇلدى.

    2

    يوشۇرغىن سەن مېنى سېغىنغىنىڭنى
    كۆز يېشىم بىۋاقىت قالمىسۇن توختاپ.
    بۇ سۇسىز ماكاندا گۈللەرگە جېنىم،
    ئۇسسۇزلۇق بولىدۇ كۆز يېشىم شۇ تاپ.

    يوشۇرغىن سەن مېنى سېغىنغىنىڭنى
    خاتىرجەم ئۇخلىغىم يوقتۇر بۇ كېچە.
    مېھرىڭدە چۈش كۆرۈپ مەن ئالسام ئارام
    يۇلتۇزلار ھەسرىتىنى تۆكىدۇ كىمگە.

    يوشۇرغىن يەنىلا يالغۇزلىقىڭنى
    سەن مېنىڭ باغرىمدىكى مەڭگۈلۈك لاۋا
    ئاھ ،بىر توپ ئادەملەر ئىچىدە پەقەت،
    گۈل تۆكەر ئاغزىدىن بىر بۇلبۇلگويا.

    3

    قۇلان باقتىم سېنى دەپ
    ئۆزەڭ كىلىپ مىنەمسەن.
    قىش ئاخشىمى بەك ئۇزۇن
    سېغىنغاننى بىلەمسەم.

    يول بويى تېرەكلەردە،
    بىرمۇ قاغا كۆرۈنمەس.
    ئۆز يارىنى ئويلىسا
    كىمنىڭ كۆڭلى سۆيۈنمەس.

    قار ياغمىغان زىمىستان،
    ئۆتۈپ كەتتى جىممىدە.
    يالغۇزلۇقنى ئويلىسام
    يۈرىكىڭ قىلامدۇ چىممىدە.

    4

    تاغ ئارقىسى تاغ ئىكەن
    ئاتلىقلار بارالمايدۇ
    تاش بولسىمۇ يۈرىكىڭ
    ئىشىق ئوتۇم يارالايدۇ.

    تاغدىن ئۇچقان بۈركۈتنى
    ئوقيا ئاتماي تۇتتۇڭمۇ.
    باشقىلارغا ئۇقتۇرماي
    يار كۆڭلىنى ئۇتتۇڭمۇ.

    ئەجەپ ئايدىڭ بولمىدى
    سەن يارىمنى كۆرمىدىم.
    كۆزۈمدىن قارا كېچە
    پىراقىڭدا ئلمىدىم.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق