تەنلىرىم ياپراق(ئەسلى تېكىستى)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-26 23:05:08

تەنلىرىم ياپراق تەنلىرىم ياپراق، تىتىرەپ توختىدى،يۈرىكىم دەردلىك-ئەركىن سوقمىدى.چۈنكى ئەي يايرىم، سېنىڭ ھالىڭنى،كۈردۈم پىغاندا غۇنچە چاغىڭنى.بويلىرىڭ نازۇك كىلىشكەن زىلۋا،ھەركەتلىرىڭ شوخ، قى...

    تەنلىرىم ياپراق

    تەنلىرىم ياپراق، تىتىرەپ توختىدى،
    يۈرىكىم دەردلىك-ئەركىن سوقمىدى.
    چۈنكى ئەي يايرىم، سېنىڭ ھالىڭنى،
    كۈردۈم پىغاندا غۇنچە چاغىڭنى.

    بويلىرىڭ نازۇك كىلىشكەن زىلۋا،
    ھەركەتلىرىڭ شوخ، قىلىدۇ جىلۋا.
    چاچلىرىڭ ئۇزۇن، ھەردەم يەلپۈنەر،
    قارا قاشىلىرىڭ ھەريان تەلپۈنەر.

    كۆزلىرىڭ خۇمار-جەۋھىرى ياناق،
    ئايمۇ خىجىلدۇرجامالىڭ بەك ئاق.
    لېكىن بىلىمسىز نادانلىققا قۇل،
    بۇلبۇل قۇنمىغان پۇراقسىز بىر گۈل.

    خۇش بۇي پۇرىقى قېنى گۈلۈڭنىڭ،
    بارمۇ قىممىتى ئۆتكەن كۈنۈڭنىڭ.
    ئويلا ئەي سىڭىل، نادانلىق يامان،
    گەر ئوقۇمىساڭ يىغلاتۇر زامان.

    تىڭشا كوچىنى، دوستلىرىڭ ئۆتەر،
    دىللىرى يۇرۇق مەكتەپكە يىتەر.
    ئۆگىنىپ ئۇلار ھايات يولىنى،
    ئۆستۈرمەكچىغۇ ئارزۇ گۈلىنى.

    ئېلىپ سەن دەرھال ئۇلاردىن ئۈلگە،
    تەخىرسىز يول ئال! ئانا مەكتەپكە.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.