سىدىقھاجى ئەلى ناخشا تېكىستلىرى

يوللىغۇچى : nawa يوللىغان ۋاقىت : 2008-11-05 22:58:00

ناخشا تېكىستى (سىدىقھاجى ئەلى)باغرىڭ قېنى قوياي بېشىمنى ،ئالقىنىڭنى بەر سۈرتەي يېشىمنى.ئەي پەرىزاتىم يوقات ھوشۇمنى،قەپىزىڭگە سال ئەقىل قۇشۇمنى.قۇلاق سال قۇلاق،پەرياتلىرىمغاكۆزلىرىمگە ياق كورم...


    ناخشا تېكىستى

    (سىدىقھاجى ئەلى)

    باغرىڭ قېنى قوياي بېشىمنى ،
    ئالقىنىڭنى بەر سۈرتەي يېشىمنى.
    ئەي پەرىزاتىم يوقات ھوشۇمنى،
    قەپىزىڭگە سال ئەقىل قۇشۇمنى.

    قۇلاق سال قۇلاق،پەرياتلىرىمغا
    كۆزلىرىمگە ياق كورمىكىن ئۇلار.
    جىنمسە جىنىم قاچما يېنىمدىن،
    سۇ تارتىۋالما قاخشال بېغىمدىن.

    بىر تال مېغىز بەر تۇمارىم بولسۇن،
    تەبەسسۇمىڭدا يۈرىكىم بولسۇن.

    2. خىيالدىكى جانان

    كۈلمە دىلبىرىم سېغىندىم دىسەم،
    كۆرۈشمىگەن ئەزەلدىن بىز دەپ.
    بىر قايرىلىش بىر تاتلىق كۈلكە،
    بەلكى شۇنداق بولار مۇھەببەت.

    سەن بىپەرۋە قەستەن بىپەرۋا،
    قاغجىرىغان تەشنالىقىمغا.
    سۈكۈت بىلەن سۆيۈشكەن چاغلار،
    مىسكىن دىلغا بولاركەن شىپا.

    راست سېغىندىم تېخى تۇتمىغان
    ئاق بېلىكىڭ،نازۇك بېلىڭنى.
    تېلىفۇندا ئاستا سۆيىمەن،
    پىچىرلاشتا تۇرغان لېۋىڭنى.

    چىن سۆيگۈدە ئېتەرمەن قوبۇل،
    تىللاش بىلەن چىللاۋەر مەيلى.
    چۈمپەردەڭنى ئاچىمەن مەغرۇر،
    ۋىسال بېغىدا قىلغاندا سەيلى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق