ئەگەر مېنى كۆمسە يېنىڭغا كۆمسۇن -فەررۇخ

يوللىغۇچى : GULLUG يوللىغان ۋاقىت : 2008-11-12 23:54:00

ئەگەر مېنى كۆمسە يېنىڭغا كۆمسۇن(1995-يىل) قورچاق كۈي ئەترىتىدىن-فەررۇخ ئابدۇشۈكۈر دادا،مەن سىنى كۈندە ياد ئىتىمەن، دادا،مەن كۈندە سىنىڭ نەپىسىڭنى ئاڭلىيالايمەن. بەلكىم سەن مىنى ئەركىشى قىلىپ تەربىي...

     

    ئەگەر مېنى كۆمسە يېنىڭغا كۆمسۇن(1995-يىل)

    قورچاق كۈي ئەترىتىدىن-فەررۇخ ئابدۇشۈكۈر

    دادا،مەن سىنى كۈندە ياد ئىتىمەن،
    دادا،مەن كۈندە سىنىڭ نەپىسىڭنى ئاڭلىيالايمەن.
    بەلكىم سەن مىنى ئەركىشى قىلىپ تەربىيلەپ چىقىشىڭدىن بۇرۇن ئۈلۈپ كىتىشىم مومكىن،
    بەلكىم ئۆزەممۇ يول تىپىپ ماڭالىشىممۇ مومكىن.
    سىنىڭ ئايلىق مائاشىڭ توختاپ قالدى،
    ھېچقىسى يوق ،مەن ئۆزەم پۇل تاپالايدىغان بولدۇم.
    سېنى ئاتا-ئاناڭدىن يىراق جايغا كۆمدى،
    لېكىن باشقىلارنىڭ مېنى بۇنداق قىلىشىنى ئۈمىد قىلمايمەن.
    ئەگەر مېنى كۆمسە يېنىڭغا كۆمسۇن.

    مەن بۇ ئىشلارنى قوبۇل قىلىشقا تەييارلىق قېلىپ بولالمىدىم،
    مەن سىنى ياخشى كۆرىمەن دىيىشقىمۇ ئۈلگۈرۈپ بولالمىغانتىم.
    بىراق(بالام ،ئاناڭنى،ئۆزەڭنى كۆپ ئاسىرا)دىگەن سۆزلىرىڭنى ئاڭلىدىم،
    ئەگەر مېنى كۆمسە يېنىڭغا كۆمسۇن.

     

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-3-1 11:12:17]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.