يارى بارغا تەلپۈنمە

يوللىغۇچى : نوۋرۈزگۈلى يوللىغان ۋاقىت : 2008-09-16 11:25:00

يارى بارغا تەلپۈنمە يارى بارغا تەلپۈنمە يۈرەك،ئۇ بولالماس سىنىڭ سىردىشىڭ،كۆزلىرىڭدىن تۆكۈلگەن تامچە،ئازاپلارغا سادىق گۇۋاھچىڭ. بىلگىن شۇنى ھەقىقەت ئاچچىق،ئۆز يارىدۇر ئۇنىڭ تىلىكى.زارلانساڭمۇ ...

    يارى بارغا تەلپۈنمە

    يارى بارغا تەلپۈنمە يۈرەك،  
    ئۇ بولالماس سىنىڭ سىردىشىڭ،  
    كۆزلىرىڭدىن تۆكۈلگەن تامچە،   
    ئازاپلارغا سادىق گۇۋاھچىڭ. 

    بىلگىن شۇنى ھەقىقەت ئاچچىق،  
    ئۆز يارىدۇر ئۇنىڭ تىلىكى.   
    زارلانساڭمۇ تۆكسەڭمۇ كۆز ياش،
    ساڭا تەۋە بولماس يۈرىكى،   
     
    يارى بارغا ئىنتىلمە يۈرەك،  
    ئۇ بىرەلمەس ساڭا ۋەدىلەر،   
    پەرھاد قانداق تاشلار شىرىننى؟   
    چۈنكى ئۇلار ئامراق بىر جۈپلەر.   
     
    چۈش ئىچىدە ياشىما ئەسلا،   
    ئالۋۇن ساڭا ئۇ چۆللەر ئارا.   
    مەنزىلى يوق سەپەرگە چىقىش،   
    قالدۇرىدۇ ساقايماس يارا.  
     
    يارى باردىن ئاغرىنما يۈرەك،  
    ئۇ ئەمەسقۇ گەپنى باشلىغان،   
    ھەمراھ  قىلىپ شىرىن خىيالنى،  
    ئۆزەڭتىڭغۇ كۆزنى ياشلىغان.   


    بىلىپ تۇرۇپ مەيلى يوقىنى،
    سەن ئەمەسمۇ ئاتلار چاپتۇرغان،  
    ئۆز بەختىڭنىڭ تىلسىماتىنى،
    يارىڭ ئەمەس "ياۋ"غا تاپشۇرغان. 


    يارى بارچۈن ياش تۆكمە يۈرەك،  
    سەنمۇ تەنھا يارالمىغانسەن،  
    تۇرسا بەختىڭ كۆزۈڭ ئالدىدا،
    بەلكىم ئۇنى كۆرەلمىگەنسەن.  

    ئۆتكەن كۈنلەر ئۇنۇتقىن ئەمدى،  
    ئۇ گوياكى  قاباھەتلىك چۈش.  
    كۈلگىن   سەنمۇ ئالدىڭغا قارا، 
    ۋىسال تاپسۇن شۇ تەنھا كۈتۈش،  

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق