رېستۇران

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2007-02-27 12:24:00

ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻥ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺳﻮﺭﯗﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﯨﯔ ، ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻥ ، ﻧﺎﺧﺸﯩﻨﯩﻤﯘ ﺩﻩﻝ ﺋﯚﺯﯛﯓ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﯨﯔ ، ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻥ. ﺋﯘﺯﺍﭖ ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺳﻪﺭﻩﻣﺠﺎﻥ ﺗﻮﻱ - ﺗﯚﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﺋﻪﺟﻪﭘﻤﯘ ،ﻧﺎﻥ - ﺗﻮﻗﺎﭼﻨﻰ ﺳﻪﻥ ﺋﯚﺯﯛﯓ ﻳﯧﻘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﯨﯔ ، ﺭﯦﺴﺘﯘﺭ...

     

    ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻥ



    ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺳﻮﺭﯗﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﯨﯔ ، ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻥ ،
    ﻧﺎﺧﺸﯩﻨﯩﻤﯘ ﺩﻩﻝ ﺋﯚﺯﯛﯓ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﯨﯔ ، ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻥ.
    ﺋﯘﺯﺍﭖ ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺳﻪﺭﻩﻣﺠﺎﻥ ﺗﻮﻱ - ﺗﯚﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﺋﻪﺟﻪﭘﻤﯘ ،
    ﻧﺎﻥ - ﺗﻮﻗﺎﭼﻨﻰ ﺳﻪﻥ ﺋﯚﺯﯛﯓ ﻳﯧﻘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﯨﯔ ، ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻥ .

    ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘ ﺩﯦﺪﯨﯔ ، ﺑﯩﺮ ﺑﯧﻐﻰ ،
    ﺋﯩﺸﻜﯩﻨﻰ ﺳﻪﻥ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﯨﯔ ، ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻥ .
    ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﯩﯔ ﺋﺎﺯ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ، ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ،
    ﻏﻪﺷﻠﯩﻜﯩﻨﯩﻤﯘ ﯞﻩ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﯨﯔ ، ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻥ .

    ﺑﯘﺯﯗﭖ - ﭼﺎﭼﺘﻰ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻤﺎﻱ ﻛﯜﻥ ﺑﻮﻳﻰ ،
    ﺩﻭﻟﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯘﺭﻏﺎﻧﭽﻪ ، ﻗﯧﻘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﯨﯔ ، ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻥ .
    ﺋﻪﮔﯩﺰ ﺋﺎﻗﺴﺎ ﺧﯘﺵ ﺑﻮﻟﺪﯗﯓ ﺋﯧﺮﯨﻘﯩﺪﺍ ﺋﻪﺧﻼﻗﻨﯩﯔ ،
    ﺳﯜﺯﯛﯓ ﺳﯘﺩﻩﻙ ﺳﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯧﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﯨﯔ ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻥ .

    ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﯗﯓ ﺑﻪﺱ- ﺑﻪﺳﻜﻪ ، ﮬﻪﺩﺩﯨﻦ ﺋﺎﺷﺘﻰ ﮬﻪﺷﻪﻣﻪﺕ ،
    ﭼﺎﭼﻤﯩﻐﺎﻧﻨﻰ ﺳﻪﻥ ﺋﯚﺯﯛﯓ ﭼﯧﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﯨﯔ ، ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻥ .
    ﺑﺎﮬﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﻣﻪﻥ ﭘﻪﻛﻪﻳﺪﯨﻜﻰ ﻣﯧﻠﯩﯖﻨﯩﯔ ،
    ﺑﯩﺮ ﻛﻮﻳﻠﯘﻗﻨﻰ ﺑﻪﺵ ﻛﻮﻳﻐﺎ ﺳﯧﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﯨﯔ ، ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻥ .

    ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﭘﻘﺎﻟﺪﻯ ﭼﻮﻛﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﮬﯧﻴﯩﻘﻤﺎﻱ ،
    ﺋﯩﭽﻪﻟﻤﯩﺴﻪ ، ﺗﻪﻣﯩﻨﻰ ﺗﯧﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﯨﯔ ، ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻥ .
    ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﯩﻨﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻚ ، ﻛﯚﺯﻟﯩﮕﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﻣﺎﻡ ﭘﯘﻝ ،
    ﻳﺎﻣﺎﻧﻐﯩﻤﯘ ﭼﯩﻨﭽﯩﺮﺍﻍ ﻳﯧﻘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﯨﯔ ، ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻥ .

    ﻳﻮﻟﻰ ﺑﺎﺭﻏﯘ ﮬﻪﺭ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ، ﭼﺎﺗﻘﺎﻝ ﺳﺎﯕﺎ ﻧﻪﮬﺎﺟﻪﺕ ،
    ﭼﯩﺸﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯜﭼﻜﻪﯕﻨﻰ ﭼﯧﻘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﯨﯔ ، ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻥ .
    ﺋﯘﺧﻠﯩﻤﺎﻳﺴﻪﻥ ﭘﯘﻝ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﺑﺎﻳﯟﻩﭼﭽﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﺸﺮﻩﺗﺘﻪ،
    ﺋﺎﺗﯩﻠﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜﻥ ﺑﻮﻳﻰ ﺑﯧﻘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﯨﯔ ، ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻥ .

    1198- ﻳﯩﻠﻰ 5- ﺋﺎﻱ . ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ

    ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﺭﺍﺷﯩﺪﯨﻦ

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق