سۆيگۈ ئارزۇسى (رەيھانگۈل مۇھەممەد ئەنھار)

يوللىغۇچى : ramizan يوللىغان ۋاقىت : 2012-03-19 08:29:35

سۆيگۈ ئارزۇسى(رەيھانگۈل مۇھەممەد ئەنھار)پەرۋاز قىلسام كۆڭلۈڭ كۆكىدە،بولۇپ گويا تەنھا بىر لەگلەك.ھەم قۇيۇلسام جاملارغا قاتار،سۆيگۈ قاچاڭ ئىچىدە مەيدەك.قەدىرلىسەم سېنى بىر ئۆمۈر،چېكەمدىكى قى...



    سۆيگۈ ئارزۇسى

    (رەيھانگۈل مۇھەممەد ئەنھار)

     

    پەرۋاز قىلسام كۆڭلۈڭ كۆكىدە،

    بولۇپ گويا تەنھا بىر لەگلەك.

    ھەم قۇيۇلسام جاملارغا قاتار،

    سۆيگۈ قاچاڭ ئىچىدە مەيدەك.

     

    قەدىرلىسەم سېنى بىر ئۆمۈر، 

    چېكەمدىكى قىپقىزىل گۈلدەك.

    قەدىرلەنسەم مەنمۇ سەن ئۈچۈن،

    شائىر تۇتقان سىياھ قەلەمدەك.

     

    كۆز ئالدىمدا بولساڭ گەر زاھىر،

    تۇيۇلغۇسى قىشمۇ باھاردەك.

    يۈرىكىمدە ئىزىڭ بار چۈنكى، 

    كۈچەپ ئۇرغان پولات مۆھۈردەك.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.