«ناۋا» غا ناخشا تېكىستى تەمىنلىگەنلەرگە

يوللىغۇچى : nawa يوللىغان ۋاقىت : 2008-11-05 10:47:00

ناۋا پىروگراممىسىغا ناخشا بەرمەكچى بولغان نۇرغۇن ياش ناخشىچىلار كۆڭۈلدىكىدەك تېكىست تاپالماي ئاۋارە بولىدىكەن، بۇ قيىنچىلىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىز ناخشا تېكىستىنى مۇشۇ مۇنبەردە تەمىنلەپ تې...

        ناۋا پىروگراممىسىغا ناخشا بەرمەكچى بولغان نۇرغۇن ياش ناخشىچىلار كۆڭۈلدىكىدەك تېكىست تاپالماي ئاۋارە بولىدىكەن، بۇ قيىنچىلىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىز ناخشا تېكىستىنى مۇشۇ مۇنبەردە تەمىنلەپ تېكىستى ناخشىچىلار تەرىپىدىن تاللانغانلارغا بىردىن ئۈچكىچە ناۋا پىروگراممىسىنىڭ نەق مەيدان بېلىتىنى نەقلەشتۈرۈپ بېرىشنى قارار قىلدۇق. ئەلبەتتە تېكىست ئالاھىدە ياخشى بولسا بېلەتتىن باشقىمۇ مۇكاپات بار. قولىدا ياخشى تېكىست بارلار پۇرسەتنى قولدىن بەرمەڭلار...

    1. چۈشكۈن تېكىستلەر قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئۆزىڭىزگە يارىغان نادىر تېكىستلىرڭىزنى ئىملا خاتالىقى يوق ھالەتتەيوللاڭلار. ناخشىچىلار تېكىستنى تاللىغاندىن كېيىن سىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن ناخشا تېكىستى تەمىنلىگۈچىلەر ئارخپىڭلاردىكى ھەقىقى ئىسىم ۋەتېلپون نومۇرىنى تەپسىلى ۋەتوغرا تولدۇرۇڭلار.

    2. پايدىلىنىشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن ھەر بىر تېكىست تەمىنلىگۈچى ئۆزەڭلارنىڭ بارلىق تېكىستىنى «پالانىنىڭ ناخشا تېكىستى» دىگەن تېمىغا ئۇلاپ ياكى ياكى ئىنكاس شەكلىدە  بىرلا تېمىغا يىغىنچاقلاپ بېرىڭلار.

    3. تېكىست ناخشىچىلار تەرىپىدىن تاللانغاندىن كېيىن بىز سىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ بېلەت ۋە باشقا ماددى بۇيۇمنى ئۇدۇللايمىز، بۇ ئارىلىقتا تېكىست ئىشلىتىلمىسە ئادەتتىكى يازما قاتارىدا مۇئامىلەقىلىنىدۇ، تېكىست مۇنبەردە ئاشكارا ئېلان قىلىنغانلىقتىن باشقىلار تېكىستىنى ناۋاغا مۇناسىۋەتسىز ساھەلەردە ئىشلەتسە بىز مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئالالمايمىز.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ناۋا