مۇھەممەتجان سەيدۇللا ناخشا تېكىستلىرى

يوللىغۇچى : nawa يوللىغان ۋاقىت : 2008-11-05 23:00:00

مۇھەممەتجان سەيدۇللا ناخشا تېكىستلىرى سورابۇ ئۆمۈر باقى ئەمەس،مەيلى گاداي، شاھتىن سورا.شادلىق ئاڭا ساقى ئەمەس،كۆزلەردىكى ياشتىن سورا.كىم ۋاپا قىلغاي جاھاندا؟دوست- يار، قېرىنداشتىن سورا.گەر ر...

    مۇھەممەتجان سەيدۇللا ناخشا تېكىستلىرى


                  سورا

    بۇ ئۆمۈر باقى ئەمەس،
    مەيلى گاداي، شاھتىن سورا.
    شادلىق ئاڭا ساقى ئەمەس،
    كۆزلەردىكى ياشتىن سورا.

    كىم ۋاپا قىلغاي جاھاندا؟
    دوست- يار، قېرىنداشتىن سورا.
    گەر رەقىپ باغرى گۇماندا،
    سايدا قورام تاشتىن سورا.

    مەلئۇنغا قانداق چىقتى يول؟
    مەلئۇنغا يانداشتىن سورا.
    ئەركىگە قانداق يەتتى قۇل؟
    تەندىن جۇدا باشتىن سورا.

    گەر چىگىش ئالەم ئىشى،
    ئاتاڭغا قۇرداشتىن سورا.
    بولدى زۇلۇم يازۇ- قىشى،
    جەڭگاھتا سەپداشتىن سورا.


    2. مەن دوستلار بىلەن بىللە

    بولۇپتۇ چوغلىرىم گۈلخان،
    مەن دوستلار بىلەن بىللە.
    قېيىپتۇ بۇ بېشىم ھەريان،
    مەن دوستلار بىلەن بىللە.

    كىزەي، چۆللەرگە ئات سالسۇن،
    راھەت كۆرسۇن، جاپا كۆرسۇن.
    شاھانە سارىيىم قالسۇن،
    مەن دوستلار بىلەن بىللە.

    بولۇپ دوستلار بىلەن ھەمدەم،
    قۇراي سۆھبەت، تۇراي بىردەم،
    شاھانە ئوردىدۇر كۈلبەم،
    مەن دوستلار بىلەن بىللە.

    قول بەرسەم، قۇچاق ئاچقان،
    ۋەتەن، ئەل دەپ داۋان ئاشقان،
    ئەگەر يەتكەنى قەبرىستان،
    مەن دوستار بىلەن بىللە.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق