ئەسىر-ئۆمەر سەيفىددىن(تۈركىيە)

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-02-11 19:58:15

ئەسىرئۆمەر سەيفىددىن(تۈركىيە)تۈركچىدىن ۋەلى كېرەم تەرجىمىسى 1 ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ كۆز يەتكۈسىز ئۇچۇقلىرىغىچە سوزۇلغان مەيىن دولقۇنلار چىرايلىق چېچەكزارلىققا ئوخشايتتى. ئىنچىكە، ئېگىز ئۆسكەن باد...

    ئەسىر
    ئۆمەر سەيفىددىن(تۈركىيە)
    تۈركچىدىن ۋەلى كېرەم تەرجىمىسى
      1
      ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ كۆز يەتكۈسىز ئۇچۇقلىرىغىچە سوزۇلغان مەيىن دولقۇنلار چىرايلىق چېچەكزارلىققا ئوخشايتتى. ئىنچىكە، ئېگىز ئۆسكەن بادەم دەرەخلىرى ساھىلدىكى چىغىر يولغا سايە تاشلاپ تۇراتتى. ياش باھارنىڭ ئىللىق شامىلىدا مەستخۇش بېلىقئالغۇچلار خۇدىنى يوقاتقان ھالدا «چىر ـ چىر» سايرىشىپ، جىمجىتلىقنى بۇزۇپ تۇراتتى.
       باداملىقنىڭ يېنى ناھايىتى كەڭ كەتكەن بىر باغ ئىدى. ئاپئاق تاشلاردىن قۇپۇرۇلغان قىسقا بىر تامنىڭ ئالدىدىكى زەيتۇنلۇق ۋادىغىچە سوزۇلغانىدى. باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ۋەيرانە كۆلبىدىن بىر بوۋاي چىقىپ كەلدى. ئۇنىڭ چېچى، ساقىلى قاردەك ئاق ئىدى. پۇت ـ قوللىرى ماغدۇرسىز تىترەيتتى. ئۇ ئۇپۇققا تۇتاشقان دېڭىزغا قاراپ بىر ھازا تۇرۇپ قالدى.
       «ئاللا بۇيرۇسا ھەممە ئىش خەيرلىكتۇر» دېدى ئۇ ۋە تام تۈۋىدىكى تاش دۆۋىسىگە چىقىپ ئولتۇردى. بېشىنى ئىككى قولىنىڭ ئارىسىغا ئالدى. ئۇچىسىغا يىرتىق چىگە تاغا ئارتىۋالغانىدى. يالاڭ ئاياغلىرى لاي بىلەن ياساپ قويۇلغاندەك كۆرۈنەتتى. زەئىپ قوللىرى كىرلىشىپ تۇچ رەڭگىگە كىرگەنىدى.
       ئۇ بېشىنى كۆتۈردى .كۆك بىلەن دېرىزىڭىزنى تۇتاشقان يېرىدە كۆتۈرۈلگەن تۇمانغا قىزىقسىنىپ قارىدى. ئەمما، ھېچنېمىنىڭ پەق ئېتەلمىدى...
        بۇ ھەر كېچىسى چۇشىدە نۇرغۇن يەلكەنلىك كېمىلەرنىڭ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى كۆرىدىغان، قېرىپ ماغدۇرىدىن كەتكەن تۈرك دېڭىزچىسى ئىدى.
       ئۇنىڭ ئەسىر بولغىنىغا قىرىق يىلدىن ئاشقانىدى. ئوتتۇز يېشىدا ساغلام، كۈچتۈڭگۈر پالۋان ئىدى. شۇ يىلى ئۇ مالتا دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى. يېگىرمە يىل ئۇلارنىڭ كېمىسىدە پالاق ئۇردى. كېمە توختىغاندا پۇت ـ قوللىرى كىشەنلەنگەن ھالدا كېمىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا ياشىدى. يىگىرمە يىلنىڭ يازلىرى، قىشلىرى، بوران ـ چاپقۇنلىرى، تومۇز ئاپتاپلىرى ئۇنىڭ گرانىت تېشىدەك ۋۇجۇدىنى ئېرىتەلمىدى.  زەنجىر كىشەنلەرنى دات باستى، ئۇپراپ كەتتى. يىگىرمە يىلى ئىچىدە بىر قانچە قېتىم ئالماشتۇرۇلدى. ئەمما، ئۇنىڭ پولاتتىن قاتتىق پاچاقلىرىغا ھېچنېمە بولمىدى. پەقەت تەرەت ئالالمىغانلىقى ئۈچۈنلا ھەسرەت چېكەتتى.
       ئۇ دائىم قىبلىگە قاراپ ۋاخ نامازنى تېز ـ تېز، ئىشارەت بىلەن ئادا قىلاتتى. ئەللىك ياشقا كىرگەندە دېڭىز قاراقچىلىرى ئۇنى: «ئەمدى پالاق ئۇرۇشقا يارىمايدۇ!» دەپ بىر ئارالغا بارغاندا باشقا بىرىگە سېتىۋەتتى. يېڭى خوجايىنى دېھقان ئىدى. ئون يىلغىچ قۇرۇق نان يەپ ئۇنىڭ يېنىدا ئىشلىدى. مۇشۇ كۈنلەردە ئۇ خۇداغا كۆپ شۈكۈرسانا ئېيتاتتى. چۈنكى، پۇت ـ قوللىرى زەنجىر ـ كىشەندىن ئازاد قىلىنغانىدى. تەرەت ئالاتتى، قىبلىگە قاراپ ئۇنتۇپ قالمىغان ئايەتلەرنى ئوقۇپ ناماز ئۆتەتتى، دۇئا قىلاتتى. پۈتۈن ئوي ـ خىيالى مەملىكىتىدە، ئەدرەمىتكە قايتىشتا قالغانىدى. ئۇ ئەڭ جانلىق، ئەڭ مەشھۇر تۈرك دېڭىزچىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. يىگىرمە يېشىدىلا جەبىلتارىق بوغۇزىدىن ئۆتكەنىدى؛ دېڭىزدا شارقىي شىمال شامىلىغا توغرا كېلىپ قالسا ھەپتىلەپ، ئايلاپ قىرغاق، ئارال كۆرمەيتتى. توغرا كېلىپ قالغان ئاراللاردىكى كىشىلەردىن خالىغانچە باج ئالاتتى، باج تاپشۇرۇشتىن باش تارتسا، ئۇلارنى كېمىلىرى بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلاتتى. ئۇ چاغدا تۈركلەرنىڭ نامى تىللاردا داستان ئىدى.
      شۇنداق دېڭىزلارغىمۇ كېتەتتىكى، ئالدىلىرىغا ئاراللاردىن چوڭ مۇز پارچىلىرىمۇ ئۇچرايتتى. ئۇ يەرلىك پۈتۈنلەي باشقا بىر دۇنيا ئىدى. ئالتە ئاي كېچە بولاتتى. شۇ يىلى ئۇ خوتۇننىمۇ بۇ سەپەرگە بىللە ئېلىپ چىققانىدى. ئۇلار قايتىشقا تەرەددۇتلارنغاندا، كېمىسى ئالتۇن، كۈمۈش، ئۈنچە ـ مارجان، ئالماس، ئەسىرلەر بىلەن تولغانىدى. ۋەتەنگە قايتىپ چاناققەلئەگە كەلگەندە ئوغلى تۈرگۈت تۇغۇلدى. ھازىر ئۇ ھايات بولسا قىرىق باش  ياشقا كىرەتتى. ئۇ ھاياتمىدۇ؟ ئۇنىڭغا تاھازىرغىچە خىيالىي ھەمراھ بولۇۋاتقان خوتۇنى ئامانمىدۇ؟ قىرىق يىلدىن بېرى ئىستانبۇلنىڭ مۇنارلىق ئۇپۇقى ھېچ خىيالىدىن كەتمىگەندى. « بىر كېمە بولسا كۆزۈمنى يۇمۇپلا ۋەتەنگە قايتىپ كېلەتتىم» دەپ ئارمان قىلاتتى. ئاتمىش ياشقا كىرگەندىن كېيىن خوجايىنى ئۇنى ئېغىزىدىلا ئازاد قىلدى. بۇ ئەمەلىيەتتە ئازاد قىلىش ئەمەس ئىدى؛ قېرى ئەسىر باغنىڭ ئىچىدىكى لىڭشىپ قالغان بۇ ۋەيرانە كۆلبىگە كۆچۈپ كىردى. ھېچكىم بىر نەرسە دېمىدى. ئاندا ـ ساندا بازارغا بېرىپ ئىشلەپ تاپقان ئازراق پۇلى بىلەن كۆلبىگە قايتاتتى. ئون يىل شۇنداق ئۆتۈپ كەتتى. ئۇنىڭ پۇت قولىدا ھېچقانداق ماغدۇر قالمىدى. باغ ئىگىسىمۇ ئۇنى ئىزدەپ قويمايتتى.
       ئۇ چېكىۋاتقان رىيازەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇر ئىدى. قىرىق يىللىق رىيازەت... تۈرك كېمىلىرىنىڭ يېتىپ كېلىشى...

                             2
       ئۇ كۆزلىرىنى  قىزىرىپ كەتكۈچە ئۇۋۇلىدى. دېڭىزنىڭ كۆك بىلەن تۇتاشقان يېرىگە يەنە قارىدى. شۇنداق، ئۇ كۈتۈۋاتقان تۈرك كېمىلىرى چوقۇم كېلەتتى. ئۇ چاغدا ئۇ شۇ قەدەر خۇشال بولاتتىكى...
       «قىرىق يىل كۆرگەن چۈش يالغان بولماس» دەيتتى ئۆز ـ ئۆزىگە. كۆلبە تېمىنىڭ تۈۋىدە سوزۇلۇپ ياتتى ۋە ئاستا ـ ئاستا كۆزلىرىنى يۇمدى. بېلىقئالغۇچلارنىڭ: «كېلىۋاتىدۇ، كېلىۋاتىدۇ، سېنى  قۇتۇلدۇرغىلى كېلىۋاتىدۇ!» دېگەندەك تاتلىق ئاۋازلىرىنى ئاڭلىغاچ ياتتى. تامدىكى تاشلار ئارىسىدىن چىققان كەسلۈنچۈكلەر ئۇنىڭ بەدىنىدە ئۆملەپ يۈرەتتى؛ قويۇق، ئاپئاق ساقىلىنىڭ ئۈستىدە ئوينىشاتتى.  بوۋاي چۈشىدە چوڭ بىر تۈرك كېمىسىنىڭ پورتقا كىرگەنلىكىنى كۆردى. بازارغا كېتىدىغان يولنى بىرقانچە بۆلەك ئەسكەرلەر ئىگىلىۋالغانىدى. قىزىل بايراقنى يىراقتىنلا تونۇدى. قىلىچ ـ قالغانلار قۇياش نۇرىدا ۋال ـ ۋۇل چاقنايتتى.
       «بىزنىڭكىلەر، بىزنىڭكىلەر!» دەپ ۋارقىراپ ئويغىنىپ كەتتى. ئورنىدىن قوپتى. ئۈستىدىكى كەسلۈنچۈكلەر ھەر تەرەپكە قېچىشتى. پورتقا قارىدى. ھەقىقەتەن، قەلئەنىڭ ئۇدۇلىدا بىر چوڭ كېمە كېلىۋاتاتتى. پالاق، يەلكەنلەرنىڭ شەكلىگە دىققەت قىلدى، چۆچۈپ كەتتى، كۆزلىرىنىيوغان ئاچتى. ھاياجانلىنىشقا باشلىدى. قوللىرىنى كۆكسىگە قويدى. بۇ تۈرك كېمىسى ئىدى، قىرغاققا يېقىنلىشىۋاتاتتى. كۆزلىرىگە ئىشەنمىدى. «ئەجەبا، چۈش كۆرۈۋاتقاندىمەنمۇ» دەپ شۈبھىلىنىشكە باشلىدى. ئويغاق كىشى چۈش كۆرەتتىمۇ؟ ئۇ  ئوڭى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي قولىنى چىشلىدى، يەردىن قىرلىق تاش ئېلىپ بەدىنىگە ئۇردى. ئويغاقلىقىغا ئىشەنگەندىن كېيىن كېمىنىڭ كۆز ئالدىدىلا تۇرغانلىقىنى كۆردى. خۇشاللىقتىن، ھەيرانلىقتىن تىزلىرى پۈكۈلدى، دەرھال تېز چۆكتى. قىرغاققا چىققانلار قوللىرىدا تۇغ ـ ئەلەملەرنى تۇتقان ھالدا قەلئەنىڭ ئەتراپىنى چارلاپ تۇراتتى. قىرىق يىللىق كۈتۈش ئۇنىڭ تاقىتىنى تاق قىلغانىدى. بىردىنلا غەيرەتكە كەلدى، پۇت ـ قوللىرىغا ماغدۇر كىردى. بادام دەرەخلىرى سايە تاشلاپ تۇرغان يولدىن ماڭدى. ئۇدۇل قىرغاققا قاراپ يۈگۈردى. قۇرۇقلۇققا چىققان ئەسكەرلەر ئاق ساقاللىق بىر بوۋاينىڭ ئۆزلىرىگە قاراپ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ:
       ـ توختا! ـ دەپ ۋارقىراشتى.
       بوۋاي توختىمىدى، ۋارقىرىدى:
       ـ مەن تۈرك، مەن تۈرك!...
       ئەسكەرلەر ئۇنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇردى. بوۋاي تۈركلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ ئالدىغا كەلگەن بىر ئەسكەرنى تۇتۇۋېلىپ سۆيۈشكە باشلىدى. ھاياجاندىن ياشلىرى ئاقاتتى. بۇ ھالغا قاراپ ھەممىسىنىڭ كۆڭلى بۇزۇلدى. ھاياجانلىرىنى بىر ئاز بېسىۋالغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن سوراشتى:
       ـ ئەسىرگە چۈشكىلى قانچە يىل بولدى؟
       ـ قىرىق يىل!
       ـ قەيەرلىكسەن؟
       ـ ئەدرەمىتلىك.
       ـ ئېتىڭ نېمە؟
       ـ قارا مەمىش.
       ـ كاپىتانمىدىڭ؟
       ـ شۇنداق...
       بوۋاينىڭ ئەتراپىدىكى ئەسكەرلەر بىر ـ بىرىگە قاراشتى. «بېگىمگە خەۋەر بېرىڭلار!»دەپ ۋارقىراشتى. بوۋاينىڭ قولتۇقىدىن يۆلەپ، ئۇنى  قۇش كەبى دېڭىز قىرغىقى بويلاپ ئۇچۇردى. كېمىگە ئېلىپ چىقىپ، يەلكىنىنى چىقاردى. ئەسكەرلەردىن ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرىنى بىلمەيدىغان بىرىمۇ يوق ئىدى. كېمىدە بىرھازا تۇردى. خۇشاللىقىدىن قىرىق يىللىق ھەسرىتى يۇرتداشلىرىنى كۆرۈش بىلەن نەلەرگىدۇر يوقالغانىدى. شالۋۇر، ئۇچىسىغا تون، بېشىغا خەپى كىيگۈزۈشتى.
       ـ ئەمدى بولدى، بېگىمنىڭ ھۇزۇرىغا مەرھەمەت! ـ دېيىشتى.
      ئۆزىنى كېمىگە ئېلىپ كەلگەن ئەسكەرلەر بىلەن تەڭ چوڭ كېمىنىڭ ئارقىسىغا ئۇدۇل ماڭدى. قارا شاپ بۇرۇتلۇق، كالۋۇتۇننىڭ ئۈستىگە پولات ساۋۇت كىيگەن، خۇشپىچىم بىر كىشىنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ تۇردى.
       ـ سەن كاپىتان قارا مەمىشمۇ؟
       ـ شۇنداق.
       ـ ئوڭ قولۇڭنى ئاچ، كۆرۈپ باقاي.
       بوۋاي كاپىتاننىڭ ئالدىدا قولىنى چىقىرىپ ئىشقىلىدى، ئاندىن ئۇنىڭغا ئۇزاتتى. بىلىكىدە كرېست شەكلىدە چوڭقۇر يارا ئىزى بار ئىدى. بۇ كېچىسى ئالتە ئاي تۇرۇپ قالغان بىر ئارالدىن خوتۇنىنى ئېلىپ قېچىۋاتقاندا قولىدا قالغان يارا ئىزى ئىدى. كاپىتان بوۋاينىڭ قولىغا سۆيۈشكە باشلىدى.
       ـ مەن سېنىڭ ئوغلۇڭمەن!
       ـ تۈرگۈتمۇسەن؟
       قېرى ئەسىر خۇشاللىقتىن ھوشىدىن كەتتى. ئۆزىگە كەلگەندە ئوغلى ئۇنىڭغا:
       ـ مەن ئۇرۇشقا ماڭدىم، سەن كېمىدە ئارام ئالغىن، ـ دېدى.
       ـ ياق، مەنمۇ جەڭگە چىقىمەن.
       ـ ياشىنىپ قالدىڭ ئاتا.
       ـ ئەمما، تېخى ماغدۇرۇمدىن كەتمىدىم.
       ـ ئارام ئال، بىزگە رۇخسەت قىل!
       ـ قىرىق يىل ئۇرۇش قىلالمىغان ھەسرىتىم بار!
       ـ يارىلىنىپ قالىسەن، ۋەتەنگە ھەسرەت بىلەن كېتىسەن! ـ دەپ ئۇنى كېمىدە قالدۇرۇپ قويماقچى بولسى. قارا مەمىش بىردىنلا قاپلاندەك ھالغا كىرگەنىدى. پۇتى كۆيگەن توخۇدەك ئورنىدا تۇرالمايتتى. قالقان، قىلىچ سورىدى. ئاندىن كېمىدە بىر تەرەپكە تاشلاپ قويۇلغان بايراقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
       ـ شېھىت بولسام بۇنى ئۈستۈمگە يېپىڭلار! ... ۋەتەن، بۇ يەرمۇ بايرىقىڭنىڭ لەپىلدەيدىغان زېمىنى  ئەمەسمىدى؟ ـ دېدى.

            (تۈركچە«ئۆمەر سەيفىددىن تاللانما ئەسەرلىرى»دىن)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.