خوراز (م. كولوسوۋ | سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى)

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-02-12 20:55:20

خوراز م.كولوسوۋ (سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى) ئوسمانجان مۇھەممەت تەرجىمىسى مەن بىر ھېكايە يازدىم. ھېكايەمگە «خوراز»دەپ ماۋزۇ قويدۇم. مەن ھېكايىنى دەل ئۈچ يىلدا يېزىپ چىقتىم. ھېكايە خېلى ئوبدان چى...

    خوراز

    م.كولوسوۋ (سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى)

    ئوسمانجان مۇھەممەت تەرجىمىسى

     

    مەن بىر ھېكايە يازدىم. ھېكايەمگە «خوراز»دەپ ماۋزۇ قويدۇم. مەن ھېكايىنى دەل ئۈچ يىلدا يېزىپ چىقتىم. ھېكايە خېلى ئوبدان چىقتى،  بۇنىڭدىن ئۆزۈممۇ رازى ئىدىم. ئوبزورچىلارمۇ (ئىچكى قىسىمدىكى ئوبزورچىلار) خېلى ئوبدان باھا بېرىشتى. مەن ھېكايىنى بىر ژۇرنالنىڭ تەھىر بۆلۈمىگە ئاپاردىم، مۇھەررىر ھېكايىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن بەك خۇشال بولۇپ كەتتى.

     

    ھېكايەمنىڭ ئېلان قىلىشىغا بارغانچە ئىشەنچىم كۈچىيىشكە باشلىدى. دەسلەپتە بىر مۇئاۋىن باش مۇھەررىر كۆرۈپ چىقتى. ئۇ ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن: قالتىس يېزىلىپتۇ، دېدى. باش مۇھەررىرمۇ: يامان ئەمەس يېزىلىپتۇ، ئىشلىتەيلى، دېدى.


    مۇشۇنداق ياخشى يېزىلغان ھېكايە ئىشلىتىلمەي قالمايدۇ ـ دە! خورازنىڭ ئوبرازى ناھايىتى ياخشى يارىتىلغانىدى. ئۇ خوراز ئەمەس، بەلكى بىر توزدەك تەسۋىرلەنگەنىدى: خورازنىڭ قۇيرۇقى ھەسەن ـ ھۈسەندەك رەڭدار، تاجىسى بەرقۇت تۇغدەك قىپقىزىل ئىدى، بەدىنى... بۇنى نېمىگە ئوخشىتىشنى بىلەلمىدىم، قىسقىسى، خوراز ئىنتايىن چىرايىلىق تەسۋىرلەنگەنىدى، ئۇنىڭدىن ھېچقانداق قۇسۇر تاپقىلى بولمايتتى.

     

    ـ بىز بۇ ئەسەرنى ئىشلىتىشنى قارار قىلدۇق، ـ دېدى باش مۇھەررىر، ـ ئەمما بىر يىلدىن كېيىن ئىشلىتىمىز.


    ـ كۈتۈپ تۇرۇشقا ئەرزىيدۇ، ـ دېدى يەنە بىر مۇئاۋىن باش مۇھەررىر دەرھال ماڭا تەسەللى بېرىپ، ـ بىزنىڭ بۇ ژۇرنالدا ئەسەر ئېلان قىلماق ئاسان ئەمەس، لېكىن سىزنىڭ خورىزىڭىز بىزنىڭ ژۇرنىلىمىزغا ئەڭ مۇۋاپىق!

     

    نېمە چارە، كۈتۈڭ دېگەندىن كېيىن كۈتۈپ تۇرۇش كېرەك ـ تە!

     

    بىر يىلدىن كېيىن مەن «خوراز»نى يوقلاپ باردىم، ئۇ ھايات ئىكەن، مەن ئۇنىڭ بىلەن يۈز كۆرۈشكەندە، بىرى ماڭا:

     

    ـ يەنە يېرىم يىلدەك ساقلاپ تۇرسىڭىز، بىر يىل ساقلىغان يەردە يېرىم يىل نېمىتتى، ئۆتۈپ كېتىدۇ... ـ دېدى.


    يېرىم يىلدىن كېيىن نەھرىر بۆلۈمىنىڭ ئىشىكىنى چەكتىم.

     

    ـ مېنىڭ «خورىزىم»قانداق بولدى؟

    ـ خورىزىڭىز ھايات! ھايات! بىراق يەنە يېرىم يىل ساقلاپ تۇرسىڭىز...


    نىھايەت، تەھرىر بۆلۈم ئاخىر ماڭا ئۇقتۇرۇش قىلدى.

    ـ خورىزىڭىزنى پات ئارىدا ئىشلەتمەكچى بولۇۋاتىمىز! پەقەت... پەقەت بىزنىڭ سەھىپىمىز چەكلىك بولغاچقا ئۇ سىغماي قالدى... خورىزىڭىز بەك چوڭ ئىكەن.

    ـ ئەمىسە قانداق قىلسام بولىدۇ؟ يا ئۇنىڭ بېشىنى كېسىۋېتەيمۇ؟

    ـ بۇ گېپىم كۆڭلىڭىزگە كەپتۇ ـ دە! قانداقمۇ ئۇنىڭ بېشىنى كېسىۋەتكىلى بولسۇن؟! قۇيرۇقىنى كېسىۋەتسەكلا بولمىدىمۇ! قۇيرۇقنىڭ نېمە كېرىكى؟ ئاساسلىقى ئۇنىڭ گۆشىغۇ!

     

    مەن ئامالسىز ئۇنىڭ قۇيرۇقىنى كېسىۋەتتىم. بۇنىڭغا نېمە چارە؟ بىر مۇئاۋىن باش مۇھەررىر يەنە بىر قېتىم كۆرۈپ چىقتى. ئۇ كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن:

    ـ بولمايدىكەن، ھەجمى يەنىلا كۆپكەن. تاجىسىنى كېسىۋېتىڭ. تاجىنىڭ نېمە پايدىسى؟  گۆشىدىن ئازراق شىلىۋېتىڭ. يەنە بىر نەرسىنى ئاڭقىرالماي قالدىم، ئىشقىلىپ، ئارتۇقچە بىر نەرسىغۇ دەيمەن، ـ دېدى.

     

    مەن مۇئاۋىن باش مۇھەررىرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە كېسىۋېتىشكە تېگىشلىك يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى كېسىۋېتىپ ھېكايىنى يەنە ئاپىرىپ بەردىم. ھېكايەم يەنە بىر مۇئاۋىن باش مۇھەررىرنىڭ قولىغا چۈشتى، ئۇ خورازنىڭ پۇتىغا قاراپ:

    ـ پۇتىنى كېسىۋېتىڭ، پۇتنىڭ خورازغا نېمە كېرىكى بەر؟ پۇت دېگەن توسالغۇ بولۇپ قالىدۇ، ـ دېدى.

     

    مەن خورازنىڭ پۇتىنىمۇ كېسىۋەتتىم. ئاندىن ھېكايەمنى باش مۇھەررىرگە ئاپىرىپ بەردىم.


    باش مۇھەررىر خورازغا تەپسىلى قاراپ چىقىپ، ئۇنىڭ قانىتىنىڭ بەك چوڭلۇقىنى ئېيتتى:

    ـ ئۇنىڭ قانىتىنى يۇلۇۋېتىڭ! ـ دېدى ئۇ كەسكىن بۇيرۇق قىلىپ، ـ خورازغا ئۇچۇپ نېمە كەپتىكەن؟ ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇچمايدىغۇ! شۇنى بىلىش كېرەككى، ئۇ بۈركۈت ئەمەس. ئۇنىڭ قاناتلىرىنى يۇلۇۋەتسىڭىز دەرھال تىزىشقا بېرىمىز.

    ـ تېز بولۇڭ، دېدى ھېلىقى ئىككى مۇئاۋىن باش مۇھەررىر ماڭا تەسەللىي بېرىپ، ـ بۇ پەيلەرگە ئىچ ئاغرىتىپ يۈرمەڭ! بۇلارنى يۇلۇۋەتسىڭىزلا ئېلان قىلىنىدۇ! ھە، ياق، سىزگە  دېدۇققۇ، دەرھال تىزىلىدۇ.

     

    مەن چىشىمنى چىشلەپ تۇرۇپ بۇ بىچارە خورازنىڭ قاناتلىرىنى يۇڭداپ تاشلىدىم. پەقەت مۇشۇنداق ئەسەرلا ئاندىن ئېلان قىلىنىدىغان تۇرسا، بۇنىڭغا نېمە چارە؟

     

    خوش، ھەممە ئىش پۈتتى. ئەمدى ئەسەرنىڭ ئاخىرقى كوررېكتورىنى كۈتۈش كېرەك. لېكىن تەھرىر بۆلۈمىدىن توساتتىن يەنە تېلېفون كېلىپ قالدى.

    ـ بولدى، بەك جىددىيلىشىپ كەتمەڭ. خوراز ساق ـ سالامەت، پەقەت ... بەزىلەر خورازنىڭ ھېلىقى يېرىنى... قايسى يېرى بولغىيتتى، خۇدايىم؟ ... كەچۈرۈڭ، دېيىشكە تىلىم بارمايۋاتىدۇ... ئىشقىلىپ، بىر يېرىنى كېسىۋېتىش كېرەك دېيىشىۋاتىدۇ. ئۇنداق بولمىسا بۇ سېرىق ئەسەرگە ئوخشاپ قېلىپ خورازنى بىزنىڭ ژۇرنالدا ئېلان قىلىشقا بولمايدىكەن. كىتابخانلىرىمىز ھېلىقى يېرىنى ياقتۇرمايدىكەن.

    ـ ئۇ يېرىنى قانداق كۆرگىلى بولىدۇ؟ ـ دېدىم مەن تەئەججۈپلىنىپ، ـ ئۇ قوشقار ئەمەس، خوراز تۇرسا!

    ـ قاراڭ بۇ گېپىڭىزنى، بىز كۆردۇققۇ...

    ـ بىلىشىڭلار كېرەككى، ئۇ يېرىنى كېسىۋەتكەندە ئۇ خوراز بولماي قالىدۇ! ئۇنداقتا، ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىۋېتىش كېرەك...

    ـ شۇنداق، ئۇ خوراز بولماي قالىدۇ، ـ دېدى مۇھەررىر قوشۇلۇپ، ـ لېكىن مېكىيانمۇ بولمايدۇ ـ دە، شۇنداقمۇ؟

    ـ شۇنداق، مېكىيانمۇ بولماي قالىدۇ...

    ـ ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئىسمىنى «خورازمۇ ئەمەس، مېكىيانمۇ ئەمەس» دەپ ئۆزگەرتسەك قانداق؟

    ـ شۇنداق ئۆزگەرتسەك، ئۆزگەرتەيلى،    ـ دېدىم مەن، ـ ئېلان قىلغىلى بولسىلا مەيلى

    ـ ئۇنداق قىلماي نېمە ئامالىڭىز بار؟
       

     

    (خەنزۇچە«سوۋېت ئىتتىپاقى ساتىرىك ھېكايىلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتابتىن)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.