كارۋان ئەترىتىنىڭ ئىسلاھاتى(فېليەتون)

يوللىغۇچى : Arghu يوللىغان ۋاقىت : 2008-04-10 23:39:00

كارۋان ئەترىتىنىڭ ئىسلاھاتى زېڭ بەنرو (فېليەتون)[/align]بىر دېھقان 20 ئېشەك بېقىپتۇ، ھەر بىرىگە بىردىن ئۇچۇلۇق سەپلەپ كارۋان ئەترىتى تەشكىللەپتۇ. ئېشەكلەر كۈن بويى جاپالىق ئىشلەيدىكەن، قىلىدىغىن...

               كارۋان ئەترىتىنىڭ ئىسلاھاتى زېڭ بەنرو (فېليەتون)[/align]بىر دېھقان 20 ئېشەك بېقىپتۇ، ھەر بىرىگە بىردىن ئۇچۇلۇق سەپلەپ كارۋان ئەترىتى تەشكىللەپتۇ. ئېشەكلەر كۈن بويى جاپالىق ئىشلەيدىكەن، قىلىدىغىنى بىر خىللا ئىش، يەيدىغىنى بىر خىللا يەم بولۇپتۇ. بىر كۈنى ئىشتىھاىسى ئەڭ ياخشى بىر ئېشەك دېھقانغا مۇنداق دەپتۇ: - ھەر كۈنى باشقا ئشەكلەر بىلەن ئوخشاش يەم يېسەم پەقەت تويمايدىكەنمەن، مۇندىن كېيىن ماڭا جىقراق يەم بەرسىڭىز، مەن تېخىمۇ كۆپ يۈك توشۇيتتىم. دېھقان بۇ بولىدىغان گەپكەن، ھەم ئادىل، ھەم ئىش ئۈنۈمىنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولغىدەك دەپ ئويلاپ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش قارارىغا كەپتۇ. ئىسلاھاتنىڭ بىرىنچى قەدىمى: ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش، يەم مىقدارىنى ئىشلىگەن ئەمگىكىگە نىسبەتلەشتۈرۈپ تەقسىم قىلىپ بېرىش. بۇ ئۇسۇل بىر مەزگىل يولغا قويۇلغاندىن كېيىن بىر كۈنى يەنە بىر ئېشەك مۇنداق تەكلىپ بېرىپتۇ: - ھەر كۈنى ئىشتىن كېيىن نورما تەقسىم قىلىنغاچقا، جىقراق ئىشلىگەن كۈنلىرىم تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن نورمىنى يەپ بولالالمايدىكەنمەن، ئەمما ئازراق ئىشلىگەن كۈنلىرىم تويمايدىكەنمەن، ئۇنىڭدىن كۆرە ئالدىنقى كۈنىدىكى نورمىغا قاراپ ئىككىنچى كۈنىنىڭ ئەمگىكى بېكىتىلسە، ھەم قورساقنى تويغۇزغىلى، ھەم ئىككىنچى كۈنى جانلىق ئىشلىگىلى بولاتتى، - دېھقان بۇ تەكلىپنىمۇ توغرا تېپىپتۇ. ئىسلاھاتنىڭ ئىككىنچى قەدىمى: چىقىمغا قاراپ كىرىم قىلىش، يېگىنىگە قاراپ ئىش تەقسىم قىلىش. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بىر ئېشەك مۇنداق دەپتۇ: _ بىر نەچچە ھورۇن ئېشەك تۇنجى كۈنى قەستەن تويغۇدەك يەم يېمەي ئىككىنچى كۈنى ھورۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئەترىتىمىزنىڭ ئىش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتتى، - بۇنى ئاڭلىغان دېھقان قارىغاندا شاللاش مېخانىزمىنى كىرگۈزۈش زۆرۈركەن دەپ ئويلاپتۇ. ئىسلاھاتنىڭ ئۈىنچى قەدىمى: شاللاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، كۆتۈرۈشچانلىقنى ئۆلاچەم قىلغان ئاساستا ھەر پەسىلدە ئەڭ ئارقىدا قالغان بەش ئېشەكنى شاللىۋېتىش. بۇنىڭ بىلەن ئېشەكلەر ئۆلەر-تىرىلىشىگە قارىماي ئىشلىشىپتۇ، ئارقىدا قالغان بەش ئېشەك شاللىۋېتىلگەندىن باشقا، يەنە ئىككى ئېشەك چارچاپ ئۆلۈپتۇ. ئەمما دېھقان بۇ بىر پەسىلدە ئومۇمىي ئۈنۈم ئاشمايلا قالماستىن، يەنە تېخى ھەر بىر ئېشەكنىڭ يەككە ئىش ئۈنۈمىنىڭمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى بايقاپتۇ. بىر تەخەي كېلىپ كارۋان ئەتىرىتىگە قوشۇلۇشنى تەلەپ قىپتۇ، ئۇ: _ ئىش ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ئەسلىدىكى ئېشەكلەرنىڭ يېشى چوڭىيىپ قېرىغانلىقىدىن بولغان، - دەپتۇ. ئىسلاھاتنىڭ تۆتىنچى قەدىمى: يەتتە نەپەر تەخەينى ئەترەتكە قوبۇل قىلىش. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بىر قېرى ئېشەك دېھقانغا: - تەخەيلەرنىڭ تېخنىكىسى چالا، ئىشقا تولا تەۋەككۈچىلىك قىلىپ، خاتالىقنى كۆپ سادىر قىلىۋاتىدۇ، مېنىڭچە ئۇلارنى قوغلاندى قىلساق، - دەپتۇ. باشقا قېرى ئېشەكلەرمۇ: بەرھەق، دېيىشىپتۇ. دېھقان تەپسىلىي تەكشۈرۈپ قارىسا راست دېگەندەك تەخەيلەرنىڭ تېخنىكىسى تەلەپكە لايىق ئەمەسكەن، شۇڭا ھەممىسىنى قوغلاندى قىلىپتۇ. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بىر نەچچە ئات كەپتۇ-دە، دېھقانغا مۇنداق دەپتۇ: - ئومۇمىي ئۈنۈمنىڭ تۆۋەن بولىشى ئېشەكلەر پەقەت يۈكنى ئارتىپ كۆتۈرىدۇ، بۇنىڭدا قانچىلىك يۈك توشۇغىلى بولسۇن؟ ئەگەر بىز قوشۇلساق ھارۋا قېتىپ توشۇغىلى بولىدۇ، ئۇ چاغدا ئىش ئۈنۈمىنى نەچچە ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان دېھقان مۇنداق دەپتۇ: - ھارۋا سۆرەشنى مەشق قىلىشقا كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ، بۇنىڭدا ئىشقا تەسىر يېتىدۇ. ئەترىتىمىزگە كىرىمەن دەيدىكەنسىلەر چوقۇم ھارۋا سۆرەشنى ئۆگىنىپ كېلىڭلار ئاندىن ئىشقا ئالىمەن. ئىسلاھاتنىڭ بەشىنچى قەدىمى: ئات كىرگۈزۈش. ئىش ئۈنۈمى ئالغا باسماۋەرگەندىن كېيىن دېھقان باشقا جايلارغا تەكشۈرۈشكە بېرىپتۇ. تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا ئەھۋال ھەقىيقەتەن ئاتلارنىڭ دېگىنىدەك ئىكەن. يەنى ھەممە يەردە ئات ئىشقا سېلىنىپ ھارۋىغا قېتىلغانىكەن، شۇنىڭ بىلەن دېھقان ئاتنى ھارۋىغا قېتىپ ئىشلىتىش قارارىغا كەپتۇ. ئىسلاھاتنىڭ ئالتىنچى قەدىمى: يۈك كۆتۈرۈشنى ھارۋىغا قېتىپ يۈك توشۇشقا ئۆزگەرتىش. ئات-ئېشەكلەرنى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ، تۆت نەپىرىنى بىر گۇرۇپپا قىلىش. ئېشەكلەر كونا تۆھپىكارلار بولغاچقا ھەممە گۇرۇپپىغا ئېشەك بىرىنچى باشلىق قىلىپ تەيىنلىنىپتۇ. ئېشەكلەر يۈكنى كۆتۈرۈپ توشۇغان ئۇسۇل بويىچە ھارۋا سۆرىگەچكە، سۈرئىتى ئاستا، ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇپتۇ، بۇنىڭغا ئاتلار نارازى بولۇشۇپتۇ. ئەمما ئېشەكلەر دېھقانغا مۇنداق دەپ ئەرز قىلىشىپتۇ: _ ئات مۇئاۋىنلىرىمىز خىزمەتلىرىمىزنى قولىمايۋاتىدۇ، - بۇنى ئاڭلىغان دېھقان ئېشەك باشلىقنىڭ خىزمىتىنى قوللىمىغان ئاتلارنى ئىشتىن شاللىۋېتىپتۇ. ئىسلاھاتنىڭ يەتتىنچى قەدىمى: ئارقىدا قالغان مۇئاۋىنلارنى شاللىۋېتىش. يەنە بىر نەچچە ئېشەك تەكلىپ قىلىنىپ ئات بار گۇرۇپپىغا قوشۇلۇپتۇ، ھەمدە يەنە بىردىن ئارقان كۆپەيتىلىپ ھارۋىغا قېتىلىپتۇ. ھەر بىر گرۇپپىنىڭ مۇئاۋىنلىرى ھەر ئايدا گرۇپپىنىڭ بىرىنچى باشلىقلىرى تەرىپىدىن باھالىنىپ نۇمۇر قويۇلۇپتۇ، ئارقىدا قالغانلىرى شاللىنىپتۇ. ھارۋا ھەر تەرەپكە تەڭ تارتىلغاچقا ئىش ئۈنۈمى تېخىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىپتۇ، قۇرۇلمىسى ئۆزگەرتىۋېتىلگەن گۇرۇپپىلاردا دائىم بىر-بىرىنى پۇتلىۋېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈشكە باشلاپتۇ، گۇرۇپپا باشلىقلىرى ئارقىدا قالغان مۇاۋىنلارنى شاللىۋېتىشنى نورمال يولغا قويغىلى بولمىدى، دەپ داتلىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دېھقان گۇرۇپپا باشلىقلىرىغا تولۇق ھوقۇق بېرىپتۇ. ئىسلاھاتنىڭ سەككىزىنچى قەدىمى: كابېنت تەشكىللەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، مۇاۋىنلارنى گۇرۇپپا باشلىقلىرى ئۆزلىرى تاللاش. بارلىق ئاتلار گۇرۇپپىلاردىن شاللىۋېتىلىپتۇ. ئاتلارنىڭ ھەممىسى ئىستىپا بېرىشىپتۇ. ئېشەك ھارۋىلىرىنىڭ ئىش ئۈنۈمى يۈكنى ئۈستىگە ئارتىپ توشۇغان چاغدىكىدىنمۇ تۆۋەن بولۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ھارۋىلار سېتىۋېتىلىپ يەنە يۈكنى ئۈستىگە ئارتىپ توشۇشقا باشلاپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي كارۋان ئەترىتى زىيان تارتىشقا باشلاپتۇ، ئېشەكلەرنىڭ ئىشتىھاسى توشۇغان يۈكىدىنمۇ كۆپ بولۇشقا باشلاپتۇ. ئىسلاھاتنبىڭ توققۇچىنچى قەدىمى: ۋەيران قىلىپ، قايتا تەشكىللەش.

     جۇڭخۇا فېليەتونلار تورىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق