ساراڭ قىلىش (ئەزىز نەسىن)

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-17 18:40:21

ساراڭ قىلىشئەزىز نەسىن (تۈركىيە) ـ كۆپچىلىك، ـ دىدى كۆزەينەك تاقىۋالغان بىرسى، ـ بۇ ئىشنى بۇنداق ئاسانلا قارار قىلغىلى بولمايدۇ. مۇشۇ يەردە ئولتۇرغانلار ئەستايىدىلراق ئويلىشىپ كۆرەيلى. ـ توغ...

    ساراڭ قىلىش
    ئەزىز نەسىن (تۈركىيە)

     

       ـ كۆپچىلىك، ـ دىدى كۆزەينەك تاقىۋالغان بىرسى، ـ بۇ ئىشنى بۇنداق ئاسانلا قارار قىلغىلى بولمايدۇ. مۇشۇ يەردە ئولتۇرغانلار ئەستايىدىلراق ئويلىشىپ كۆرەيلى.
       ـ توغرا، ـ دىدى ئولتۇرغانلار ئىچىدىكى ياشراق بىرىس، ـ كېيىن ئۆزىمىزگە ئاۋارىچىلىق تېپىۋالمايلى يەنە، پۇشمانغا قالمايلى دىسەك، ئوبدانراق ئويلاشقىنىمىز تۈزۈك.
       ـ ھەممەيلەن بىرلىكتە ئوبدانراق كېڭىشىپ باقايلى، ھازىرقى بۇ نامزات بىزنى زدى رازى قىلالامدۇ ـ يوق؟ ـ دىدى يۈزلىرىنى سەپكۈن بېسىپ كەتكەن بىرسى.
      ـ رازى قىلالمايدۇ! ـ دەپ ۋاقىراشتى ھەممەيلەن تەڭلا.
       سەپكۈنلۈك كىشى يەنە سورىدى:
      ـ نىمە ئۈچۈن رازى بولمايسىلەر؟
      ـ بۇرادەر، بۇ ساراڭ بىر نىمە، ساراڭ....، ـ دىدى كۆزەينەكلىك كىشى.
      ـ شۇنداق، راستىنلا ساراڭ!...... ئۆتۈپ كەتكەن ساراڭ! ..... ـ دەپ ۋاقىراشتى باشقىلارمۇ تەڭلا.
      ـ خوش، ـ دەپ سۆز باشلىدى سەپكۈنلۈك كىشى يەنە، ـ مەسىلە مۇشۇنىڭدا، بىز ئەمدى زادىلا ساراڭنى سايلاپ قويماسلىغىمىز كېرەك!
      بىر يوغان قوساق خام سېمىز كىشى سۆزگە ئارىلاشتى:
      ـ ئىلگىرىكىسىمۇ بىر ساراڭ ئىدى.
      ـ ھەممىسىلا ساراڭ ئىكەن، بىز ئۇلارغا ئاۋاز بېرەلمەيمىز، ـ دىدى كۆزەينەكلىك كىشى، ـ بىز ئەقلىي ـ ھۇشى قايىدا، ئېفىر ـ بېسىق بىر ئادەمنى سايلىشىمىز كېرەك. لېكىن، بىز ئەقلىي ـ ھۇشى ئەڭ جايىدا، دەپ قارىغان كىشىلەرمۇ ئاخىرىدا كەمتۈكسىز ساراڭ بولۇپ چىقىۋاتىدۇ.
       ـ ئاھ، خۇدا! مەن ھىچنەرسىنى بىلەلمىدىم، نىمىشقا مۇشۇنداق غەلىتە ئىشلار بولىدىكىن؟ كىم مۇشۇ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالسا، شۇ ئەقلىدىن ئېزىپ قالىدۇ، ـ دىدى بىر ئاۋاق قېرى توختىماي يۆتىلىپ تۇرۇپ.
       ـ ئەقلىدىن ئازغان ئۇلار ئەمەس، بەلكى بىز ئەقلىمىزدىين ئېزىپ، ئۇلارنى تەخىتكە چىقىرىپ قويغان، ـ دىدى خام سېمىز كىشى لوقما سېلىپ.
       ـ ئەمەلدە نىمە گۇنا بولسۇن؟ ـ دىدى ياش بالا، ـ روشەنكى، ئۇلار ئەسلىدىنلا ساراڭ، پەقەت ساراڭلىق قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغان، خالاس. بىز ئۇلارنى كۆتىرىپ تەخىتكە چىقىرىپ قويدۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، بىلگىنىنى قىلدى، شەرمەندىلەرگە ئايلىنىپ كەتتى.
       ـ مېنىڭ بىلىشىمچە، ـ دىدى ئاۋاق قېرى، ـ مەيلى ئاۋالقىلىرى بولسۇن ياكى كېيىنكىلىرى بولسۇن، ھەممىسىلا ساراڭ بولۇپ كەتتى، ئەقلىي ـ ھۇشىدىن ئازمىغانلاردىن بىرەرسىنىمۇ كۆرمىدۇق.
        بۇ ئەسنادا سەپكۈنلۈك كىشى:
       ـ ھەي، ئەجەپمۇ تاغدىن ـ باغدىن سۆزلەپ كەتتىڭغۇ؟ بۇ كىشى مېنىڭ 30 يىللىق قەدىنىسىم، بىز ئۇنى شەھەر باشلىغى قىلىشتىن بۇرۇن ئەقلىي ـ ھۇشى جايىدا ئىدىغۇ! ـ دىدى.
       ـ ئېھتىمال شۇنداقتۇ..... ، بىر ئادەم تۇغۇلۇشىدىنلا ساراڭ بولۇپ تۇغۇلمايدۇ.........، قىسقىسى، بىز ئۇنى شەھەر باشلىقلىغىغا سايلىغاندىن كېيىن، ئاندىن ساراڭ بولۇشقا باشلايدۇ.
       ـ بولدى، تالىشىۋەرمەيلى، ـ دىدى كۆزەينەكلىك كىشى، ـ ئۆتكەن ئىشقا سالىۋات. ئەمدى بۇ قېتىم شەھەر باشلىقىلىغىغا كىمنى كۆرسىتىمىز؟
       بۇلارنىڭ ھەر بىرسى بىردىن نامزات كۆرسەتتى، ئارقىدىنلا ھەممىسىنى ئىنكار قىلىشتى. يېڭىدىن سايلىنىدىغان شەھەر باشلىغى ھازىرمۇ ساراڭ ئەمەس، سايلانغاندىن كېيىنمۇ ساراڭ بولۇپ قالماسلىغى كېرەك ئىدى.
       كىشىلەر 100 دىن ئارتۇق نامزات كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئېپى جايىدىراق بىرەرسى چىقمىدى.
       ـ تېپىلدى، ـ دىدى كۆزەينەكلىك كىشى سۆزىنى  داۋاملاشتۇرۇپ، ـ مەن بىر كىشىنى ئېسىمگە ئالدىم. سىلەرچە راشىم ئەپەندى قانداقراق؟
       ـ راستىنى دىگەندە، ئۇ بىر مۇلايىم ئادەم.
       ـ ھەم مۇلايىم، ھەم تەربىيە كۆرگەن كىشى، تولىمۇ كەمتەر ئادەم........
       ـ ئۇ باشقىلارنىڭ مال ـ مۈلكىگە كۆز قىزارتمايدىغان، خەيرى  ـ ساخاۋەتلىك كىشى.
       ـ چوڭقۇر بىلىملىك، ئاددى ـ ساددا، ئوچۇق ـ يورۇق.
       ـ خىزمەتتە تىرىشچان، ئىشتا پۇختا........
       ئۇلار راشىم ئەپەندىنى خېلىغىچە ماختاشتى. ئارقىدىنلا يوغان قوساق كىشى سۆز ئالدى:
       ـ مېنىڭ بىلىشىمچە، راشىم ئەپەندىنىڭ شەھەر باشلىغى بولغۇسى يوق!
       ـ ھەقىقەتەن شۇنداق، ـ دىدى ئاۋاق قېرى، ـ مەن ئۇنى كىچىگىدىلا تونىيمەن، ئۇ زادىلا شەھەر باشلىغى بولۇشنى خالىمايدۇ.
       چىراينى پۈتۈنلەي سەپكۈن بېسىپ كەتكەن كىشى لوقما سېلىپ:
       ـ توغرا، بۇنداق بولۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، ئۇ مۇنداق ئىشنى قىلىدىغان ئادەم ئەمەس، ـ دىىد.
       بۇ ئەسنادا كۆزەينەكلىك كىشى كوتۇلداشقا باشلىدى:
       ـ ئۇنداقتا قانداق قىلشى كېرەك؟ بۇ ئىشنىڭ ئاقمايدىغانلىغى ماڭىمۇ ئايان، قېنى دەپ بېقىڭلار، سىلەرنىڭ دىگىنىڭلەرچە بولسۇن. بىز كۆرسەتكەن بۇ نامزاتنىڭ ئۆزىغۇ بولاتتى، بىراق يۈز ـ خاتىرىمىزنى قىلمايدىغان ئوخشايدۇ.
       مۇشۇ كېڭەشتە پىكر قىلغان كىشىلەر ئوتتۇرىغا قويغانلىكى نامزات سايلانماي قالمايتتى. چۈنكى پۇقرالار ئەزەلدىن مۇشۇلارنىڭ ئېغىزىغا قاراپ ئىش تۇتاتتى. ئەگەر بۇلار كىمنى سايلايمىز دىسە، پۇقرالارنىڭمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاۋاز بېرىشى تۇرغان گەپ ئىدى.
       ئۇلار كەينى ـ كەينىدىن راشىم ئەپەندىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئال ئېيتىشقا باشلىدى: بۇرۇن سايلاشقا شەھەر باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسى ئاخىرىسىدا ئۆز ئەپت ـ بەشرىسىنى ئاشكارىلاپ قويدى، ئۇلار قانداق نىمىلەر ئىدى؟ ھەممىسىلا ساراڭ ئىدى.
       ـ سىلەر ئەمدى نىمە دەپ مېنىڭ پېيىمگە چۈشۈپ قالدىڭلار؟ ـ دەپ سورىدى راشىم ئەپەندى، ـ مېنىمۇ ساراڭ بولۇپ كەتسۇن دەمسىلەر؟
       ـ يوقسۇ، سىزنىڭ ئەقلىي ـ ھۇشىڭىز جايدا، بىز سىزدىن مۇشۇ ئېگىسى يوق ۋەزىپىنى ئۆتىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمىز.
       ـ ياق، مەن ئىشلىيەلمەيمەن.
       ـ راشىم ئەپەندى، بۇ، دۆلەتنىڭ ئۆزلىرىگە بولغان ئىلتىپاتى.
       ـ راشىم ئەپەندى، ئۆزلىرى مىللىتىمىزنىڭ ئارزۇ ـ ئۈمىدى.
       ـ بۇ پۇقرالارنىڭ خىزمىتىدە بولغانلىق...........
       ـ راشىم ئەپەندى، بۇ گىراژدانلارنىڭ مەجبۇرىيىتى........
       ئۇلارنىڭ شۇنچە يېلىنىپ ـ يالۋۇرۇشلىرىغا قاراپ، راشىم ئەپەندى ئاخىرى زۇۋانغا كەلدى:
       ـ مېنىڭ رازىلىغىمنى ئالماقچى بولساڭلار، ئاۋال مېنىڭ بىر شەرتىمگە كۈنۈشىڭلەر كېرەك.
       ـ خوپ، دەۋېرىڭ!
       ـ ھەرقانداق شەرتىڭىز بولسا، مۇشۇ يەردىلا قوبۇل قىلىمىز.
       ـ ئاڭلاپ تۇرۇڭلار، مېنىڭ شەرتىم.......، ـ دىدى راشىم ئەپەندى، ـ گەپنى ئاۋال ئېنىق ئېيتىپ قويايكى، مەن خوشامەتنى، ئەيش ـ ئىشرەتنى ۋە كەيىپ ـ ساپانى ياقتۇرمايمەن، مېنى ھىچكىم ئاغزىغا كەلگەنچە ماختاۋەرمىسۇن....... مەدھىيە نۇتۇقلىرىنى سۆزلىگۈچىلەر تېخىمۇ بولمىسۇن. قانداق، ئەمەل قىلالامسىلەر؟ مەنمۇ ئادەتتىكى بىر ئادەم، مېنى ئازدۇرۇپ خاتالاشتۇرماسلىققا ماقۇل بولالامسىلەر؟
       ـ ماقۇل بولمامدىغان! ........ ـ دىگەن ۋاراڭ ـ چۇرۇڭلار كۆتىرىلدى.
       ـ قارا، بۇنىمە دىگەن  دۇرۇس كىشى.
       ـ ئەقىللىق ئادەم دىگەن مۇشۇنداق بولىدۇ.........
       ـ راشىم ئەپەندى ھەقىقەتەنمۇ قالتىس كىشى!
       راشىم ئەپەندى سايلام باشلىنىشى بىلەنلا ئۇتۇپ چىقىپ، شەرەپ بىلەن شەھەر باشلىغى بولدى. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۇ 50 نەچچە پارچە تەبرىك تېلېگرامى تاپشۇرۇۋالدى. شەھەر باشلىغى تېلېگرامدىن بىرنى ئوقۇشقا باشلىدى، تېلېگرام مۇنداق باشلانغان:
       «دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ، ئەڭ قەدىرلىك ۋە ئاتاقلىق ئوغلان، مەن چوڭقۇر ئېتىقات باغلىغان ھۆرمەتلىك ۋە مۆھتىرەم راشىم ئەپەندى..........»
        ئۇ باشقا تەبرىك تېلېگىراملىرىنى ئاچمايلا، خۇداغا ئىلتىجا قىلىشقا باشلىدى:
       ـ پەرۋەيدىگارىم! مېنى ئۆز پانايىڭىزدا ساقلىغايسىز!.......
       ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىشىك ئېچىلدى ۋە ھىلىقى كۆزەينەكلىك كىشى قولىدا بىر دەستە گۈل كۆتىرىپ كىرىپ كەلدى. ئۇ بىر تازىم قىلغاندىن كېيىن، راشىم ئەپەندىنىڭ قولىنى مەھكەم سىقتى. راشىم ئەپەندى ئۇنىڭ بىلەن كەيپىياتى سۇس ھالدا سوغاقلا تېچلىق سوراشىتى:
       ـ ئاۋارە بولۇپسىز!
       بۇ چاغدا ياش بالا، سەپكۈنلۈك كىشى ۋە ھىلىقى يوغان قوساق ئادەم ئارقا ـ ئارقىدىن كىرىپ كېلىشتى ھەمدە راشىم ئەپەندىنى تەبرىكلەپ، ئۇنىڭغا ئېھتىرام بىلدۈرۈشكەندىن كېيىن، يەنە بىر ـ بىرلەپ چىقىپ كېتىشتى.
       ـ ئاھ، خۇدا، مېڭەمنى سەگەك قىلغايسىز! ـ دىدى راشىم ئەپەندى خۇداغا ئىلتىجا قىلىپ، دەپ بۇ چاغدا بىرسى كىرىپ ئۇنىڭغا ئۇقتۇرۇش قىلدى:
       ـ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان زىياپەتكە قەدەم تەشرىپ قىلغايلا.
       راشىم ئەپەندى بېرىش ـ بارماسلىغىنى ئويلىنىۋاتقاندا، ئۇنى ئىشىكنىڭ ئالدىدا بىر كىچىك ماشىنا ئاللىقاچان كۈتۈپ تۇرغان ئىدى.
       زىياپەت زالى شۇنداق چاقناپ تۇراتتىكى، گويا خان ئوردىلىرىدەك ھەشەمەتلىك تۈس ئالغان ئىدى. 40 نەچچە كىشىلىك چوڭ  زىياپەت جوزىسىدا رەڭگا ـ رەڭ ئېچىلغان تەشتەك ـ تەشتەك گۈللەر، لوقىلار ۋە ھەرخىل شامدانلار قويۇلغان بولۇپ، جوزا تۈرلۈك نازى نېمەتلەرگە كۆمۈلۈپ كەتكەن ئىدى. ھېلىقى كۆزەينەكلىك كىشى قولىغا قەدەھ ئالغان ھالدا ئورنىدىن تۇردى.
       ئۇ، سايلامنىڭ غەلبىسىنى بىرەر قۇر تەبرىكلىگەندىن كېيىن، راشىم ئەپەندىگە بۇرۇلۇپ:
      ـ ئەي، ئۇلۇغ ئەقىل ئىگىسى! ......... ئۆزلىرى جاھاندا تەڭداشسىز ئۇلۇغ زات! ...... ئەي، تەڭداشسىز تالانت ئېگىسى! ..... ئۆزلىرى زىرەكلىك ۋە يۈكسەك ئەقىل ـ پاراسەت بىلەن قىسقا مۇددەت ئىچىدىلا.........
       راشىم ئەپەندى بۇ تەكەللۇپلەرنى ئاڭلاپ، قۇلاقلىرىغىچە قىزىرىپ كەتتى ـ دە، تىترىگەن پېتى زىياپەتتىن چىقىپ، ئۆيىگە قايتىپ كەلدى ۋە ئۆز كۆڭلىدە: بۇ قېتىمقى زىياپەتتىن قايتىپ چىققانلىغىمنىڭ ئۆزى ئۇلار ئۈچۈن يېتەرلىك تەنبىھ بولۇر، دەپ ئويلىدى.
       ئەتىسى شەھەر باشلىغى ئىشقا بېرىش ئۈچۈن ئۆيدىن چىقتى. كوچىلار بايرام تۈسىگە كىرىپ كەتكەن: ئۆينىڭ ئالدىدىن بىر چاقىرىم يىراقلىقتىكى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىغىچە پايانداز سېلىنغان، ھەممە يەر دەپنە دەرىخىنىڭ شاخلىرىدىن ياسالغان بېزەكلەر بىلەن تولغان، ئوقۇغۇچىلار يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە سەپ بولۇپ تىزىلىپ كەتكەن. بىر دەمدىلا داقا ت دۇمباقلار ياڭراپ، كىشىلەر توپىدىن ئالقىش سادالىرى كۆتىرىلدى.
       ـ ياشىسۇن!
       ھىلىقى ياش بالا بىر دەم شەھەرلىك ئوركىستىرنىڭ دۇمباقچىلىرىغا «تېخىمۇ ئۈنلۈك چېلىڭلار!» دىسە، بىر دەم ئوقۇغۇچىلارغا قاراپ «تېخىمۇ ئۈنلۈك توۋلاڭلار!» دەيتتى.
        ـ ياشىسۇن!
       يول بويى يېڭى شەھەر باشلىغىنىڭ شەرىپى ئۈچۈن قويلار سويۇلغان، چوڭ كوچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا دەپنە دەرىخىنىڭ شاخلىرىدىن ياسالغان مۇنار ئۈستىگە يوغان قىلىپ: «ياشىسۇن يېڭى شەھەر باشلىغىمىز!» دەپ يېزىپ قويۇلغان ئىدى.
       بۇ چاغدا ھىلىق يوغان قوساق كىشى بىرپەشتاققا چىقىپ نۇتۇق سۆزلەشكە باشلىدى:
       ـ يېڭى شەھەر باشلىغىمىز ئۆزىنىڭ سەمىمىلىگى، دۇرۇسلۇغى، ھەمكارلىشىشقا ماھىرلىغى ۋە ۋەتەنگە بولغان ساداقەتلىگى بىلەن پۈتۈن شەھەر خەلقىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى ......
       غەزەپتىن يۈزلىرى شەلپەردەك قىزىرىپ كەتكەن راشىم ئەپەندى خام سېمىز كىشىنىڭ ئالدىغا چىقتى ـ دە، ئوقۇۋاتقان ئورگنالنى تارتىۋېلىپ يىرتىپ تاشلىدى ۋە دىدى:
       ـ مەن مۇنداق ئىشنىڭ بولۇشىنى كۈتمىگەن!
       شەھەر باشلىغى يوغان قوساق كىشىنىڭ سۆزىنى ئۈزۈپ قويدى.
       ـ قېرىىنداشلار، ـ دەپ ۋاقىراشقا باشلىدى سەپكۈنلۈك كىشى بوغۇلۇپ تۇرۇپ، ـ سىلەر مۇنداق پارلاق نەمۇنىنى كىمدىنمۇ كۆرگەن ئىدىڭلار؟ ياشىسۇن يېڭى شەھەر باشلىغىمىز!
       ــ ياشىسۇن!.....
       يەنە ئۇزۇنغىچە گۇلدۇراس ئالقىشلار ياڭرىدى. يېڭى شەھەر باشلىغى گويا شارقىراپ يېغىۋاتقان يامغۇردىن قاچقان ئادەمدەك، تېز قەدەم ئېلىپ بېناغا كىرىپ كەتتى. بېنانىڭ ئىچىمۇ كىشىلەر بىلەن لىق تولغان ئىدى.
       ياش بالا ئىككى قولىنى كۆكسىگە قويۇپ، ئەدەپ بىلەن سورىدى:
       ـ شەھەر باشلىغى جاناپلىرى، قانداق تاپشۇرۇقلىرى بار ئىكىن؟
       ـ ئارقىدىنلا ئاۋاق قېرى دىدى:
       ـ تا بۈگۈنگە قەدەر چىكىشى بۇ ۋەزىپىگە ئۆزلىرىدەك مۇناسىپ كەلگەن ئەمەس.
       ـ خۇدا ئالدىدا قەسىمىم بولۇپ قالسۇنكى، مەن ئىستىپا بېرىمەن! ـ دەپ ۋاقىرىۋەتتى شەھەر باشلىغى قەھرى بىلەن، ـ ھەممىڭلار چىقىپ كېتىڭلار!......
       زالدىكىلەر ھەر قەدەمدە بىر پۇكلىنىپ تازىم قىلشىقان ھالدا چىقىپ كېتىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئېغىزىدىن يەنىلا تەكەللۇپ چۈشمەيتتى.
       ـ خوش، خوش!.....
       ـ قۇللۇق!...... مانا ھازىرلا چىقىپ كېتەيلى، ھازىرلا!
       راشىم ئەپەندى بېشىنى چايقاپ، دۇئا ـ تالاۋەت قىلشىقا باشلىدى.
       ـ ئارام ئالسىلا، جاناپلىرى! ـ دىدى سەپكۈنلۈك كىشى.
       ـ جاناپلىرى، ئۆزلىرىنىڭ 1 ـ كۈندىن باشلاپلا مۇشۇنداق ياخشى تەسىراتتا بولغانلىقلىرى، بۇ ناھايىتى چوڭ ئىش! ـ دىدى كۆزەينەكلىك كىشى.
       ـ ھەممىڭ كۆزۈمدىن يوقىلىش! .... ـ شەھەر باشلىغى قەھرى ـ غەزەپ بىلەن ۋاقىرىۋەتتى.
       راشىم ئەپەندى خىزمەت قىلشىقا ئامالسىز قېلىپ، يەنە سىرتقا قاراپ ماڭدى.
       ـ يول ئېچىڭلار، يول ئېچىڭلار!...... يېڭى شەھەر باشلىغىمىز كەلدى ! تېز بولۇڭلار! ـ ھېلىقى ياش بالا پۇقرالارنىڭ ھەممىسىنى بىر تەرەپكە قوغلىۋەتتى.
       ئۇ كۈنى راشىم ئەپەندى ئۆيىگە بېكىنىۋېلىپ، زادىلا تالاغا چىقمىدى. ئەتىسى ئەتىگەندە، ئۇ بىرسى ئارقىلىق شۇ شەھەرنىڭ گېزىتىدىن 2 پارچە ئېلىپ كەلتۈردى. گېزىتكە ئۇنىڭ سۈرىتى چوڭايتىپ بېسىلغان ئىدى. گېزىتنىڭ بىرسىگە «شەھەر خەلقى ئۆزلىرىنىڭ پاراسەتلىرىدىن پەخىرلىنىدۇ» دەپ ، يەنە بىرسىگە «دۇنيادا ئەڭ ئەمىلىيەتچىل شەھەر باشلىغى» دەپ چوڭ ماۋزۇلار قويۇلغان ئىدى. ماقالىلارنىڭ ھەر بىر قۇرى، ھەر بىر جۈملىسى ئۇنىڭغا ئوقۇلغان مەدھىيىلەر بىلەن تولغان ئىدى.
       كەچتە كىشىلەر كىچىك ماشىنىغا ئولتۇرۇشۇپ، يەنە شەھەر باشلىغىنىڭ ئۆيىگە كېلىشتى.
       ـ شەھەر باشلىغى جاناپلىرى، بۈگۈن بىر نەچچە ياشەرتىسكىلەرنى تەكلىپ قىلدۇق. ئۇلار مەھكىملىرىگە بېرىپ ئويۇق قويۇپ بەرسۇنمۇ ياكى كېچىلىك كۇلۇپقا قەدەم تەشرىپ قىلاملا؟
       ـ ئۆزەم بارىمەن، ـ دەپ جاۋاپ بەردى شەھەر باشلىغى.
       كېچىلىك كۇلۇپتا ھىلىقى ياش بالا ئالدى بىلەن تەبرىك سۆزى سۆزلىدى:
       ـ سۈيۈملۈك شەھەر باشلىغى جاناپلىرى ، كۆڭۈل ئېچىشىمىز ئورتاق بولغانلىقلىرىنى ئۆزىمىز ئۈچۈن چەكسىز شەرەپ ھىس قىلماقتىمىز.......
       ياش بالا دەل يېرىم سائەت سۆزلىگەندىن كېيىن راشىم ئەپەندى ئۇنىڭيەنە سۆزلىشىگە يول قويمىدى. بۇ ئەسنادا كۆزەينەكلىك كىشى گەپنى تارتىۋالدى:
       ـ بىز نىمە دىگەن بەخىتلىك ـ ھە! مۇشۇنداق يۈز ـ ئابرويلۇق شەھەر باشلىقى.....
       راشىم ئەپەندىنىڭ چىرايىدىن تەبەسسۈم جىلۋە قىلىشقا باشلىدى.
       بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى. كۆزەينەكلىك كىشى، ياش بالا، خام سېمىز كىشى، ئاۋاق قېرى ۋە سەپكۈنلۈك ئادەم يەنە بىر يەرگە جەم بۇلۇپ ، غۇلغۇلا قىلىشقا باشلىدى:
       ـ بۇرادەرلەر، بىز بۇ كىشىگە تەڭ كېلەلمىگۈدەكمىز!.......
       ـ بۇ ئىش تازىمۇ ئويلىمىغانيەردىن چىقتى، بىز شەھەر باشلىغى سايلىماپتۇق، ئەكسىچە ئۆزىمىزگە ئىش پۇشۇغى تېپىۋاپتۇق.
       ـ بۇرادەر، ساراڭ دىگەنگە ھەقىقەتەن تەڭ كەلگىلى بولمايدىكەن........
       ـ ئۇ ھىچكىمنى كۆزگە ئىلمىدى كۆرەڭلەپ كېتىۋاتىدۇ.
       ـ ئۇنىڭ ھاكاۋۇرلۇغىنى قارىمامدىغان تېخى!
       ـ ساراڭلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق بولىدۇ ـ دە.
       ـ ئۇنداقتا بىز قانداق قىلىمىز؟ مۇشۇ ساراڭنىڭ كېلەركى سايلامغىچە ئىشلەۋېرىشىگە تاقەت قىلىپ تۇرىمىزمۇ؟
       ـ ياق، ئۇ ئاللىقاچان ساراڭلار دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىۋېتىدىغان دەرىجىگە يەتتى. ئۇ ئۆز ئۆيىنى مۇزىيغا ئايلاندۇرۋالدى، تېخى چوڭ مەيدانغا ھەيكىلىنى قاتۇرغۇزماقچى بولۇۋاتىدۇ.
       ـ ئۇ تېخى تۈنۈگۈنلا بىرسىنىڭ يۈزىگە تۈكۈرىۋەتتى.
       ـ ئالدىنقى كۈنى كەچتە، زىياپەت جوزىسىنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ تانسا ئوينىدى. قارىمامدىغان ئۇنىڭ غىلجىڭلاپ كېتىىشىنى.
       ـ خوش، ئۇنداقتا بۇ ئۇچىغا چىققان ساراڭنى قانداق قىلىمىز.
       ـ بۇ ئاسان، ئۇنى دوختۇرغا تەكشۈرتۈپ، ئۇنىڭ ساراڭلىغىنى ئىسپاتلايمىز ـ دە، ئاندىن ساراڭلار دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىۋېتىمىز.
       كۆزەينەكلىك كىشى سۆز ئالدى:
       ـ ئۇنداقتا ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەيلى، بىر ئىشقا تۇتۇش قىلىشنى ئويلىغانكەنمىز، ئۇنى بىر باشقا ئېلىپ چىقىۋاتقىنىمىز تۈزۈك.
       ـ توغرا ، توغرا....... ناھايىتى توغرا گەپ بولدى!
       ـ ئەتە ئەتىگەندىلا ئىش باشلايلى، ئۇنى ساراڭلار دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىۋېتەيلى. شۇ چاغدىلا بىز يەنە يېڭى بىر سايلام ئۆتكۈزەلەيمىز.
       ـ بىراق، شەھەر باشلىقلىغىغا ئەمدى كىمنى كۆرسىتىمىز؟
       ـ ھەي، بۇرادەرلەر! بۇ قېتىم جەزمەن ئېھتىياتچانراق بولايلى، ھىچبولمىغاندا مېڭىسى سەگەكرەك بىرسىنى سايلايلى.
       ـ توغرا! ئاھ خۇدا، بۇ ساراڭلار ئەجەپمۇ زېرىكتۈردىغۇ بىزنى!.....

        «دۇنيا ئەدەبىياتى»نىڭ 1981 ـ يىل 1 سانىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئابلەت ئابدۇراخمان.

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-7-18 10:18:13]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.