ئەسكى بالا ھەققىدە ھىكايە (مارك تۋىن)

يوللىغۇچى : muyunchur يوللىغان ۋاقىت : 2009-01-23 12:34:00

ئەسكى بالا ھەققىدە ھېكايە مارك تۋىن مارك تۋىن (ئامېرىكا ) تەرجىمە قىلغۇچى : مۇختار تۇردى بۇرۇن بىر ئەسكى بالا بولغانىكەن ، ئۇنىڭ ئىسمى جېم . بىراق سىز دېققەت قىلسىڭىزلا ، يەكشەنبىلىك مەكتەپ ( ...

    ئەسكى بالا ھەققىدە ھېكايە

      مارك تۋىن

    مارك تۋىن (ئامېرىكا ) تەرجىمە قىلغۇچى : مۇختار تۇردى

        بۇرۇن بىر ئەسكى بالا بولغانىكەن ، ئۇنىڭ ئىسمى جېم . بىراق سىز دېققەت قىلسىڭىزلا ، يەكشەنبىلىك مەكتەپ ( خرىستىئان دىنىي جەمئىيىتى تەسىس قىلغان ، يەكشەنبە كۈنلىرى « ئىنجىل » ئوقۇتۇپ ، دىنىي تەلىم – تەربىيە ئېلىپ بارىدىغان مەكتەپ __ ت ) نىڭ دەرىسلىك كىتاپلىرىدىكى ئەسكى بالىلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا دېگۈدەك ئىسىمىنىڭ جامىس ئىكەنلىكىنى بايقايسىز . ئەمما مەن ھېكايە قىلماقچى بولغان بۇ ئەسكى بالىنىڭ ئىسمى جېم ، بۇ بىزگە بىر ئاز غەلىتە تۇيۇلىشى مۇمكىن ، لېكىن بۇ ئەمەلىيەت .
        جېمنىڭ قانداقتۇر كېسەلچان __ چىن كۆڭلىدىن دىنغا ئېتقاد قىلىدىغان ، ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ، باقىي ئالەمگە سەپەر قىلىپ ، مەڭگۈلۈك ئارام تېپىشنى خالايدىغان ، ئەمما ئوغلىنى جېنىدىن ئەزىز كۆرىدىغان بولغاچقا ، ئۆزى ئۆلۈپ كەتسە ، بۇ رەھىمسىز دۇنيانىڭ ئوغلىغا شەپقەتسىزلىك قىلىشىدىن ئەنسىرەيدىغان ئانىسىمۇ يوق .
       يەكشەنبىلىك مەكتەپنىڭ دەرىسلىك كىتاپلىرىدىكى ئەسكى بالىلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا دېگۈدەك ئىسىمى جامىس ، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا دېگۈدەك بىردىن كېسەلچان ئانىسى بار ، بۇ ئانىلار بالىلىرىغا : « ئەمدى يېتىپ جىمجىت ئۇخلىغىن » دەپ تەربىيە قىلىدۇ ياكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش گەپلەرنى دەيدۇ ، يەنە كېلىپ ئۇلارغا يېقىملىق ھەم مۇڭلۇق ئاۋازى بىلەن ئەللەي ناخشىسى ئېيتىپ بېرىپ ، ئۇلارنى سۆيۈپ قويۇپ ، كېچىلىكىنىڭ خەيرلىك بولىشىنى تىلەيدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ كارىۋىتى ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ، بىلىندۈرمەي ئۆزلىرىنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتىدۇ . ئەمما مېنىڭ ھېكايەمدىكى بۇ شاكىچىكنىڭ ئەھۋالى بۇنىڭغا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ .
       ئۇنىڭ ئىسمى جېم ، ئۇنىڭ ئانىسىنىڭمۇ ھېچقانداق كېسىلى يوق __ ئۇ ئۆپكە كېسىلىگە مۇپتىلا بولغان ئەمەس . ئۇنىڭ ھېچقانداق كېسىلى يوق بولۇپلا قالماي يەنە ئەكىسچە ناھايىتى ساغلام ھەم ئۇنچىۋالا تەقۋادار مۇرتلاردىنمۇ ئەمەس ؛ بۇنىڭدىن باشقا يەنە ، ئۇ جېمنىڭ ئەھۋالىغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ . ئۇ ، ئوغلۇمنىڭ يىقىلىپ چۈشۈپ بوينى سۇنۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ئانچە ئاھ ئۇرۇپ كەتمەيمەن ، دەيدۇ . ئۇ دائىم جېمنىڭ كاسىسىغا ئۇرۇپ ، ئۇنى ئۇخلاشقا بۇيرۇيدۇ ، ئۇ جېمنى ئەزەلدىن سۆيۈپ قويمايدۇ ، كېچىلىكىنىڭ خەيرلىك بولىشىنىمۇ تىلىمەيدۇ ؛ دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە ، چىقىپ كېتەشىدە ئوغلىنى يەنە بىر قانچە شاپىلاق بىلەن تارتۇقلايدۇ .
        بۇ ئەسكى بالا بىر قېتىم يېمەكلىك ساقلايدىغان ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ئوغۇرلاپ ، ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ بىر ئاز مۇراببا يېگەندىن كېيىن ، ئانىسىنىڭ بىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن مۇراببا كومزىكىنى قارىماي بىلەن لىقلاپ قويدى ، ئەمما ئۇنىڭ قەلبىدە ھەرگىزمۇ دەرھاللا ئازاپلىنىش تۇيغۇسى پەيدا بولمىدى ، ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە : « ئاناڭنىڭ گىپىنى ئاڭلىمىساڭ توغرا بولامدۇ – بولمامدۇ ؟ بۇنداق ئىشنى قىلساڭ گۇناھ بولامدۇ – بولمامدۇ ؟ ئەسكى بالىلار مېھرىبان ئانىسىنىڭ مۇرابباسىنى ئاچكۆزلۈك بىلەن يەۋالغاندىن كېيىن ، قانداق جازالىنىشى كېرەك ؟ » دېگەن غايىبانە ئاۋازمۇ ئاڭلانمىدى .
        ئۇ شۇ ئىشنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ، ئۆزى يالغۇز يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ، ئەمدى مەڭگۈ ئەسكى ئىش قىلمايمەن ، دەپ قەسەممۇ ئىچمىدى ھەمدە قەسەم قىلىپ بولۇپ يۈگرەپ ئانىسىنىڭ قېشىغا چىقىپ ، بولغان ئىشنىڭ ھەممىسىنى ئانىسىغا ئېيتىپ ، ئۇنىڭ ئۆزىنى ئەپۇ قىلىشىنىمۇ ئۆتۈنمىدى ، ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلىدىغان ، پەخىرلەنگەن ھەم تەسىرلەنگەن ھالدا ئوغلىغان بەخت تىلەيدىغان ئىشمۇ بولمىدى . ياق ، بۇ پەقەت ئاشۇ دەرىسلىك كىتاپلاردىكى ئەسكى بالىلارلا ئۇچرايدىغان قىسمەتلەردۇر ؛ ئەمما ناھايىتى غەلىتە يېرى شۇكى ، جېمنىڭ ئۇچرىغان قىسمىتى بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ ئوخشىمايدۇ .
        ئۇ مۇراببانى يەپ بولغاندىن كېيىن ، ئۇنى بەك ياخشىكەن ، دېدى ، ئۇنىڭ گېپىنىڭ ئۇرانىدىن ھەقىيقەتەنمۇ كەپسىزلىك ۋە مۇتتەھەملىك چىقىپ تۇراتتى ؛ ئۇ كومزەكنىڭ ئىچىگە قارىماي توللاپ قويغاندىن كېيىن ، بۇنىمۇ بەك ئوبدان قىلدىم دەپ قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى ھەمدە ئاشۇ « قېرى ئايال » بايقاپ قالسا ، « ئاچچىقلىنىپ ، خەپ توختاپتۇر ، ئەدىۋىڭنى بىر بەرمىسەم » دەيدىغان بولدى – دە ؛ مۇبادا ئۇ كېيىنچە راستىنلا بىلىپ قالغۇدەك بولسا ، بۇ ئىشتىن قەپەتلا خەۋىرىم يوقكەن دەيمەن ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ مېنى تاكى مەن يىغلىغۇچە قامچىدا راسا ساۋايدۇ ، دەپ ئويلىدى . 
       بۇ بالىنىڭ بارلىق كەچۈرمىشلىرى ئاجايىپ ھەيران قالارلىق بولۇپ ، مەيلى قايسى جەھەتتىن بولمىسۇن ، ئۇنىڭ ئاشۇ دەرىسلىك كىتاپلاردىكى جامىس ئىسىملىك ئەسكى بالىلارغا ھېچقانداق يېرى ئوخشاشمايدۇ . ئۇ بىر قېتىم ئېيككھېن ئىسىملىك بىر دېھقاننىڭ ئالما دەرىخىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئالما ئوغۇرلىغاندا ، ئالمىنىڭ شېخى سۇنۇپ كەتمىدى ، ئۇمۇ ئالما دەرىخىنىڭ ئۈستىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ ، بىلىكىنى سۇندۇرىۋالمىدى ، شۇنداقلا دېھقاننىڭ چوڭ ئىتى بىرەر يېرىنى چىشلىۋېلىپ ، بىر قانچە ھەپتىگىچە كارىۋاتتا ئاغرىق ئازابىدىن ئىڭراپ ياتىدىغان ، پۇشايمان قىلىدىغان ھەمدە شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ياخشى بالا بولۇپ ئۆزگىرىدىغان ئىشلارمۇ يۈز بەرمىدى ، ئەلۋەتتە . ئوھوي ، ھەرگىز ئۇنداق بولمىدى ؛ ئۇ قانچىلىك ئالما ئوغۇرلىغۇسى كەلسە ، شۇنچىلىك ئوغۇرلىدى ، يەنە ئالما دەرىخىنىڭ ئۈستىدىن ساق - سالامەت قايتىپ چۈشتى ؛ ئۇ يەنە ئىتتىنمۇ پەخەس بولۇپ ، ئىت ئۆزىنى چىشلىمەكچى بولغاندا ، بىر تال كېسەك پارچىسى بىلەن ئۇنىڭ بېشىغا ئۇردى .
       تولىمۇ غەلىتە ئىش - تە بۇ __ ئەدەپ - ئەخلاق توغرىسىدىكى كىچىك كىتاپلاردا بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ئەزەلدىن تەسۋىرلىنىپ باقمىغان ، ئۇ كىتاپلارنىڭ دۈمبىسىگە مەر مەر تاشلارنىڭ سىزىقلىرىغا ئوخشاش نەقىشلەر چىقىرىلغان بولۇپ ، ئىچىدە يەنە نۇرغۇن قىستۇرما رەسىملەر بار ، رەسىمدىكى ئەرلەرنىڭ ھەممىسى فراك ( ئالدى ئېتىكى كالتە ، ئارقا ئېتىكى قارلىغاچ قۇيرىقىسىمان بىرخىل كىيىم _ ت ) ، پۇچقىقى ناھايىتى كالتە ئىشتان ، ئۈستى قوڭغۇراقسىمان قالپاق كىيىۋالغان بولۇپ ، ئاياللار بولسا كۆينىكىنىڭ بەللىكى بولمىغاچقا ، كۆينىكىنىڭ بېلىنى بىلىكى بىلەن كۆتۈرىۋېلىشقان ھالەتتە ئىدى .
        مەيلى قايسى يەكشەنبىلىك مەكتەپلەرنىڭ دەرىسلىكىدىن بولمىسۇن ، جېم قىلغان ئىشلارنى زادىلا تاپقىلى بولمايتتى . جېم بىر قېتىم مۇئەللىمىنىڭ بەكىسىنى ئوغۇرلىۋالدى ، ئۇ مۇئەللىم سېزىپ قېلىپ ، ئۆزىنى ساۋاپ كېتىشىدىن قورققاندا بولسا ، بەكىنى بىلىندۈرمەستىن جورجى ۋېلسۇننىڭ شەپكىسىنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويدى ، جورجى ۋېلسۇن بىچارە تۇل خوتۇن ۋېلسۇن خانىمنىڭ ئوغلى بولۇپ ، ئۇ ئەخلاقى ياخشى ، كەنتتىكى داڭلىق ياخشى بالا ئىدى . ئۇ ھەمىشە ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلايتتى ، ئەزەلدىن يالغان گەپ قىلمايتتى، يەنە كېلىپ ئۆگىنىش قىلىشنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى ، يەكشەنبىلىك مەكتەپنى قەۋەتلا ياخشى كۆرەتتى .
        بەكە شەپكىسىنىڭ ئىچىدىن چۈشۈپ كەتكەندە ، جورجى خۇددى ئۆزىنىڭ گۇناھىنى تونۇپ يەتكەندەك ، يۈزلىرى شەلپەردەك قىزىرىپ كەتتى ، ئەمما ھېلىقى ئىچى سىيرىلغان مۇئەللىم ئۇنى نەرسە ئوغۇرلىغان دەپ قاراپ ، قولىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ ئاشۇ تىترەپ تۇرغان مۈرىسىگە ئۇرغىلىۋاتقاندا ، چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان يەرلىك سودىيە ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدا پەيدا بولۇپ ، سۈرلۈك ھالدا : « بۇ ياخشى بالىغا ئۇۋال قىلماڭلار ، گۇناھ ئۆتكۈزگەن ئەبلەخ شۇ تاپتا ئاۋۇ يەدە پۈتۈن بەدىنى لاغىلداپ تىترىگەن ھالدا تۇرماقتا ! سىلەر دەرىستىن چۈشۈپ دەم ئېلىۋاتقاندا ، مەن دەل مەكتىپىڭلارنىڭ ئىشىكى ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئىدىم ، سىلەر مېنى كۆرمەي قالدىڭلار ، ئەمما مەن ئاشۇ شۇمتەكنىڭ نەرسە ئوغۇرلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم ! » دېمىدى .
       شۇڭا ، جېم زادىلا تاياق يېمىدى ، ھېلىقى ياشىنىپ قالغان سودىيەمۇ ئەسلا پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ، ئوقۇغۇچىلارغا بىر قېتىم ۋەز – نەسىھەت سۆزلەپ ، ئۇلارنى تەسىرلەندۈرۈپ يۇم – يۇم ياش تۆككۈزمىدى ، جورجىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ، بۇنداق ياخشى بالىلار ھەقىقەتەنمۇ تەقدىرلەشكە تېگىشلىك دېمىدى ، شۇنداقلا ئۇنى ئۆيىگە باشلاپ ئاپىرىپ ، ئىشخانىسىنى تازىلىتىپ ، ئوت قالىتىپ ، ئوتۇن كەسلىتىپ ، يۈگۈر – يىتىم ئىشلارنى قىلدۇرمىدى ، ئۆزىنىڭ قانۇننى تەتقىق قىلىشغا ، خوتۇنىنىڭ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىغا ياردەملەشتۈرىدىغان ، قالغان ۋاقىتىنىڭ ھەممىسىنى ئويناشقا سەرپ قىلدۇرىدىغان ، يەنە تېخى ئۇنىڭغا ھەر ئايدا تۆت مو مائاش بېرىپ ، خۇشال قىلىۋېتىدىغان ئىشلارنى قىلمىدى . ياق ، بۇنداق ئىشلار پەقەت ئاشۇ كىتاپلاردىلا يۈز بېرىدۇ ، جېمغا بۇنداق ئىشلار ھەرگىزمۇ نېسىپ بولمايدۇ .
        ئارتۇقچە ئىشلارغا چات كېرىۋالىدىغان ئاق چاچلىق ، ئەخمەق قېرى سودىيەمۇ ئەسلا مەۋجۈت ئەمەس ، شۇڭا ، ھېلىقى ئۈلگىلىك بالا جورجى بىر قېتىم قاتتىق ساۋالغانىدى ، جېم بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدى ، چۈنكى ئۇ ئاشۇ ئەخلاقى دۇرۇس بالىلارغا ئۆچ ئىدى . جېم : « ئۇ ھاماقەتنى كۆزۈمگە ئىلمايمەن » دەيدۇ . تەربىيە كۆرمىگەن بۇ ئەسكى بالا مۇشۇنداق قوپال گەپلەرنى قىلىپ يۈرەتتى . ھالبۇكى ، جېم دۇچ كەلگەن ئەڭ غەلىتە ئىش شۇ بولدىكى ، ئۇ بىر يەكشەنبە كۈنى قېيىق ھەيدەپ ئويناۋاتقاندا ، سۇغا چۆكۈپ كېتىپ تۇنجۇقۇپ قالمىدى ، ئۇ يەنە بىر قېتىم يەكشەنبە كۈنلىكى بېلىق تۇتقىلى چىققاندا ، بوران – چاپقۇنغىمۇ ، گۈلدۈرمامىغىمۇ ئۇچراپ قالمىدى .
        ھەي ، سىز مەيلى يەكشەنبىلىك مەكتەپلەرنىڭ دەرىسلىك كىتاپلىرىنى قانچە ۋاراقلىماڭ ، ھازىردىن باشلاپ تاكى كېلەر قېتىملىق روژدېستۋو بايرىمىغىچە ئاقتۇرماڭ ، بۇنداق ئىشلارنى زادىلا ئۇچرىتالمايسىز ، ئەسلا ئۇچرىتالمايسىز . سىز ئۇنىڭدىن پەقەت ، ئاشۇ يەكشەنبە كۈنلىرى قېيىق ئوينىغىلى چىققان بالىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك بىر – بىرلەپ سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قالغانلىقىنى ، يەكشەنبە كۈنلىرى بېلىق تۇتقىلى چىققان ئەسكى بالىلارنىڭمۇ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك بوران – چاپقۇن ۋە گۈلدۈرمامىغا ئۇچرىماي قالمايدىغانلىقىنى ، ئۈستىگە ئەسكى بالىلار ئولتۇرغان قېيىقلارنىڭ يەكشەنبە كۈنلىكى دائىم كۆمتۈرۈلۈپ كېتىدىغانلىقىنى ، ئەسكى بالىلار سەببات كۈنى بېلىق تۇتقىلى چىقسا ، تەڭرى ھەمىشە ئۇشتۇمتۇت بوران – چاپقۇن چىقىرىدىغانلىقىنى بايقايسىز . جېمنىڭ بۇنداق جازالاردىن قانداق قۇتۇلۇپ قالغانلىقى ، ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا ھەقىيقەتەنمۇ بىر سىر .
       جېمنى ئېلاھ قوغداپ تۇرسا كېرەك ، مېنىڭچە چوقۇم شۇنداق . ئۇنىڭغا ھېچقانداق نەرسە زىيات – زەخمەت يەتكۈزەلمەيدۇ . ئۇ ھەتتا بىر تۇتام كۆك تاماكا ئۇۋىقىنى ھايۋانات كۆرگەزمىسىدىكى پىلنىڭ خارتۇمىغا تىقىپ ، ئۇنى تىرىكتۈرگەندىمۇ ، ھېلىقى پىل خارتۇمى بىلەن ئۇنىڭ بېشىنى مىجىۋەتمەيدۇ . ئۇ قاچا – قۇچا ئىشكاۋىنىڭ ئىچىدىن يالپۇز شەربىتى ئىزدىگەندە ، ھەرگىزمۇ ئازغىشىپ تۇز كىسلاتاسىنى ئىچىپ قالمايدۇ . ئۇ دادىسىنىڭ مىلتىقىنى ئوغۇرلاپ چىقىپ ، سەببات كۈنى ئوۋ ئوۋلىغىلى چىقسىمۇ ، ھەرگىز ئۆزىنىڭ ئۈچ _ تۆت تال بارمىقىنى ئېتىۋالمايدۇ . ئۇ بىر قېتىم ئاچچىغى كېلىپ قالغاندا ، كىچىك سىڭلىسىنىڭ چېكىسىگە مۇشت بىلەن بىرنى قويىۋىدى ، ئەمما سىڭلىسى يېزىچە ئاغرىق ئازابىدىن توختىماي ئىڭرايدىغان ، سىڭلىسى جان ئۈزىدىغان چاغدا ، جېم ئۇنىڭغا مۇلايىم ئاۋاز بىلەن ، مېنى كەچۈرگىن دەيدىغان ، ئۇنىڭ قەلبى ئازاپتىن پۇچۇلىنىدىغان ئىشلار ئەسلا يۈز بەرمىدى . ياق ، ئۇنىڭ سىڭلىسى ئاستا – ئاستا ئەسلىگە كەلدى . جېم كېيىن ئاخىر قېچىپ چىقىپ دېڭىز سەپىرى قىلدى ، ئەمما ئۇ قايتىپ كەلگەندە ھەرگىزمۇ بىرمۇ ئۇرۇق – تۇغقان ، ئەل – ئاغىينىسى قالمىغان ، تۇغقانلىرىنىڭ ھەممىسى چېركاۋ قەبرىستانلىقىدا ئەبەدىيلىك ئۇيقۇغا كەتكەن ، بالىلىق چاغلىرىدىكى تاملىرىغا يېشىل پىلەكلەر يامىشىپ كەتكەن ئۆيىنىڭ تاملىرى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ ۋەيران بولغان ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى بايقىمىدى . ئاھ ، ئۇ بۇنداق ئەھۋالنى زادىلا بايقىمىدى .
       ئۇ قايتىپ كەلگەن چاغدا غەرق مەست ئىدى ، ئۇ ئالدى بىلەن قولغا ئېلىنىپ ، ساقچى ئىدارىسىگە ئېلىپ كېتىلدى . ئۇ چوڭ بولدى ، ئۆيلىنىپ بىر قانچە پەرزەنتلىك بولدى ، بىر كۈنى ئاخشىمى خوتۇن – بالىلىرىنىڭ ھەممىسىنى پالتا بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرىۋەتتى ، ئۇ يەنە تۈرلۈك – تۈمەن ئالدامچىلىق ۋە مۇتتەھەملىك ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ باي بولدى ؛ ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ كەنتىدىكى ئەڭ قەبىھ لۈكچەك بولۇپ ، ئەسكىلىكتە چېكىگە يېتىپ ، كۆپچىلىكنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك ھۈرمىتىگە سازاۋەر بولدى ، يەنە تېخى پارلامېنت ئەزاسى بولدى . شۇڭا ، قاراڭ ، يەكشەنبىلىك مەكتەپلەرنىڭ دەرىسلىك كىتاپلىرىدا تەسۋىرلەنگەن جامىس ئىسىملىك ئەسكى بالىلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ئىلاھلار ، جىنايىتى ھەددى ھېساپسىز كۆپ جېمنى قوغدىغاندەك قوغدىغان ئەمەس ، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئىشى جېمنىڭكىدەك ئوڭغا تارتقان ئەمەس . 1865 – يىل ( تەرجىمان « تارىم » ژۇرنىلى نەشرىياتىدا )

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-13 23:58:57]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق