سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭمۇ يەنە بىر تەرىپى بار

يوللىغۇچى : rukiya يوللىغان ۋاقىت : 2014-11-17 16:23:40

مانا ئەمدى خاتا چۈشەنگەننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەنسىز!

     
    سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭمۇ يەنە بىر تەرىپى بار
    بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق دالىغا ساياھەتكە چىقىپتۇ ۋە قايتىپ كېلىش يولىدا بىر يولۋاسنىڭ ئۆزلىرىدىن يىراق بولمىغان جايدا ئۇلارغا قارپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قاپتۇ.
    قىز يولۋاسنى كۆرۈپ بەك قورقۇپ كېتىپ يىگىتنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ يىگىتكە:
    -بىز بۈگۈن ھايات قالالمايدىغان ئوخشايمىز، بىز بىللە ئۆلەيلى،- دەپتۇ.
    -سىز مېنى سۆيىسىز شۇنداقمۇ؟- دەپ سوراپتۇ يىگىت.
    -ھەئە، شۇڭا بىزنىڭ بىللە ئۆلۈشىمىزمۇ مەن ئۈچۈن بىر بەخت،- دەپ جاۋاب بېرىپتۇ قىز.
    بۇ چاغدا يىگىت قىزنىڭ قولىنى قويۇۋېتىپ:-كەچۈرۈڭ، مېنىڭ يەنە ياشىغۇم بار، مەن كەتتىم،- دەپتۇ ۋە ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ 
    كېتىپتۇ!
    قىز يىغلاپ يىگىتنىڭ ئىسمىنى توۋلاپتۇ، بىراق يىگىت كەينىگە قاراپمۇ قويماپتۇ. قىزنىڭ يۈرىكى پۇچىلىنىپ كېتىپتۇ. قىز يىغىدىن توختاپ يىگىتى يۈگۈرگەن تەرەپكە قاراپ تۇرۇپتۇ. قىزنىڭ كۆڭلىگە نەپرەت تولۇپتۇ ھەم يىگىتكە ئۆچ بولۇپ كېتىپتۇ.
    كېيىن يىگىت قىزنىڭ ئۆلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپتۇ، ئەسلىدە بۇ يىگىتنى يولۋاس چىشلەپ ئۆلتۈرۈپ قويغانىكەن. بىراق قىز بۇنىڭدىن ئازابلىنىپ كەتمەپتۇ، ياش تۆكمەپتۇ، پەقەت:
     
    -بۇ سېنىڭ ماڭا يۈزسىزلىك قىلغىنىڭنىڭ ئاقىۋىتى!- دەپ ئويلاپتۇ.
    بىراق بۇ قىز يىگىتنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئۆلگەنلىكىنى قەتئىي ئويلاپ باقماپتۇ. چۈنكى يولۋاس پەقەت قاچقانلارنى تۇتۇشقا قىزىقىدىكەن. يىگىتنىڭ يۈگۈرۈشى يولۋاسنىڭ دىققىتىنى تارتقان، شۇنىڭ بىلەن يولۋاس بۇ يىگىتنى قوغلىغان. يىگىت يۈگۈرۈپ يولۋاسنى ئۆزىنىڭ كەينىدىن قوغلاتقۇزۇپ قىزنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغان. نەتىجىدە ئۆزى يولۋاسقا يەم بولغان...
    مانا ئەمدى خاتا چۈشەنگەننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەنسىز!
    («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى)
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مۇھەببەت