ھەشەمەتلىك تۇرمۇش(شىنىچى خۇشى)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-20 20:00:00

ھەشەمەتلىك تۇرمۇششىنىچى خۇشى (ياپونىيە)ئىدىرىس بارات تەرجىمىسى «جاھان نىمە بوپكەتتى، پۇلنىڭمۇ ئەتىۋارى قالمىسا» دەپ غۇدۇڭشىدى S ئەپەندى روھسىزلىنىپ. ئۇ ئاز ـ تولا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى. ق...

    ھەشەمەتلىك تۇرمۇش
    شىنىچى خۇشى (ياپونىيە)
    ئىدىرىس بارات تەرجىمىسى

       «جاھان نىمە بوپكەتتى، پۇلنىڭمۇ ئەتىۋارى قالمىسا» دەپ غۇدۇڭشىدى S ئەپەندى روھسىزلىنىپ.
       ئۇ ئاز ـ تولا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى. قەرزىنى تۆلىۋېتىپ، قالغىنىغا تۇرمۇش لازىمەتلىگى ئالسا، قولىدا ھىچنىمە قالمايتتى. ياق، ئەمەس، بىر تىزىلا قالاتتى. كۆزگە كۆرۈنگۈدەك بىرەر نەرسە ئالاي، ياكى پۇخادىن چىققىچە سەيلى ـ ساياھەت قىلاي دەيدىغان ئادەمگە بۇ پۇل دەرۋەقە ھىچنىمىگە دال بولالمايتتى. ئەڭ ياخشىسى، بۇ پۇلغا بىر پارچە لاتارىيە بېلىتى ئالغان تۈزۈك ...
        توساتتىن، ئۇنىڭ كاللىسىغا كىشىنى ھاڭ ـ تاڭ قالدۇرىدىغان بىر ئەقىل كەلدى. ئۇ، يېقىندىن ئەتىراپتىكى بىر ئىبادەتخانىنى ئېسىگە ئالدى، ئۇ ئىبادەتخانىدا دۇئا ـ تىلاۋەت قىلىنسا، تەلەپ ئىجاۋەت بولىدۇ، دىگەن گەپنى ئاڭلىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇ ئىبادەتخانىغا بېرىپ ئىبادەت قىلدى.
       شۇ ئەسنادا، قەيەردىندۇ بىر ئاۋاز ئاڭلاندى:
    ـ خوپ! مۇرادىڭغا يەتكەيسەن. ئۇ ئەتراپقا نەزەر تاشلىدى، ئادەم قارىسى كۆرۈنمەيتتى. پاھ! بۇ چوقۇم ئەۋلىيانىڭ كارامىتى، ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ شۇ قەدەر سۈرلۈك بولۇشىمۇ شۇنىڭدىن ئوخشايدۇ.
       s ئەپەندى يېنىدىكى بار ـ يوق بىر دوللارنى سەدىقە قۇتىسىغا سالدى ـ دە، ساراسىم بىلەن يېلىندى:
       ـ شاپائەت قىلىپ، ماڭىمۇ ھەشەمەتلىك تۇرمۇش ئاتا قىلغايسىز! مېنىڭ دۇئايىمنى ئەۋلىيا ـ ئەنبىيالار نىمىشقا شۇنچە چاققان بىلىۋالدىكىن؟...
    ـ يېقىندىن بېرى، ئەۋلىيا ـ ئەنبىيالارغا ئىشەنمەيدىغانلار كۆپىيىپ قالدى، سەدىقە كىرىمىمۇ ئازلاپ كېتىپتىمىش، شۇڭا، ئەۋلىيا -ئەنبىيالار ئۆزىنىڭ سېھرى كۈچىنى كۆرسىتىپ قويماقچى.
       ـ دىمەك، مېنىڭ تەقدىرىم يامان ئەمەس ئىكەن. سەدىقىنىمۇ بەردىم، شۇغىنىسى، تەلىۋىم ئىجاۋەت بولارمۇ قانداق؟
    ـ تەڭرىگە ئىخلاس قىلساڭ تەلىۋىڭ ئىجاۋەتتۇر، ئەۋلىيانىڭ سۆزى يالغان ئەمەستۇر، تەخىر قىلغايسەن!
       s ئەپەندى ناھايىتى خۇشال قايتىپ كېلىپ، غۇربەتچىلىك باسقان ئۆيدە غېرىپسىنىپ ياتقىنىچە خىيالغا پاتتى: «خۇداغا شۈكرى، تولىمۇ مىننەتدارمەن. راستىنلا مۇرادىمغا يېتەرمەنمۇ؟ تەخىر قىلارمەن؟ بايا سوراپ باقسامچۇ. يالغان ئەمەس دىگەندىمۇ، نەچچە ئون يىلدىن كېيىن بولسا...»
       دەل مۇشۇ پەيتتە، ئاياق تىۋىشى ئاڭلىنىپ، ئىشىك تۈۋىدە ناتونۇش بىر ئەر پەيدا بولۇپ قالدى.
       ـ ئۆزلىرى كىم بولىلىكىن؟ نىمە ئىشلىرى بار؟
    ـ مال ئېلىپ كەلگەن ئىدىم.
       ئۇ تېخى نىمە ئىش ئىكەنلىگىنى ئاڭقىرىپ بولغىچە، ماللار ئارقا ـ ئارقىدىن ئۆيگە توشۇپ كېلىندى: گىلەم، بىر يۈرۈش ئىسىل ئۆي جاھازلىرى، ئۈستەل سائىتى، چوڭ تېلېۋىزور... يەنە قىممەت باھالىق چەتئەل ھاراقلىرى بار ئىدى.
       ھىلىقى ئەر كىشى كەتكەندىن كېيىن، S ئەپەندى دەرگۇمان بولۇپ قالدى: بۇ يالغان ئەمەسمىكىن؟ ياق، ئۇنداق ئەمەس، بارلىق ماللار راست، يېتىپ ـ يېڭى تۇرمامدۇ. بۇ ماللارنى كىم ئەۋەتكەندۇ؟ ھىلىقى ئەۋلىيادىن باشقا يەنە كىم بولۇشى مۈمكىن. ئۇ، ئەۋلىيانىڭ كارامىتىگە يەنە بىر نۆۋەت ئاپرىن ئوقۇدى. بۇ نەرسە ـ كېرەكلەر جاي ـ جايىغا تىزىلدى، ئۆيدىكى غۇربەتچىلىك قاياققىدۇ يوقىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ھەشەمەتلىك كۆرۈنۈش ئىگەللىدى.
       S ئەپەندى سافادا ئولتۇرۇپ، كاتتا تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى سۈرمەكتە ئىدى، شۇنداقتىمۇ كۆڭلىنىڭ بىر يېرىدە بىر نەرسە كەمدەكلا قىلاتتى.
       كەملىك قىلىۋاتقىنى نىمىكىن؟ توغرا، S ئەپەندى تېخىچە بويتاق ئىدى، شۇڭا ئۇ كەم نەرسىنى تېزلا بىلىۋالدى: «مەن ئەمدى شۈكرى قىلمىسام بولمايدۇ. بىراق، ھەممە تەلىۋىم ئىجاۋەت بولسا، مۇرادىمغا تولۇق يەتسەم نەقەدەر ياخشى بولاتتى ـ ھە!» ئۇ شۇنداق خىيال بىلەن ئولتۇراتتى، يەنە بىرسى ئىشىكنى چەكتى. ئۇ ئىشىكنى ئېچىپ، ھەيران قالدى. ئىشىك تۈۋىدە چىرايلىق بىر قىز كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى.
       ـ ئوھھۇي! سىزنى ساقلىتىپ قويۇپتىمەن، تارتىنماڭ، ئۆيگە كىرىڭ! S
       ئەپەندى ئىنتايىن ھاياجان بىلەن قىزنى قارشى ئالدى. ئۇ شۇ تاپتا ئۆزىنى يەنە چۈش كۆرۈۋاتقاندەك ھىس قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ گۈزەل قىزغا يېپىشقۇسى كەلدى، لېكىن يەنە ئۇنداق قىلىشقا سەل بالدۇردەك ھىس قىلدى، ئالدىراش ھاجەتسىز ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بەدىنىنى چىمدىپ بېقىۋىدى، قاتتىق ئاغرىدى، شۇندىلا ئۆزىنىڭ رىياللىقتا تورۇۋاتقانلىغىغا ئىشەندى. ئۇ، ئۇدۇلىدىكى ئورۇندۇقتا تارتىنىپ ئولتۇرغان قىزغا قاراپ، گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمەي قالدى.
        ـ قورۇنماڭ ئازادە ئولتۇرۇڭ. سىز نىمە خىزمەت قىلىسىز؟
       ـ ھە، ھە، مەن تۈرلۈك ماللار ماگىزىنىدا ئىشلەيمەن، ـ قىز كاتتا بىر تۈرلۈك ماللار ماگىزىنىنىڭ نامىنى ئاتىدى. ئۇ ماگىزىن پىركازچىكلىرىنىڭ دىيانەتلىكلىگى بىلەن داڭ چىقارغان ئىدى. ئۇ ماگىزىننىڭ پىركازچىكلىرى توي قىلىدىغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، قۇسۇرسىز لايىقلاردىن سانىلاتتى، شۇڭا S ئەپەندى ئىنتايىن رازى بولدى.
        ـ مۇنداق دەڭ! ئۇنداقتا ئازادە ئولتۇرۇڭ، قورۇنماڭ، سىزنىڭ نىمىشقا كەلگىنىڭىز ماڭا ئايان... ئۇنىڭ بۇ گېپى قىزنى خېلى يېنىكلەشتۇرۇپ قويدى.
      ـ ئۇنداق بولسا، گېپىمىز بىر يەردىن چىقتى. يىل ئاخىرى بولغاچقا، مەن ئالدىراشچىلىقتا مال تارقىتىش تالۇنىنى خاتا يېزىۋېتىپتىمەن، شۇنىڭ بىلەن باشقا جايغا توشۇلىدىغان نەرسىلەر سىزنىڭكىگە كېپقاپتۇ...
    ـ نىمە؟
    ـ S ئەپەندى نىمە ئىش بولغانلىغىنى ئاڭقىرىۋالغىچە، مال ئەپكەلگەن كىشى كىرىپ كەلدى ـ دە، ماللارنى ئەپچىقىپ كەتتى، ھىلىقى قىزمۇ كېتىپ قالدى. ئۆي ئىچىنى يەنە غۇربەتچىلىك باستى. s ئەپەندى ئۆيدىن چىقىپ، ئىبادەتخانىغا باردى ـ دە، نالە قىلدى:
    ـ ئاھ خۇدا، سەن نىمە دىگەن رەھىمسىز!
    ـ قورۇق گېپىڭنى قوي، بىر دوللارغا شۈنچىلىك ھىممەت كۆرسەڭ بولمىدىمۇ. ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى لەززەت ئالاي دىسەڭ، تېخىمۇ كۆپ ھەق تۆلىشىڭ كېرەك! بۇ سۈرلۈك سادانى ئاڭلىغان S ئەپەندى يەنە غۇدۇڭشىدى: «جاھان نىمە بوپكەتتى، پۇلنىڭمۇ ئەتىۋارى قالمىسا».

     «دۇنيا ئەدەبىياتى» نىڭ 1984-يىللىق4-سانىدىن ئېلىندى(«بىر مىنۇتلۇق ھىكايىلەر» ناملىق كىتاپتىن تەرجىمە قىلىنغان)

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 10:08:28]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.