كىشلەر ئويغانماقتا-ئەزىز نەسىن(تۈركىيە)

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-02-12 20:59:40

كىشىلەر ئويغانماقتائەزىز نەسىن(تۈركىيە)ئەلا ئۆمەر ياقى تەرجىمىسى بۇ قېتىمقى تۈرمە ھاياتى ئۇنىڭغا تولىمۇ تەسكە توختىدى، بولۇپمۇ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن چەت ئۆلكىنىڭ بىر كىچىك ناھىيىسىگە سۈر...

    كىشىلەر ئويغانماقتا
    ئەزىز نەسىن(تۈركىيە)
    ئەلا ئۆمەر ياقى تەرجىمىسى
      
       بۇ قېتىمقى تۈرمە ھاياتى ئۇنىڭغا تولىمۇ تەسكە توختىدى، بولۇپمۇ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن چەت ئۆلكىنىڭ بىر كىچىك ناھىيىسىگە سۈرگۈن قىلىنغان چاغدىكى كۈنلىرىنى ئەسلىسىلا، ئۇنى تىترەك باساتتى.
       ئۇ سۈرگۈن مۇددىتى توشقاندىن كېيىن پايتەختكە قايتىپ كېلىپ، شەھەر كوچىسىغا يېڭىباشتىن قەدەم باسقىنىدا، ئاشۇ مىغ ـ مىغ ئادەملەر قاينىمىدا ئۆزىنى تولىمۇ غېرىب ھېس قىلدى.
       تۈرمىدىكى چاغدىلا خوتۇنى ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەنىدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، بولۇپمۇ قورسىقىنى باققىدەكمۇ پۇلى قالمىغاندا، كىشىلەر ھەمىشە ئۈمىدسىزلىنىپ ئۆزىنى ئۆزى قۇتقۇزۇۋالالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئەجەبا، جان بېقىش ئۈچۈن سىياسىي ھاياتتىن ۋاز كېچىپ، باشقا بىر چىقىش يولى تاپماي بولمامدۇ؟
       ـ ئۇ ئالدى بىلەن پاناھلانغۇدەك بىرەر جاي تېپىشى كېرەك ئىدى، يېقىندىن بۇيان شەھەردىكى ئۆيلەرنىڭ ئىجارەھەققى ناھايىتى ئۆرلەپ كەتكەنىدى، شەھەر ئەتراپىدىكى ئۆيلەرنىڭ ئىجارە ھەققىمۇ كىشىنى چۆچۈتەتتى... ئۇنىڭ مۇنداق ئۆيلەردە ئولتۇرۇشقا قۇربى يەتمەيتتى، ئىلگىرى تۇرغان كي ئىگىسىگە ئۆزىنىڭ شالاقشىپ كەتكەن خەت ئۇرۇش ماشىنكىسى بىلەن ئەسكى ـ تۈسكىلىرىنى بېرىپ قەرزىنى ئاران تۈگەتكەنىدى. ھەر قېتىم يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ بارغىنىدا، كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ئورىۋېلىپ، غەلىتە مەخلۇققا قارىغاندەك قاراپ كەتكەنلىرى ھېلىمۇ ئۇنىڭ ئېسىدە، مۇنداق خورلۇقلاردىن ئۇ ئاللىبۇرۇن تويغانىدى، ئۇ شەھەردىن يىراقراق جايدىن ئىجارە ھەققى تۆۋەنرەك بىرەر ئېغىز ئۆي ئېلىپ ئولتۇرۇشنى ئويلايتتى.
       خېلى كۈنلەر قاتراپ يۈرۈپ، ئۇ ئاىىرى كۆڭۈلدىكىدەك بىر جاينى تاپتى. ئۇ يەردىن شەھەرگە پىيادە ئىككى سائەتتە بارغىلى بولاتتى، بۇ، بىر تۆپىلىككە جايلاشقان. ئونچە «مۇساپىرخانا» دىن تەركىب تاپقان كىچىككىنە كوچا ئىدى. بۇ يەردىكى مۇساپىرخانىلارنىڭ ئارىلىقى خېلى يىراق بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ كۆڭلىگە تازا ياقتى. ئۇ بۇ يەردىن بىر يېرىم ئېغىز ئۆينى  ئىجارىگە ئالدى. ئۆيدە ئۆزى ئېلىپ كەلگەن  ئىككى خۇرجۇن كىتاب ۋە ئەسكى ـ تۈسكى نەرسىلەردىن باشقا ھېچنېمە يوق ئىدى. دېرىزىگە تارتقۇدەك پەردە بولمىغاچقا، كونا گېزىتلەرنى چاپلاپ  قويدى. ھازىر ئۇ ھەر ھالدا باش تىققۇدەك ئۆي تېپىپ خاتىرجەم بولدى. ئەمدى گەپ بىرەر ئىش تېپىشتا قالغانىدى.
       ئۇنىڭ ئۆيىگە يېقىن جايدا ئاددىيغىنا بىر ئېغىز ياغاچ ئۆي بولۇپ، ئۇ مىلىچمال دۇكىنى ئىدى. مىلىچمال دۇكىنىنىڭ سول تەرىپىگىرەك مايماق ـ سايماق بىر كۆڭتات دۇكىنى جايلاشقانىدى. ئۇ بۇ ئىككى دۇكانغا كېلىپ كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋالاتتى. ئوخشاش تەقدىر بۇ ئىككى خوجايىننى خېلى بۇرۇنلا يېقىن دوستلاردىن قىلىپ قويغانىدى، ئۇلار دائىم بارغانسېرى يامانلىشىپ كېتىۋاتقان قىسمەتتىن ۋە كۈنسېرى كېمىيىۋاتقان ئازغىنا كىرىمدىن ئاغرىنىشاتتى. ئۇلارنىڭ بازىرى كاسات ئىدى، كۈنىگە ئاران بەش ئالتە خېرىدار كېلەتتى. نېمە ئامال؟ ئۇلاردا ئاۋات جايلارغا بېرىپ دۇكان ئاچقۇدەك دەسمايە يوق ئىدى.
       ئۇ بۇ يەرگە كېلىپ بر نەچچە كۈندىن كېيىن، مىلىچمال دۇكىنىنىڭ ئالدىغا تاۋانېنى ساتىدىغان بىرى كەلدى. بۇ ئادەم ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن كېلىپ، كەچ كىرگەندە كېتىپ قالاتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي تاۋا نېنى ساتىدىغان ئادەمنىڭ يېنىغا يەنە بىر ككممىقۇناق ساتىدىغان يايمىچى كېلىپ قوشۇلدى. ئاڭغىچە كۆكتات دۇكىنىنىڭ بېقىنىدا مەخسۇس پېچىنە ـ پىرەنىك ساتىدىغان يەنە بىر يايمىچىمۇ پەيدا بولدى.
       ـ كۆپ ئۆتمەي يەنە بىر مايلامچى، كۋاس ساتقۇچى، ھەتتا ئەسكى سايىۋەن ئاستىدا مۈكچىيىپ ئولتۇرىدىغان يەنە بىر ياماقچىمۇ كەلدى. بۇ كىشىلەرنىڭ ئەتراپىدا بىر كوچا تازىلىغۇچى ئەتىگەندىن ـ كەچكىچە يايپېتەك بولۇپ تۈرەتتى.
       شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭ «مۇساپىرخانا» سىنىڭ قارشىسىدىكى كىچىككىنە جايغا ئېلىپ ساتارلار تولۇپ كەتتى، بۇ يەردە بارا ـ بارا كىچىك بىر بازار شەكىللەندى.
       مىلىچمال دۇكىنى بىلەن كۆكتات دۇكىنىنىڭ ئارىلىقىغا يەنە بىر قەھۋىخانا ئېچىلدى. ئىلگىرىكى بۇ خىلۋەت جاي ئەمدى ئاۋاتلىشىپ كەتتى.
       ئەتراپتىكى بەزى «مۇساپىرخانا»لار ئۇزۇندىن بېرى بوش ئىدى، ھازىر ھەممىسى ئىجارىگە بېرىلىپ بولدى. كۆز ئالدىدىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئۆزگىرىشلەردىن ئۇ تولىمۇ خۇشال ئىدى. چۈنكى ئۇ جانلىق، خۇشال كەيپىياتنى ياقتۇراتتى، ھېلىمۇ ئىشسىز يۈرۈۋاتقانلىقىلا ئۇنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلاتتى. ئۇ ھەر قانچە يۈگۈرۈپمۇ بىرەر ئىش تاپالمىدى. بەزىدە كىشىلەر ئۇنىڭغا ئىش بېرىشكە ماقۇل بولغاندەك قىلىشاتتىيۇ، بىراق كەينى ـ كەينىدىن كەلگەن ساقچىلاردىن ئۇنىڭ  سالاھىيىتىنى بىلىپ قېلىپ، گېپىدىن يېنىشىۋالاتتى.
       ئۇنىڭ دوستلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش ئىشسىز بولغاچقا، تولىمۇ نامرات ئىدى، ئۇلاردىن قەرز ئېلىش مۈمكىن ئەمەس ئىدى. بىر دوستى ئۇنىڭغا، ئۆزىنىڭ شەھەردىكى بىر ئېغىزلىق ياتىقىغا كېلىپ بىللە تۇرسا ئۆي ئىجارىسىنى تېجەپ قالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇ ماقۇل بولدى. بىراق كۆچۈپ كېتىمەن دەپلا كۆچۈپ كەتكىلى بولمايتتى، چۈنكى ئۇ مىلىچمال دۇكىنى، كۆكتات دۇكىنى خوجايىنلىرىغا ۋە باشقا يايمىچىلارغا قەرزدار ئىدى. قەرزى كۆپ بولمىسىمۇ بەرىبىر تۆلىشى كېرەك ـ تە!
       بىر كۈنى كەچتە، ئۇ ئۆيىدە نېمىنى سېتىپ قەرز تۆلەش ۋە قانداق كۆچۈش ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ ئولتۇراتتى، تۇيۇقسىز ئىشىك چېكىلدى. ئۇ ئىشىكنى ئېچىپ، ئىشىك ئالدىدا مىلىچمال دۇكىنى، كۆكتات دۇكىنى ۋە قەھۋىخانا خوجايىنىلىرىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردى. ئۇ دەككە ـ دۈككىگە چۈشۈپ، بىر خىل خىجالەت ئىچىدە ئۇلارنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى:
       ـ مېنى ئەيىبكە بۇيرۇماڭلار، ئۆيۈمدە سىلەرنى كۈتۈۋالغۇدەك قەھۋە ياكى باشقا نەرسە يوق...
       ـ ئاۋارە بولماڭ، قاراڭ سىزگە ئازراق نەرسە ئالغاچ كەلدۇق، مانا ماۋۇ قەھۋە، ماۋۇ شېكەر، قوبۇل قىلغايسىز، ـ دېدى مىلىچمال دۇكىنىنىڭ خوجايىنى قەغەز خالتىلارنى بىر ـ بىرلەپ شىرە ئۈستىگە قويۇۋېتىپ،
       ئۇلار نېمىشقا سوۋغات ئېلىپ كېلىدۇ؟ ئۇلارنى قەرز سۈيلەپ كەلدىمىكىن دېسەم، سوۋغات ئېلىپ كەلگىنى نېمىسى؟ ئۇ بۇنىڭدىن تەئەجججۈپلەندى.
       ـ سىزنى كۆچۈپ كېتىدىكەن دەپ ئاڭلىدۇق، بۇراستمۇ؟ ـ دېدى كۆكتات دۇكىنىنىڭ خوجايىنى.
       ـ ھەئە، كۆچۈپ كېتەي دەيمەن... ـ ئۇ شۇندىلا ئۇلارنىڭ كېلىش مۇددىئاسىنى چۈشەنگەندەك بولدى: ئەسلىدە ئۇلار ئۇنىڭ قەرزدىن تېنىۋېلىشىدىن قورقانىكەن ـ دە!
       ـ مېنىڭ كۆچۈپ كەتمەكچى بولغانلىقىمنى قانداق بىلدىڭلار؟
       ـ ئىشەنچىلىك خەۋەرلەردىن بىلدۇق... ـ دېدى قەھۋىخانا خوجايىنى پەس ئاۋاز بىلەن سىرلىق تەلەپپۇزدا،
       ـ خاتىرجەم بولۇڭلار، قەرزىمنى تۆلىمىگۈچە بۇ يەردىن كەتمەيمەن...
       ـ ئاكا، بۇنداق دېسىڭىز بىزنى يات كۆرگەن بولىسىز، بىز سىزنى قەرز قايتۇر دېمىدۇققۇ؟ ـ دېدى قاھۋەخانا خوجايىنى.
       ـ ۋاي ـ ۋۇي، سۇ بىر نەچچىلا تىيىنغۇ، بۇنىڭغا ئەمدى ... ـ دېدى مىلىچمال دۇكىنىڭ خوجايىنى.
       ـ ئاللا ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، ئۇنچىلىك  پۇلنى سىزدىن ھەرگىز سورىمايمەن، بەرگىنىڭىز بىلەنمۇ ئالمايمەن... ـ دېدى كۆكتات دۇكىنىنىڭ خوجايىنى ئۇلاپلا.
       ـ نىمىشقا؟
       ـ ئەپەندىم، بىز سىزنىڭ قىممىتىڭىزنى بىلىمىز، بىزگە كەلتۈرگەن پايدىڭىز ئاز ئەمەس...
       بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئۇ گېلىغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك ھاياجاندىن خېلى ئۇزۇنغۇچە گەپ قىلالمىدى.
       ـ بەك جۇۋاپ كېتىپسىلەر، ـ دېدى ئۇ پىچىرلاپ. ئېھ، ئۇلار ئۇنى چۈشىنىدىكەن، خەلق ئۇنى قوللايدىكەن، ھېسداشلىق قىلىدىكەن، ئۇ نېمىشقىمۇ ئۈمىدسىزلەنسۇن؟ ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇلۇغۋار ئىشنى قانداقمۇ تاشلىۋېتەلمىسۇن؟ بۇ كىشىلەرنى قانداقمۇ تاشلاپ كېتەلىسۇن؟
       ـ كۆپۈپ كەتمىسىڭىز! ـ دېدى قەھۋىخانا خوجايىنى.
       شۇنداق قىلسىڭىز، ـ دەپ قوشۇمچە قىلدى كۆكتات دۇكىنىنىڭ خوجايىنى، بىز سىزنىڭ قېپقېلىشىڭىزنى ئىلتىماس قىلىپ كەلدۇق...
       ـ ئامال يوق، ئاددىيسى ئۆي ئىجارىسىنىمۇ تۆلىيەلمىسەم.
       ـ بۇنى بىلىمىز، ـ دېدى كۆكتات دۇكىنىنىڭ خوجايىنى، ـ مۇشۇ يەردە ئوقەت قىلىۋاتقانلار مەسلىھەتلىشىپ، ھەر ئايدا پۇل چىقىرىپ ئۆي ئىجارىڭىزنى تۆلەشنى ئويلاشتۇق، پەقەت سىز كۆچۈپ كەتمىسىڭىزلا بولىدۇ.
       ـ بولدى، ئۆي ئىجارىسىدىن غەم قىلماڭ... ـ دېدى مىلىچمال دۇكىنىنىڭ  خوجايىنى.
       ئۇنىڭ كۆزلىرىگە ياش كەلدى. خۇشاللىقتىن ھۆڭرەپ يىغلىۋېتىشكە تاسلا قالدى. ئۆزىنىڭ خەلق ئۈچۈن شۇنچە يىللار ئىشلەپ، كىشىلەرنىڭ ئېتىبارىغا تۈنجى قېتىم ئېرىشىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ، كۆڭۈل خۇشلۇقىنى يوشۇرالمىدى.
       ـ ياق، ـ دېدى ئۇ، ـ راستىمنى ئېيتسام،
       ياردىمىڭلارنى قۇبۇل قىلالمايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە يالغۇز ئۆي ئىجارىسىلا ئەمەس، تېخى خىزمىتىممۇ يوق، بۇ يەردە كۈن ئېلىش تەسكە چۈشۈۋاتىدۇ، ياخشىسى، دوستۇمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تۇراي.
       ـ ئالدىرىماي  گېپىمىزنى ئاڭلاڭ، ـ دېدى قەھۋىخانا خوجايىنى، ـ بىز بۇنىمۇ ئويلاپ قويدۇق، بۇندىن كېيىنكى ھەر ئايلىق تۇرمۇش خىراجىتىڭىزمۇ بىزدىن بولىدۇ...
       ـ بۇ يەردىن كەتمىسىڭىز... بىزنى تاشلىۋەتمىسىڭىز... ـ ئۈچەيلەن تەڭلا يېلىندى.
       ئۇ ئىچ ـ ئىچىدىن ئۆرلەۋاتقان ھاياجىنىنى تەستە بېسىۋېلىپ، كۆڭلىدە: نېمىلا دېگەن بىلەن دۆلەت ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، كىشىلەر ئويغىنىۋاتىدۇ، دەپ ئويلىدى. دېمەك، ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىكار كەتمەپتۇ. ئىلگىرىكى چاغلار بولىدىغان بولسا، بۇ ئادەملەر ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويمىغان بولاتتى.
       ـ كۆپ رەھمەت! ـ دېدى ئۇ، ـ سىلەرنىڭ بۇ ئىشىڭلار مېنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى، لېكىن سىلەرنىڭ ياردىمىڭلارنى قوبۇل قىلىشقا راستىنلا ئامالسىزمەن.
       ئۇلار يەنە يېلىنىشقا باشلىدى.
       ـ بۇ «مۇساپىرخانا»سىزگە زادىلا بولمىغۇدەك. بۇ يەرگە يېقىنلا يەردە ئىككى قەۋەتلىك بىر بىنا بار، ئىككىنچى قەۋىتىنى ئىجارىگە بېرىدۇ، جابدۇقلىرى تولۇق، مۇنچىسىمۇ بار... ئەگەر خالىسىڭىز سىزگە شۇنى ئىجارىگە ئېلىپ بېرەيلى...
       ـ بىزنىڭ بىردىنبىر تەلىپىمىز، سىز بۇ يەردىن كەتمىسىڭىز، ـ دېدى قەھۋىخانا خوجايىنى.
       ـ ئەمىسە ماقۇل، لېكىن سىلەر نىمىشقا مېنىڭ بۇ يەردە قېپقېلىشىمنى شۇنچە ئارزۇ قىلىسىلەر؟ ـ دەپ سورىدى ئۇ قىزىقسىنىپ.
       ـ ئەپەندىم، بۇنىڭ چۈشەنمىگۈدەك يېرى يوق، بىزنىڭ ئوقىتىمىز سىز بولغاچقىلا روناق تېپىۋاتىدۇ.
       ـ مۇنداق دەڭلار تېخى ... لېكىن مېنىڭ سىلەردىن سېتىۋالىدىغان نەرسەم چاغلىقلىغۇ...
       ـ ئۇغۇ شۇنداق، لېكىن سىز بىزگە ئامەت ئېلىپ كەلدىڭىز... سىز كېلىشتىن بۇرۇن، كۈنىگە ئەڭ  كۆپ بولغاندا ئۈچ تۆتلا خېرىدار كېلەتتى. سىز كەلگەندىن كېيىن بۇ يەر ئاجايىپ جانلىنىپ كەتتى، كۆرۈپ تۇرۇپسىز، بىر مۇنچە دۇكانلار ئېچىلدى...
       ـ بەختىمىزگە سىز كەلدىڭىز... ـ دېدى مىلىچمال دۇكىنىنىڭ خوجايىنى.
       ـ بىزگە ئىچىڭىز ئاغرىسۇن، كەتسىڭىزلا بىز تۈگىشىپ كېتىمىز. ئاۋۋال مېنىڭ قەھۋىخانام تاقىلىدۇ...
       ـ سىز كەتسىڭىزلا، سېتىقچىلارمۇ كېتىدۇ ـ دە، بۇ يەرنى زۇلمەت باسىدۇ. بۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ قېرىسى قېرى، كىچىكى كىچىك، يەنە نامراتلىق پايقىقىغا پېتىشىمىز تۇرغانلا گەپ... ـ دېدى كۆكتات دۇكىنىنىڭ خوجايىنى. ئۇلار ئۇنى تۇتۇپ قېلىش ئۈچۈن قايتا ـ قايتا يېلىندى، ھەتتا مائاش بېرىشكىمۇ ۋەدە قىلىشتى.
       ـ ياخشى نىيىتىڭلارغا رەھمەت. تۆھپەمنىڭ ئۇنچىۋلا چوڭ ئەمەسلىكىدىن خىجىلمەن. تېنىم ساغلام بولغاندىكىن ئوبدان ئىشلىسەم بولاتتى... سىلەرگە نېمە ئىش قىلىپ بەرگىنىمگە مېنى ئېپقالماقچى بولىسىلەركىن ـ تاڭ؟
       ـ بىزگە يەنە نېمە قىلىپ بەرسىڭز بولاتتى؟ ـ دېدى كۆكتات دۇكىنىنىڭ خوجايىنى، ـ سىزنىڭ ھازىرقى ئىلتىپاتىڭىزمۇ بىزگە يېتىپ ئاشىدۇ. سىز بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، ئارقىڭىزدىنلا سىزنى پايلاش ئۈچۈن كوچا تازىلاش ئىشچىسى ۋە ياماقچى سۈپىتىدە ياسالغان ساقچىلار كەلدى. ئارقىدىنلا ئۇلارنى  نازارەت قىلىدىغانلار كەلدى. مانا شۇنداق قىلىپ بۇ يەر بىردىنلا ئاۋاتلىشىپ كەتتى، بۇنىڭ بىلەن بىز پايدا ئالدۇق.
       ـ ئۇلار كېلىپلا سىزنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى  تىڭتىڭلىدى... ـ دېدى مىلىچمال دۇكىنىنىڭ خوجايىنى.
       ـ ئۇلار بىزدىن ئۇنى بۇنى سېتىۋېلىپ تۇردى... كېيىن كونا ماللارنى ساتىدىغان بىرى كەلدى: ئاندىن ياماقچى، تاتلىق ـ تۇرۇم، چىلىغان كۆكتات ۋە تاۋا نېنى ساتىدىغانلارمۇ كەلدى، ـ دېدى كۆكتات دۇكىنىنىڭ خوجايىنى.
       ـ ئەپەندىم، سىزنىڭ سايىڭىزدا كىچىككىنە بىر قەھۋىخانا ئېچىپ كۈن ئۆتكۈزۈۋاتىمەن. ئۇلار دائىم قەھۋىخانامغا كېلىپ، شىشىغال، قارت ئويناپ قاراڭغۇ چۈشكەندە ئاندىن قايتىشىدۇ. كۈنىگە ئۈچ ـ تۆت ئادەم كېلىپ بەرسىلا مەن شۇنىڭغا رازى.
       ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇ ئاخىرى ئويغاندى:
       ـ ئاشۇلارنىڭ ھەممىسى پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلارمۇ؟ ـ دېدى ئۇ ئازابلانغان ھالدا ئۇلارغا قاراپ.
       ـ ئۇلارنىڭ بەزىسى ساقچى، بەزىسى ساقچى ئەمەس... ئەپەندىم، ئون ئادەم بىر يەرگە توپلاشسا، ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا ئەللىك ھەتتا يۈز ئادەم ئولىشىدۇ، لېكىن سىز كېتىدىغانلا بولسىڭىز، بۇ يەر دەرھال ئەسلى ھالىتىگە قايتىدۇ. سىزنىڭ كەينىڭىزدىن كەلگەن ساقچىلارمۇ سىزگە ئەگىشىپلا يوقىلىدۇ.
       ـ ئۇ چاغدا بىزنى نەس باسىدۇ، ـ دېدى مىلىچمال دۇكىنىنىڭ خوجايىنى.
       ـ بىز نامرات بىچارىلەرگە ئىچىڭىز ئاغرىسۇن، ـ دېدى كۆكتات دۇكىنىنىڭ خوجايىنى،
       ـ ئەپەندىم، ـ دېدى قەھۋىخانا خوجايىنى، ـ ھېچ بولمىغاندا، بىز ئازراق پۇل تېپىۋالغۇچە كەتمەي تۇرۇڭ...
       ئۇ كۆڭلىدە، بۇ يەردىن كەتكەن تەقدىردىمۇ يەنە چوقۇم مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋالغا يولۇققۇدەكمەن، دەپ ئويلاپ،
       ـ ماقۇل، مەن كەتمەي، ئەمما بۇ نەرسىلىرىڭلارنى ئېلىپ كېتىڭلار، ـ دېدى شىرە ئۈستىدىكى قەغەز خالتىلارنى مىلىچمال دۇكىنىنىڭ خوجايىنىغا بېرىپ.
       ـ بۇ خۇش خەۋەرنى باشقا ئىشداشلارغا ئېيتسام بولامدۇ؟ ـ سورىدى كۆكتات دۇكىنىنىڭ خوجايىنى كېتىدىغان چاغدا،
       ـ بولىدۇ، مەن كەتمەيمەن، ئەمما سىلەرنىڭ نەرسىلىرىڭلارنىمۇ ئالمايمەن.
       ـ ئاللا سىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي... ـ دېدى قەھۋىخانا خوجايىنى.
       
                      (ئاپتورنىڭ خەنزۇچە«مەن قانداق ئۆلۈۋالماقچى بولدۇم» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىدىن)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تۈرمە ئەزىز نەسىن