مۇقەددەس سۇ بىلەن تەمىنلىگۈچى (مۇپاسسان)

يوللىغۇچى : yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-04 10:39:53

مۇقەددەس سۇ بىلەن تەمىنلىگۈچىمۇپاسسان (فرانسىيە)شىنجاڭ يازغۇچىلار تورىدىن تارخان تەرجىمىسىئۇ كەنتكە كىرىدىغان چوڭ يولنىڭ بويىدىكى بىر كىچىك ئۆيدە تۇراتتى. شۇ يەرلىك قورۇق خوجايىنىنىڭ قىزىغا ...

    مۇقەددەس سۇ بىلەن تەمىنلىگۈچى

     

    مۇپاسسان (فرانسىيە)

     

    شىنجاڭ يازغۇچىلار تورىدىن تارخان تەرجىمىسى


    ئۇ كەنتكە كىرىدىغان چوڭ يولنىڭ بويىدىكى بىر كىچىك ئۆيدە تۇراتتى. شۇ يەرلىك قورۇق خوجايىنىنىڭ قىزىغا ئۆيلەنگەندىن كېيىن، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ ھارۋىكەش بولدى. ئەر ــ خوتۇن ئىككىسى جاپالىق ئىشلەپ ئاز ــ تولا پۇل يىغقان بولسىمۇ، لېكىن پەرزەنت يۈزى كۆرەلمىدى. كۈنلىرى تىت ــ تىتلىقتا ئۆتۈۋاتقان كۈنلەردە، ئۇلار ئەتكەنلىرىگە ئېرىشىپ، بىر ئوغۇل يۈزى كۆردى. ئوغلىغا جوندەپ ئىسىم قويدى. ئۇلار قولى ــ قولىغا تەگمەي بۇ بالىنى قۇچىقىغا ئالاتتى، ئۇنىڭغا ئىچ ــ ئىچىدىن كۆيەتتى، ئۇنىڭ يېنىدىن بىردەممۇ نىرى كەتكۈسى كەلمەيتتى.


    جون بەش ياشقا كىرگەن يىلى بىر جاھانكەزدى سىرىكچى بۇيەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، قورۇقنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنى ئالدىدىكى مەيداندا ئويۇن كۆرسەتتى.


    جون توپلىشىۋالغان كىشىلەرنى كۆرۈپ ئۆيدىن چىقتى. دادىسى خىلى ئۇزۇن ئىزدەپ، ئۇنى خەت تونۇيدىغان ئۆچكە ۋە سېرىك كۆرسىتەلەيدىغان ئىتنىڭ ئوتتۇرىسىدا، ياشانغان قىزىقچىنىڭ پۇتىدا ئولتۇرۇپ، قاقاقلاپ كۈلۈۋاتقان ھالەتتە كۆردى.


    ئۈچ كۈندىن كېيىن، كەچلىك تاماق ۋاقتى بولغاندا، ھارۋىكەش بىلەن ئايالى ئوغلىنىڭ ئۆيدە يوقلۇقىنى بايقىدى. ئۇلار ھويلىغا چىقىپ ئىزدىدى، تاپالمىدى. يولغا چىقىپ «جون!» دەپ كانىيى يىرتىلىپ كەتكۈدەك بوغۇلۇپ ۋارقىرىدى. قاراڭغۇ چۈشەي دەپ قالغان ئىدى. ئاسمان گۈمبىزىنى قوڭۇر رەڭ تۇمان قاپلاپ، كىشى قورققۇدەك مەنزىرە ھاسىل بولدى. ئۇنىڭغا يېقىنلا جايدىكى ئۈچ تۈپ ئاق شەمشاد دەرىخى يىغلاۋاتقاندەكلا كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭغا ھېچكىم ئىنكاس قايتۇرمىدى؛ لېكىن ئاسماندىن سۇس ئىڭرىغان ئاۋاز ئاڭلانغاندەك قىلدى. دادا ئۇزۇنغىچە قۇلاق سېلىپ، قانداقتۇر بىر نەرسىنى ئاڭلىدى، بۇ ئاۋاز بەزىدە ئوڭ تەرەپتىن، بەزىدە سول تەرەپتىن كېلەتتى؛ ئۇنىڭ بېشى پىرقىرايتتى. بىر تەرەپتىن: «جونمۇ؟ سەن جونمۇ؟» دەپ ۋارقىرىسا، يەنە بىر تەرەپتىن چوڭقۇر ئورمانغا قاراپ يۈگۈرەيتتى.


    ئۇ تاكى تاڭ يورىغىچە مۇشۇنداق يۈگۈرۈپ چىقتى. كېچىدە ئۇ ۋارقىرىغان ئەكس سادا يىراق ــ يىراقلارغا تارايتتى، ئولجا تىمىسقىلاپ يۈرگەن ياۋايى ھايۋانلارمۇ قورقۇپ كەتتى. ئۇ جىددىيلەشكىدىن ساراڭ بولاي دەپلا قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئايالى ئىشىك ئالدىدىكى تاشتا ئولتۇرۇپ پۈتۈن بىر كېچە يىغلىدى.


    ئۇلار ئوغلىنى تاپالمىدى.


    تەسەللىي تاپقۇسىز ھەسرەت ــ نادامەت ئىچىدە ئۇلار تىزلا قېرىپ كەتتى.


    ئاخىرى ئۇلار ئۆينى سېتىۋېتىپ، جاھان كېزىپ، ئوغلىنى ئىزدەش قارارىغا كەلدى.


    ئۇلار تاغ باغرىدىكى پادىچىلاردىن، ئۆتكۈنچى سودىگەرلەردىن، سەھرادىكى دېھقانلار ۋە شەھەر ــ بازار ئاھالىلىرىدىن سۈرۈشتۈردى. ئۇلارنىڭ ئوغلى يۈتۈپ كەتكىلى بەك ئۇزۇن بولغاچقا، ھېچكىم ئەھۋالنى ئېنىق ئۇقمايتتى؛ ئوغلىمۇ ئۆزىنىڭ ئىسمى ۋە يۇرتنىڭ نامىنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ئۇلار يىغلاپ ــ قاقشاپ، ئاخىرى ئۈمىد ئۈزدى.


    ئۇزۇن ئۆتمەي پۇلمۇ تۈگىدى. ئۇلار قورۇققا قايتىپ مېھمانخانىدا ئىشلەمچى بولۇپ، ئەڭ مەينەت ئىشلارنى قىلدى، ئاشقان ــ تاشقان تاماقلارنى يەپ، يەردە ياتتى. لېكىن زىيادە چارچاپ، ماغدۇرسىزلىنىپ كەتكەچكە، ھېچكىم ئۇلارغا ئىش قالدۇرمىدى. ئۇلار ئامالسىز يول بويىدا ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇلار بىچارىلەرچە قىياپەتتە ئۆزلىرىگە يېقىنلاشقان ۋە يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارغا قول تەڭلەيتتى. ئېتىزلاردىكى دەرەخ تۈۋىدە چۈشلۈك تاماق يەۋاتقان ئورمىچىلاردىن بولكا تىلەيتتى، ئاندىن ئېرىق بويىدا جىمجىت ئولتۇرۇپ يەيتتى.


    بىر كۈنى، ئۇلار بىر مېھمانخانا خوجايىنىغا دەرد تۆكۈپ بەردى. خوجايىن ئۇلارغا:
    ــ مەن قىزىنى يۈتۈرۈپ قويغان بىر كىشىنى تونۇيتتىم، كېيىن ئۇ پارىژغا بېرىپ قىزىنى تېپىپتۇ،ــ دېدى.


    ئۇلار شۇئانلا پارىژغا قاراپ يول ئالدى.


    ئۇلار بۇ شەھەرگە دەسلەپ كەلگەندە، بۇ شەھەرنىڭ بۇنداق چوڭلۇقىدىن، كوچىدا كېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ شۇنچە كۆپلۈكىدىن بەكلا ھەيران قالدى. ئۇلار ئوغلىنىڭ ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى، ئەمما قانداق ئىزدەشنى بىلمەيتتى. يەنە كېلىپ ئوغلىنى تاپقان تەقدىردىمۇ، ئۇنى تونۇيالماسلىقىدىن ئەنسىرەيتتى. چۈنكى ئۇلار ئوغلىنى كۆرمىگىنىگە ئون بەش يىل بولغان ئىدى. ئۇلار بارلىق مەيدان، كوچىلارنى ئارىلىدى. ئادەم توپلاشقانلىكى جايغا ئۈمىدلىك كۆزلىرىنى تىكىپ، تەڭرىنىڭ تاسادىپىي پۇرسەت يارىتىپ، ئوغلى بىلەن ئۇچراشتۇرۇشىنى تىلىدى.


    ئۇلار بىر بىرىگە يار ــ يۆلەك بولۇپ، ئالغا قاراپ مېڭىۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ تۇرقىدىن ئېيتقۇسىز مىسكىنلىك، شۇقەدەر بىچارىلىك چىقىپ تۇراتتى. ئۇلار سەدىقە تىلىمىگەن تەقدىردىمۇ، يەنىلا سەدىقە بېرىدىغانلار چىقاتتى.


    ئۇلار ھەر يەكشەنبە چېركاۋ دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرۇپ، كىرىپ ــ چىقىۋاتقان كىشىلەرنى كۆزىتەتتى. ھەر بىر چىرايدىن ئايرىلغىلى ناھايىتى ئۇزاق بولغان ئوغلىنىڭ بىرەر  ئالاھىدىلىكىنى ئىزدەيتتى. بىر نەچچە قېتىم ئوغلىنى تونۇغاندەك قىلسىمۇ، ھەر قېتىم ئوغلى ئەمەس بولۇپ چىقتى.


    ئۇلار ھەمىشە بارىدىغان چېركاۋنىڭ ئالدىدىكى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان بوۋاي بىلەن دوست بولۇپ قالدى. ئۇ نۇرغۇن ئىسسىق ــ سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرگەن كىشى بولغاچقا، ئۇلارنىڭ دەردىگە يېتەتتى. شۇ سەۋەبتىنمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا چوڭقۇر مېھرى ــ مۇھەببەت شەكىللەندى. كېيىن ئۇلار ئۈچى دەرگۇمان بولۇشۇپ يۈرمەي، بىنانىڭ ئۈستىدىكى بىر ئەبجەق ئۆيدە بىللە تۇردى. بۇ تۇرالغۇ خىلىلا يىراق بولۇپ، ئېتىزلىق بويىغا يېقىنلا جايدا ئىدى. بوۋاي ئاغرىپ قالغان چاغلاردا، ھارۋىكەش ئۇنىڭ ئورنىدا چېركاۋنى سۇ بىلەن تەمىنلىدى. قىش كەلدى، بۇ يىل قىش جاندىن ئۆتكۈدەك سوغۇق بولدى. سۇ دېسى بىلەنلا ئۈلپەت بولۇپ ئۆتكەن غېرىب بوۋاي ئۆلۈپ كەتتى. بۇ رايونغا باش بولۇپ كېلىۋاتقان پوپ ھارۋىكەشنىڭ بەختسىزلىكىنى بۇرۇنلا بىلىدىغان بولغاچقا، ئۇنى بوۋاينىڭ ئورنىغا بەلگىلىدى.


    شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ ھەر كۈنى تاڭ ئېتىشى بىلەنلا كېلىپ، ئوخشاش بىر جاي، ئوخشاش بىر ئورۇندا ئولتۇرۇپ، دۈمبىسىنى ئۆزى يۆلىنىۋالغان تاش تۈۋرۈككە سۈركەپ، تۈۋرۈككىمۇ ئىز چۈشۈرىۋەتتى. ئۇ كىرىۋاتقان ھەر بىر ئەرگە ئوۋغا تىكىلگەن قارچىغىدەكلا تىكىلەتتى، ئۇ خۇددى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوخشاش يەكشەنبىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتەتتى. چۈنكى، ئاشۇ كۈنىلا بۇ چېركاۋ ئايىغى ئۈزۈلمەس ئىبادەت قىلغۇچىلارنى كۈتۈۋالاتتى.


    ئۇ قېرىپ كەتتى، چېركاۋ گۈمبىزى ئۇنى مۈكچەيتىپ قويۇۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۈمىدىمۇ ئاستا ــ ئاستا كۆپۈككە ئايلاندى.


    ئۇ ئىبادەت قىلغىلى كېلىدىغان بارلىق كىشىلەرنى تونۇپ بولدى. ئۇلارنىڭ كېلىدىغان ۋاقتى، مىجەز ــ خاراكتېرىنى بىلىۋالدى، ھەتتا ئۇلار تاش تاختاي ئۈستىدە ماڭغاندا چىقىرىدىغان ئاياغ تىۋىشىنىمۇ پەرقلەندۈرەلەيدىغان بولۇپ كەتتى.
    ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇق ھالىتى شۇ دەرىجىدە تارىيىپ كەتكەن ئىدىكى، بىرەر ناتونۇش ئادەمنىڭ چېركاۋغا كىرىشىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى زور ئۈمىدتىن دېرەك بېرەتتى. بىر كۈنى بىر ياشانغان، بىر ياش ئىككى ئايال كەلدى، قارىماققا ئۇلار ئانا بىلەن قىزدەك كۆرۈنەتتى. ئۇلارنىڭ كەينىدىن بىر يىگىتمۇ كەلدى. چىقىپ كېتەر ۋاقتىدا ئۇ ئۇلارغا ئېھتىرام بىلدۈردى. سۇ بېرىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە ھېلىقى موماينى يۆلىۋالدى.


    «ھېلىقى يىگىت چوقۇم قىزنىڭ بولغۇسى ئېرى» ھارۋىكەش كۆڭلىدە مۇشۇنداق ئويلىدى.


    ئۇ تاكى كەچ كىرگىچە ئويلىدى: ئىلگىرى بىر يەردە مۇشۇ يىگىتكە ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىرىنى كۆرگەندەكلا ئىدى. لېكىن ئۇ ئەسلىمەمدىكى  كىشى ھازىر ئاللىبۇرۇن قېرىپ كەتتى دېگەنلەرنى ئويلىدى. چۈنكى ئۇ كىشى ھارۋىكەشنىڭ يۇرتىدىكى تونۇشىدەكلا بىلىندى. ئۇ چاغلاردا ھارۋىكەش تېخى ياش ئىدى.


    ھېلىقى يىگىت شۇنىڭدىن كېيىن ھەمىشە ئىككى ئايالغا ھەمراھ بولۇپ چېركاۋغا كېلىدىغان بولدى. بۇ سۇس سىما ھەم بەك يىراق، ھەم بەكلا تونۇش تۇيۇلماقتا ئىدى، لېكىن ئۇ زادىلا ئەسلىيەلمەي، مېڭىسىمۇ چىڭقىلىپ كەتتى. ئۇ ئايالىنى چاقىرىپ، بۇ سىمانى ئەسلەشكە تىرىشتى.


    بىر كۈنى كەچ قاراڭغۇ چۈشەي دېگەندە، ھېلىقى ئۈچ ياقا يۇرتلۇق يەنە كەلدى. ئۇلار ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ھارۋىكەش:
    ــ قانداق؟ سىز تونۇيالىدىڭىزمۇ؟ــ دەپ سورىدى.


    ئايالى جىددىيلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەسلەشكە تىرىشىۋاتاتتى. ئۇ تۇيۇقسىزلا پەس ئاۋازدا:
    ــ شۇ... شۇدەك تۇرىدۇ. شۇغىنىسى چېچى قارىراق، بويى ئېگىزرەك، ئۆزى سەل بەستلىك كۆرۈنۈۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۆتىۋەرلەردەك كېيىنىۋاپتۇ. لېكىن، دادىسى! سىز كۆردىڭىزمۇ؟ ئۇ سىزنىڭ ياش چاغلىرىڭىزغا ئوخشايدىكەن،ــ دەپ جاۋاب بەردى.


    بوۋاي ھاياجانلانغىنىدىن سەكرەپ كەتتى.


    دەرۋەقە بۇ يىگىت ئۇنىڭغا ئوخشايتتى، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن ئىنىسىغىمۇ، ئۆزى كىچىك ۋاقتىدا كۆرگەن دادىسىغىمۇ ئوخشايتتى. ئۇلار ھاياجاندىن گەپمۇ قىلالمىدى. ھېلىقى ئۈچەيلەن چېركاۋدىن چىقىپ، قايتماقچى بولۇۋاتاتتى. يىگىت داسقا قول سۇنغان مىنۇتلاردا، بوۋاينىڭ قوللىرى قاتتىق تىترەپ، سۇنى خۇددى يامغۇر كەبى يەرگە سېپىۋەتتى. ئۇ ئۈنلۈك ئاۋازدا:
    ــ سىز جونمۇ؟ــ دەپ سورىدى.


    ھېلىقى يىگىت قەدىمىنى توختىتىپ، ئۇنىڭغا تىكىلدى.


    بوۋاي يەنە بىر قېتىم پەس ئاۋازدا:
    ــ سىز جونمۇ؟ــ دەپ سورىدى.


    ئىككى ئايال مەڭدىگىنىچە بوۋايغا قاراپ تۇرۇپلا قالدى.


    شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۈچىنچى قېتىم تېخىمۇ پەس ئاۋازدا:
    ــ سىز جونمۇ؟ــ دەپ سورىدى.


    يىگىت ئىگىلىپ تۇرۇپ، بوۋاينىڭ چىرايىغا سەپسالدى. بالىلىق ئەسلىمىلىرى ئۇنىڭ قەلبىنى ۋاللىدە يورۇتىۋەتتى. ئۇ جاۋابەن:
    ــ پىيەررى دادا، جە ياننا ئانا! ــ دەپ ۋارقىرىدى.


    ئۇ دادىسىنىڭ فامىلىسى ۋە يۇرتىنىڭ نامىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما سانسىز قېتىم تەكرار چاقىرغان «پىيەررى دادا، جە ياننا ئانا!» نى ئېسىدە چىڭ تۇتقان ئىدى.


    ئۇ تىزلىنىپ دادىسىنىڭ ئايىغىغا باش قويدى. ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ دادىسى بىلەن ئانىسىنى توختىماي قۇچاقلايتتى، سۆيەتتى. بوۋاي ۋە مومايمۇ كۆز يېشى قىلىشتى.


    ئىككى ئايالمۇ يىغلىدى، ئۇلار چوڭ بىر خۇشاللىقىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى چۈشەنگەن ئىدى.


    شۇنداق قىلىپ ھەممەيلەن يىگىتنىڭ تۇرالغۇسىغا قاراپ يول ئالدى. ئۇ ئاتا ــ ئانىسىغا بېشىدىن كەچۈرگەن قىسمەتلەنى سۆزلەپ بەردى.


    ھېلىقى ناكەس سەنئەتكار ئۇنى ئالداپ قاچقان ئىكەن. دەسلەپكى ئۈچ يىلدا ئۇ ئاشۇلارغا ئەگىشىپ نۇرغۇن جايلارغا بېرىپتۇ. كېيىن ئۇلار توزۇپ كېتىپتۇ. بىر كۈنى بازاردا بىر موماي ئۇنىڭ ئوماقلىقىنى كۆرۈپ، پۇل چىقىرىپ ئۇنى ئېلىپ قاپتۇ. ئۇ بەك ئەقىللىق بولغاچقا، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپتۇ. موماينىڭ پەرزەنتى بولمىغاچقا، ئۇ موماينىڭ ئائىلە بېساتىغا ئىگىدارچىلىق قىپتۇ. ئۇمۇ ئاتا ــ ئانىسىنى ئىزدىگەن بولسىمۇ، لېكىن «پىيەررى دادا، جە ياننا ئانا» دىن باشقا ھېچقانداق ئۇچۇر ئېسىدە بولمىغاچقا، ھەر قانچە ئىزدەپمۇ تاپالماپتۇ. ھازىر ئۇ توي قىلماقچى ئىكەن. ئۇ بولغۇسى ئايالىنى ئاتا ــ ئانىسىغا تونۇشتۇردى، ئۇ قىز ھەم چىرايلىق ھەم ئاقكۆڭۈل ئىدى.


    بوۋاي بىلەن مومايمۇ ئۆزلىرى چەككەن ئازاب ــ ئوقۇبەتلەرنى سۆزلەپ، ئوغلىنى باغرىغا باستى. شۇ كۈنى كەچ ئۇلار تۈن يېرىمىغىچە مۇڭداشتى. خۇددى شۇنچە ئۇزۇن يوقىتىپ قويغان بەخت ئۇخلاپ ئويغانسىلا يەنە ئۇلارنى تاشلاپ كېتىدىغاندەك ھېچكىممۇ ئۇخلاشقا پېتىنالمىدى.


    لېكىن كاج تەقدىرنىڭ يەنە ئۇلارغا يېپىشىۋالغۇدەك ماجالى بولمىغاچقا، ئۇلار تاكى ئۆلگىچە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈردى.
     

     

    «خەلق ئەدەبىياتى» نەشىرىياتى 2010 ــ يىلى 1 ــ ئايدا  نەشىر قىلغان «مۇپاسسان ھېكايىلىرىدىن تاللانما» دىن تەرجىمە قىلىندى.
     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مۇپاسسان تارخان