باھا ئۆرلەيدىكەن - ئەزىز نەسىن(تۈركىيە)

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-02-11 20:21:34

باھا ئۆرلەيدىكەن ئەزىز نەسىن خەمىت كەنجى تەرجىمىسى تۈنۈگۈن بىزنىڭ ئۆيگە بىر مېھمان كەلگەنىدى. پاراڭلىشىش ئارىلىقىدا: ـ سىلەرنىڭ ئۆيدە چاقماق قەنت بارمۇ؟ ـ دەپ سوراپ قالدى.ـ بار، تۈنۈگۈن بىر كىلو...

      باھا ئۆرلەيدىكەن

    ئەزىز نەسىن

    خەمىت كەنجى تەرجىمىسى


      

    تۈنۈگۈن بىزنىڭ ئۆيگە بىر مېھمان كەلگەنىدى. پاراڭلىشىش ئارىلىقىدا:

    ـ سىلەرنىڭ ئۆيدە چاقماق قەنت بارمۇ؟ ـ دەپ سوراپ قالدى.

    ـ بار، تۈنۈگۈن بىر كىلوگرام ئالغانىدۇق.

    ـ سىلەر ھەقىقەتەن ئەخمەق ئىكەنسىلەر. بىر نەچچە كىلوگرام نېمىگە يېتىدۇ؟ ئاڭلىشىمچە يېقىندا چاقماق قەنتنىڭ باھاسى بىر ھەسسە ئۆرلەيدىكەن، بىر نەچچە خالتا ئېلىپ جىقراق بېسىپ قويۇش كېرەك.

     

    ئۇنىڭ سۆزى ئەمدىلا ئاخىرلىشىپ تۇرۇشىغا يەنە بىر تونۇش كىشى كىرىپ كەلدى.

    ـ سىلەر كىرسىن ئالدىڭلارمۇ؟ ـ دەپ سورىدى ئۇمۇ.

    ـ ھازىرچە بىرئاز بار.

    ـ ئاڭلىغان گەپلەردىن قارىغاندا، بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن كىرسىن تاپقىلى بولمايدىكەن. سىلەر نېمە ئۈچۈن جىقراق ئېلىۋالمايسىلەر؟ ھېچ بولمىغاندا كىرسىندىن ئون ـ يىگىرمە تۇڭ ئېلىپ ساقلاپ قويۇش كېرەك ئەمەسمۇ.

     

    ئىككىنچى كۈنى يەنە بىر تونۇش كىشى كىرىپ:

    ـ سىلەر چاي ئېلىۋالدىڭلارمۇ ـ يوق؟ ـ دەپ سورىدى.

    ـ بىر بولاق ئېلىۋالغان.

    ـ بىر بولاق نېمىگە دال بولىدۇ؟ دەرھال بېرىپ ئەللىك ـ ئاتمىش بولاق ئېلىۋېلىڭلار! بىر ھەپتىدىن كېيىن ئالىمەن دەپمۇ تاپالمايسىلەر.

     

    يېقىن بىر دوستۇممۇ ماڭا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا دېدى:

    ـ سەن دادۇرنى بىلىدىغانسەن... چاققان بېرىپ سەككىز ـ ئون تاغار ئېلىۋالغىن. ئاڭلىشىمچە، بىر ـ ئىككى كۈندىن كېيىن دادۇرنىڭ باھاسى ئۆرلەيدىكەن.

     

    بۇ چاغدا ئۆيگە يەنە بىر قوشنىمىز كىرىپ كەلدى، ئۇمۇ:

    ـ سىلەردە سوپۇن بارمۇ؟ ـ دەپ سورىدى.

    ـ ئېھتىمال بىر ـ ئىككى توقاش بارغۇ دەيمەن.

    ـ ھەي سىلەر جاھاندا بولۇۋاتقان ئىشلاردىن خەۋەرسىز ئىكەنسىلەر. كىشىلەر ھازىر دۇكانلاردىن سوپۇننى تالىشىپ سېتىۋېلىۋاتىدۇ!

     

    يەنە بىر قوشنام كىرىپ ئۇمۇ شۇنداق دېدى:

    ـ سەن ئىلاجى بار بىر ئاز زەيتۇن مېيى ئېلىۋېلىشنىڭ چارىسىنى قىلساڭ بولارمىكىن. بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە، يېقىندا زەيتۇن مېيىنىڭ باھاسى ئۆرلەيدىكەن. ھازىرلا بېرىپ بىر نەچچە تۇڭ ئېلىپ بېسىپ قويغىن.

     

    ئەگەر مەن دوست ـ ئاغىنىلىرىمنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىۋېرىدىغان بولسام، ئۇ چاغدا مېنىڭ بۇ كىچىككىنە ئۆيۈم يېمەك ـ ئىچمەك ئىسكىلاتىغا ئايلىنىپ قېلىپ، بىزگە مېھمانخانىغا بېرىپ ياتماقتىن باشقا ئامال قالمايدۇ دەڭلار. ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن چىققان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىدە «ئېلىپ قوي»، «بېسىپ قوي»دىن باشقا گەپ يوق. بىر ـ ئىككى كىلوگرام ئېلىۋالغىن، دېسە كىمنىڭ دەردى، ھەممىسىلا «تاغارلاپ»، «يەشىكلەپ» سېتىۋال، دېيىشىدۇ.

     

    ئەمما شەپقەتلىك ئاللا مېنى بۇ ئىشنى دەپ گۇناھكار بولۇشتىن ساقلاپ قالدى. چۈنكى بىزدە ئۇنچىلىك كۆپ نەرسىنى سېتىۋالغۇدەك پۇلمۇ يوق. بىز ئەزەلدىن سەرلەپ، گراملاپ ئېلىپمۇ ئوخشاش تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەنغۇ. ئەگەر بىر كىم يەنە، چاقماق قەنت ئالدىڭلارمۇ؟ دەپ سورىسا «ئالدۇق، ھەممىسى كارىۋاتنىڭ ئاستىدا...»دەيمەن، يەنە بىرەرى «سىلەرنىڭ ئۆيدە كىرسىن بارمۇ؟» دەپ سورىسا، «بار، يۈز كىلوگرام ئالدۇق» دەيمەن.  «چايدىنچۇ؟» دېسە، ئىككىلەنمەيلا «ئۆزىمىزگە يەتكۈدەك يۈز بولاق ئالدىم» دەيمەن.

     

    ئەمىلىيەتتە، بەزى كىشىلەر «باھا ئۆرلەيدىكەن» دېگەننى ئاڭلىسىلا، نېمە بولۇشى بىلەن كارى بولماستىن، ئالمان ـ تالمان بېرىپ دۇكانلاردىكى نەرسىلەرنى بۇلاپ ـ تالاپ قۇپقۇرۇق قىلىپ قويۇشىدۇ.

     

    ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، مەنمۇ ھازىر شەخسىي «ئىسكىلاتى» يوق مۈلۈكدارغا ئايلىنىپ قالدىم، «باھا ئۆرلەيدىكەن» دېگەنگە  تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يەنە چارە تەدبىرلەرنىمۇ قوللاندىم: يەرنىكويەدىن خالىدكۇياغا بارىدىغان نۆۋەتچى ئاپتوبوبىلغا ئولتۇرۇپ ئۇياقتىن ـ بۇياققا، بۇياقتىن ـ ئۇياققا بىر كۈن كەچكىچە يۈردۈم. تۈنۈگۈنمۇ ئۇلار ئىشتىن چۈشكۈچە ئولتۇرغانىدىم. بىر چاغدا بېلەت ساتقۇچى يېنىمغا كېلىپ:

    ـ كەچۈرۈڭ، بۇ بىزنىڭ سەككىزىنچى قېتىم قاتنىشىشىمىز بولىدۇ، سىز يەنىلا چۈشمەي ئولتۇرىسىزغۇ؟ سىز زادى قايسى بېكەتتە چۈشىسىز؟ ـ دەپ سورىدى.

    ـ مەن سىلەر ئىشتىن چۈشكەنگە قەدەر ئولتۇرىمەن، - دېدىم مەن.

    ـ نېمە ئۈچۈن؟

    ـ سىز بۇ گەپنى بىراۋغا ئېيتىپ سالماڭ. ئاڭلىشىمىزچە، يېقىندا ئاپتوموبىل بېلىتىنىڭ باھاسى ئۆرلەيدىكەن... شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئاپتوموبىل بېلىتىنىڭ باھاسى ئۆرلىمەستە راھەتلىنىپ بىر نەچچە قېتىم جىقراق ئولتۇرۇۋالاي دېگەنىدىم.

     

    (خەنزۇچە «چەت ئەل ھېكايىلىرىدىن تاللانما» ژۇرنىلىنىڭ 1987 - يىل 11 - سانىدىن)

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.