ئوسكارنىڭ بىلگۈسى كېلىدۇ(مېيىك كۇئىن)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-26 21:56:00

ئوسكارنىڭ بىلگۈسى كېلىدۇ مېيىك كۇئىن (ئامېرىكا) ئابلىمىت ئىبراھىم تەرجىمىسى فانكارس فىنكباتون ئەپەندى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان دىۋاندا راھەتلىنىپ ئولتۇرۇپ، كۆزەينىكىنى تاقىدى ـ دە، شۇ كۈنلۈك كەچ...

    ئوسكارنىڭ بىلگۈسى كېلىدۇ

    مېيىك كۇئىن (ئامېرىكا)

     ئابلىمىت ئىبراھىم تەرجىمىسى

        فانكارس فىنكباتون ئەپەندى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان دىۋاندا راھەتلىنىپ ئولتۇرۇپ، كۆزەينىكىنى تاقىدى ـ دە، شۇ كۈنلۈك كەچلىك گېزىتىنى ئوقۇشقا باشلىدى.
        ـ دادا، ـ دېدى ئوسكار ئۇنىڭغا، ـ پۇرسەت دېگەن نېمىدېگەن گەپ؟
       ـ ماڭ، بېرىپ ماشىناڭنى ئوينىغىنا، ماڭا كاشىلا قىلماي، ـ دېدى فانكارس.
       ـ بالىنىڭ سورىغىنغا جاۋاب بەرمەمسىز، ـ دېدى فىنكباتون خېنىم. ـ ئۇ سىزنىڭ ئوغلىڭىز ھەم ۋارسىڭىز، ئۇنىڭغا مۇنداق گەپ قىلسىڭىز بولمايدۇ.
        ـ ئۇنى نېمىشقا بۇنداق كىيىندۈرۈپ قويدۇڭ؟ ـ دېدى فانكارس ئەپەندى، ـ ئۇنىڭغا قارىساملا ئىچىم پۇشۇدۇ.
        ئوسكار ئۇچىسىغا فورلېرلوگېرتسوگچە پاسوندا تىكىلگەن بىر قۇر كىيىم كىيىۋالغان، ئالغاي كۆزلىرىگە يوغان بىر كۆزەينەك تاقىۋالغانىدى.
        ـ ئۇنداق دېگىنىڭىز بىلەن، ئۇ مۇشۇ كىيىمىنى كىيسە، خەقنىڭ بالىلىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ، ـ دېدى فىنكباتون خېنىم، ـ سىز ئۇنىڭ بىلەن پەخىرلەنسىڭىز بولىدۇ.
       ـ دادا، ـ دېدى يەنە ئوسكار، ـ پۇرسەت دېگەن نېمە؟
       ـ پۇرسەت دېگەن پۇل تاپىدىغان ئامەت! بولدى. ماڭ، ئويۇنىڭنى ئوينا، ـ دېدى فانكارس ئەپەندى ئوغلىغا.
        ـ دادا، سەن پۇلنى قانداق تاپىسەن؟ ـ دەپ يەنە سورىدى ئوسكار.
        ـ سۇئالىغا جاۋاب بېرىڭا، ـ دېدى فىنكباتون خېنىم، ـ بالىنىڭ بىلگۈسى كېلىدۇ ئەمەسمۇ.
        ـ مەن سودىگەرچىلىك قىلىپ پۇل تاپىمەن، ـ فانكارس ئەپەندى گېزىتتىن بېشىنى كۆتۈرمەيلا جاۋاب بەردى.
       ـ دادا، كىملا بولسا سودىگەرچىلىك قىلسا بولامدۇ؟
       ـ ئەلۋەتتە بولىدۇ.
       ـ ئادەملەرنىڭ ھەممىسى سودىگەرچىلىك قىلسا، ھەممىسى خوجايىن بولامدۇ؟
       ـ ھەئە، ئوغلۇم، ئەگەر ھەممىسى سودىگەرچىلىك قىلسا، ھەممىسى خوجايىن بولىدۇ.
       ـ ئۇنداق بولسا، ئىشنى كىم قىلىدۇ، دادا؟
       ـ خۇدا ھەققى، ئامېلىيە، بالىنى ئەچىقىپ ئۇنىڭغا ئويۇنچۇق پىلنى ئويناتقىنا. مەن دېۋېنىڭ نۇتىقىنى كۆرۈپ باقاي دېگەنىدىم.
        ـ سوئالىغا جاۋاب بېرىڭ، ئۇنىڭ، ـ دېدى فىنكباتون خېنىم، ـ ئۇنىڭ بىلگۈسى كېلىدۇ ـ دە،
        ـ ئونداق بولسا، ئىشنى كىم قىلىدۇ، دادا؟ ـ دەپ يەنە سورىدى ئوسكار.
        ـ ھەممە ئادەمنىڭ سودىگەرچىلىك قىلىشى مۈمكىن ئەمەس، ـ دېدى فانكارس، ـ ئۇنداق قىلىش مۈمكىن ئەمەس.
       ـ ئۆزەڭ بولىدۇ دېگەنىدىڭىغۇ، ـ دېدى ئوسكار.
        ـ مەن ئۇنداق دېمىدىم.
        ـ دېدىڭىزغۇ، ـ دېدى فىنكباتون خېنىم، ـ بالىنىڭ گېپىگە جاۋاب بەرمەمسىز.
       ـ ئۇنداق بولۇشى مۈمكىن ئەمەس.
        ـ نېمىشقا بولمايدۇ، دادا؟
       ـ نېمىشقا دېسەڭ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پۇلى بولسا، ھەممىسى سودىگەرچىلىك قىلسا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خوجايىن بولالامدۇ؟
        ـ ئەلىۋەتتە قىلالايدۇ.
       ـ ئۇنداق بولسا، ئۇلارنىڭ ھەممسىنىڭ پۇلى بولسا، ھەممىسى خوجايىن بولالامدۇ؟
       ـ ھەئە، ھەممىسى خوجايىن بولالايدۇ. ـ ئامېلىيە، ئەمدى بالىنى ئەچىقىپ ۋېلىسىپىت ئويناتقىن، ماڭ، بولمىسا ئۇنى بوغۇپ قويىمەن.
       ـ بالىنىڭ گېپىگە جاۋاب بېرىڭ، فانكارس، ئۇ بىلىمگە تەشنا.
       ـ ئىشنى كىم قىلىدۇ، دادا؟ ـ دەپ سورىدى ئوسكار يەنە.
        ـ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خوجايىن بولۇشى مۈمكىن ئەمەس، ـ دېدى فانكارس ئاچچىقلىنىپ.
       ـ پۇلى بولسىلا بولمايدۇ، ـ دېدى فانكارس، ـ ئىش قىلىدىغانمۇ ئادەم بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىلىدىغان سودىگەرچىلىك ئىشلىرىمۇ چەكلىك.
       ـ قانچە ئادەم خوجايىن بولالايدۇ. دادا؟
       ـ ھىم، مىڭ ئادەم ياكى بەش يۈز ئادەم ئىچىدىن بىر ـ ئىككىسى بولۇشى مۈمكىن، شۇنى بىلىشىڭ كېرەككى، بالام، ئەگەر ئىشچىلىرىڭ بولمىسا خوجايىن بولالمايسەن. شۇڭا ھەر بىر خوجايىننىڭ ئوندىن ـ يۈزگىچە ياكى مىڭغىچە ئىشچىسى بولۇشى كېرەك،
       ـ سېنىڭ قانچە ئىشچىڭ بار، دادا؟
        ـ ھىم، بىزنىڭكى چوڭ بىر شىركەت. ئوسكار، بىزدە ئون مىڭ ئىشچى بار.
        ـ ئۇنداق بولسا، جىق ئادەملەرگە پۇرسەت يوق ئىكەن دە، شۇنداقمۇ، دادا؟
        ـ نېمىلەرنى دەۋاتىسەن! ئامېرىكىدا ھەممە ئادەم ئۈچۈن ئوخشاش پۇرسەت بار.
        ـ لېكىن، دادا، ئازغىنا ئادەملەر خوجايىن بولالىسا. قالغان ئادەملەر قانداق قىلىدۇ؟
       ـ ئەگەر ئۇلارنىڭ ئىگىلىك يارىتىش قابىلىيىتى بولسا، ئۇلارمۇ خوجايىن بولالايدۇ.
        ـ ئۆزەڭ ئازغىنا ئادەملەر خوجايىن بولالايدۇ، جىقى ئىشچى بولىدۇ، دېدىڭغۇ، دادا.
        ـ بولدى، بولدى، بېرىپ قىزىق كىتابلىرىڭنى كۆرە.
        ـ ئەمىسە، جىق ئادەملەر ئىشچىلا بولۇپ، خوجايىن بولغۇسى كەلسىمۇ بولالمايدىكەن ـ دە، شۇنداقمۇ دادا؟
       ـ بولالايدۇ... ياق ، مېنىڭچە بولمايدۇ. كاللاڭغا بۇ ئوي نەدىن كەپقالدى. بالام؟
       ـ ئۇنداق بولسا، جىق ئادەملەر ئىشچى بولۇپ يۈرىۋەرسە ھېچقانداق پۇل تاپالمايدىكەن ـ دە، شۇنداقمۇ؟
       ـ ھەئە، ئەگەر ئۇلار ئىشلەپ يېتەرلىك پۇل تاپسا... ئەگەر... ئامېلىيە، بالىنىڭ ئۇخلايدىغان ۋاقتى بولدىغۇ دەيمەن؟
        ـ ئەگەر جىق ئادەملەر ئىشچى بولسا، ئۇلار پەقەت ئىش ھەققى ئېلىش يولى بىلەنلا پۇل تاپالايدىكەن ـ دە، توغرىمۇ دادا؟ ـ دەپ سورىدى ئوسكار.
        ـ ئامېلىيە، ـ دەپ توۋلىدى فانكارس، ـ بۇنى كىچىك بالا دېسە ئىشەنمەيمەن. بۇ بالا ئەمەس بالا ئىكەنغۇ، ئەگەر بۇ مېنىڭ بالام بولمىغان بولسا...
       ـ ئۇنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرسىڭىزچۇ، ـ دېدى فىنكباتون خېنىم، ـ بالىنىڭ بىلگۈسى كېلىدۇ، ئۇ بىلىمگە ئىنتىلىدۇ ـ دە.

     

     («مىكرو ھېكايىلەر»دىن)

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 11:12:34]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق