بوشلۇقتىكى سېھىرگەرلىك-ئا. تاراسكىن(سوۋېت ئىتتىپاقى)

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-02-11 20:23:07

بوشلۇقتىكى سېھىرگەرلىكئا. تاراسكىن(سوۋېت ئىتتىپاقى)توختى مەھمۇت تەرجىمىسى ئىش ئۈستىلىدە ھۈججەتلەر دۆۋىلىنىپ كەتكەنىدى. باشلىق ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىر پارچە دوكلاتنى ئېلىپ ئىمزا قويماقچى بولۇپ...

    بوشلۇقتىكى سېھىرگەرلىك
    ئا. تاراسكىن(سوۋېت ئىتتىپاقى)
    توختى مەھمۇت تەرجىمىسى

       ئىش ئۈستىلىدە ھۈججەتلەر دۆۋىلىنىپ كەتكەنىدى. باشلىق ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىر پارچە دوكلاتنى ئېلىپ ئىمزا قويماقچى بولۇپ سەل ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدى. ئاندىن ئۇنى يەنە ھۈججەتلەر ئارىسىغا تىقىۋەتتى.
       ئۇ يەنە بىر ھۈججەتنى ئالدى، لېكىن ئۇنىڭدىمۇ ئارىسالدى بولۇپ قالىمىنى تۇتقىنىچە تۇرۇپ قالدى... ئۇ تېلېفون تۇرۇپكىسىنى ئېلىپ، نۇمۇرنى ئايلاندۇردى.
       ـ سېميون سېميونوۋېچ! مۇنداق بىر ئىشنى... سىز بىلەن مەسلىھەتلەشمەكچىدىم،  بىر ھۈججەتنى دەرھال تەستىقلاشقا توغرا كېلىۋاتىدۇ. ئۆزۈم بىر تەرەپ قىلىۋېرەيمۇ؟ بولىدۇ، چۈشەندىم.
       شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھۈججەتنى قولىغا ئالدى... بىراق يەنىلا ھۈججەتنى بىر تەرەپكە سۈرۈپ قويدى. بۇ چاغدا، توساتتىن: «پېتر نىكولايىۋىچ! كىرىشكە بولامدۇ؟» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.
       ئۇ ئىشىك تەرەپكە قاراپ ھېچكىمنىڭ كىرمىگەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، سۆزلىشىش ئاپپاراتىنىڭ كونۇپكىسىنى باستى:
       ـ تامارا ئىۋانوۋنا! مەن ئىنتايىن ئالدىراش، ھېچكىمنى كىرگۈزمەڭ!
       ئاپپاراتتىن: «پېتر نىكولايىۋىچ، خاتىرجەم بولۇڭ، ئىشخانىڭىزغا چاشقاننىمۇ كىرگۈزمەيمەن!»دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.
       پېتر نىكولايىۋىچ قولىغا ئەمدىلا ھۈججەت ئېلىۋىدى. ھېلىقى غەلىتە ئاۋاز يەنە تەكرارلاندى:
       ـ پېتر نىكولايىۋىچ!
       ئۇ ساراسىمىگە چۈشكەن ھالدا ئەتراپىغا قاراپ، ئىۋانوۋنىڭ دېرىزىنىڭ رامىغا ئېسىلىپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. پېترنىكولايىۋىچ ئالدىراپ ـ تېنەپ دېرىزە تۈۋىگە كەلدى.
       ـ ئىۋانوۋ، نېمە قىلىۋاتىسەن؟
       ـ دېرىزىڭىزگە ئېسىلىپ قالدىم، پېترنىكولايىۋىچ! مەن سىز بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەنتىم. مېنىڭ دوكلاتىمنىڭ ئالدىڭىزدا بېسىلىپ تۇرۇۋاتقىنىغا ئۈچ ئاي بولدى.
       ـ ساراڭ بولدۇڭمۇ! چاپسان ئۈستىگە چىق! بۇ دېگەن يەتتىنچى قەۋەت، چۈشۈپ كەتسەڭ كۇكۇم ـ تالقان بولىسەن!
       ـ ياق، پېترنىكولايىۋىچ، ھۈججەتكە قول قويۇپ بەرمىگىچە ھەرگىز كىرمەيمەن.
       ـ سەن ھەممە ئىشنى شۇنچە ئاسان دەپ ئويلامسەن... مەنغۇ تەستىقلاۋېرىمەن، بىراق ئۇنىڭغا كىم مەسئۇل  بولىدۇ؟
       ـ كىم تەستىقلىسا شۇ مەسئۇل بولمامدۇ!
       ـ مەسىلەمانا مۇشۇ يەردە.
       بۇ چاغدا، ئىۋانوۋنىڭ بىر قولى تۇيۇقسىز بوشاپ كېتىپ بىر قولى بىلەن ئېسىلىپ قالدى. ئۇ بوغۇق ئاۋازدا سورىدى:
       ـ مۇشۇ يەردىن چۈشۈپ كەتسەم كىم مەسئۇل بولىدۇ؟
       پېترنىكولايىۋىچ شۇ ھامان تېلېفوننى قولىغا ئالدى:
       ـ رومان ئىۋانوۋىچمۇ سىز؟ ئۇ يوقمۇ؟ بىر ھەپتىدىن كېيىن كېلىدۇ؟ رەھمەت!
       ئۇ تۇرۇپكىنى قويۇپ دېرىزە تەرەپكە قارىدى.
       ـ ئىۋانوۋ؟ بارمۇ سەن؟ بىردەم چىداپ تۇرغىن. مەن ھازىرلا... دەرھال...
       ئىۋانوۋنىڭ يۈزىدىن تەر تامچىلاشقا باشلىدى. لېكىن چىرايىدىن قىلچە قورققانلىق كۆرۈنمەيتتى.
       پېترنىكولايىۋىچ يەنە ئەندىشە ئىچىدە ئالدىراپ تېلېفون بەردى:
      ـ سىميون سىميونوۋىچ! كەچۈرۈڭ، يەنە مەن... ئەرزىمەس بىر ئىش ئۈچۈن سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم! مۇنداق بىر ئىش... ـ بۇ چاغدا ئۇ ئىۋانوۋنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈپ كېتەي دەپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى، ـ تۇتۇۋال، ھاماقەت! ياق، سىزنى دېمىدىم! مەن سىزدىن يوليورۇق سورىماقچىدىم، ئەگەر بىر كىشى مەن تۇرۇۋاتقان يەتتىنچى قەۋەتتىن چۈشۈپ كەتسە، قانچىلىك جاۋابكارلىقنى ئۈستۈمگە ئېلىشىم كېرەك؟ قانچىلىك بەدەل تۆلىشىم لازىم؟ ئېنىق بەلگىلىمە بارمۇ ـ يوق؟ قاتتىق تەدبىر دەمسىز؟ رەھمەت سىزگە!
      ئۇ تۇرۇپكىنى قويۇپ، ئىۋانوۋنىڭ دوكلاتىنى ئىزدەشكە باشلىدى.
       ـ مانا ھازىرلا قول قوياي، قەدىرلىكىم، دەرھال تەستىقلايمەن! ئۇ دېرىزىنىڭ ئالدىغا بېرىپ دوكلاتنى بىر قولى بىلەن ئالدى ـ دە، ئاندىن ئىككى قولى بىلەن ئۇنى قاتلىدى.
       پېترنىكولايىۋىچ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى. ئىۋانوۋ دوكلاتنى يانچۇقىغا سالغاچ، ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويدى ۋە:
       ـ خىزمەت ئۈنۈمىڭىزگە رەھمەت، چىقىۋالغانىدى.
       ـ ۋاسە!
       ـ ئاڭلىدىم! ـ دېدى كران باشقۇرغۇچى كابېنكىدىن بېشىنى چىقىرىپ.
       ـ دەرھال باشقارمىغا بارايلى!
       كران سۇپىسى ئاستا پەسلەپ كەتتى.

        (خەنزۇچە »چەت ئەل ھېكايىلىرىدىن تاللانمىلار» ژۇرنىلىنىڭ 1987 - يىل 3 - سانىدىن)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.