كۆۋرۈك بويىدىكى بوۋاي (ھېمىڭۋاي)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-23 14:59:00

كۆۋرۈك بويىدىكى بوۋاي ھېمىڭۋاي (ئامېرىكا) شۆھرەت مۇھەممىدى تەرجىمىسى ئۈستى بېشى توپا ـ چاڭ، پولات گەردىشىلىك كۆزەينەك تارتقان بىر بوۋاي كۆۋرۈك بويىدا ئولتۇراتتى. بۇ لەيلىمە كۆۋرۈك ئىدى. ھارۋا ـ...

    كۆۋرۈك بويىدىكى بوۋاي

    ھېمىڭۋاي (ئامېرىكا)

    شۆھرەت مۇھەممىدى تەرجىمىسى

     

    ئۈستى بېشى توپا ـ چاڭ، پولات گەردىشىلىك كۆزەينەك تارتقان بىر بوۋاي كۆۋرۈك بويىدا ئولتۇراتتى. بۇ لەيلىمە كۆۋرۈك ئىدى. ھارۋا ـ ماشىنىلار، ئەر ـ ئاياللار، ئۇششاق بالىلار كۆۋرۈكتىن قىستىلىپ ئۆتۈۋاتاتتى. ئەسكەرلەر ئىتتىرىپ كېتىۋاتقان ھارۋىلار ئارقاندەك سوزۇلغانىدى. قاتارسىغا تىزىلىپ ماڭغان يۈك ئاپتوموبىللىرى ئادەملەر توپىدىن ئۈزۈپ ئۆتۈپ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەيتتى. دېھقانلار ئوشۇق چۆككىدەك توپىلىق يولدا ئۇرۇلۇپ ـ سوقۇلۇپ كېتىۋاتتى، بىراق، بۇ بوۋاي قىمىر قىلماي ئولتۇراتتى. ھېرىپ، قەدىمىنى يۆتكىگۈدەك ماجالى قالمىغانىدى. مېنىڭ ۋەزىپەم كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ ئەتراپنى كۆزىتىش ۋە دۈشمەنلەرنىڭ دېرىكىنى ئېلىش ئىدى. ۋەزىپىنى ئورۇنلاپ بولۇپ يەنە كۆۋرۈك بويىغا قايتىپ كەلدىم. بۇ چاغدا ماشىنىلار خېلى سېلىكىپ قالغانىدى. پىيادىلەرمۇ ناھايىتى شالاڭ ئىدى. ئەمما، ئۇ بوۋاي تېخىچىلا جايىدا ئولتۇراتتى.

    ـ نەدىن كەلدىڭىز؟ ـ سورىدىم بوۋاينىڭ ئالدىغا بېرىپ.
    ـ سان كارلوستىن كەلدىم، ئۇنىڭ چىرايىغا دەررۇ كۈلكە يۈگۈردى. سان كارلوس ئۇنىڭ يۈرىكى ئىدى، يۇرتىنى تىلغا ئېلىپ كۆڭۈل خۇشلىقىدا كۈلۈمسىرىگەنىدى.
    ـ ئۇ يەردە مەن ئۆي ھايۋانلىرىنى باقاتتىم، ـ دېدى ئۇ چۈشەندۈرۈپ. ئۇنىڭ گېپىنى تازا چۈشەنمىگەن بولساممۇ، ھە، دەپ قويدۇم.
    ـ شۇنداق، ـ دېدى ئۇ ئارقىدىن، ـ بىلىپ قېلىڭ، مەن. ئۇ يەردە ئۆي ھايۋانلىرىنى باقاتتىم. سان كارلوستىن ئەڭ ئاخىر ئايرىلغان كىشى بولىمەن. قارىماققا ئۆي ھايۋانلىرىنى باقىدىغاندەك كۆرۈنىمەيتتى. توپا ـ چاڭ بېسىپ كەتكەن قارا چاپىنىغا،لاي چاچراپ كەتكەن چىرايىغا، پولات گەردىشىلىك كۆزەينىكىگە قارىغىنىمچە:
    ـ قانداق ئۆي ھايۋانلىرىنى دەيسىز؟ ـ دەپ سورىدىم.
    ـ بىر نەچچە خىل، ـ ئۇ سۆزلىگەچ بېشىنى چاچقىپ، ـ ئامال قانچە، ئۇلاردىن زادى ئايرىلغۇم يوق ئىدى. لەيلىمە كۆۋرۈك بىلەن ئافرىقىنىڭ تۇپرىقىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئېبۇرو دېلتىسغا قارىغىنىمچە دۈشمەن يەنە قانچىرەك ۋاقىتتىن كېيىن بۇ يەرگە كېلەر دېگەنلەرنى كۆڭلۈمدىن ئۆتكۈزدۈم. كۈتۈلمىگەن بىرەر ۋەقە يۈز بېرىپ قالمىسۇن دەپ قۇلىقىمنى دىڭ تۇتۇپ تۈردۇم. بوۋاي تېخىچە شۇ يەردە ئولتۇراتتى.
    ـ قانداق ئۆي ھايۋانلىرى ئىدى؟ ـ دەپ سورىدىم.
    ـ ئىككى ئۆچكە، بىر مۈشۈك، تۆت جۈپ كەپتەر، ـ دېدى ئۇ چۈشەندۈرۈپ.
    ـ ئۇلارنى تاشلاپ كەلدىڭىزمۇ؟
    ـ قانداق قىلىمەن، ئۇرۇش ئوتى قاپلاپ كەتكەن تۇرسا، ئەترەت باشلىقى ماڭا، بۇيەردىن كەتكىن، دەپ خەۋەر قىلدى. ئۇرۇش ئوتى!...
    ـ ئۆيىڭىز يوقمۇ؟ ـ دەپ سورىغاچ كۆۋرۈك ئەتراپىغا كۆز يۈگۈتتۈم. ئاخىرقى بىر نەچچە ماشىنا دەريا قىرغىقىنى بويلاپ داۋاندىن ئۇچقاندەك چۈشۈپ كېتىپ باراتتى.
    ـ ئۆيۈم يوق، ـ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ، ـ پەقەت بايام دېگەن ئۆي ھايۋانلىرىملا بار، مۈشۈكۈمغۇ ھېچنېمە بولمايدۇ. جېنىنى جان ئېتەلەيدۇ، بىراق، ئۆچكە بىلەن كەپتەرلىرىم نېمە بولۇپ كېتەر، بىلمەيمەن.
    ـ سىياسىي قارىشىڭىز قانداق؟
    ـ مەندە نېمە سىياسىي قاراش بولسۇن دەيسىز، ـ دېدى ئۇ ـ بۇ يىل يەتمىش ئالتە ياشقا كىردىم، باياتىن ئون ئىككى كىلومېتر يول يۈرۈپ قويۇپ، مانا ئەمدى يېرىم قەدەم ئېلىشممۇ تەسكە چۈشۈۋاتىدۇ.
    ـ بۇ يەر دەم ئالىدىغانغا تازا ياخشى جاي ئەمەس، ـ دېدىم مەن، ـ ئازراق ماڭالىسىڭىز، تولسا ئاچال ئېغىزىدىكى تاش يولغا چىقىسىز، ئۇ يەردە قارا ماشىنىلار بار.
    ـ سەل تۇرۇپ ماڭاي، ئۇ قارا ماشىنىلار نەلەرگە بارىدىغاندۇ؟
    ـ بارسېلونا تەرەپكە بارىدۇ، ـ دېدىم مەن.
    ـ ئۇ تەرەپلەردە تونۇش ـ بىلىشلىرىم يوق، رەھمەت سىزگە، كۆپ رەھمەت. بوۋاينىڭ چىرايى ناھايىتى ياداڭغۇ ئىدى. خۇددى مەندىن تەسەللىي تەلەپ قىلغاندەك ماڭا بىر نەچچە قېتىم قاراپ قويدى. ئاندىن:
    ـ مۈشۈكۈمغۇ ھېچنېمە بولمايدۇ، ئەمما، ئۆچكە بىلەن كەپتەرلىرىم قانداق قىلار؟ سىزچە ئۇلار نېمە بولۇپ كېتەر؟ ـ دېدى. ـ ھېم، ئۇلارغا خەۋپ يەتمەيدۇ.
    ـ شۇنداق دەپ ئويلامسىز؟
    ـ ئەلۋەتتە، ـ دېدىم مەن. ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقاچ يىراقتىكى دەريا ساھىلىغا كۆز يۈگۈرۈتتىم. ماشىنىلارنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى.
    ـ ئۇ يەرنى ئۇرۇش ئوتى قاپلاپ كەتكەچكە، نائىلاج ئايرىلدىم. ئۆي ھايۋانلىرىم نېمە بولۇپ كېتەر؟
    ـ كەپتەرلەرنىڭ قەپىسىنى ئېچىۋەتمىگەنمىدىڭىز؟
    ـ ئېچىۋەتكەن.
    ـ ئۇنداق بولسا ئۇچۇپ چىقىپ كېتىدۇ.
    ـ توغرا، ئۇچۇپ چىقىپ كېتەلەيدۇ. بىراق، باشقىلىرىچۇ؟ ئەڭ ياخشىسى ئۇلارنى ئويلىمايلا قوياي، ـ دېدى ئۇ.
    ـ دېمىڭىزنى ئېلىۋالغان بولسىڭىز، مەن بىللە باراي، ـ دېدىم مەن بوۋاينىڭ كۆڭلىنى ياساپ، ـ قېنى ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ مېڭىپ بېقىڭە!
    ـ رەھمەت، ـ شۇنداق دېگەپ ئورنىدىن ناھايىتى قىينىلىپ تۇرۇپ، ماڭا ـ ماڭمايلا توپىغا يىقىلىپ چۈشتى.
    ـ مەن ئۆي ھايۋانلىرىنى بېقىۋاتقان، ـ بۇ قېتىم ئاۋازى ناھايىتى زەئىپ چىقتى، ـ ئۆي ھايۋانلىرىنى بېقىۋاتقانىدىم.
        مەن ئۇنىڭ ئالدىدا ئامالسىز قالغانىدىم. بۇ پاسخا بايرىمىدىن كېيىنكى بىر يەكشەنبە كۈنى ئىدى. فاشىست ئارمىيىسى ئېبۇرو زېمىنىگە يېقىنلاپ كىرىۋاتاتتى، ھاۋانى قېلىن تۇمان قاپلاپ كەتكەچكە، ھېچنېمىنى ئىلغا قىلغىلى بولمايتتى، ھەتتا دۈشمەنلەرنىڭ ئايرۇپىلانلىرىمۇ ئۇچۇشقا ئامالسىز قالغانىدى. ئايروپىلان ئۇچالمىدى. ئەمدى مۈشۈك ئۆز جېنىنى جان ئېتەلەيدۇ. دېمەك، بوۋاينىڭ تەلىپى ئوڭدىن كەلگەنىدى.


    «دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ 1995 يىل 1 - سانىدىن ئېلىندى.»
    (خەنزۇچە «مەشھۇر ئەسەرلەردىن بەھىرلىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 1983 ـ يىللىق 1 ـ سانىدىن

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-14 0:04:35]

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق