ياخشى ياردەمچى- (شىنىچى خۇشى -ياپونىيە)

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-02-12 21:45:18

ياخشى ياردەمچىشىنىچى خۇشى(ئىلگىرى شىڭ شىنيى دەپ خەنزۇچە ئوقۇلۇشى بىلەنئېلىنغان)(ياپونىيە)پولات ئامانيار تەرجىمىسى ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يول قۇياش نۇرىدا يالتىراپ تۇر...

    ياخشى ياردەمچى
    شىنىچى خۇشى(ئىلگىرى شىڭ شىنيى دەپ خەنزۇچە ئوقۇلۇشى بىلەن ئېلىنغان)  (ياپونىيە)
    پولات ئامانيار تەرجىمىسى


       ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يول قۇياش نۇرىدا يالتىراپ تۇراتتى. ئۇ يېڭىدىن تونۇشقان قىز بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن يېڭى مودا پىكاپنى ھەيدەپ ئۇچقاندەك كېتىۋاتاتتى، پىكاپ تولىمۇ چىرايلىق ئىدى.
      ئۇ ماشىنىنىڭ سۈرئىتىنى تېخىمۇ تېزلەتتى. شامال ماشىنىنىڭ ئوچۇق دېرىزىسىدىن غۇرقىراپ كىرىپ تۇراتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ يېڭى ئالغان بۇ ماشىنىسىدىن مەمنۇن بولماقتا ئىدى. ئۇ بىردىنلا ئۆزىنىڭ كونا ماشىنىسىنى ۋە يېقىندىلا تاشلىۋەتكەن قىزنى ئېسىگە ئالدى.«سىز مەندىن زېرىكىپ قالدىڭىزمۇ؟» بۇ ھېلىقى مودېل بولۇپ ئىشلەيدىغان قىزنىڭ كىشىنى تەمتىرىتىدىغان قىياپەتتە تۇرۇپ ئېيتقان سۆزى ئىدى.
       ـ ياق، مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم...
       ـ مەن سىزدىن ئايرىلمايمەن، مېنى تاشلىۋەتمەڭ!
       ـ ئەگەر شۇنداق كېتىۋېرىدىغان بولساق، ھەر ئىككىمىزگە ياخشى بولمايدۇ.
       ـ مەندىن قول ئۈزۈدىغان بولسىڭىز ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۈۋالىمەن...
       بۇ تولا ئاڭلاپ كەتكەن گەپ، ئاياللار ئەرلەر تەرىپىدىن تاشلىنىش ئالدىدا تۇرغاندا شۇنداق دەيتتى. دۇنيادا ئۇنداق سۆزلەرگە ئىشىنىۋېرىدىغان ئەخمەق ئەر يوق ـ تە! ئۇ بۇ قىزنى يولغا سېلىپ قويۇپ يەنە بىر قىزنى تاپقانىدى.
       لېكىن  ئۇ قىزنىڭ راستىنلا ئۆلۈۋالىدىغانلىقىنى كىم ئويلىغان... بۇ ئىشنى ئويلىسا ئۇنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كېتەتتى. بۇنداق تاشلاندۇق ئايالنىڭ ئۆلۈۋېلىشىغا ھېچكىممۇ ئىچ ئاغرىتىپ كەتمەيتتى، ئەلۋەتتە. ئەمما ئۇنى خاتىرجەم قىلمايۋاتقىنى ئۇ قىزنىڭ مۇنۇ سۆزى ئىدى:
        «مەن ئۆلۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ سىزنى ئىزدەيمەن. چوقۇم ئىزدەيمەن. ھېچ بولمىغاندا قولىڭىزنى تۇتىمەن...»
        «ۋاي بولدىلا، ئۇ بۇ گەپنى مۇنداقلا دېگەندەك قىلىۋىدى، ئۇنى ئويلاپ نېمە قىلاي...» شۇ خىيال بىلەن، كۆڭلىدىكى بىئاراملىق كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندەك، ماشىنىنىڭ سۈرئىتىنى تېخخمۇ تېزلەتتى.
      ئۇ شۇ تېزلىكى بىەلن ئالدىدا كېتىۋاتقان بىر ماشىنىغا يېقىنلاپ كېلىپ، ئۇنىڭدىن يانداپ ئۆتۈپ كەتمەي بىردىنلا ماشىنىنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلاتتى. ئۇ ماشىنىنىڭ ئارقا تەرىپىدە ئولتۇرغان ئايال تېخى ھېلىلا خىيال قىلغان ھېلىقى قىزغا بەكلا ئوخشايتتى.
       ئۇ ئۇ ئايالغا تىكىلىپ قارىدى، بېشىنى بىر سىلكىۋېتىپ يەنە بىر قېتىم زەن سېلىپ قارىدى. «كۆزۈمگە شۇنداق كۆرۈنۈۋاتسا كېرەك. چوقۇم شۇنداق... بۈگۈن ماڭا نېمە بولدى؟ ئۇ قىز ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەن ئەمەسمىدى! باياتىن ئۇنى ئويلاپ كېلىۋاتقاچقا، كۆزۈمگە شۇنداق كۆرۈنۈپ كېتىۋاتامدۇ ـ يا. بولدىلا، ئۇنى ئويلىماي قوياي! ئۇ ماشىنىدىن يانداپ كېتىۋېتىپ ئۇنىڭغا ئوبدانران قاراپ باقساملا بولمىدىمۇ» ئۇ شۇ خىيالغا كېلىپ ماشىنىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتتى ۋە ئالدىدىكى ماشىنىنى يانداپ ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ. ھېلىقى ئايالغا قارىدى ـ دە، «ۋايجان!!!»دەپ توۋلىۋەتتى. ماشىنىدا ئولتۇرغان ئايال ھېلىقى قىزنىڭ ئۆزىغۇ؟ ئۇ قىز خۇددى سېنى تۇتىمەن دەپ قولىنى سۇنۇۋاتقاندەك، ئەر ئىختىيارسىز ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى چاڭگاللىۋالدى.
       ـ ئۇ نەق مەيداندا ئۆلۈپتۇ. بۇ ۋەقە قانداق يۈز بەرگەندۇ؟ سىز بۇ ئىشنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرۈپسىز. بىرەر ئەھۋالنى بايقىيالىدىڭىزمۇ؟ ـ ساقچى دەپتىرىگە بىر نېمىلەرنى خاتىرىلىگەچ ھېلىقى ماشىنىنىڭ شوپۇرىدىن سورىدى.
       ـ ھېچ نەرسە بايقىيالمىدىم. ئۇنىڭ ماشىنىسى ماشىنامدىن يانداپ ئۆتتى ـ دە، بىردىنلا بېرىپ تۆۋرۈككە ئۇرۇلدى. ئۇنى پەقەت بىردىنلا نېرۋىسىدىن ئازغان دېيىشكە بولىدۇ.
       ـ ھە... مۇنداق دەڭ، ـ ساقچى قولىدىكى دەپتىرىنى قاتلاپ ئۇنىڭ ماشىنىسىغا بىر قۇر قاراپ چىقتى، ـ ھوي... بۇ خانىم غەلىتىلىغۇ!
       ـ بۇ كىيىم كىيگۈزۈپ كۆرگەزمە قىلىدىغان مودېل! مەن مۇشۇنداق مودېللارنى ياسايمەن. بۇنى مال بۇيرۇتقۇچىغا ئېلىپ كېتىۋاتاتتىم.
       ـ ئوھوي، قالتىس چىرايلىق ئىكەنغۇ!
       ـ شۇنداق. مۇشۇ مودېلنى ياساشتا نۇسخا قىلىنغان قىزمۇ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان گۈزەللەردىن ئىدى، كېيىن يىگىتى تاشلىۋەتكەچكە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى.

                 (خەنزۇچە «يېڭى ياشلار»ژۇرنىلىنىڭ 1986 - يىل 7 - سانىدىن)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.