ئۆزىنى تونۇش(جىبران خېلىل جىبران)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-02-22 20:13:00

ئۆزىنى تونۇش (جىبران خېلىل جىبران) ئۆزىنى تونۇش جىبران خېلىل جىبران مۇيەسسەر ئابدۇللا تەرجىمىسى يامغۇرلۇق بىركېچە، سائىم ئۆز ھوجرىسىدىكى كۇتۇپخانىسىدا ئولتۇرۇپ كونا كىتابلارنى ۋاراقلاشقا باش...

    ئۆزىنى تونۇش

    (جىبران خېلىل جىبران)

       ئۆزىنى تونۇش جىبران خېلىل جىبران مۇيەسسەر ئابدۇللا تەرجىمىسى يامغۇرلۇق بىركېچە، سائىم ئۆز ھوجرىسىدىكى كۇتۇپخانىسىدا ئولتۇرۇپ كونا كىتابلارنى ۋاراقلاشقا باشلىدى. 
       ئۇ ئاغزىدا سىگارىت، قېلىن كالپۇكلىرى ئارىسىدىن ھېلىدىن ـ ھېلىغا قۇيۇق ئىس چىقىپ تۇراتتى. ئەپلاتون خاتىرلەپ قويغان، ئۇستازى سوقراتنىڭ«ئۆزىنى تۇنۇش» توغرىسىدىكى بىر بۆلەك دىئالوگى سائىمنىڭ دىققىتىنى تارتتى. سائىم چوڭقۇر ئويغا پاتتى. ئۇنىڭ كۆڭلىدە شەرىق ۋە غەرب ئەللىرىدىكى مۇتەپەككۇرلارغا نىسبەتەن بىر خىل يۈكسەك تۇيغۇسى ئويغاندى. «ئۆزىنى تۇنۇش» ئۇ سوقراتنىڭ بۇ بىر ئېغىز مەشھۇر سۆزىنى ئىچىدە تەكرارلاپ، ئورنىدىن تۇيۇقسىز سەكرەپ تۇرۇپ كەتتى. ئۇ قوللىرىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ يۇقىرى ئاۋازدا: «توغرا، مەن چوقۇم ئۆز ـ ئۆزۈمنى تونۇشۇم كېرەك، سىرلىق روھىيىتىمنى تىڭشىشىم كېرەك. مۇشۇنداق قىلسام، بارلىق گۇمان ۋە تەشۋېشلاردىن خالاس بولالايمەن.
       ماددىي ئۆزلۈكۈمدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، روھىي ئۆزلۈكۈمنى تاپالايمەن، قان ۋە گۆشتىن پۈتۈلگەن كونكىرىت مەۋجۇتلىقىمدىن ئابستىراكىت ماھىيىتىمگە چۆكەلمەيمەن. مانا بۇ ھاياتلىق ماڭا ئاتا قىلغان مۇقەددەس بۇرچ »دېدى. سائىمنىڭ كۆزلىرىدىن «ئۆزىنى تونۇش»قا بولغان ئاجايىپ قىزغىنلىق ۋە ئەسەبىي چوقۇنۇش ئۇچقۇنلاشقا باشلىدى. ئۇ يەنە بىر ھوجرىغا كىرىپ ئەينەك ئالدىدا تىك تۇرۇپ، ئەينەك ئىچىدىكى جىنغا ئوخشاپ قالغان تۇرقىغا قارىدى. ئۇ بېشىغا، يۈزىگە، بەدىنىگە ۋە پۇت قوللىرىغا زەن سېلىپ قارىدى. سائىم شۇ تەرزدە يېرىم سائەتچە تۇردى. گىرىمسەن شولىدەك تۇرغان «ئۆزىنى تونۇش»تىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەت ئۇنىڭغا خۇددى ئۆز روھىيىتىنىڭ سىرىنى ئېچىپ بېرىدىغان سىرلىق كۈچ، يۈكسەك تەپەككۇر ئاتا قىلغاندەك ئۇنىڭ قەلبىنى ئەقىل نۇرى بىلەن تولدۇرغاندى.
       ئۇ سوغوق قانلىق بىلەن كالپۇكلىرىنى مىدىرلىتىپ ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەشكە باشلىدى: «ھىم! توغرا، بويۇم ھەقىقەتەن پاكار. ئەمما ناپولېئون، ۋېكتور ھىيوگومۇ ماڭا ئوخشاش پاكارغۇ؟ پېېشانەم سوقرات بىلەن سېىنوزالارنىڭكىگە ئوخشايدۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ تاقىر باش ئىكەنلىكىمنى ئېتراپ قىلىمەن، ئەمما بەكمۇكۆرۈمسىز ئەمەسمەن. بۇ جەھەتتىن جاھانغا مەشھۇر شېكېسپىر ماڭا ھەمراھ. بۇرنۇم قۇشنىڭ تۇمشۇقىدەك ئۇزۇن ھەم ئىلمەك، خۇددى ۋولتېر ۋە جورجى ۋاشنگىتونغا ئوخشاش. ئورا كۆزلۈكۈم دىن تارقاتقۇچى پاۋىل ۋە مۇتەپەككۇر نىتچەنى تارتقان. مۇشۇ قېلىن كالپۇكلىرىم لۇئېس14 كە ئوخشايدۇ. سېمىز بوينۇم ھاننىبال ۋە ماك ئانتونىڭكى بىلەن تەڭلىشەلەيدۇ. توغرا،بۇ تۇرقۇمدا نۇرغۇن كەمچىلىكلەر بار.
       ئەمما شۇنى بىلىش كېرەككى، بۇ تارىختا ئۆتكىن داڭلىق مۇتەپەككۇرلاردىكى ئورتاق ئالاھىدىلىك. تېخىمۇ غەلىتە يېرى شۇكى، مەنمۇ خۇددى بالزاكقا ئوخشاش كىتاپ ئوقىغان ياكى ئەسەر يازغان چېغېمدا چوقۇم قەھۋە دەملەنگەن چەينەكنى يېنىمغا قويىۋالىمەن؛ تۇلىستويغا ئوخشاش ساددا خەلق، ئاددي پۇقرالار بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ ، ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرىمەن؛ بەزىدە تېخى ئۈچ-تۆت كۈن يۈزۈمنىمۇ يۇمايمەن، بېتخوۋىن ۋە ۋىتماننىڭمۇ مۇشۇنداق ئادىتى بار ئىكەن؛ مېنىڭ ئوپقاندەك تويماس نەپسىم ھەتتا ئاتامان باسسا ۋە پادىشاھ ئالىكساندېرنىمۇ سوغۇق تەرگە چۆمدۇردۇ». بىر پەس جىمجىتلىقتىن كېيىن ئۇ يەنە پاسكىنا قوللىرى بىلەن بېشىغا نوقۇپ نۇتۇق سۆزلەشنى داۋاملاشتۇردى:«مانا بۇ مەن. مانا بۇ مېنىڭ ھەقىقى تۇرقۇم. تارىختا ئۆتكەن مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ ھەرخىل خىسلەتلىرى پەقەت ماڭىلا مۇجەسسەملەنگەن. مانا مۇشۇنداق بارلىق خىسلەتلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەنگەن بىر ياش چوقۇم چوڭ ئىشلارنى تەۋرىتەلەيدۇ.
       دانىشمەنلەرنىڭ دانالىقى دەل ئۇلارنىڭ ئۆزـ ئۆزىنى تونۇغانلىقىدا « ئۇلۇغلىرىمىز مانا مۇشۇنداق ئەڭ مۇقەددەس ئوي ـ پىكىرنى قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا يىلتىز تارتقۇزدى ھەمدە مېنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشىمىزغا تۈرتكە بولدى. نوھ ئەلەيھسسالامدىن سوقراتقىچە، بوككانۇيۇدىن شېللىيغىچە، مەن بۇ ئۇلۇغلىرىمىزغا ھەمراھ بولۇپ تارىخنىڭ بوران چاپقۇنلىرىنى بىللە ئۆتكۇزدۇم.
       ئۇلۇغۋار ئىشلارنى قايسى ئىشتىن باشلايدىغانلىقىم ھازىرچە ماڭا نامەلۇم. ئەمما،كۈندۇزدىكى مېھنەت ۋە كېچىدىكى ئارزۇ ئارمانلىرىمدىن پۈتكەن سىرلىق ئۆزلۈكۈم، ھەقىقىي ئېسىل تەبىئەتلىكلىكىم شۈبھىسىزكى ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ. توغرا، مەن ئۆزۇمنى ھەقىقى تۇنۇپ يەتتىم، ئاھ! روھىيىتىم ياشىسۇن! ئۆزلىكىم ياشىسۇن! ئەبەدىل ياشاپ، بارلىق مۇراد مەقسىتىمگە يەتكەيمەن!» سائىم ھۇجىرىدا ئۇياقتىن بۇياققا ماڭاتتى. ئۇنىڭ كۆرۇمسىز چىرايىدا خۇشاللىق جىلۋىلىنەتتى. بىردەم-بىردەم ئاچ كۆز مۈشۈك سۆڭەك غاجىلغاندەك غەيرىي ئاۋازنى دوراپ ئۆز خۇشاللىقىنى ئىپادىلەيتى.
       ئۇ ئابى ئالانىڭ بىر پارچە نەسىرىنى توختىماي دېكلىماتسىيە قىلاتتى:«گەرچە مەن بۇ دەۋىردە ياش بىر ئەۋلات بولساممۇ، ئەمما ئەجدادلىرىمنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ ئۇلۇغۋار نەتىجە يارىتىش تارىخىي بۇرچ كەبى زىممەمگە يۈكلەنگەن». بىر دەمدىن كېيىن بىزنىڭ بۇ داڭلىق ئەربابىمىز سائىم مەينەت كىيىملىرى بىلەن كارۋاتتا دۈم ياتقىنىچە قاتتىق خورەك تارتىپ تاتلىق ئۇيقىغا كەتتى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق