بوكې خېنىم (شىنىچى خۇشى)

يوللىغۇچى : YultuzAy يوللىغان ۋاقىت : 2009-04-12 20:07:00

بوكې خېنىم شىنىچى خۇشى(ياپونىيە) ئايشەم ھوشۇر تەرجىمىسى قالتىس بىر ماشىنا ئادەم دۇنياغا كەلدى. بۇ ئايال ماشىنا ئادەم سۈنئى بولغاچقا ، جىمى پەرىزاتلارنىڭ نازاكەتلىگى ئۇنىڭغا مۇجەسسەم قىلىنغان...

    بوكې خېنىم

     شىنىچى خۇشى(ياپونىيە)

    ئايشەم ھوشۇر تەرجىمىسى

        قالتىس بىر ماشىنا ئادەم دۇنياغا كەلدى. بۇ ئايال ماشىنا ئادەم سۈنئى بولغاچقا ، جىمى پەرىزاتلارنىڭ نازاكەتلىگى ئۇنىڭغا مۇجەسسەم قىلىنغان ئىدى . ئۇ تەڭداشسىز گۈزەل ، ئەمما ئازراق ھاكاۋۇرلىغىمۇ بار. راسىتنى ئېيىتقاندا ، ھاكاۋۇرلۇقمۇ گۈزەللەردە كەم بولسا بولمايدىغان شەرتلەرنىڭ بىرى ‏- دە.
       ماشىنا ئادەم ياساش كويىدا يۈرگەنلەر ناھايىتى ئاز سانلىق. بىراق ئادەمگە ئوخشاش ئىش قىلالايدىغان ماشىنا ئادەم ياساپ چىقىش مۇمكىنمۇ ؟ بۇنداق قىلالايمەن دېيىش ھەقىقەتەن قارسىغا سۆزلىگەنلىك ، ھازىر نەگىلا قارىسا ئىشسىزلار تۇرسا ، ماشىنا ئادەمگە كەتكەن پۇلدا ئۈنىمى تېخىمۇ يۇقىرى ماشىنىلارنى ياسىغان ياخشى ئەمەسمۇ ؟!

       ئەمما بىزنىڭ بۇ ماشىنا ئادىممىزنى ئوينىشىپلا ياساپ قويغان . ئۇنى مەلۇم بىر قاۋاقخانىنىڭ خوجايىنى ياسىغان . ئۇ، ھاراقنى ساتسا بولىدىغان ئۆزى ئستىمال قىلسا بولمايدىغان نەرسە، دەپ قارىغاچقا، ئاغزىغا ھاراق يولاتمايتى. ھاراقكەشلەر ئۇنىڭ يانچۇقىنى پۇل تولدۇرىۋېتەتتى . ئۇ بىكار قالغان چاغلىرىدا، ماشىنا ئادەم ياساشقا كېرىشىپ كېتەتتى . بۇ پۈتۈنلا ئەمگەك ئۈچۈنلا بۇلۋاتقان ئىش ئىدى . ئۇ بۇ ئىشقا ئىشتىياق باغلىغانلىقىدىن، بۇ ساھىپجامالنى شۇنچىلىك چىرايلىق ياساپ چىقتىكى ئۇ ‏ھۆسنى ‏- جامالى بىلەن كىشىلەرنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلۋالدىغان گۈزەللەردىن قېلىشمايتتى . كىشنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى ، بۇ ساھىپ جامالدا بىرلا نەرسە كەم ئىدى ، بۇنىڭغا خوجايىنمۇ ئامالسىز قالدى يەنى بۇ ساھىپجامال ئاددى سۇئاللارغا جاۋاپ بېرەلەيتتى ، ھاراق ئىچىشتىن باشقىنى بىلمەيتتى .

       خوجايىن ماشىنا ئادەمنى ياساپ بۇلۇپ ، ئۇنى پۇكەينىڭ كەينىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى . چۈنكى ئۇنى خېرىدارلار ئولتۇردىغان جايغا قۇيۇپ قويسا كىشلەر ئالدىدا چېنىپ قېلىپ ، ئۇنىڭ يۈزى چۈشۈپ كېتەتتى . خېرىدارلار يېڭىدىن بىر قىز خىزمەتچىنىڭ كەلگەنلىگىنى كۆرۈپ بەس بەس بىلەن ئۇنى گەپكە سېلىشتى . خېرىدارلار ئۇنىڭ ئىسىم فامىلىسىنى سورىغاندا ، ئۇ جايىدا جاۋاپ بەردى . ھەدەپ ئۇنى ‏-بۇنى سوراۋېرىۋىدى ، نىمە دىيىشنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى . شۇنداق بولسىمۇ ھىچكىم ئۇنى ماشىنا ئادەم دەپ شۈبھىلەنمىدى. ‏

    - ئۆزىڭىز كىم بولىسىز ؟

    ‏-بوكې .

    ‏-قانچىگە كىردىڭىز ؟

    ‏- مەن تېخى ياش

    ‏- قانچىگە كىرگەنسىز

    ‏- مەن تېخى ياش

    ‏- شوڭا سوراۋاتىمەن

    ‏- مەن تېخى ياش ‏

    - بۇ قاۋاقخانىغا كىردىغان خېرىدارلارنىڭ كۆپىنچىسى تەربىيە كۆرگەن، ئەدەپ ئەخلاقلىق كىشلەر بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھىچ قايسى بۇڭ ئىشنى سۈرۈشتىۋەرمىدى.

    ـ كىيىمىڭىز بەكمۇ چىرايلىقكەن!

    ـ كىيمىم راس چىرايلىقمىكەن؟

    ـ نىمە يىيىشنى خالايسىزكىن؟

    ـ نىمە يىسەم بولار؟

    ـ بىرئاز دۇسۇڭزى ھارىقى ئىچىپ باقساق قانداق؟

    ـ دۇسۇڭزى ھارىقى ئىچسەك ناھايىتى ياخشى، ...

       بۇ ساھىپجامال قانچىلىك كۆپ ھاراق ئىچسىمۇ مەس بولمايتتى. ئۇ ياش ۋە ھاكاۋۇر ئىدى. ئۇ ھەقتىكى گەپ ـ سۆزلەر ئېغىزدىن ـ ئېغىزغا كۈچۈپ تارىلىپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن قاۋاقخانىغا ئايغى ئۈزۈلمەي كىلىپ، بوكې خېنىم بىلەن پاراڭ سېلىشىپ، ئۇنى ھاراققا تەكلىپ قىلىپ تۇردىغانلار كۆپىيىپ قالدى.

    ـ سىز خېرىدارلاردىن كىمنى ياخشى كۆرىسىز؟
    ـ كىمنى ياخشى كۆرەيكىن...
    ـ مېنى ياخشى كۆرەمسىز؟
    ـ سىزنى ياخشى كۆرەيمۇ؟
    ـ ئىككىمىز بىرگە كىنو كۈرۈپ كېلەيلىچۇ؟
    ـ ئىككىمىز بىرگە كىنو كۆرسەكقۇ ناھايىتى ياخشى بولاتتى.
    ـ قاچان بارىمىز؟

       ساھىپجامال جاۋاپ بېرەلمەي قالغان چاغلىرىدا بەلگە بېرەتتى، خوجايىنى دەرھال يېتىپ كېلىپ:
      ـ مېھمانلار ئۇنىڭغا كۆپ چېقىلماڭلار، ـ دەپ خېرىدارلارنى توسايتتى. خوجايىننىڭ سۆزى ئورۇنلۇق بولغاچقا، خېرىدارلار كۈلۈشۈپ ئۇنى گەپكە سېلىشنى توختىتاتتى. خوجايىن زوڭزىيغىنچە ساھىپجامالنىڭ پۇتىدىكى سۇلياۋ تۇربىنى چىقىرىپ، ئۇنىڭدىكى ھاراقنى قۇيىۋالاتتى ـدە، يەنە خېرىدارلارغا ساتاتتى. خېرىدارلار بۇ ئىشقا ئانچە دىققەت سېلىپ كەتمەيتتى، ئەلۋەتتە. ساھىپجامالنىڭ ياشلىغى، ناز قىلمايدىغانلىقى، ھاراقنى قانچە كۆپ ئىچسىمۇ ئۆز گۈزەللىكىنى يوقاتمايدىغانلىقىنى بارغانسېرى كىشلەرنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىدىغان كىشلەرنىڭ ئايغى ئۈزۈلمەيدىغان بۇلۇپ قالدى.

       خېرىدارلار ئارىسىدا بىر ياش يىگىتنىڭ بوكى خېنىمغا كۆڭلى چۈشۈپ قالدى. ئۇ تۈرلۈك يوللار بىلەن ئۇنىڭ كەيىنىگە كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما ھىچبىر نەتىجە چىقمىدى. لېكىن ئۇنىڭ ئىشقى مۇھەببەت ئوتى كۈندىن ـ كۈنگە كۈچەيمەكتە ئىدى. ئۇ ۋاقىتنى قاۋاقخانىدىلا ئۆتكۈزگەچكە، قەرزگە بۇغۇلدى، تۆلەشكە قۇدۇرىتى يەتمەي، ئۆيدىن پۇل ئوغۇرلىدى. دادىسى بۇ ئىش ئۈچۈن ئۇنىڭ راسا ئەدىۋىنى بەردى ۋە:
    ـ بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەرگە بېرىشىڭغا رۇخسەت يوق، مە، ماۋۇ پۇلنى ئېلىپ قەرزىڭنى تۆلىۋەت. ئېسىڭدە بولسۇنكى، بۇ ئاخىرقى قېتىم! ـ دىدى.
       ھىلىقى يىگىت قاۋاقخانىغا پۇل تۆلەۋېتىپ، بۈگۈن كەچتە ھەممە ئىشىمنى ئاخىرلاشتۇرمەن، دەپ نىيەت قىلدى. بۇ مەڭگۈلۈك ۋىدالىشىش خاتىرسى ئۈچۈن، ئۇ ناھايىتى كۆپ ھاراق سېتىۋىلىپ، بوكى خېنىمنى ئۆزى بىلەن بىللە ھاراق ئىچىشكە تەكلىپ قىلدى ۋە قاتتىق ھەسىرەت ئىچىدە ئۇنىڭغا مۇنداق دىدى:
    ـ ئەمدى كېلەلمەيدىغان بولدۇم.
    ـ ئەمدى زادى كېلەلمەمسىز؟
    ـ كۆڭلىڭىز بەك يېرىم بۇلۋاتامدۇ؟
    ـ كۆڭلۈم بەك يېرىم بۇلۋاتىدۇ.
    ـ ئۇنچىلىكمۇ ئەمەستۇ؟
    ـ ئۇنچىلىك ئەمەس.
    ـ سىزگە ئوخشاش باغرى تاش ئادەم ھەقىقەتەن ئاز ئۇچىرايدۇ.
    ـ ماڭا ئوخشاش باغرى تاش ئادەم ھەقىقەتەن ئاز ئۇچىرامدۇ؟
    ـ مەن سىزنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن.
    ـ سىز مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭ. يىگىت يfنچۇقىدىن بىر بولاق زەھەرنى ئېلىپ، رومكىغا سالدى ـ دە، بوكىغا سۇندى.
    ـ ئىچەمسىز؟
    ـ ئىچىمەن. ـ بوكى خېنىم ھاراقنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئىچىۋەتتى. يىگىت:
       ـ ئۆلگۈڭ كەلگەن بولسا ئۆلىۋەر، ـ دىدى ـ دە، بۇرۇلۇپ خوجايىنىڭ قېشىغا كىتىۋاتقاندا «ئۆلگۈڭ كەلسە ئۆلىۋەر» دىگەن بوكى خېنىمنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ پۇلنى تۆلەپ بۇلۇپ، قاۋاقخانىدىن چىقىپ كەتتى. بۇ چاغدا يېرىم كېچە بۇلۇپ قالغان ئىدى. يىگىت چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، خوجايىن قالغان خېرىدارلارغا:
      ـ بۈگۈن كەچ ئۆزۈم ساھىپخان بولىمەن. ھەممىڭلار كەڭ ـ كۈشادە ئولتۇرۇپ ئىچىشىڭلار، ـ دىدى. ـ يېرىم كېچە بۇلۇپ قالغاچقا، قاۋاقخانىغا باشقا خېرىدارلارمۇ كەلمەيتتى. خوجايىن سۇلياۋ تۇربىدىن قۇيۇۋالغان ھاراقنىمۇ ساتالمايتتى. شۇڭا ئۇ ئۆزىم ساھىپخانلىق قىلىمەن دىگەن ئىدى.
       ـ ھۇررا! ـ ياخشى ، ياخشى. خېرىدارلار بىلەن كۈتكۈچىلەر خوشال بولۇشۇپ قەدەھ كۆتىرىشتى، خوجايىنمۇ ئادەتتىن تاشقىرى خوشال ئىچىدە، پۇكەينىڭ كەينىدە تۇرۇپ بىر ئوتلام ھاراق ئوتلىۋالدى. شۇ كۈنى قاۋاقخانىدا كېچىچە چىراق ئۆچمىدى، رادىيودىن ناخشا ـ مۇزىكىلار بېرىلىپ تۇردى. خېرىدارلارنىڭ قاۋاقخانىدىن چىقىۋاتقانلىغى بۇياقتا تۇرسۇن، ئۇنىڭدىن ئادەم تىۋىشىمۇ ئاڭلانمايتتى. يېرىم كېچە بولغاندا، « كېچىلىگىڭىز خەيرىلىك بولسۇن» دىگەن سۆز بىلەن رادىيومۇ توختىدى. بوكى خېنىم «كېچىلىگىڭىز خەيرىلىك بولسۇن» دەپ غۇدۇڭشىپ قۇيۇپ مەغرۇر قىياپەتتە، ئاللىكىملەرنىڭ ئۆزى بىلەن پاراڭ سېلىشىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى. -

    ئۇيغۇرچە «دۇنيا ئەدەبىياتى»نىڭ 1985-يىللىق3-سانىدىن ئېلىندى ---
    خەنزۇچە «شىڭشىنيىنىڭ مىكرو ھىكايىلەر توپلىمى» دىن تەرجىمە قىلىنغان.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.