بىر پاي كالاش(زوشېنكو)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-18 16:56:00

بىر پاي كالاشزوشېنكو (سوۋېت ئىتتىپاقى)ئىسمايىل ئەزىمەت تەرجىمىسى كۆپچىلىككە ئايانكى، ترامۋايدا قىستاقچىلىقتا كالاش بەكمۇ ئاسان يۈتۈپ كېتىدۇ. خۇسۇسەن يېنىڭىزدىكى بىرى سىزنى سەل ـ پەللا قىستىس...

    بىر پاي كالاش
    زوشېنكو (سوۋېت ئىتتىپاقى)
    ئىسمايىل ئەزىمەت تەرجىمىسى

        كۆپچىلىككە ئايانكى، ترامۋايدا قىستاقچىلىقتا كالاش بەكمۇ ئاسان يۈتۈپ كېتىدۇ. خۇسۇسەن يېنىڭىزدىكى بىرى سىزنى سەل ـ پەللا قىستىسا، ئارقا تەرەپىڭىزدىكى بىرى بىخەستەلىك بىلەن ئايىقىڭىزنىڭ سوڭىغا دەسسەپلا قالسا، بولدى، شۇ زامانلا كالىشىمدىن ئايرىلدىم دەۋېرىڭ.
        بىر پاي كالاشنىڭ يۈتۈشى ئەسلىدە بىر ئەرزىمەس ئىش.
       مېنىڭ ھېلىقى بىر پاي كالىشىم كۆزنى يۇمۇپ ـ ئاچقۇچە يۈتۈپ كەتتى. شۇنچە تېز تۈتۈپ كەتكىنى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. يادىمدا قېلىشىچە، ترامۋايغا چىققاندا ھەر ئىككى پاي كالاشمۇ پۇتۇمدا ئىدى. لېكىن، تىرامۋايدىن چۈشكەندىن كېيىن پۇتۇمغا قارىسام، بىر پېيى بار، بىر پېيى يوق. ئۆتۈگۈم پۇتۇمدا تۇرۇپتۇ. پايپىقىم يۈتمەپتۇ. ئىشتان ـ كۆينىكىممۇ ئۇچامدا، بىراق كالىشىم كۆرۈنمەيدۇ، پەقەت بىر پاي كالىشىملا كەم. ترامۋاينى قوغلاش كېرەكمۇ؟ بۇ مۈمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە...
        مەن قېپقالغان ھېلىقى بىر پاي كالىشىمنى سېلىپ، گېزىتكە ئورىدىم ـ دە، شۇ پېتى خىزمەتكە كەتتىم. مەن، خىزمەتتىن چۈشكەندىن كېيىن ئىزلەي، نەرسە ھامان يۈتمەيدۇ. تېپىلىدۇ، دەپ ئويلىدىم.
        خىزمەتتىن چۈشكەندىن كېيىن كالىشىمنى ئىزلىگىلى ماڭدىم. ئالدى بىلەن بىر تونۇش ترامۋاي شوپۇرىنى تېپىپ، قانداق قىلىشىم كېرەكلىكى ئۈستىدە ئۇنىڭ بىلەن مەسلىھەتلەشتىم. ئۇنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن مەن تولۇپ تاشقان ئىشەنچىگە كەلدىم.
    ئۇ مۇنداق دېدى:
        ـ سەن تەلەيلىك ئىكەنسەن، بەختىڭگە تەرامۋايدا يۈتۈپتۇ، راستىنلا شۈكرى دېسەڭ بولىدىكەن. مۇبادا باشقا ئاممىۋى سورۇنلاردا يۈتكەن بولسا، ئىش تەس ئىدى. تىرامۋايدا يۈتكەن بولسا چاتاق يوق. ئىدارىمىزدە يۈتكەن ماللارنى دېرەكلەش ئورنى بار. ئۇ يەرگە بارساڭ يۈتكەن نەرسەڭ قولۇڭغا تېگىدۇ، مەسىلە يوق.
       ـ ھە، رەھمەت سىزگە، ـ دېدىم مەن، ـ ئەمدى مېنىڭ يۈرىكىم ئورنىغا چۈشتى. نىمىلا دېگەن بىلەن مېنىڭ كالىشىم تېخى يېڭى دېگۈدەكلا ئىدى. ئاران يېرىم يىلدىن ئوشۇقراقلا كىيگەنىدىم. ئىككىنچى كۈنى مەن يۈتكەن ماللارنى دېرەكلەش ئورنىغا باردىم.
        ـ بۇرادەر، مەن بىر پاي كالىشىمنى تىرامۋايدا يۈتتۈرۈپ قويغانىدىم. تونۇپ ئېلىپ كەتسەم بولارمۇ ـ قانداق؟
       ـ بولىدۇ، ـ دېدى دېرەكلەش ئورنىدىكى ئادەم جاۋاب بېرىپ، ـ سىزنىڭ كالىشىڭىز قانداق كالاش ئىدى؟
       ـ كالاشنى ئالساق، ئادەتتىكىدەك، ـ دېدىم مەن، ـ 12 ـ نومۇرلۇق.
        ـ 12 ـ نومۇرلۇق كالاشتىن بىزدە ئون ئىككى مىڭدىن ئوشۇقى بار. ئالاھىدىكىنى ئېيتىپ بېقىڭا.
        ـ ئالاھىدىلىكىنى ئېيتساقمۇ، ئادەتتىكىدەك. پاشنىسى ئۇپراپ كەتكەن. ئىچىدىكى مويلىرىمۇ يوق، تاقىرلىشىپ كەتكەن.
        ـ مۇنداق كالاشتىنمۇ بىزدە مىڭدىن ئارتۇقى بار. يەنە باشقا ئالاھىدە بەلگىسى بارمىدى؟
       ـ بار. كالاشنىڭ تۇمشۇقى ئاجراپ كېتەي دەپ قالغان، ئارانلا تۇتىشىپ تۇرىدۇ. پاشنىسىمۇ ئۇپراپ تېشىلەيلا دەپ قالغان، چەمى تېخى قەدىر ئەھۋال، بولىدۇ، ئاجراپ كەتمىگەن.
        ـ سىز مەشەدە ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ، مەن بېرىپ ئىزلەپ كۆرەي.
       پاھ، مېنىڭ ھېلىقى كالىشىمنى ئەكەلدى! مەن قالتىس خوش بولدۇم. راستىنلا ئىنتايىن تەسىرلىنىپ كەتتىم. مەن، بۇ يەرنىڭ خىزمىتى ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك ئىكەن، بىر پاي كالاش ئۈچۈن زېرىكمەي ـ تېرىكمەي ئىشلەيدىكەن. خىزمەت پوزىتسىيىسى ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن، دەپ ئويلىدىم.
        ـ رەھمەت، ـ دېدىم مەن، ـ بۇرادەرلىرىم، بۇ ئىشنى مەن ئۆمۈرۋايەت ئۇنتۇمايمەن، قېنى، ماڭا بېرىڭلارچۇ، مەن پۇتۇمغا پاتراق كىيىۋېلىپ، سىلەرگە رەھمەت ئېيتاي.
        ـ بولمايدۇ، ھۆرمەتلىك يولداش، ھازىرچە سىزگە بېرىشكە بولمايدۇ، چۈنكى بۇ كالاش سىزنىڭمۇ، ئەمەسمۇ، بىلمەيمىز.
        ـ مېنىڭ ، راست ئېيتىۋاتىمەن.
        ـ بىز سىزگە ئىشىنىمىز. شۇنداقلا سىزگە ھىسداشلىق قىلىمىز. بۇ ھېلىقى سىز پۈتتۈرگەن كالاش ئىكەنلىكى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. لېكىن بېرىشكە بولمايدۇ. سىز راستىن كالاش يۈتتۈرگەنلىكىڭىزنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات قەغىزى يازدۇرۇپ كېلىڭ. ئاھالە كومىتېت ئىسپات قەغىزى يازسۇن. ئىسپات قەغىزى بولسىلا، بىز نەرسىنى دەرھال ئېگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىمىز، ھەرگىز كېچىكتۈرمەيمىز.
       ـ بۇرادەر، ـ دېدىم مەن، ـ ئوبدان يولداش، ھالبۇكى، مەھەللىمىز مېنىڭدىن مۇنداق ۋەقە سادىر بولغىنىنى بىلمەيدۇ، ئۇلار مۇنداق ئىسپات قەغىزى يېزىپ بەرمەسلىكى مۈمكىن.
       ـ يېزىپ بېرىدۇ. بۇ، ئۇلار ئىشلەشكە تېگىشلىك ئىش. بولمىسا، ئاھالە كومىتېتىنىڭ كېرىكى نىمىتى؟
        مەن ھېلىقى كالىشىمغا يەنە بىر قارىدىم ـ دە، ئىلاجىسىز چىقىپ كەتتىم.
       ئىككىنچى كۈنى مەن ئاھالە كومىتېت مۇدىرىنى ئىزلەپ تاپتىم:
        ـ ماڭا بىر پارچە ئىسپات قەغىزى يېزىپ بەرسىڭىز، ـ دېدىم مەن ئۇنىڭغا، ـ مەن بىر پاي كالىشىمنى يۈتتۈرۈپ قويغانىدىم.
        ـ راست يۈتتىمۇ؟ خەقنى ئاخماق قىلمىغىن جۇمۇ! ھارام بايلىققا ئىگە بولۇشنى ئويلاۋاتامسەن ـ يا؟ ـ دېدى ئاھالە كومىتېت مۇدىرى.
       ـ راست، ـ دېدىم مەن، ـ مەن كالىشىمنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم،
        ـ بىراق، ئىسپاتىڭ يوق، مېنىڭ ھەممىگىلا ئىشىنىشىم مۈمكىن ئەمەس. ئەگەر ترامۋاي شىركىتى سىنىڭ كالاش يۈتتۈرگەنلىكىڭنى ئىسپاتلىيالىسا، مەن ساڭا خەت يېزىپ بېرەي، ئىسپات بولمىسا، يېزىشقا بولمايدۇ. ـ دېدى ئۇ.
       ـ شۇلار مېنى مۇشۇ يەردىن ئىسپات يازدۇرۇپ كەل، دېگەنىدى، ـ دېدىم مەن.
        ـ ئۇنداق بولسا دوكلات ياز.
        ـ قانداق يازىمەن؟ ـ مۇنداقياز: پالانى يىلى، پالانى ئاينىڭ، پالانى كۈنى، مەن بىر پاي كالاش يۈتتۈردۈم... ۋەھاكازالار... يەنە ئىش ئېنىقلىنىپ بولغۇچە ئۆز مەيلىمچە چەتكە چىقمايمەن، دەپ ۋەدەڭنى يازىسەن، ـ دېدى ئۇ.
        مەن دوكلات يازدىم. ئىككىنچى كۈنى ماڭا رەسمىي بىر ۋاراق ئىسپات يېزىپ بەردى. مەن ئىسپات قەغىزىنى كۆتۈرۈپ، يۈتكەن ماللارنى دېرەكلەش ئورنىغا باردىم. بۇ قېتىم ئېغىز ئۇپراتمايلا ئۇلار ماڭا كالاشنى قايتۇرۇپ بەردى. مەن بۇ بىر پاي كالاشنى كىيگەن چېغىمدا ئىنتايىن تەسىرلەنگەن ھالدا: «پاھ، ئۇلارنىڭ خىزمەت پوزىتسىيىسى نەقەدەر ياخشى ـ ھە! ئەگەر باشقا ئورۇن بولغىنىدا، بىر پاي كالاش ئۈچۈن مۇشۇنچە نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلاتتىمۇ! ترامۋايدىن تاشلىۋەتسىلا ۋەسسالام ئەمەسمۇ، مېنىڭ قاترىغىنىمغا بىر ھەپتە بولمايلا مۈلكۈم قولۇمغا تەگدى» دەپ ئويلىدىم. بىردىن ـ بىر ئەپسۇسلانغان يېرىم شۇكى، دەل مەن يۈتكەن مۈلكۈم ئۈچۈن قاتراپ يۈرگەن چېغىمدا، تەلىيىمنىڭ كاجلىقىدىن، يەنە بىر پاي كالىشىمنىمۇ يۈتتۈرۈپ قويدۇم، بىر ھەپتىدىن بۇيان مەن ئۇنى گېزىتكە ئوراپ، قولتۇقۇمغا قىسىپ يۈرگەنىدىم. بۇ قېتىم مەن ئۇنى نەدە يۈتتۈرۈپ قويغانلىقىمنى بولمەيمەن. جەزمەنكى، ئۇ ترامۋايدا يۈتمىدى. شۇڭا، بۇ كالاشنىڭ يۈتكىنى يۈتكەن، تېپىۋالغىلى بولمايدۇ. قانداقلا بولسۇن، باشتىكى بىر پاي كالاش تېپىلدى. ھازىر مەن ئۇنى بەش تارتىمىلىق ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە قويدۇم. ھەر قېتىم بېشىمغا غەم چۈشكەندە، مۇشۇ كالاشقا بىرلا قارىسام، يېنىكلىشىپ قالىمەن. ئەنە شۇ چاغدا مەن دائىم بىزنىڭ ئىش بېجرىش ئاپاراتلىرىمىز راستىنلا نەمۇنىلىك ئورگان بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەن، دەپ ئويلاپ كېتىمەن.
       مەن بۇ بىر پاي كالاشنى خاتىرە ئۈچۈن ساقلاپ قويدۇم، كېيىنكى ئەۋلادلىرىم ئۇنىڭدىن بەھرلەنسۇن.

     («ھازىرقى زامان دۇنيا ھېكايىلىرىدىن تاللانما»نىڭ 2 - كىتابىدىن)

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 10:45:48]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق