سۇغۇر نەگە كەتتى؟

يوللىغۇچى : Siddiq يوللىغان ۋاقىت : 2007-04-05 00:16:00

ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا مۇنداق بىر ھىكايىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ: ئۈچ ئوۋ ئىتى بىر سۇغۇرنى قوغلاپتۇ، سۇغۇر دەرەخ غارىغا كىرىپ كېتىپتۇ. دەرەخ غارىنىڭ پەقەت بىرلا ئېغىزى بار ئىكەن. ئۇزۇن ئۆتمەي غا...

         ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا مۇنداق بىر ھىكايىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ:
       ئۈچ ئوۋ ئىتى بىر سۇغۇرنى قوغلاپتۇ، سۇغۇر دەرەخ غارىغا كىرىپ كېتىپتۇ. دەرەخ غارىنىڭ پەقەت بىرلا ئېغىزى بار ئىكەن. ئۇزۇن ئۆتمەي غاردىن بىر توشقان چىقىپتۇ-دە، ئۇچقاندەك تېزلىكتە يۈگۈرۈپ، باشقا بىر تۈپ يوغان دەرەخقە چىقىۋاپتۇ. توشقان ئالقزادىلىكتە دەرەخ ئۈستىدە چىڭ تۇرالماي يىقىلىپ، ئۈچ ئوۋ ئىتىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپتۇ، ئىتلار ھۇشسىزلىنىپتۇ، شۇنداق قىلىپ توشقان ئاخىرى قۇتۇلۇپتۇ.
       ئوقۇتقۇچى ھىكايىنى سۆزلەپ بولۇپ، سوراپتۇ:   ـ  بۇ ھىكايىدىن بىرەر مەسىلە سەزدىڭلارمۇ؟
       --- توشقان دەرەخقە چىقالمايدۇ! --- دەپتۇ بىر ئوقۇغۇچى مۇنازىرىنى باشلاپ.
       --- ناھايىتى ياخشى، يەنىچۇ؟
       --- بىر توشقان يىقىلىپ چۈشۈپ، ئۈچ ئىتنى ھۇشسىزلاندۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس، --- دەپتۇ يەنە بىرى.
       --- يەنە بارمۇ؟ --- ئوقۇتقۇچى داۋاملىق ئوقۇغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈپتۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تالاش-تارتىشلىرى تۈگىگەندە، ئوقۇتقۇچى ئۇلارغا سۇئال قويۇپتۇ --- يەنە بىر ئىش بار، سۇغۇر نەگە كەتتى؟
       شۇنداق، سۇغۇر نەگە كەتتى؟ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرى مانا ئەمدى ئوۋ ئىتلىرىنىڭ قوغلاش نىشانى بولغان سۇغۇرغا قايتىپ كەلگەنىدى.
        بەزىدە بىزمۇ ئۆز ھايات نىشانىمىزدىن قېيىپ كېتىمىز --- ئەسلى نىشانىمىز بىلەن قىلچە مۇناسىبىتى بولمىغان بىر قىسىم ئەھمىيەتسىز ئىشلار بىزنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالىدۇ. شۇڭا ھايات سەپىرىمىزدە ھەر ۋاقت ئۆز-ئۆزىمىزگە "سۇغۇر نەگە كەتتى؟" دىگەن سۇئالنى قويۇپ تۇرىشىمىز كېرەك.
    --------------------------------------------------------------------
                    

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق