ئاجايىپ سوۋغات - فوردون ئوسلى (ئەنگلىيە)

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-02-11 20:08:47

ئاجايىپ سوۋغاتفوردون ئوسلى (ئەنگلىيە)ئادىل ئالماس تەرجىمىسى شوكىن گېلىس دۇكانغا كىگەندە دۇكان خوجايىنى پېتىرلىچارس پوكەيدە غېرىپسىنىپ ئولتۇراتتى. بۇ پېتىرنىڭ بوۋىسىدىن قالغان دۇكان ئىدى. دۇك...

    ئاجايىپ سوۋغات
    فوردون ئوسلى (ئەنگلىيە)
    ئادىل ئالماس تەرجىمىسى

        شوكىن گېلىس دۇكانغا كىگەندە دۇكان خوجايىنى پېتىرلىچارس پوكەيدە غېرىپسىنىپ ئولتۇراتتى.
       بۇ پېتىرنىڭ بوۋىسىدىن قالغان دۇكان ئىدى. دۇكاننىڭ ئەۋرىشكە دېرىزىسىگە ھەر خىل زىننەت بۇيۇملىرى تىزىقلىق تۇراتتى.
       پېتىر ياش يىگىت بولسىمۇ چاچلىرى ۋاقتىسىز ئاقىرىپ كەتكەنىدى. ئۇ ئالدىدا تۇرغان قىزغا سوغۇقلا قاراپ قويدى.
      ـ ئاۋۇ مېدالىئوننى ئېلىپ باقسىڭىز، كۆرۈپ باقسام بولامدۇ؟ ـ دېدى قىزچاق.
       پېتىر پوكەيدىكى مېدالىئوننى ئېلىپ قىزغا كۆرسەتتى، ئۇنىڭ قولىدىكى كۆك ياقۇت كۆزلۈك نەپىس ئىشلەنگەن مېدالىئون چاقناپ تۇراتتى.
       ـ ھە، مۇشۇ بولىدۇ، مەن مۇشۇندىقىنى ئىزدەپ تۈرەتتىم، ـ دېدى قىزچاق خۇشاللىقىدىن چاۋاك ھېلىپ، ـ مېدالىئوننى چىرايلىق قەغەزگە ئوراپ بەرسىڭىز بولامدۇ؟!
       پېتىر قىزچاققا سوغۇققىنا قاراپ قويۇپ:
       ـ سىز بۇنى بىركىمگە بېرەمسىز؟ ـ دەپ سورىدى
       ـ ئاچامغا بېرىمەن. ئۇ مېنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدۇ، مەن ئۇنىڭغا روژدېستۋو بايرىمىدا كۆڭۈلدىكىدەك چىرايلىق بىر سوغات تەقدىم قىلماقچىدىم.
       ـ قانچىلىك پۇلىڭىز بار؟ ـ سورىدى پېتىر.
       قىزچاق يانچۇقىدىن بىر سىقىم ئۇششاق پۇلنى ئېلىپ پۇكەينىڭ ئۈستىگە قويدى.
       ـ ھەممە پۇلۇم مۇشۇ، ـ دېدى قىزچاق، ـ مەن بۇ پۇلللارنى ئاچامغا سوۋغات ئېلىش ئۈچۈن يىغقان.
       پېتىر قىزچاققا قاراپ ئويلىنىپ قالدى ۋە چاندۇرماستىن قولى بىلەن مېدالىئوننىڭ باھا ماركىسىنى توسۇۋالدى. شۇ تاپتاۇ قىزچاققا مېدائىئوننىڭ باھاسىنى قانداقمۇ دەپ بېرەلىسۇن؟
       ـ بىردەم ساقلاپ تۇرۇڭ، ـ پېتىر شۇنداق دەپلا دۇكاننىڭ ئىچكىرىسىگە كىرىپ كەتتى، ـ ئىسمىڭىز نېمە؟ ـ دەپ سورىدى ئۇ ئۈنلۈك قىلىپ. ئۇ ئىچكىرىدە تۇرۇپ بىر ئىش بىلەن بەنت بولۇۋاتقاندەك قىلاتتى.
       ـ شوكىن گېلىس، ـ جاۋاپ بەردى قىزچاق.
       پېتىر ئىچكىرىدىن يېنىپ چىقتى، قولىدا يېشىل لېنتا بىلەن چېگىلگەن چىرايىلىق بىر تۈگۈنچەك تۇراتتى.
       ـ مانا ئېلىڭ، ـ دېدى پېتىر، ـ يولدا پەخەس بولۇڭ، چۈشۈپ قالمىسۇن يەنە.
       قىزچاق تاتلىققىنا كۈلۈپ قويۇپ پېتىرنىڭ قولىدىن تۈگۈنچەكنى ئالدى ـ دە، يېنىك چامداپ ئىلدام چىقىپ كەتتى. قىز كەتكەندىن كېيىن، پېتىر كۆڭلى يېرىم بولۇپ بىر قىسىمىلا بولۇپ قالدى.
       شوكىن گېلىس بىلەن ياقۇت كۆزلۈك مېدالىئون پېتىرنىڭ ئېسىگە ئېچىنىشلىق بىر خاتىرىنى سالدى. قىزچاقنىڭ چېچى قۇياش نۇرىدك ساپسېرىق، يوغان كۆزلىرى خۇددى دېڭىز سۈيىدەك كۆپكۆك ئىدى. پېتىرنىڭ ئۆز ۋاقتىدا سۆيگەن قىزىنىڭ چېچىمۇ ساپسېرىق، كۆزلىرىمۇ شۇنداق ئىدى. پېتىر ئۇ مېدالىئوننى شۇ قىزغا ئاتاپ قويغانىدى، بىراق... سىم ـ سىم يامغۇر يېغىۋاتقان بىر كېچىسى ئۇچقاندەك كېلىۋاتقان بىر ماشىنا يولدىن چەتنەپ كېتىپ، پېتىر چىن يۈرىكىدىن سۆيگەن ئۇ قىزنىڭ جېنىنى ئەكەتتى...
       پېتىر شۇندىن تارتىپ يالغۇز ياشاپ كېلىۋاتاتتى. كۈندۈزى خېرىدارلار بىلەن بولۇپ دەردلىرىنى ئۇنتۇپ قالاتتى، كەچتە دۇكاننى تاقىغاندىن كېيىن يوقىلاڭ خىياللارنى سۈرۈپ ئازابلىناتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن پېتىر ئۆزى سۆيگەن كۆك كۆز، ئالتۇن چاچلىق ئۇ قىزنى ئاستا ـ ئاستا ئۇنتۇشقا باشلىغانىدى...
       گېلىس كېلىپ، پېتىرغا ئۇ قىزنى يەنە ئەسلىتىپ قويدى. ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەپ پېتىرنىڭ كۆڭ بەكمۇ بۇزۇلدى.
       روژدېستۋو بايرىمى ھارپىسىدا، ئاخىرقى بىر خېرىدار دۇكاندىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن پېتىر ئۆزىنى يەڭگىللەپ قالغاندەك ھېس قىلدى. يېڭى بىر يىل باشلىنىش ئالدىدا تۇراتتى.
       شۇ ئەسنادا بويىغا يەتكەن بىر قىز دۇكانغا كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ چاچلىرى گويا قۇياش نۇرىدەك چاقناپ تۇراتتى، كۆزلىرى دېڭىز سۈيىدەك كۆپكۆك ئىدى.
       قىز بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي چىرايلىق بىر تۈگۈنچەكنى پوكەي ئۈستىگە قويدى، تۈگۈنچەك يېشىل لېنتا بىلەن چېگىلگەنىدى. پېتىر تۈگۈنچەكنى ئاچقانىدى، ئىچىدىن چاقناپ تۇرغان كۆك ياقۇت كۆزلۈك مېدالىئون چىقتى.
       ـ بۇ سىزنىڭ دۇكىنىڭىزدا سېتىلغانغۇ دەيمەن؟ ـ سورىدى قىز.
       پېتىر قىزغا لەپپىدە قاراپ قويۇپ، ناھايىتى سىلىق جاۋاپ بەردى:
       ـ ھەئە، بۇ ئەڭ ئېسىل مېدالىئوندىن ئەمەس، لېكىن جىڭلىقىدا گەپ يوق.
       ـ بۇنى كىمگە سېتىپ بەرگەنلىكىڭىز ئېسىڭىزدىمۇ؟
       ـ ئېسىمدە، شوكىن گېلىس ئىسىملىك بىر قىزچاققا ساتقان. ئۇ روژدېستۋو بايرىمىدا ھەدەمگە سوۋغات قىلىمەن، دەپ ئالغان.
       ـ ئېيتىڭا، مېدالىئونىڭىز قانچە پۇلغا يارايدۇ؟
       ـ بۇنى سىزگە ئېيتالمايمەن، ـ دېدى پېتىر، ـ مال ئىگىسى ئەزەلدىن خېرىدارلارنىڭ قانچىلىك پۇل تۆلىگەنلىكىنى باشقىلارغا ئېيتىپ بەرمەيدۇ.
       ـ شوكىننىڭ كۆپ بولسا بىر نەچچە تەڭگىلا پۇلى باردۇ، ئۇ پۇلغا ھەرقانچە بولسىمۇ...
       پېتىر مېدالىئوننى ئېھتىيات بىلەن قەغەزگە قايتا ئوراپ، يېشىل لىنتا بىلەن چىگدى.
       ـ مېدالىئوننى باشقىلار قانچىلىك پۇل تۆلەپ ئالىدىغان بولسا، ـ دېدى پېتىر، ـ شوكىن گېلىسمۇ شۇنچىلىك پۇل تۆلىدى.
       دۇكان ئىچىنى جىمجىتلىق باستى. شۇ ئارىدا چېركاۋ قوڭغۇرىقىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. يېڭى يىل كىرىش ئالدىدا تۇراتتى.
       ـ سىز نېمىشقا ئۇنداق قىلدىڭىز؟ ـ سورىدى قىز قەتئىي تەلەپپۇزدا.
       پېتىر تۈگۈنچەكنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويدى.
       ـ روژدېستۋو بايرىمىدا سوۋغا تەقدىم قىلىدىغان ئادىمىم يوق بولغاچقا شۇنداق قىلدىم، ـ دېدى پېتىر، ـ يېڭى يىلمۇ كىردى، سىزنى ئۆيىڭىزگىچە ئاپىرىپ قويۇشۇمغا رۇخسەت قىلامسىز؟ ئۆيىڭىزنىڭ ئالدىغا بارغاندا روژدېستۋو بايرىمىڭىزنى شاد ـ خۇرام ئۆتكۈزۈشىڭىزگە تىلەكداشلىقىمنى بىلدۈرىمەن.
       شۇنداق قىلىپ، پېتىر لىچارس بىلەن بۇ ناتۇنۇش قىز قوڭغۇراق ساداسى ئىچىدە دۇكاندىن چىقىپ، بەخت ۋە ئارزۇ ـ ئۈمىدكە تولغان روژدېستۋو بايرىمى قوينىغا كىرىپ كەتتى.

              (خەنزۇچە «ھازىرقى زامان ھېكايىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 1986 - يىل 9 - سانىدىن)

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 18:38:25]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.