پارا -ئۆمەر سەيفىدىن ( تۈركىيە)

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-02-12 21:17:06

پارا ئۆمەر سەيفىدىن( تۈركىيە)تۈركچىدىن قۇتلۇق قادىر تەرجىمىسى بازاردىكى يوغان چىنارلار يەرگە ئالا ـ بۇلا كۆلەڭگىلەرنى تاشلاپ شىۋىرلايتتى. شامال قاتتىق چىقىۋاتاتتى، ئادۋوكات ھاجى نامىك ئەپەند...

    پارا
    ئۆمەر سەيفىدىن ( تۈركىيە)
    تۈركچىدىن قۇتلۇق قادىر تەرجىمىسى

      بازاردىكى يوغان چىنارلار يەرگە ئالا ـ بۇلا كۆلەڭگىلەرنى تاشلاپ شىۋىرلايتتى. شامال قاتتىق چىقىۋاتاتتى، ئادۋوكات ھاجى نامىك ئەپەندى  قەغەزلىرىمنى ئۈچۈرۈپ كەتمىسۇن. دەپ دۇكىنىنىڭ دېرىزىسىنى تاقاپ كەتمەكچى بولۇپ ئىشىكنى ئېچىشىغا مۈرىسىدە خۇرجۇن، ئات يېتىۋالغان، سەللىلىك، پاكار، دوغىلاققىنا بىر دېقاننىڭ دۇكانغا قاراپ ئەلى كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
       ـ مەرھابا، ئەلى ئەپەندى! بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىپ يۈرىسەن؟ بازارغا تېخى ئىككى كۈن بارغۇ، ـ دېدى نامىك ئەپەندى.
       دېھقان قارا چېكىتكە ئوخشاش كىچىك كۆزلىرىنى تېخخمۇ كىچىكلىتىپ:
       ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، نامىك ئەپەندى! بىر بالاغا قېلىپ دەۋا ئۈچۈن كېلىشىم، ـ دېدى بېشىنى سىلاپ قويۇپ.
      ـ كەل ، كەل، ئولتۇرۇپ پاراڭلىشايلى، قېنى، دەردىڭنى ئېيتقىن، ئاڭلاپ باقاي.
       ـ سەندىن باشقا كىمگىمۇ ئېيتاي؟
      ئەلى ئەپەندىن ئېتىنى تۈۋرۈككە باغلىدى. ئاندىن دۇكانغاكىرىپ ياڭاق دەرىخىدىن ياسالغان ئۈستەل يېنىدىكى سافادا ئولتۇردى. خۇرجۇننى يېنىغا قويدى. نامىك ئەپەندىنىڭ تاماكا قۇتىسىدىن بىر تال تاماكا ئېلىپ تۇتاشتۇرغاندىن كېيىن دەردىنى سۆزلەشكە باشلىدى، ئەينى چاغدا ئەلى ئەپەندى يېزا باشلىقىغا تەۋە يەرگە بىر ئىمارەت سالدۇرغانىكەن. ھازىر يېزا باشلىقى يېرىنى ئېلىۋالماقچى بوپتىكەن، ئەلى ئەپەندى ئىمارەت كىمنىڭ بولسا يەرمۇ شۇنىڭ دەپ تۇرۇۋاپتۇ.
       نامىك ئەپەندى ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ساقىلىنى سىلاپ قويغاندىن كېيىن كۆزەينىكىنىڭ ئۈستىدىن قاراپ:
       ـ بۇ دەۋايىڭ ئاقمايدۇ، ئەلى ئەپەندى!  ـ دېدى.
       ـ ئاقمايدۇ؟
       ـ شۇنداق، ئاقمايدۇ.
       ـ ياق، بۇ دەۋايىم ھەقلىق، ئىمارەت سالغاندا ئۇ نېمىدەپ زۇۋان سۈرمەپتىكەن؟
       ـ ئەلۋەتتە زۇۋان سۈرمەيدۇ ـ دە.
       ـ دەۋايىمنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، نامىك ئەپەندى. شۇڭا، دەۋايىمدىن ۋاز كەچمەيمەن.
       نامىك ئەپەندى ئادەتتە ناھەق دەۋالارنى قوبۇل قىلمايتتى. شۇڭا، ئەلى ئەپەندىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلماقچى بولدى. ئەمما «بوز ئۆيۈك» يېزىسىدىكىلەر ئۇنىڭ ئوتتۇز يىللىق خېرىدارى ئىدى. ئېشەك ئېغىلىنى بىلگەندەك، ئۇنىڭ دۇكىنى ئۇلارغا بەش قولدەك ئايان ئىدى.  نامىك ئەپەندىنىڭ قىشلىق ئوزۇقى ئاساسەن شۇ يېزىدىن كېلەتتى. شۇڭا ئاخىر:
      ـ ماقۇل، دەۋايىڭنى قىلسام قىلاي، يېڭىلىپ قالسام رەنجىمەيسەن ـ ھە، ـ دېدى.
      ـ رەنجىمەيمەن. ئەمما، نېمىشقا يېڭىلىپ  قالىمەن دەيسەن؟
      ـ چۈنكى، سېنىڭ دەۋايىڭ ناھەق،
      ـ ئۇنداقتا، سوتچىغا يوغان بىر قوچىقار بەرسەمچۇ؟...
      ـ نېمە؟...
      ـ ئۇ چاغدا دەۋادا گەپ يوق ئۇتۇۋالىمەن.
      ـ ئۇنداق قىلساڭ شەك ـ سۈبھىسىز ئۇتتۇرۇپ قويىسەن!
      ـ نېمىشقا؟
      ـ يېڭى سوتچى سەن دېگەندەك ئادەملەردىن ئەمەس.
       ...
       ئەلى ئەپەندى ئادۋوكاتنىڭ سۆزىنى چۈشىنەلمىدى. ئادۋوكات يېڭى سوتچىنى ئۇزۇنغىچە تەرىپلىدى.
       ـ نامىك ئەپەندى، بۇ ئادەم پارا بەرگەنلەرگە بەك ئۆچ. پارا بەرسە، ھەق دەۋانىمۇ ناھەق دەپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ـ دېدى.
       ـ ئاللا بۇنداق دۇرۇس ئادەملەرنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلغاي! ـ دەپ دۇئا قىلدى ئەلى ئەپەندى.
       ـ ئامىن، ئامىن، ـ دېدى نامىك ئەپەندى، ئۇلار دەۋا توغرۇلۇق بىر سائەتكە يېقىن پاراڭلاشتى. ئادۋوكاتنىڭ بۇ دەۋادىن ئۈمىدى ئۈزۈلدى. ئەمما يۈز خاتىر قىلمىسا بولمايتتى. بۇنىڭدىكى ناھەقچىلىك شۇنداق ئايان ئىدىكى...
       ئىككى ھەپتىدىن كېيىن دەل شۇ ۋاقىتتا ئەلى ئەپەندى دۇكاننىڭ ئىشىكىدە يەنە پەيدا بولدى. ئەرز يېزىۋاتقان نامىك ئەپەندى كۆز ئەينىكىنىڭ ئۈستىدىن خېرىدارغا قاراپ كۈلدى.
       ـ مەرھابا، ئەپەندى!
       ـ دەۋادا يەڭدۇق، ـ دېدى ئەلى ئەپەندى.
       نامىك ئەپەندى بۇنداق ناھەق دەۋاغا سوتچىنىڭ قانداقلارچە ھەق دەپ ھۆكۈم چىقارغانلىقىدىن ھاڭ ـ تاڭ قالدى.
       ـ مەن بەرگەن قوشقارنىڭ كۈچىدىن يەڭدۇق، ـ دېدى ئەلى ئەپەندى ئېغىر ـ بېسىقلىق بىلەن.
       ـ نېمە؟ ... سەن سوتچىغا قوشقار بەرگەنمىدىڭ؟
       ـ شۇنداق، ئەپەندى.
       ـ ئۇنداق قىلشىتىن قورقمىدىڭمۇ؟
       ـ نېمىشقا قورقاتتىم، سەن ماڭا، ئۇ ئادەم پارا بەرگەنلەرنى بەك ئۆچ كۆرىدۇ، پارا بەرسە ھەقنىمۇ ناھەق دەپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ، دېگەن ئەمەسمىدىڭ؟ شۇڭا، قوشقارنى ئۆز نامىمدا بەرمىدىم.
       ـ كىمنىڭ نامىدا بەردىڭ؟
       ـ رەقىبىمنىڭ نامىدا بەردىم.
       !!!...
       قېرى ئادۋوكاتنىڭ قولىدىكى قەلىمى يەرگە چۈشۈپ كەتتى، ئۆزى ئارقىسىغا يۆلىنىپ قېتىپلا قالدى. كۆزلىرى ئۆزىگە پارقىراپ قاراپ تۇرغان كۆزلەرگە تىكىلدى.
                     (تۈركچە«ئۆمەر سەيفىن تاللانما ھېكايىلىرى» ناملىق كىتابتىن)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.