ﻟﯩﻔﯩﺖ(ھېكايە)

يوللىغۇچى : Arghu يوللىغان ۋاقىت : 2007-11-15 21:25:00

لىفىت (ھېكايە) [ئىسپانىيە]روللېر كارمونا مەن پولات ۋە ئەينەكتىنلا ياسالغان بۇ لىفىتكە چىقتىمدە، مۇلازىمغا چوققا قەۋەتكە چىقىشنى بۇيرۇدۇم. بۇ لىفىت شىركەتتىكى باشقا لىفىتلەرگە ئوخشىمايتتى، ئۇ ب...

    لىفىت (ھېكايە)

     [ئىسپانىيە]روللېر كارمونا

             مەن پولات ۋە ئەينەكتىنلا ياسالغان بۇ لىفىتكە چىقتىمدە، مۇلازىمغا چوققا قەۋەتكە چىقىشنى بۇيرۇدۇم. بۇ لىفىت شىركەتتىكى باشقا لىفىتلەرگە ئوخشىمايتتى، ئۇ بىنانىڭ سىرتىدا بولۇپ، تالاغا قارىسىڭىز پۈتۈن شەھەرنىڭ مەنزىرىسى ۋە ناھايىتى ئۇزۇن كەتكەن دېڭىز قىرغىىقى ئوچۇق كۆرۈۈنۈپ تۇرىدۇ. كىشىلەر ئۇنى »رۇسىيە ئايلانما قىمار دېسكىسى« دەپمۇ ئاتىشىدۇ. بۇنداق دېيىشىدىكى سەۋەب ئەگەر چەندە سىز تېخى شىركەت مۇدېرىيىتى تاللىغان قابىللار قاتارىغا كىرەلمىگەن بولسىڭىز، بۇ لېفىتكە چىقسىڭىزلا شۇ قاتارغا كىرىسىزدە، تۇرمۇشىڭىز باشقىچە بولۇپ كېتىدۇ. چوققا قەۋەتكە چىققاندىن كېيىن ئۇ يەردە مۇدېرىيەت ئەزاسىدىن بىرى سىزنى ساقلاپ تۇرغان بولىدۇ، گويا ئۇ سىزنى نەچچە يىلدىن بېرى كۈتۈۋاتقاندەك بىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مۇدېرىيەت ئەزاسى سىزگە يوليورۇق بېرىۋاتقاندەك تەلەپپۇزدا سىزنىڭ شىركەتنىڭ يەتتە نەپەر باش دېرىكتورىنىڭ بىرى بولغانلىقىڭىزنى ئۇقتۇرىدۇ.
       ناۋادا سىز شۇلارنىڭ بىرى بولغان بولسىڭىز چوققا قەۋەتكە چاقىرتىلىشىڭىزدىكى بىردىن بىر مەقسەت سىزگە: «سىز بىزگە كېرەك ئەمەس»  دېگەننى ئۇقتۇرۇش ياكى تېخىمۇ ناچار ئەھۋال، ۋەزىپىڭىزنى بىكارچى بىر ۋەزىپىگە تۆۋەنلىتىشتىن ئىبارەت بولىدۇ. ئەمدى ئۆزۈمگە كەلسەم، باش دېرىكتور بولمىغاندىن كېيىن، ئۇ يەرگە چىقسام پەقەت بىرلا نەتىجە بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىنقى يىللاردىن بېرى ھەممەيلەن بىردەك مېنىڭ خىزمىتىمدىن رازى، مېنى ئۈلگە دەپ تەرىپلىشىدۇ. پەمىمچە لىفىت مۇلازىمىنىڭ يېشى مەن 14 يىل ئىلگىرى بۇ شىركەتكە يېڭىدىن خىزمەتكە كىرگەن ۋاقتىمدىكى يېشىم بىلەن تەڭدەك قىلاتتى.
        ئۇ مېنىڭ شىركەتكە دەسلەپ كىرگەن يىللاردىكى ۋاقتىمنى ئەسلەتتى. شۇ چاغلاردا مەنمۇ شىركەتتىكى كۆپ ساندىكى خىزمەتداشلارغا ئوخشاش ئاشۇ »رۇسىيە ئايلانما قىمار دېسكىسى«غا بىر چىقىشنى ئۇلۇغ ئارمان قىلىپ شىركەتنىڭ سەر خىللىرىدىن بىرى بولۇشنى تاما قىلىپ يۈرگەن ئىدىم. بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن جان-دىل بىلەن كۈرەش قىلاتتىم، ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقى بىلەنمۇ ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايتتىم، ۋاقىت بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتەتتى، مەن بولسام ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن سان-سىپىرلارنى سېلىشتۇرۇش-تەكشۈرۈش بىلەنلا بولاتتىم، بەزى چاغلاردا مۇشۇ سان-سىپىرلارمۇ ئادەمنى شۇنچە ئاۋارە قىلىۋېتەتتى؛ پىكىر-تەكلىپىمنى قوبۇل قىلغۇزۇش ئۈچۈن باشقىلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ كېتەتتىم؛

          ئايالىمغا تاماقنى كەچرەك ئەت، دەپ تېلېفون قىىشقا مەجبۇر بولاتتىم؛ ھەر كۈنى كەچتە ئىشتىن چۈشۈشتىن بۇرۇن بىزنىڭ ئىشخانا بار قەۋەتنىڭ بالكونىدا تاماكا چېكىپ شەھەرنىڭ مەزنىرىسىنى تاماشا قىلغاچ ئۆزۈمنىڭ ئېتىقادىم ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمگە قەتئىي ئىشەنچكە چۈمەتتىم. شۇ دەقىقىدە تومۇرۇمدىكى قان گويا غالىبىيەتچىنىڭ قانلىرىدەك شاۋقۇنلۇق ئاقاتتى. تۆۋەندە مىدىرلاۋاتقان نەرسىلەر پەقەت چوڭ سەھنىنىڭ بىر قىسمىلا خالاس، بۇ چوڭ سەھنە پەقەت مەن ئۈچۈنلا لايىھەلەنگەن، پەقەت مېنىڭ مۇشۇ سەھنىدە باش قەھرىمان بولۇشۇمغىلا لاھىيەلەنگەن دەپ قالاتتىم.
       ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئىشتىن چۈشۈشتىن بۇرۇنقى بۇ تاماكا چېكىش مۇراسىمىم، كەسپتىكى تەرەققىياتىمنىڭ بارلىق نىكاھ تۇرمۇشۇمنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشەندۈرەتتى، بىرەر سائەتتىن كېيىن ئۆيگە يېتىپ بېرىش بولسا مېنىڭ كۆز قارىشىمنى دەلىللەيتتى. ياكى ھېچ بولمىغادا نەچچە يىلدىن بېرى مەن نىكاھ تۇرمۇشۇمنىمۇ غالىبىيىتىمگە تەئەللۇق، دەپ ئويلاپ كەلگەنىدىم. بىراق بىرەر ئايچە ئىلگىرى ئايالىم بالىلىرىمنى ماشىنغا چىقىرىپ، مەندىن مەڭگۈ ئايرىلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇنىڭ چىرايىدىكى كەسكىنلىكنى كۆرۈپ ئۇنى ناتونۇش ئادەمدەكلا ھېس قىلىپ قالدىم، ئۇ شۇنداق دېگىنچە بالىلارنى، ئاتا-ئانىسىنى ئېلىپ دېڭىز بويىدىكى بىر ئىجارە ئۆيگە كۆچۈپ كەتتى.
        ئۇ كەتكەندىن كېيىن مەن ھەر كۈنى ئىشتىن بالدۇر قايتىشقا ئادەتلىنىپ قالدىم، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا تېلېفون بېرەتتىم. تېلېفوندا ئۇنىڭ ئاۋازى بەئەينى ئەينى يىللاردىكى قىز ۋاقتىدىكىگە ئوخشاشلا يېقىملىق ئاڭلىناتتى، ياكى مېنىڭ قۇلىقىم ئەينى يىللاردىكىدىدەك ئۇنىڭ سۆزىنى بېرىلىپ ئاڭلاۋاتامدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئاۋازىلا مېنىڭ بارلىق تۇرمۇش ئاساسىمنى تىترىتىۋاتاتتى، ھەتتا ئۇنى ئۇنتۇلدۇرغان ئەشۇ ئەينەكلىك لىفىتى بار بىنانىڭ ئۇلىمۇ بىللە تىترەۋاتقاندەك ئىدى. ئۇنىڭ ئىسمى ئاننا رۇبى ئاۋلت بولۇپ شىركەتتە تونۇشقانىدىم، ئۇ چاغدا ئۇمۇ مۇشۇ شىركەتتە ئىشلەيتتى.
        بىز بىر يىللا مۇھەببەتلەشتۇق، قىزىق يېرى ئۇ ۋاقىتلاردا مەن ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايلا قالغانىدىم، كېيىنمۇ ئۇنداق بولمىدىم. ئاننا دائىم بىنانىڭ كىرىش ئىشىكىدە مېنى ساقلايتتى، بىز پۈتۈن چۈشتىن كېيىن بىرگە بولاتتۇق؛ بەزى چاغدا كىنو كۆرەتتۇق، ھەر قېتىم ئۇ كۆرۈشكە ئامراق ئەسلى نەشىردىكى كىنولارنىلا كۆرەتتۇق؛ بەزىدە دوستلىرىمىز بىلەن يىغىلىش قىلاتتۇق، بەزى چاغلاردا ئىككىمىزلا ئارگېنتىنالىق ئاچقان قەھۋەخانىغا كىرىپ پاراڭلىشاتتۇق، ئېنىقىنى ئېيتاقاندان ئاننا پاراڭ قىلاتتى، مەن تىڭشايتتىم.
          مېنىڭ پۈتۈن زېھنىمنى شىركەتنىڭ ئىشلىرىغا بېغىشلىغىنىم ئىچىدە بۇ بىر يىل پەقەت بىر قىستۇرما ھېسابلىناتتى، توي قىلىپ بىر نەچچە ئايدىن كېيىنلا مەن بۇ ۋاقىتنى تولدۇرۇشقا باشلىدىم. مېنىڭ خىيالىمدىكى ئائىلە قۇرۇلمىسى بويىچە ئۇ ئىشتىن ئىشتىپا بېرىپ قىزلىرىمىزنى باقتى. »رۇسىيە ئايلانما قىمار دېسكىسى« ئۆرلەپ ئاننا بۇرۇن ئىشلىگەن قەۋەتكە كەلگەندە ھازىر بىزنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئەمەسلىكىم ئېسىمدىن كەچتى، ئۇنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىمىغىلى ئۇزۇن بوپتۇ. ھەر يىلى پەقەت بىر نەچچە قېتىملىق ھەپتە ئاخىرىدىكى كۈنلەردىلا ئۇلار بىلەن بىرگە بولغان چاغدىلا ناتونۇش ئادەمگە ئايلىنىپ بولغان بولغىيتتىم. تۇنجى قېتىم تۇرمۇش يولۇمدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدىم، بەلكىم شىركەتنىڭ ئىشلىرىغا بەكمۇ بېرىلىپ كەتكەندىمەن. روشەنكى مەن بۇ لىفىتتا داۋاملىق يۇقىرىغا مېڭىۋېرىدىغان بولسام، ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئارىلىقىم بارغانسېرى يىراقلايتتى. شۇنداقتىمۇ، لىفىت يەنىلا يۇقىرى ئۆرلىمەكتە ئىدى، چوققا قەۋەتتە مېنىڭ ئەمىلىمنىڭ ئۆسكەنلىكىنى، 14 يىلدىن بېرى چىقىشقا تەلمۈرىۋاتقان ئەڭ ئاخىرقى پەەشتاقنى تەبرىكلەش ئۈچۈن بەلكىم شامپان مۇزلىتىلىۋاتقاندۇ، مەن شۇنى ئويلاپ مۇلازىمغا لىفىتنى توختات دېيىشكە جۈرئەت قىلالمىدىم. بۇ چاغدا لىفىت 16-قەۋەتتىن ئۆتتى، بۇ قەۋەت قاڭقىش تاختىسى ھېسابلىناتتى، مەن بىر قاراردىكى خىزمەتداشلىرىم بىلەن ئىلگىرى مۇشۇ قەۋەتتە ئىشلىگەن ئىدىم. ئۇلار بىلەن ئۇزۇن يىل بىرگە خىزمەت قىلىش جەريانىدا بىز بىر ئىناق كوللىكتىپ بولۇپ ئۇييۇشقان، ھەتتا شىركەتتىكى ئورتاق بىر نىشان ئۈچۈن دوستمۇ بولۇشۇپ كەتكەن ئىدۇق. بىزنىڭ بۇرۇنقى باشلىقىمىز سانتېستېۋان ئىدى، ئۇ بىزدىن بىرنەچچە ياش چوڭ بولۇپ، ئىرادىسى بوش دېگەن سەۋەب بىلەن ۋەزىپىسىدىن بىراقلا ئېلىۋېتىلىشتىن ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئۆستۈرۈلۈپ مۇشۇ ئورۇنغا چىققان ئىدى. ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇ ماڭا كۆپ قېتىم تېلېفون بەرگەن، ئەمما مەن ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى ئەھۋالىنى چۈشەنمەيتتىم، بىز بىر-بىرىمىزدىن بەكمۇ يىراقلاپ كەتكەن ئىدۇق. بۇرۇن ئۇنىڭغا شاگرت ۋاقتىمدا ئەقلى قۇۋۋەت جەھەتتە ئۇنىڭدىن زور ئۈستۈنلۈكتە تۇراتتىم، بۈگۈن بۇ لىفىت ئىچىدە ئۇ يادىمدىن كەچتى، ئۇنىڭ قىيىنچىلىقىنى مانا ئەمدى چۈشىنىشكە باشلىدىم.
        خىزمەتداشلىرىمنىڭ بەزىلىرى ھازىرغىچە ئەشۇ قەۋەتتە ئىشلەۋاتىدۇ، بەزىلىرى بولسا شىركەتتىن ئايرىلدى، ئۇلار ھەممىسى بىزنى بۇرۇن ئىتتىپاقلاشتۇرغان تەپەككۇر ئۇسۇلىدىن ۋاز كېچىشكەن، مەنچۇ، مەن ئەمدىلەتىن لىفىتقا چىقىپ ئاندىن ئۇنىڭدىن گۇمالىنىشقا باشلىدىم. بىر قېتىم بىر باش دېرىكتور ماڭا: »رۇسىيە ئايلانما قىمار دېسكىسى«غا چىقسالىساڭ ئەڭ يۇقىرى ئىمتىيازغا ئېرىشكەن بولىسەن، دېگەن ئىدى. ئەمما مەن لىفىتتا يۇقىرىغا چىققانسېرى ھەممە نەرسىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقاندەك ھېسسىياتتا بولماقتىمەن. لىفىتتا تۇرۇپ ئۆزۈمنىڭ بارلىق نەرسىلەردىن - كوچىدىن، ئاپتوموبىلدىن، بۇ بىنادىن پاكار باشقا بىنالاردىن ، ھەمدە كوچىدا كېتىۋاتقان ئادەملەردىن قانداق يىراقلاپ كېتىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمەن. ئىلگىرى قوغلاشقان، نەتىجىلىرىمنى سىنايدىغان شەكىلنىڭ چىن رېئاللىق بولماستىن، بەلكى مەن ھازىر يىراقلاپ كېتىۋاتقان دۇنيانىڭ ھەقىقى چىن رېئاللىق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشكە باشلىدىم. يۇقىرىغا ئۆرلىگەنسېرى ھەممە نەرسىنىڭ شۇنچە جانلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە نەزەر دائىرەم بارغانسېرى كېڭىيىۋاتاتتى، ئۇپۇق سىزىقى بارغانسېرى يىراقلاپ شەھەرنىڭ چېتى ۋە كۆپ-كۆك دېڭىز قىرغىقى كۆرۈنۈۋاتاتتى. بەلكىم »رۇسىيە ئايلانما قىمار دېسكىسى« توختىسىا ئاندىن تۇرمۇش ماڭا قايتا بىر قېتىم پۇرسەت بېرىدىغاندەك قىلاتتى.
     <تەرجىمىلەر. تەرمىلىرى> ژۇرنىلى 2007-يىلىلىق 4-سانىدىن
     ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 18:59:43]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق