ئاقكۆڭۈل ئايال(يۇسۇپ ساباھى)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-17 20:20:00

ئاقكۆڭۈل ئايال يۇسۇپ ساباھى (مىسىر) سۇلتان سوپى تەرجىمىسى دەسلەپتە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئىشىدىن گۈمانلىنىپ يۈردۈم، شۇڭا ئۆزەمگىمۇ سوئال قوياتتىم ۋە باشقىلاردىن بۇ ئىككىيلەن بىر بىرىنى قانداقمۇ چۈش...

     ئاقكۆڭۈل ئايال
    يۇسۇپ ساباھى (مىسىر)
    سۇلتان سوپى تەرجىمىسى 

        دەسلەپتە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئىشىدىن گۈمانلىنىپ يۈردۈم، شۇڭا ئۆزەمگىمۇ سوئال قوياتتىم ۋە باشقىلاردىن بۇ ئىككىيلەن بىر بىرىنى قانداقمۇ چۈشىنىدىغاندۇ؟ تەقدىر ـ قىسمەت ئۇلارنى ئوخشاش بىر كويغا سېلىپ مەڭگۈلۈك ھەمرا بولۇشقا مەجبۇر قىلغاندىمۇ؟ دەپ سورايتتىم. ئۇلارنىڭ بىر بىرىنى ھەددىدىن زىيادە قەدىرلىشى كىشىنى بەكمۇ ھەيران قالدۇراتتى، ئۇلارنىڭ تويى ـ كىشىنى چۆچۈتكىدەك زىدىيەتلەر بىلەن تولغان بولسىمۇ ـ بىر بىرىگە بولغان مۇھتاجلىق ياكى غەيرى ئەھۋال ئاستىدىكى دىشۋاچلىق ياكى يېڭىپ بولمايدىغان سىرلىق ئامىللارنىڭ ئۇلارنى بىر بىرى بىلەن باغلىنىپ تۇرۇشقا مەجبۇرلىغانلىغىنىڭ نەتىجىسىمىكىن، دەپ قاراتتىم.
       شۇنداق، مېنىڭچە، ئۇلارنىڭ غەلىتە تويى مەلۇم مەخسەت بىلەن قىلىنغان، چۈنكى كىشىلىك تۇرمۇش ئەقىلغا سىغمايدىغان تۈرلۈك ھادىسىلەرگە تولغان ـ دە، ئۇلارنىڭ تويىنى ـ يۇقۇرىدىكى چۈشەنچە بىلەنلا چۈشەندۈرۈشكە بېرىشكە تىلىم ئاجىزلىق قىلىدۇ. بىر ئەما ئەر بىلەن بىر گاچا ئايال ئوتتۇرسىدا قانداق قىلىپ مۇشۇنداق مۇھەببەت تىكلىنىپ قالغان؟
       ئۇلار قانداق قىلىپ خېيىم ـ خەتەرگە قارىماي ئامراق ئەر ـ خوتۇنلاردىن بولۇپ قالالىدى؟
       ئەگەر ئۇلار بىجىرىم چاغلىرىدا توي قىلىپ، كېيىن بەختسىزلىككە ئۇچرىغان بولسا، بۇ قىلچە ئەجەپلىنەرلىك ئىش بولمايتتى. مەن ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىنىڭ تەبىئى ھالدا باغلانغانلىغىنى ھەمدە بەخىتسىزلىك، ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدە تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقانلىغىنى، كۈچەيگەنلىگىنى باشقىدىم. ئۇلار بىر بىرىنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرگەچكە بىللە ياشاپ كەلدى. ئەمما ئۇلار بىر بىرىنى قانداق چۈشىنىدىغاندۇ؟ ھىس ـ تۇيغۇلىرىنى قانداق ئىزھار قىلىشىدىغاندۇ؟
       مۇبادا ھەر ئىككىلىسى گاچا بولغان بولسا، بىر بىرى بىلەن سۆزلىشەلمىسىمۇ، كۆز ئىشارىتى بىلەن بىر بىرىنىڭ قەلبىنى چۈشىنەلەيتتى ياكى ھەر ئىككىلىسى ئەما بولغان بولسا، بىر بىرىنى كۆرەلمىسىمۇ، مۇھەببىتىنى تىل بىلەن ئىزھار قىلىپ مۇڭدىشالاتتى. بىراق، ئۇلارنىڭ بىرى ئەما، بىرى گاچىدە، بۇ مېنى بەكمۇ ھەيران قالدۇردى. مەن دائىم ئۇلار قانداق بىللە ياشايدىغاندۇ؟ بىر بىرىنى قانداق چۈشىنىپ، ئىناق ـ ئىجىل ئۆتىدىغاندۇ؟ دەپ ئويلايتتىم. ئۇلار بىلەن كۆپ ئۇچرىشىپ، تۇرمۇشىدىكى نۇرغۇن ئەھۋاللارنى ئىگەللىگەندىن كېيىنلا، ئۇلارنىڭ بىر بىرىگە مەقسەتلىرىنى قانداق ئۇقتۇرۇشىدىغانلىغىنى بىلىپ يەتتىم.
       توۋا دەيدىغان ئىشتە.ئۇ ئىككىسى پۈتۈن ئەزايى بىجىرىم كىشىلەردەك بىر بىرىنى ئوبدان چۈشىنەتتى، ئۆزلىرىنى قىلچىمۇ ئاجىزدەك ھىس قىلىشمايتتى. ئۆز ئارا چۈشىنىش مۇھەببەتنىڭ مەھسۇلىمدۇ ياكى ئۇۇزن مۇددەت بىللە ياشاش ۋە ئىجىل ـ ئىناقلىقنىڭ داۋاملىشىشىمىدۇ؟ مەن ئۇلار بىلەن تۇنۇشۇشتىن ئىلگىرى، گاچىنىڭ قۇلىغى ئاڭلىمايدۇ، دەپ ئويلاتتىم. لېكىن بۇ ئايالنىڭ قۇلىغى ئاڭلايدىغاندەك قىلاتتى. ئۇ ئېرىنىڭ ئاغزى مىدىرلىسىلا ئۇنىڭ نىمە دەۋاتقانلىغىنى بىلەتتى، ئېرى گەپ قىلسىلا چۈشىنەتتى، ئېيتقىنىنى خاتاسىز ئورۇنلايتتى. ئېرى غەلىتىلا بىر ئادەم بولۇپ، ماڭا بەكمۇ سەزگۈر تۇيۇلاتتى. ئۇنىڭ باشقا سەزگۈ ئەزاسى بارمۇ -يوقمۇ، بۇنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ. ئايالى ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمىسىمۇ، ئۇ ئايالىنىڭ ئازۇسىنى چۈشىنىپ، كۆڭلىدىكى ھەممە ئىشنى بىلىۋالاتتى.
        قىسقىسى، ھەر قانداق ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ ئالاقىسىنىڭ بىرەر توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىغىنى يولۇقتۇرمىدىم. ئۇلار بەئەينى بىجىرىم كىشىلەردەكلا ئۆتۈشەتتى. ئۇلارغا كۆپرەك ئارىلاشقانسېرى گۇمانىممۇ ئازايدى. لېكىن كۆڭلۈمدىن ھەيرانلىق كۆتىرىلىپ كەمىدى. بۇ ئىككىسىنىڭ سىرىنى بىلىشكە بەكمۇ تەشنا ئىدىم. ئۇلار قانداق ئۇچراشقاندۇ؟ بىر بىرىنى قانداق ياخشى كۆرۈپ قالغاندۇ؟ سۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىنى مۇھاكىمە قىلىشقا ئەرزىيتتى.
        بىر كۈنى كەچتە بىر پۇرسەت كېلىپ، ئەما كىشى بىلەن ئىككىمىز بالكوندا يالغۇز ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىپ قالدۇق. مەن ئۆز ئەھۋالىمنى ئۇنىڭغا ئېرىنمەي سۆزلەپ بەردىم. ئەتراپنى كېچە جىمجىتلىغى قاپلىغان، مەيىن شامال سوقۇپ تۇراتتى. ئۇ سالماق بىلەن سۆزلەۋېتىپ، بىردىنلا پۇتلىرىنى ئۇزارتتى ـ دە، بېشىنى كۆتىرىپ، گويا بىر نەرسىگە زەڭ سېلىپ قاراۋاتقاندەك ئاسمانغا ئۇزاق تىكىلدى.
        ـ مەن ئۆمرۈمدە ئىككى قېتىم مۇھەببەت قويدۇم، ـ دىدى ئۇ،
       ـ تۇنجىسى دەپنە قىلىنىپ كەتتى، قەلبىمدە ئۇنىڭ پەقەت ئۇپۇقتا ئۈزۈپ يۈرگەن بۇلۇتلاردەك غۇۋا ئەسلىمىلىرىلا قالدى. مەن ئۇنىڭدىن جۇدا بولدۇم ياكى ئۇنى ئەلەمدە قويماسلىق ئۈچۈن، ئىزدېرەكسىز يوقىلىپ كەتتىم، دىسەممۇ بولىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا بىز قەسەم ئىچىشىپ ئايرىلغان ئىدۇق. مەن فرونتقا كەتتىم. لېكىن شارائىت قەسىمىمنى بەربات قىلدى. شۇندىن بېرى بىز دىدار كۆرۈشمىدۇق، مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن يەنە كۆرۈشۈشنى خالىمىدىم. ماڭا ئايانكى، ئۇنىڭ نەزىرىدە مەن ئاللىقاچان ئىز دېرەكسىز يوقىلىپ كەتكەن، ئۆلگەن ئادەم ئىدىم، تەنھا ئۆتۈپ كېتىشكە رازى ئىدىمكى، ئۇنىڭغا ئىككى كۆزۈمدىن ئايرىلغان مەجروھ قىياپىتىمنى كۆرسىتىشنى ھەرگىز خالىمايتتىم. مەن ئۇنىڭ ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىلىرىدە ئورۇن ئېلىشنىلا ئويلاتتىم، ئۇنى ئېغىز دەرت ـ ئەلەمگە قالدۇرۇشنى ياكى ئۇنى مەندىن بىزار قىلىدىغان ئوشۇقچە يۈك بولۇپ قېلىشنى زادى خالىماتتىم. مەن ساغلام چاغلىرىمدا، ئۇمۇ گۈلدەك گۈزەل قىز ئىدى، بارلىق خۇشپۇراقلىرى ماڭا تەئەللۇق ئىدى. ئەمدىلىكتە مەن ئۇنىڭغا يۆلىنىۋېلىشقا ياكى ئۇنى مېنىڭدەك ئىككى كۆزىدىن ئايرىلغان، تۇرمۇش ئىستىقبالى يوق ئەما بىلەن ياشاشقا مەجبۇرلايدىغان ھىچ ھەققىم يوق ـ تە... بەختسىزلىككە ئۇچراشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببەت رىشتىم مېنى ئۇنىڭغا چىڭ باغلاپ تۇراتتى. بالا ـ قازاغا يولۇققاندىن كېيىن، بۇ مۇھەببەت مېنى ئۇنىڭدىن جۇدا قىلدى. مەن شۇنداق ئەقىدە فرونتتىن قايتىپ كەلدىم ھەم قايتىپ كالمىگەندەكمۇ ئىدىم. چۈنكى ئۇلار مېنى ئىز ـ دېرەكسىز يوقىلىپ كەتتى دەپ ئېلان قىلىشقان. غېمىمنى يەيدىغان، ئىز ـ دېرىگىمنى قىلىدىغان ئۇنىڭدىن باشقا ئادىمىم يوق ئىدى. ئاتا ـ ئانامدىن كىچىك قېلىپ غۇربەتچىلىكتە يىگانە ياشىغان ئىدىم. ھىچكىمنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشەلمىدىم، مەنمۇ ھىچكىمگە كۆڭۈل بەرمىدىم. ئاخىرى ئۇنى ئۇچراتقىنىمدا، گويا ئادىمىزاتسىز چۆل ـ باياۋاندا مۇدھىش ئىسسىق، ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق ئازاۋىدا ئادىشىپ يۈرگەن ئادەمنىڭ بىر باغۇ ـ بوستالىققا ئۇچراپ، مىۋىلىرىدىن يەپ، سۈزۈك سۇلىرىدىن ئىچىپ تەشنالىغىنى قاندۇرغىنىغا ئوخشاش ھۇزۇرلانغان ئىدىم. مەن ئىككى كۆزۈمدىن ئايرىلغان ھالدا فوروتتىن قاتتىپ كەلدىم. تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، يوقالغان، ئۆلگەن ئادەمگە ئايلىنىپ قالغان ئىدىم. مەن يەنە يىگانە بولۇپ قالدىم، تۇرمۇشنىڭ چول باياۋانلىرىدا جان تالىشىپ يۈردۈم. باغۇ ـ بوستاندىن، شېرىن مىۋىلەردىن، سۈزۈك سۇلاردىن مەھرۇم بولدۇم. كېلىچەك ۋە ئارزۇ ـ ئارمانلاردىنمۇ مەھرۇم بولدۇم. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بارغانچە چۈشكۈنلىشىپ، ھاتاتتىنمۇ بىزار بولدۇم. ئازتولا ئېتقات بولمىغان بولسا، بىراقلا ئۆلۈپ تۈگەشكەن بولاتتىم. بىر كۈنى مەن ئۆزەمنى ئۆلۈپ قايتا تىرىلگەن ئادەمدەك ھىس قىلدىم. شۇنداق، قايتا تىرلدىم. ئۇزاق ئادىشىپ يۈرگەندىن كېينن پانالانغىدەك جاي تاپتىم. ئۇزۇن مۇددەت كۈرەش ئارقىلىق كۆڭلۈمدىكىدەك ماكانغا ئېرىشتىم. مەن ئىككىنچى قېتىم مۇھەببەتكە قەدەم قويدۇم. ئۇنى نىمە ئۈچۈن ياخشى كۆرۈپ قالغانلىغىمنى بىلمەتتىم. بۇنىڭغا، ئېھتىمال، بىر جۈپ يۈرەكنىڭ بىر بىرىگە مايىللىغى ياكى ئىككىلىمىزگە بەختسىزلىك ئېلىپ كەلگەن نۇقسانلىرىمىز سەۋەپ بولغاندۇ، ياكى بولمىسا ئۇنىڭ ماڭا بىرىنچى بولۇپ ھىسداشلىق ۋە غەمخورلۇق قىلغانلىغىدىنمۇ؟ ئۇنڭسىزمۇ، مەن بىلەن توي قىلشقا رازى ئىدىم. چۆل ـ جەزىرىدە كېتىۋاتقان بىر كىشى بىر ئوتلام سۇ ياكى كىچىككىنە سايىنى تاشلاپ كېتەمدۇ؟ مەن ئۇنى غەلىتە ئەھۋالدا ئۇچراتتىم. بۇبادا يولۇقتۇرغىنىم ئۇنىڭدىن باشقا ئايال بولسا، توي قىلىشنى زىنھار ئويلىمايتتىم. ئۇنىڭغا كەلسەك، ئۇنى بۇنىڭدىنمۇ بەتتەر ئەھۋالدا ئۇچراتقىنىمدىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن قىلچە ئىككىلەنمەي توي قىلغان بولاتتىم. مەن ئۇنى بىر پاھىشخانىدا ئۇچراتتىم. بىر ئاغىنەن مېنى ئۇ يەرگە بېرىپ كۆڭلۈمنى ئېچىپ كېلىشكە دەۋەت قىلغان ئىدى. ئۇ يەرگە بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغىنىمدا، ئۇ زادى زۇۋان سۈرمەيتتى. ئۇنىڭ نازاكەتلىك ۋە ئاقكۆڭۈل ئايال ئىكەنلىگىنى ھىس قىلدىم. كېيىن مەن پاھىشىخانا خوجايىنىدىن ئۇنى سۈرۈشتە قىلدىم. خوجايىن ماڭا ئۇنىڭ گاچا ئىكەنلىگىنى ئېيتتى. تېزلا بىر بىرىمىزگە كۆڭلىمىز چۈشۈپ قالدى. ئۇ ماڭا ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز خەيرىخاھلىق قىلدى. مەنمۇ ئۇنىڭغا مۇھەببىتىمنى ئىزھار قىلدىم. تۈن يېرىم بولغاندا، ئۇ مېنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويدى. ئەتىسى ئۇ مېنى توقلاپ كەلدى. شۇندىن كېيىن كۈمدە كېلىدىغان بولدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي توي قىلدۇق. ئىشلار ناھايىتى تېز پۈتتى، تونوشقىنىمىزدىن توي قىلغىنىمىزغا قەدەر پەقەت بىر ھەپتىمۇ ئۆتمىدى. مەن ناتونوش بىر پاھىشە ئايالنى بىر كۆرۈپلا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلدىم. بىراق، سىزگە كېسىپ ئېيتىمەنكى، مەن بۇ ئىشىمغا ھازىرغىچە پۇشايمان قىلىپ باققىنىم يوق. ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقاندىلا، قانداقتۇ بىر سىرلىق نەرسە مېنى ئۇنىڭغا خۇشتار قىلىپ قويغان ئىدى. گەرچە ئۇ شۇنداق ئايال بولسىمۇ. ئىسلزادە خېنىملاردىن ئېشىپ چۈشىدىغانلىغىنى جەزىملەشتۈردۈم. سىز قانداق قارايسىزكىن، ئىشقىلىپ، ئۇ ئۆتۈپ كەتكەن ھاياتىمدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى. ئەما بولۇپ قېلىشتىن ئىلگىرى، دەسلەپكى سۆيگىنىم بىلەن توي قىلغان تەقدىردىمۇ، ھازىرقىدەك بەختلىك بولمايتتىم. ئۇزۇندىن بېرى مەن ئۆزەمنى ھىچنىمەمدىن ئايرىلمىغاندەك ھىس قىلىمەن. چۈنكى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن دەسلەپكى سۆيگىنىمگە ئوخشاش لەززەت ئالدىم. ئۇنى باغرىمغا باسقان چېغىمدا، خۇددى بىر ئايالنىڭ ۋۇجۇدىدىن بىراقلا ئىككى ئايالنى ياخشى كۆرۈۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىمەن. كۆزۈمدىن مەھرۇم بولغان بولساممۇ، ئۇنىڭ قەلبىدە تۈنجى سۆيگىنىمنى كۆرۈپ تۇرغاندەك بولىمەن.
        ئۇ جىمىپ كەتتى. مەن نىمە دىسەم ياخشى بولىدىغانلىغىنى بىلمىدىم. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن قارىغاندا، ئۇ دەسلەپكى سۆيگىنىدىن تېخىچە مېھرىنى ئۈزەلمىگەن. ئەگەر دەسلەپكى سۆيگىنى بىلەن ئۇچرىشىپ قالسا، ھازىرقى مۇھەببىتىنىڭ بەربات بولۇشىدىن ئەندىشە قىلىدىغاندەك قىلاتتى. ئۇ تەنھا ئۆتۈپ كېتىشكە رازى ئىدىكى، ھەرگىزمۇ ئايرىلىش ئازاۋىنى تارتىشنى خالىمايتتى، تۇنجى مۇھەببىتىنىڭ خىيالىي كۆرۈنۈشلىرىنىڭ خاتىرىسىدە مەڭگۈ ساقلىنىپ قېلىشنىلا خالايتتى. ھىجران ئازاۋى ئۇنى ھالدىن كەتكۈزگەن ئىدى. لېكىن ئۇ بىرىنچى بولۇپ ئۆزىگە ھىسداشلىق قىلغان ئايالنى يولۇقتۇردى. ئۇ قەلبىدە ساقلانغان مۇھەببىتىنى پۈتۈنلەي ئۇنىڭ بەخش ئەتتى: ئۇنىڭ بىلەن يېقىنلاشتى، ئۇنىڭغا مۇھەببەت باغلىدى، بۇ ئايالنىڭ قىياپىتىنى دەسلەپكى سۆيگىنىنىڭ قىياپىتى بويىچە تەسەۋۇر قىلدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھىچقانچە ئىش ئەمەس ئىدى، بۇ ئايالنىڭ چىرايىنى كۆرمىگەچكە، ئۇنىڭ بىلەن دەسلەپكى سۆيگىنىنى پەرقلەندۈرەلمەيتتى.
        مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇزاق قول سىقىشىپ خوشلاشتىم. ئەمدىلا ماڭماقچى بولغىنىمدا، ئۇنىڭ خوتۇنى يان ھوجرىدىن چىقىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئەپتىدىن كۆڭلىدە نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلاۋاتقانلىغى چىقىپ تۇراتتى. ئۇ مېنىڭ بىلەن بىللە مېڭىپ، مېنى ئىشىك ئالدىغىچە ئۇزىتىپ قويماقچى بولدى.
    ـ ئەھۋالنى ئۇنىڭدىن ئاڭلىدىڭىزغۇ دەيمەن؟ ـ دەپ سورىدى. مەن قاتتىق چۆچۈپ مەڭدەپ قالدىم، گاچىنىڭ زۇۋانغا كېلىشىنى زادىلا ئويلاپ باقمىغان ئىدىم.
    ـ سىز سۆزلەۋاتامسىز؟
    ـ دەپ سورىدىم مەن ئەجەپلىنىپ پەس ئاۋازدا.
    ئۇ بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ شۇنداق دىدى:
    ـ مەن بۇ ئىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى باشقا تەرەپتىن ئىگەللەپ باقسىڭىزمىكىن دەپ قارايمەن. ئۇنىڭ تۇنجى سۆيگىنى باشقا كىشى ئەمەس، دەل مەن. ئۇنى بىرىنچى قېتىم ئۇچراتقىنىمدا، جېنمدىن جۇدا بولغىلى تاسلا قالغان ئىدىم. مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن. ئۇ، مېنى ھالاكەت گىرداۋىدىن قايتۇرۇپ كەلدى. بىز خۇددى ئۇ سىزگە سۆزلەپ بەرگەندەك، ئۆمۈرۋايەت بىللە ئۆتۈشكە ۋەدە قىلىشقان ئىدۇق. كېيىن ئۇ فرونتقا كەتتى. مەن ئۇنى كۈتتۈم. سەبداشلىرىدىن ئۇنىڭ ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىگىنى بىلگىنىمدە، قايغۇ ـ ھەسرەتكە چۆكۈپ ئۈمىتسىزلەندىم، ھەممىدىن ئايرىلدىم، دەپ ئويلىدىم. مەن يەنە بىر قېتىم چۆڭقۇر ھاڭغا چۈشۈپ كېتىۋاتقىنىمدا، قۇتۇلدۇرىدىغان ئادەم چىقمىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، تا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقانغا قەدەر، تېنىمنى سېتىپ كۈن كەچۈردۈم. ئۇنى ئۇچراتقاندا، گويا ئۆلۈپ تىرىلگەن كىشىنى كۆرگەندەك بولدۇم. ئۇنى ئەسلىدىم ۋە ئۇنىڭغا مۇھەببەت قويدۇم. ئۇنىڭ قەلبىدىكى مېنىڭ گۈزەل، ئالىجاناپ، پاك ئوبرازىمغا نۇقسان يەتكۈزۈشنى خالىمايتتىم. ئۇنىڭ ئالدىدا پاھىشە ئاياللىق پەسكەش قىياپىتىمنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن پاھىشخانا خوجايىنىدىن مېنى ئۇنىڭغا گاچا دەپ قويۇشنى ئۆتۈندۈم ۋە ئۇنىڭدىن ئۆزەمنى قاچۇردۇم. لېكىن ئۇ سىرىمنى بىلىپ قالغاندەك، ماڭا بەكمۇ بېرىلىپ كەتتى. نائىلاج، ئۇنىڭ دەسلەپكى سۆيگىنى ئەمەس، بەلكى باشقا بىر ئادەم قىياپىتىدە ئۇنىڭغا قىزغىن مۇھەببەت قويدۇم، شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلمىدىم. ئۇ مەندەك بىر گاچا پاھىشە ئايال بىلەن توي قىلماقچى بولدى. مەن قىلچە ئىككىلەنمەي ماقۇل بولدۇم. مەن ئۇنىڭ بىلەن يېڭىچە پەزىلەتتە ياشاپ كەلدىم. ئۆتكەنكى ئىشلارنىمۇ خاراپ قىلمىدىم ھەم بۈگۈنكى ھاياتقىمۇ ئېرىشتىم. مەن ئۇنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىدىكى ئۇنىڭغا خاتىرجەملىك ۋە بەخت بەخش ئەتكەن ئايىلى. ئۆتكەن كۈنلەر خاتىرىسىدىكى گۈزەل، پاك قەلبگە ئىگە سۆيگىنى بولۇپ ياشاۋاتىمەن.

    «دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ 1984-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى («قانلىق جىلغا» ناملىق ھىكايىلەر توپلىمىدىن تەرجىمە قىلىنغان)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق