تىلەمچى ئايال(تىموف بوردولياك )

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-25 18:57:00

تىلەمچى ئايال تىموف بوردولياك (روسىيە) رەسىم كۆرگەزمىسىدىكى رەسىملەردىن ئېكىسكۇرسىيىچىلەرنى ئۆزىگە ئەڭ جەلىپ قىلىدىغىنى ياش بىر رەسسامنىڭ ئەسىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا چوڭ شەھەرلەردە كۆپ ئۇچرايدىغان...

    تىلەمچى ئايال
    تىموف بوردولياك (روسىيە)

     رەسىم كۆرگەزمىسىدىكى رەسىملەردىن ئېكىسكۇرسىيىچىلەرنى ئۆزىگە ئەڭ جەلىپ قىلىدىغىنى ياش بىر رەسسامنىڭ ئەسىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا چوڭ شەھەرلەردە كۆپ ئۇچرايدىغان، قېرىپ مۈكچەيگەن تىلەمچى بىر ئايالنىڭ ئوبرازى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلگەن ئىدى. رەسىم ئەينەن سىزىلغانلىغى ئۈچۈن، ئېكسكۇرسىيىچىلەر رەسسامنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەي ماختىشاتتى.
        ياز كۈنلىرىنىڭ بىرى ئىدى. بۇ رەسىمنىڭ ئالدىغا ئۈچ كىشى كەلدى: ئۇلاردىن ياشقىنا بىر ئەر بىلەن چىرايلىق كىيىنگەن سۇمباتلىق ياش ئايال ئىككىسى ئەر ـ خورۇنلار بولۇشى مۈمكىن: يەنە بىرى قەددى ـ قامىتى كېلىشكەن، كىيىم ـ كېچەك، زىبۇ ـ زىننەتلىرى ئىسىل بىر خېنىم ئىدى. قارىغاندا بۇ خېنىم ھىلىقى ياش ئايالنىڭ سىڭلىسىدەك قىلاتتى.
        ئۇلار رەسىمنىڭ ئالدىدا بىر ـ بىرىگە يېقىن تۇرۇشاتتى، كۆزلىرىدىن تىل بىلەن تەرىپلەش قىيىن بولغان بىر خىل شات ـ خوراملىق ۋە بەدىئى ئەسەر قوزغاتقان ھەيرانلىق ئالامەتلىرى ئەكس ئېتەتتى. ۋاقىت چۈشكە تاقىلىپ قالغان ئىدى. ھاۋا ناھايىتى ئىسسىق بولغاچقا، زالدا ئېكسكۇرسىيىچىلەر شالاڭ ئىدى. بۇلار ئەتراپىدا كىشى بولمىغاچقا، رەسىم توغرىلىق كۆز قاراشلىرىنى بىمالال دىيىشتى:
       ـ توۋا خۇدايىم، ـ دىدى ئايال رەسىمگە قاراپ، ـ بۇ رەسىمنى ئەجەپمۇ ئوخشىتىپتۇ ـ ھە! بۇنداق ئاجايىپ رەسىمنى ماھارەتتە يېتىشكەن ئۇستا رەسسام سىزغان بولسا كېرەك.
        ـ تىلەمچى ئايالنىڭ نۇرسىز كۆزلىرى خۇددى بىزگە مۆلدۈرلەپ قاراۋاتقاندەكلا، گويا ئۇ: خۇدا ھەققىدە ئاتىغىنىڭلارنى سەدىقە بېرىڭلار! دەپ يالۋۇرۇۋاتقاندەكلا ـ ھە، ـ دەپ قوشۇمچە قىلدى خېنىممۇ ئۇلۇغ ـ كىچىك تىنىپ.
       ـ سەنئەتنىڭ ماھىيىتى دەل ئەنە شۇنىڭدا، ـ دىدى ئەر رەسىمگە ئۇلاردىن چوڭقۇرراق پىكىر يۈرگۈزگەنلىكىنى جاكالىغاندەك، ـ نەرسىلەرنىڭ شەكلىنى ئەينەن سىزىش، چىراي شەكىلىمۇ، روھىي كەيپىياتىمۇ تەڭ بولۇش، ئوبراز مۇكەممەل بولۇش ـ مانا بۇلار خۇددى مۇشۇ رەسىمنىڭ ئاپتورىغا ئوخشاش ھەقىقى سەنئەتكارلار ئىگەللەشكە تېگىشلىك ئىلىم. ئاڭلىسام، بۇ رەسىمنىڭ ئاپتورى تېخى ناھايىتى ياشمىش. مېنىڭچە، ئۇ جەزمەن ئىستىقباللىق بىر ياش.
        ئۇلار كەينىگە بىر قانچە قەدەم چېكىنىپ، رەسىمنى يېڭىۋاشتىن كۆڭۈل قويۇپ كۆرۈشتى.
        ـ موماينىڭ كۆزىگە سەپسېلىڭ! ـ دىدى ئەر يېنىدىكى ئايالىغا، ـ بۇ يۈزدىكى ھەر بىر قورۇقنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئاپتور مەقسەتلىك ھالدا كۈننىڭ نۇرىنى يۈزىگە چۈشۈرگەن. مانا شۇنداق قىلغاندىلا، كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. شۇڭا تەلەمچى ئايالنىڭ چىرايىدىكى ئەڭ كىچىك قورۇقچىلارمۇ كۆزگە روشەن كۆرۈنىدىغان بولۇپ چىققان. بۇرۇنقى ئوتلۇق كۆزلەرنىڭ ئەمدىكى نۇرسىز پىلدىرلاشلىرى، پۈرۈم ـ پۈرۈم قورۇقلار ئاستا مىدىرلاۋاتقاندەك كۆرۈنگەن، بىر تالمۇ چىشى قالمىغان يېرىم ئوچۇق ئېغىز نەقەدەر ئەينەن سىزىلغان ـ ھە!...
        ـ ھەقىقەتەن ئاجايىپ ئوخشىتىپتۇ! ـ دىيىشتى ئاچا ـ سىڭىل تەڭلا.
        ـ بۇ، ـ دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ئەر، ـ تەجرىبە ۋە ماھارەت مەسىلىسى. تېخىمۇ مۇھىمى، رەسسامنىڭ رىيال تۇرمۇشنى رەسىمدە ئەكس ئەتتۈرۈشكە ماھىر بولغانلىغى، ئىككىڭلار تازا سەپسېلىپ قاراڭلارچۇ، مانا بۇ چىراي نۇرغۇن ئىسىق ـ سوغاقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، كېسەللىك، ئاچ ـ يالىڭاچلىقنىڭ دەردىنى تارتقان چىراي ئەمەسمۇ؟ بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئېيتقاندا، بۇ، تۈرمۇشنىڭ ئەينەن تەسۋىرى! موماينىڭ خىرەلەشكەن كۆزلىرى، پۈرۈم ـ پۈرۈم قورۇق باسقان يۈزى ۋە كۆكەرگەن لەۋلىرى سىزدىن ياردەم تىلەۋاتىدۇ. گويا بىزلا ئىنساپ قىلساق، ئۇ ھالاكەتتىن قۇتۇلۇپ ھايات يولىغا ئېرىشىدىغاندەك ياردەم تىلەپ تۇرىدۇ. شۇنداق ئەمەسمۇ؟
       ـ شۇنداق، ھەقىقەتەن شۇنداق! ـ دەپ ماختاشتى ئىككى خېنىم تەڭلا. ـ مۇشۇ تاپنىڭ ئۆزىدە مەندىمۇ بىر خىل چوڭقۇر ھىسداشلىق تۇيغۇسى بارلىققا كەلدى. ھەقىقى سەنئەت كىشىلەر قەلبىدە ئورتاق ھىسىيات قوزغىتالايدىكەن دىگەن ئويغا كەلدىم، دىدى ئاچىسى.
        ـ ئۇنىڭ ئۈستىگە، رەسىم يۈزىنىڭ ئومۇمى نىسبىتى نىمە دىگەن ماسلاشقان رەسىمنىڭ تۈزۈلۈشىمۇ نىمە دىگەن تەكشى ـ ھە! ـ دىدى ئەر سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ـ پۈتۈن رەسىمنىڭ رەڭ سىۋىتلىرى ئۆزىگە سىڭگەن. بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئېيتقاندا، ئاتاقلىق رەسسامنىڭ مۇنەۋۋەر ئەسىرى بولۇشقا مۇناسىپ رەسىم ئىكەن، ئىككىڭلار رەسىمنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا يەنە بىر قېتىم سەپسېلىپ، ھىس قىلغىنىڭلارنى دەپ بېقىڭلارچۇ.
       ئاچا ـ سىڭىل ئىككىسى رەسىمگە پۈتۈن زېھنى بىلەن قاراشقا باشلىدى. بۇ چاغدا، ئەر يانچۇغىدىن بىر ۋاراق قەغەزنى چىقىرىپ ئونى نوكەش قىلىپ يۆگىدى ـ دە، ئايالىغا سۇندى:
        ـ مانا ماۋۇنىڭدىن قاراڭ. ئايالى بىر كۆزىنى قىسىپ تۇرۇپ يەنە بىر كۆزى بىلەن قەغەز نوكەشتىن قاراشقا باشلىدى. قىز ئىككى ئالقىنىنى يۇمۇپ بىرلەشتۈرۈپ، خۇددى دۇربۇندا قارىغاندەك ئالقانلىرىنىڭ ئارىلىغىدىن ئايال تىلەمچىنىڭ رەسىمىگە قارىدى.
       ـ ھە، سىز نىمىگە قاراۋاتىسىز؟
       ـ قولىغا قاراۋاتىمەن. ـ دىدى ئايالى جاۋابەن، ـ گويا ئۇنىڭ قولى گۈللۈك رەختنىڭ ئىچىدىن سۇنۇلغاندەك كۆرۈنۈۋاتىدۇ.
       ـ يەنە بىر قولىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. پەقەت يالىڭاچ بىلىگىنىلا كۆرگىلى بولىدۇ، ـ دەپ قوشۇمچە قىلدى قىز ۋىللىدە قىزىرىپ.
       ـ مەن سىلەرنى قاراڭلار دىگەن يېرىم دەل شۇ، ـ دىدى ئەر رازىمەنلىك بىلەن، ـ بۇ تىلەمچى ئايال ئاشۇ يالىڭاچ قولى بىلەن يىرتىلغان جۇل ـ جۇل كۆينىگىنى بېسىپ تۇرۇپ «ئەمىلىيەتتە بۇ قولىنىڭ كارى چاغلىق»يەنە بىر قولىنى سۇنۇپ بىر نەرسە تىلەۋاتىدۇ. دەل مانا شۇ سۇنۇلغان قولى ياش رەسسامنىڭ تالانت ئىگىلىرىگە خاس يۈكسەك ماھارىتىنى ئىپادىلەپ بەرگەن، ئۇ، پۈرۈم ـ پۈرۈم قورۇق باسقان، كۆپ ـ كۆك تومۇرلىرى كۆرۈنۈپ تۇرغان بىر قولنى كارامەت ياخشى سىزىپلا قالماستىن، بەلكى شۇ قول ئارقىلىق ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىنىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سۈرەتلەپ بەرگەن. شۇڭلاشقا، كىشىنى قول خۇددى بىزگە قارىتىپ سۇنۇلغاندەك، ئاپتاپ بولسا، شۇ قولنىڭ ئۈستىدە ۋىلىلداپ تۇرغاندەك ھىسسىياتقا كەلتۈرىدۇ، بولۇپمۇ، قول بىلەن تىلەمچىنىڭ چىرايىدىكى ئىپادە ئىنتايىن ماسلاشقان. سىلەر ئاشۇ چىراي بىلەن سۇنۇلغان قولغا يەنە بىر نۆۋەت سەپسېلىڭلار... نۇرغۇن ئىسسىق ـ سوغاقنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. كېسەللىك، ئاچ ـ يالىڭاچلىقنىڭ دەردىنى كۆپ تارتقان سۇنۇق چىراينى كۆرۈۋاتامسىلەر؟ رەسىم ئىچكى ھىسسياتنى ئىنتايىن روشەن ئەكس ئەتتۈرگەنلىگى ئۈچۈن، كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىدۇ.
        ـ ئىنتايىن توغرا ئېيتتىڭىز! ـ دىدى ئايال، ـ مۇشۇ تاپتا مېنىڭ قەلبىمنى بىر خىل قاتتىق ھاياجان چۇلغىۋالدى، يىغلىۋېتىدىغاندەكلا قىلىپ تۇرىمەن...
        ـ رەسىم ھەقىقەتەن ئاجايىپ ئۈستىلىق بىلەن سىزىلغان ئىكەن! ـ دەپ ماختىدى قىزمۇ ئاۋازىنى ئۈنلۈك چىقىرىپ، ـ بۇ رەسىمگە قارىغان كىشى بەزىدە ئۆزىنىڭ رەسىمگە قاراپ تۇرغانلىغىنى ئۇنتۇپ، سەدىقە قىلماقچى بولغان نەرسىسىنى سۇنۇلغان ئاشۇ قولغا تۇتقۇزۇپ قويۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. مېنىڭ يەنە بىلگىم كېلىۋاتقىنى، بۇ رەسىم قانچىلىك پۇلغا يارايدىغاندۇ؟
        ـ ئېھتىمال، ئاشۇرۇپراق مۆلچەرلىۋېتىشم تۇرغانلا گەپ، مېنىڭچە، ئاز دىگەندىمۇ ئون مىڭ دوللارغا يارايدۇ، ـ دەپ جاۋاپ بەردى ئەر.
       ـ مۇنچىۋالا قىممەت نىمىنى كىممۇ ئالىدىكىن ـ تاڭ؟! ـ بۇ رەسىمنى ھەشەمەتلىك مېھمانخانىلارغا زىننەت بۇيۇمى قىلىشقا بولىدۇ.
        ئۈچ نەپەر ئېكسكۇرسىيىچى بۇ قىممەتلىك رەسىمنى قانغىچە كۆرۈشكەندىن كېيىن، زالدىن يېنىپ كۆرگەزمىنىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا چىقتى.
        ـ ھازىر سۆيۈملۈگۈم، ـ دىدى ئايال ئېرىگە نازلىنىپ، ـ ئۆيگە قايتىپ چۈشلۈك تامىغىمىزنى يەيلى... ئۆيدىكى خىزمەتكار ئاشپەزگە سىزنىڭ ئامراق تاماق ـ سەيلىرىڭىزدىن بۇيرۇتۇپ قويغان ئىدىم... بىراق، بىز ماڭغان سودا سارىيىغا بېرىپ ھىلىقى يىپەك رەختتىن ئۆزەمگە بىر كۆينەكلىك ئېلىۋالاي، ئۆتكەندە مەن سىزگە ئېيتقاندا ماقۇل بولغانتىڭىزغۇ...
        ـ بولىدۇ، ـ دىدى ئەر شۇ ھامان بىر ئەرزىمەس چىقىمغا ماقۇل بولغاندەك.
       بۇ ئۈچەيلەن مەيداننى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، سودا سارىيىغا بارىدىغان بىر تار كوچىغا كىرگەندە، ئۇدۇل دوقمۇشتىى تامنىڭ تۈۋىدە تۇرغان بىر تىلەمچى ئايال ئۇشتۇمتۇت بۇلارغا قورايدەك ئورۇق قولىنى سۇنۇپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى:
       ـ ئوبدان بېگىم، ئوبدان خېنىم! ھېچنەرسە يىگىنىم يوق، قوسىغىم ئاچ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزەم كېسەل، مەندەك بىر بىچارە مەزلۇمغا رەھىم قىلىڭلار، خۇدالىق ئۈچۈن ئاتىغىنىڭلارنى بېرىڭلار! بىراق ، بېگىم ـ خېنىملار ئۇنىڭغا كۆزىنىڭ قىرىنىمۇ سالماستىن، گىدەيگىنىچە ئۆز يولىغا كېتىۋەردى. ئۇلارغا ھەر كۈنلۈگى ئۇچراپ تۇرىدىغان بۇنداق تىلەمچى ئاياللار ئازمىدى؟ ئۇنىڭ قاراپ قويغۇدەك نىمىسى بار؟
        شۇ چاغدا، تىلەمچى ئايال نىمە ئۈچۈندۇر ئاچلىق ئازاۋىدىن تاقىتى تاق بولۇپ، قانداقلا بولمىسۇن ئازراق بىر نەرسە تىلەپ ئالاي دىدىمۇ ياكى باشقا ئوي بىلەنمۇ ـ ئۇشتۇمتۇت، تامنىڭ تۈۋىدىن ئايرىلىپ، ھىلىقى چىرايلىق ئايالنىڭ ئالدىنى توساپ، مۇزدەك قولى بىلەن ئۇنىڭ ئاپپاق، نازۇك قوللىرىدىن تارتتى.
        ـ ۋاي خۇدايىمەي! ـ ئايال قاتتىق چۆچۈپ توۋلىۋەتتى، ـ ئەجەپمۇ قورقاتتى ماۋۇ قەلەندەر، قورقۇپ جېنىم چىقتىغۇ! ـ ئۇ ئېرىنىڭ بىلىگىگە مەھكەم ئېسىلىۋالدى. ئۈچەيلەن تەڭلا قەدىمىنى تېزلەتتى.
    ـ ھۇ ئۆلۈمتۈكلەر! نىمە دىگەن شەرمەندىلىك بۇ! ئارامخۇدا بازارغا چىقماقمۇ بىر گەپ بولدىغۇ! ـ دىدى كىچىك خېنىم ئىچى تىت ـ تىت بولۇپ.
    ـ مەن گېزىتتە بىر قانچە نۆۋەت شەھەرلىك پارلامېنتنىڭ مۇشۇنداق كىشىنى بىئارام قىلىدىغان ئىجتىمائى ئاپەتلەرگە دىققەت قىلىشنى دەۋەت قىلغان ئىدىم، بىراق شەھەرلىك پارلامېنت بىلەن ساقچى دائىرىلىرى قۇلاق سالمىدى، بىرەر تەدبىر قوللىنىپ، بۇ ئىجتىمائى ئاپەتنى تۈگتىش توغرىسىدا ئويلىنىپمۇ كۆرمىدى... ـ دىدى ئەر.
      ئۈچەيلەن سودا سارىيىغا قاراپ ئىتتىك يۈرۈپ كېتىشتى. ئەپسۇسكى، بۇ بېگىم ۋە خېنىملار ئاشۇ رۇدۇپاي دىۋانە خوتۇنغا ئوبدانراق سەپسېلىشىمىدى...
        ئەسلىدە ئۇ، ھىلىقى ئىستىقبالى بار ياش رەسسامنىڭ مۇدىلى ـ بېگىم ۋە خېنىملار كۆرگەزمىدە ھەيران قېلىشقانلىقلىرىدىن ئاغزى ـ ئاغزىغا تېگىشمەي ماختىشىپ كەتكەن رەسىمنىڭ مۇدىلى ئىدى. ئۇ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئوبرازى بولۇپ، رەسىم يۈزىدە بەدىئى جەھەتتىن ئىشلىنىش ئارقىلىقلار «غايىۋىلىشىپ» قالغان خالاس!

     «دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ 1984 ـ يىل 5 ـ سانىدىن ئېلىندى.»
    («روسىيە ئەدەبىياتى»نىڭ 1982 ـ يىل 5 ـ سانىدىن

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 10:40:30]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق