ھەسرەت (ئانا)

يوللىغۇچى : hasrat يوللىغان ۋاقىت : 2008-11-04 16:41:00

ئالىي مەكتەپكە يېڭىدىن كەلگەن چاغلىرىدا زامان ھەر قېتىم پوچتىدىن پۇل تاپشۇرۇۋالغاندا خىجىللىقتىن قىزىرىپ كېتەتتى. كۆز ئالدىغا بىپايان سەھرا، توپىلىق يول، چىتلاق تا...

    ئانا

    (ھېكايە)

    ياقۇپ ئىسمائىل

       ئالىي مەكتەپكە يېڭىدىن كەلگەن چاغلىرىدا زامان ھەر قېتىم پوچتىدىن پۇل تاپشۇرۇۋالغاندا خىجىللىقتىن قىزىرىپ كېتەتتى. كۆز ئالدىغا بىپايان سەھرا، توپىلىق يول، چىتلاق تام، كونىراپ، تاملىرى ئۆتمە – تۆشۈك بولۇپ كەتكەن ئۈچ ئېغىزلىق ئۆيى كېلىۋېلىپ، بىئاراملىق ئىچىدە لىۋىنى چىشلەيتتى. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ تۇيغۇلار بارا – بارا ئۇنتۇلۇشقا باشلىدى. مانا ئەمدى ئۇ ھەر قېتىم پوچتىدىن پۇل تاپشۇرۇۋالغاندا، ئاۋۋال كەچتە قىز دوستى بىلەن قەيەرگە بېرىپ ئويناپ كېلىشنى ئويلايدىغان بولدى.
        زامان پوچتىخاندىن چىقىپ ئەتراپقا كۆز تىكتى. باپكانىڭ موكىسىدەك ئۆتۈپ تۇرغان ماشىنىلار، دېڭىزدەك چايقىلىپ تۇرغان ئادەملەر، كۆك بىلەن بوي تالاشقان ئاسمان پەلەك بىنالار ئۇنىڭ قەلبىنى يەنە بىر قېتىم ھاياجانغا سالدى... ‹‹ھەقىقىي قايناق ھايات دەپ مانا مۇشۇنى دېسە بولىدۇ، ئېسىت ئاشۇ سەھرالىقلارنىڭ جاپادا ئۆتۈۋاتقان كۈنلىرى...›› دەپ ئويلىدى ئۇ.
        ‹‹ئانا بۇنىڭدىن كېيىن ماڭا كېرەكلىك پۇلنى ئەۋەتىپلا، خەت يازمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. چۈنكى مەن يوق چاغدا خەتنى باشقىلار ئوقۇۋېلىشى مۇمكىن. بۇ يەردىكىلەرنى سىز بىلمەيسىز، شەھەرلىك بالىلار سەھرالىقلارنى كۆزگە ئىلمايدۇ. مېنىڭ ئۇلارغا يېزىدىكى ئەھۋالىمىزنى بىلدۈرگۈم يوق...›› ئۇ ئانىسىغا شۇنداق دەپ خەت يازدى. چۈنكى ئالىي مەكتەپتىكى ھەشەمەتلىك تۇرمۇش كۆپ ئۆتمەيلا ئۇنى باغرىغا ئالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن ئانىسىنىڭ جاپا – مۇشەققەت ئىچىدە قورۇلغان چىرايى بىراقلا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. بىر چاغلاردىكى ‹‹جېنىم ئانا مەن سىزنى مەڭگۈ قەدىرلەيمەن. مېنى دەپ تارتىۋاتقان جاپالىرىڭىزنى ئېسىمدە چىڭ ساقلايمەن. تىرىشىپ ئوقۇپ، كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ، سىزنى ئوبدان باقىمەن...››دەپ پىچىرلىغانلىرى ئەمدى چۈشكە ئايلاندى.
      ‹‹ئوقۇمىساڭ بولمايدۇ! بۇ داداڭ رەھمەتلىكنىڭ بىردىنبىر ئارزۇسى. ئوبدان ئوقۇيمەن دېسەڭلا جىمى بېساتىمىزنى سېتىپ بولسىمۇ سېنى ئوقۇتىمەن بالام...›› دېگەنىدى ئانا ئۇنى ئالىي مەكتەپكە ئۇزىتىش ئۈچۈن قاتناش بېكىتىگە كەلگەندە باغرىغا مەھكەم بېسىپ تۇرۇپ. شۇ چاغدا زامان يىغلىغانىدى. ئانىسىنىڭ قارىسى يۈتۈپ، ئاپتوبۇس خېلى ئۇزاپ كەتكەن چاغدىمۇ ئۇنىڭ كۆز يېشى تېخى قۇرۇمىغانىدى. ئانا دېگىنىنى قىلدى. دەسلەپتە قوي – ئۆچكىلەرنى، ئاندىن ئۆيدىكى پۇلغا يارىغۇدەك بېساتلارنى سېتىپ ئۇنىڭ ئوقۇش ۋە تۇرمۇش خىراجىتىگە ئەۋەتتى.
        ئانا خەت يازمىدى. ئەمما ئۇنىڭ ئۈزۈلدۈرمەي ئەۋەتىپ تۇرغان پۇللىرى زاماننىڭ ئابرۇيىنى ئۆستۈرۈپ، بېشىنى ئاسمانغا يەتكۈزدى. ئۇ خۇددى ئۇزاق يىل تەربىيىلەنگەن كومېدىيە ئارتىسىغا ئوخشاش ھەممىگە قابىل بولۇپ چىقتى. ئۇ تۈزگەن سورۇن، ئېيتقان ناخشا، ئوينىغان ئۇسسۇللىرى بىلەن ساۋاقداشلىرىدىن كۆپ ‹‹بارىكاللا›› ئالدى.
      پۇل چېكى كىچىكىپ كەلگەن بولسىمۇ، زامان يەنىلا خۇشال ئىدى. ئۇ پۇلنى ئېلىپلا ساۋاقداشلىرى بىلەن بۇ مەركىزى شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى مەنزىرىلىك تاغلارغا ئوينىغىلى بېرىشقا جابدۇندى.  ئۇلار يەيدىغان، ئىچىدىغانلىرىنى ئېلىپ، كۈلكە چاقچاق بىلەن ئاپتوبۇس بېكىتىگە يېتىپ كەلدى. لېكىن، كۆزىدىن بەخت نۇرى چاقناپ تۇرغان زاماننىڭ يۈرىكى قارتلا قىلىپ قالدى. ئۇنىڭ كۆزىدىكى شادلىق ئۇچقۇنلىرى ئۆچۈپ، چىرايى تاتىرىپ كەتتى. شۇ تاپتا ئۇ نومۇسقىمۇ، غەزەپكىمۇ، ئوڭايسىزلىنىشقىمۇ ئوخشىمايدىغان غەلىتە كەيپىياتقا چۆمگەنىدى.
        بىر ئايال بېكەتتە ئاپتوبۇسلارنى ئارىلاپ يۈرۈپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتاتتى. تىلەمچى ئايال ئۇدۇل زامان ۋە ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى ئولتۇرماقچى بولغان ئاپتوبۇسقا قاراپ كېلىشكە باشلىدى. زامان تۇرغان جايىدا قوزۇقتەك قېتىپلا قالدى. «سەدىقە بېرىڭلار بالىلىرىم!...سەدىقە!...» تىلەمچى ئايالنىڭ ئاۋازى بارغانسېرى يېقىنلىشىشقا باشلىدى. زاماننىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشتى، ئۇ ئانىسىنى ئەمدى ئېنىق تونۇدى...!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ھەسرەت