سوۋغا

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-02-13 17:37:52

ىلگىرى ئاۋات بىر شەھەردە بىر كەڭ قورساق، ساخاۋەتچى شاھزادە ياشىغانىكەن، شەھەردىكى بارلىق پۇقرا بۇ شاھزادىنى ھىمايە قىلىدىكەن ھەم ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرىدىكەن.

     
    سوۋغا
     
    جېران خېلىل جېران (لىۋان)
     
    ئىلگىرى ئاۋات بىر شەھەردە بىر كەڭ قورساق، ساخاۋەتچى شاھزادە ياشىغانىكەن، شەھەردىكى بارلىق پۇقرا بۇ شاھزادىنى ھىمايە قىلىدىكەن ھەم ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرىدىكەن. بىراق بىر نامرات ئادەم بۇ شاھزادىگە ئۆچمەنلىك قىلىپ، ھەرقاچان ئەڭ يامان سۆزلەر بىلەن ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ تۇرىدىكەن. ئۇنىڭ بۇ قىلىقىنى شاھزادە بىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۆزگىرىشىنى سەۋرىچانلىق بىلەن كۈتىدىكەن.
    قارا قىشنىڭ سوغۇق بىر كېچىسى شاھزادىنىڭ بىر مالىيى بۇ نامرات كىشىنىڭ ئۆيىگە كەپتۇ، ئۇنىڭغا شاھزادە ئەۋەتكەن ئۇن، سوپۇن ۋە بىر خالتا شېكەرنى سوۋغا قىپتۇ، ئاندىن مۇنداق دەپتۇ:
    -بۇ سوۋغىلارنى شاھزادە ئەۋەتتى، ئۇنى ساڭا خاتىرە بولسۇن، دېدى.
    بۇ سوۋغا ئۇنى كۆرەڭلىتىۋېتىپتۇ، چۈنكى بۇ سوۋغا ئۇنى نەزىرىدە شاھزادىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىگە ئايلىنىپ قالغانىكەن، ئۇ ئەنە شۇنداق كۆرەڭ تۇيغۇدا ئىمامنى ئىزدەپ كېلىپ، شاھزادە ئەۋەتكەن سوۋغىلارنى كۆرسىتىپتۇ ۋە مۇنداق دەپتۇ:
    -سىلى بۇلارغا قاراپ شاھزادىنىڭ ماڭا چەكسىز ھۆرمەت بىلدۈرگىنىنى بىلەلمىدىلىمۇ؟
    -ھەي، شاھزادە نېمە دېگەن ئەقىللىق، سەن نېمە دېگەن دۆت، ھە؟ ئۇنى قىلچىمۇ چۈشەنمەيدىكەنسەن قېرىندىشىم،-دەپتۇ ئىمام،-ئۇ ساڭا سىمۋوللۇق نەرسىلەرنى ئەۋەتىپ، ساڭا نەسىھەت قىلغان. ئېچىرقاپ كەتكەن قورسىقىڭنى تويغۇزۇشۇڭ ئۈچۈن ئۇن، كىر بېسىپ كەتكەن بەدىنىڭنى يۇيۇشۇڭ ئۈچۈن سوپۇن، زەھەردەك تىلىڭنى تاتلىق قىلىشىڭ ئۈچۈن شېكەر ئەۋەتىپتۇ.
    شۇ كۈندىن باشلاپ بۇ نامراتنىڭ شاھزادىگە بولغان ئۆچمەنلىكى ھەسسىلەپ كۈچىيىپتۇ، ئۇ ھەتتا شاھزادىنىڭ نىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ قويغان ئىمامغىمۇ ئۆچمەنلىك قىلىپ يۈرۈپتۇ، ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن شاھزادىنىڭ بىرەر ئېغىز يامان گېپىنى قىلماپتۇ.
    تۇنىياز كەنجى تەرجىمىسى
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.