تۆھمەت (فالق ئەلچىن | تۈركىيە)

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2011-02-08 21:25:21

تۆھمەتفالق ئەلچىن (تۈركىيە)ئابلەت ياسىن تەرجىمىسى تراللىبۇس ئەمدىلا قوزغىلىشىغا مەن ئۇنىڭغا سەكرەپ چىقىۋالدىم. شۇ ھامان قۇلاقنى تىترىتىپ ساقچى پۇشتىكى چېلىندى. شوپۇر تراللىبۇسنى قاتتىق تورمۇ...



    تۆھمەت

    فالق ئەلچىن (تۈركىيە)

    ئابلەت ياسىن تەرجىمىسى

      تراللىبۇس  ئەمدىلا قوزغىلىشىغا مەن ئۇنىڭغا سەكرەپ چىقىۋالدىم. شۇ ھامان قۇلاقنى تىترىتىپ ساقچى پۇشتىكى چېلىندى. شوپۇر تراللىبۇسنى قاتتىق تورمۇزلاپ توختاتتى. يولۇچىلار ئالدىغا سۈرۈلۈپ بىر - بىرىنىڭ ئۈستىگە يىقىلىشتى. بىر ساقچى تراللىبۇسنىڭ پەلەمپىيىگە دەسسەپ تۇرۇپ:
      ـ ھازىر تراللىبۇسقا سەكرەپ چىققان كىم؟ ـ دەپ ۋارقىرىدى.
      مەن مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوخشاش بارمىقىمنى كۆتۈردۈم.
      ـ ماشىنىدىن چۈش!
      نائىلاج تراللىبۇستىن چۈشتۈم.
      تراللىبۇس مېڭىپ كەتتى، مېنى ساقچى ئالدىغا سېلىپ ئېلىپ ماڭدى. بىر كوچىدىن ئۆتكەندىن كېيىن مەن ئۇنىڭ مېنى ساقچى ئىدارىسىگە ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدىم.  ساقچچى ئىدارىسى دېسە ئادەمنى تىترەك باسىدۇ. مەن خۇددى قۇشخانىغا ئېلىپ كېتىۋاتقان پاخلاندەك تىترەپ كېتىۋاتاتتىم.
      ـ ساقچى ئەپەندىم! ـ دېدىم مەن يالۋۇرۇپ تۇرۇپ، ـ مەن ھازىر ئۆزۈمنىڭ...
      ـ سەن ھېچنىمىنى بىلمەيسەن، ـ دېدى ئۇ مېنىڭ سۆزۈمنى بۆلۈپ، ـ ساڭا بىر يۈز ئىككى قۇرۇش(*تۈركىيە پۇل بىرلىكى)  جەرىمانە قويۇپ، كېتىۋاتقان تراللىبۇسقا سەكرەپ چىقىشنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ قويماي بولمايدۇ.
      ـ دېگىنىڭىز توغرا، لېكىن مەن پاراخوتقا ئۈلگۈرۈپ بېرىشىم كېرەك ئىدى، مېنى بۇ قېتىم كەچۈرۈۋەتسىڭىز!...
      لېكىن ساقچى كۆزىنى  مىدىرلىتىپمۇ قويماستىن، مېنى ئىتتىرىپ ئېلىپ ماڭدى.
      ـ ئۇنداق بولسا، ـ دېدىم مەن، ـ سىزگە ھازىرلا بىر يۈز ئىككى قۇرۇشنى تۆلىۋەتسەم قانداق؟ ساقچى ئىدارىسىگە بېرىپ يۈرمىسەك، ماڭا ھۈججەت بەرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
       ساقچى ماڭا لەپپىدە بىر قاراپ قويۇپ ئاندىن:
       ـ بوپتۇ، سېنى كەچۈرەي، پۇلۇڭنى ئەكەل. مەن ھەممە كىشىگە بۇنداق ياردەم قىلىۋەرمەيمەن، ـ دېدى.
      قولۇمنى يانچۇقۇمغا سېلىپ پۇلنى ئالاي دەپ تۇرسام، ئۇ يەنە:
       ـ ئەگەر مەن سېنى باشلىقىمىزنىڭ قېشىغا ئېلىپ بارىدىغان بولسام، بىر يۈز ئىككى قۇرۇش بىلەن قۇتۇلالمايتتىڭ، ـ دېدى.
       دەل شۇ چاغدا ساقچى ئىدارىسى تەرەپتىن بىر ساقچى بىز تەرەپكە قاراپ كەلدى. ئۇلار مېنى بىر چەتكە تۇرغۇزۇپ قويۇپ، ئۆزلىرى سەل نېرىراقتا بىر نەرسە ت ئوغرىسىدا مەسلىھەتلىشىشىكە باشلىدى. مەن ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئاڭلىۋالدىم.
      ـ بىرى سېنىڭ ئۈستۈڭدىن ئەرز قىپتۇ، ـ دېدى ساقچى ئىدارىسىدىن چىقىپ كەلگەن ساقچى مېنى ئېلىپ كېتىۋاتقان ساقچىغا، ـ ئۇلار ساڭا بەرگەن پۇلنىڭ نومۇرىنى خاتىرىۋاپتىكەن، باشلىقىمىز ناھايىتى خىجىل بولۇپ تەڭلىكتە تۇرۇۋاتىدۇ. بۇنى ھەرگىز قويۇپ بەرمە، ئىدارىگە ئېلىپ بار...
       ئەمدى ماڭا چاتاق بولدى. ساقچى مېنىڭ قېشىمغا قاراپ كېلىۋاتقاندا، مەن ھېچنىمىنى ئاڭلىمىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، تەييارلاپ قويغان پۇلنى ئۇنىڭغا بەردىم . شۇئان يۈزۈمگە قاتتىق بىر شاپلاق تەگدى.
      ـ ھۇ، ئىتنىڭ بالىسى. ساڭا ئۆزۈمنى تونۇتۇپ قويمايدىغان بولسام،ـ دېدى ئۇ غەزەپ بىلەن.
       مەن ھېچنىمىنى كۆرەلمىدىم، بۇرنۇم بىلەن ئاغزىم ئارلىقىدا شىلىمغا ئوخشاش ئىسسىق بىر نەرسىنىڭ تۆۋەنگە قاراپ ئېقىۋاتقانلىقىنىلا ھېس قىلاتتىم. ئۇ يۈزۈمگە يەنە بىر كاچات سالدى. مەن ئىتتىك ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىپ:
     ـ مېنى نېمىشقا ئۇرىسىز، ـ دېدىم.
      ـ سەن تېخى ماڭا پارا بېرىپ، مېنى ئالدىماقچى بولۇۋاتامسەن؟ ھۇ ئىپلاس! مېنىڭ ئىشدىشىم بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرەلەيدۇ1
      ـ بايا ئۆزىڭىز پۇلنى ئېلىشقا ماقۇل بولغانغۇ؟
      ـ سەن تېخى ماڭا تۆھمەت چاپلىماقچىمۇ؟ بۇرنىڭنى تېز سۈرتۈپ مېنىڭ بىلەن ماڭ!
      ئىككى مىنۇتتىن كېيىن بىز ساقچى ئىدارىسىگە يېتىپ كەلدۇق. مېنى ئېلىپ كەلگەن ساقچى ئۆزىنىڭ باشلىقىغا سالام بېرىپ، ئاندىن دوكلات قىلدى:
       ـ باشلىق جانابلىرى، مەن بۇنى تراللىبۇستىن تۇتۇپ كەلدىم. بۇ، ئۇ مېنىڭ قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويغان پۇل بىلەن مېنى ئۇرغاندا چاپىنىمدىن ئۈزۈلۈپ چۈشكەن تۈگمە.
       ئۇ سۆزلىگە شىرە ئۈستىگە ئىككى دانە تۈگمىنى قويدى. مەن تىترەشكە باشلىدىم . مەن ئۇنىڭ تۈگمىسىنىڭ قانداق چاغدا ئۈزۈلگىنىگە دىققەت قىلماپتىكەنمەن.
       ـ سەن لۈكچەك، جېدەلخور، بۇياققا كەل، ـ يۈزىنى قورۇق بېسىپ كەتكەن تاقىر باش ساقچى باشلىقى ماڭا قاراپ ۋارقىرىدى ۋە ئۇزۇن بىر ئورۇندۇقنى كۆرسىتىپ ئولتۇرۇشقا بۇيرۇق بەردى، ئاندىن يېنىدا تۇرغان ئىككى ياش بالىنى كۆرسىتىپ ساقچىغا، ـ ئوسمو ئەپەندى، بۇ ئىككى ئەپەندى سىزنىڭ ئۈستىڭىزدىن ئەرز قىلىپ كەپتۇ. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، سىز ئۇلارنى تراللىبۇستىن تارتىپ چۈشۈرۈپسىز، ئاندىن ساقچى ئىدارىسىگە ئەكەلگۈچە يولدا ئۇلارنىڭ ھەر بىرىدىن بىر لىرا ئېلىپ قويۇپ بېرىپسىز.
      ساقچى باشلىقىنىڭ ئالدىدا ئىككى ياش بالا تۇراتتى. مەن ئۇلارنى كەينىدىن كۆرۈپ تۇراتتىم. ھەر ئىككىسى پاشنىسى ئېگىز ئاياغ، تار پۇشقاق ئىشتان كىيىۋالغانىدى.
      ـ مەن ئۇلاردىن بىر قۇرۇشمۇ ئالمىدىم. ئۇلار ئۆزلىرىنى پاشا بىلەن پارلامېنت ئەزاسىنىڭ جىيەن ئوغلى بولىمىز، دېيىشتى. شۇڭا ئۇلارنى ئدارىگە ئېلىپ كەلسەم شەرەپلىك نامىغا داغ چۈشىدىغان ئىش بولمىسۇن، دەپ ئويلاپ قويۇۋەتكەنىدىم، ـ دېدى ساقچى باشلىقىغا.
       ـ ناھايتىى ئوبدان قىپسىز، لېكىن ئۇلار سىزگە بەرگەن ئىككى لىرا پۇلىنىڭ نۇمۇرىنى بىلىدىغانلىقىنى دەۋاتىدۇ. بىرىنىڭ نۇمۇرى 206.003، يەنە بىرىنىڭ 771.112 ئىكەن.
       ساقچى دەرھال يانچۇقىدىن ھەميانىنى چىقىرىپ شىرە ئۈستىگە قويدى.
      ـ قېنى، مەرھەمەت، ئەپەندىلەر! ئۆزۈڭلار كېلىپ تونۇۋېلىڭلار، مەن سىلەرنىڭ قول ئاستىمدىكىلەرنىڭ يانچۇقلىرىنى ئاختۇرۇشۇڭلارغىمۇ رۇخسەت قىلىمەن، ـ دېدى ساقچى باشلىقى.
      ئىككى ياش ھەميانغا قول تۈگكۈزمىدى. ساقچى باشلىقى ھەمياننى ئۆزى ئاختۇرۇپ چىقتى. ھەمياندا بىر لىرالىق پۇل يوق ئىدى.  شۇنىڭدىن كېيىن  ساقچى باشلىقى ئىككى قولىنى قورسىقىغا قويۇپ سۆزلەپ كەتتى.
       ـ سىلەر ئالىي تەربىيە كۆرگەن ياشلار. سىلەر ئۆز ئىززەت - ئابرويۇڭلارنى قوغدىغانغا ئوخشاش، بىزنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك ساقچىلىرىمىزنىڭ ئىززەت ـ ئابرويويىنىمۇ قوغدىشىڭلار كېرەك، بۇ سىلەرنىڭ بۇرچىڭلار، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ گېپىڭلارنىڭ تۆھمەت ئىكەنلىكى ئېنىق بىلىنىپ تۇرىدۇ. ئەگەر مەنمۇ قارىلانغانلىقىم ئۈچۈن ئۈستۈڭلاردىن ئەرز  قىلىدىغان بولسام، ئۇ چاغدا سىلەرمۇ جازادىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر. لېكىن مەن ئائىلەڭلەرنى ھۈرمەتلىگەچكە، ئۇنداق قىلىشنى خالىمايمەن. ئەرزىڭلار پۈتۈنلەي يالغان! ئەگەر بۇ ئىشتا ھەقىقەتتە چىڭ تۇرمايدىغان بولساق، پۈتۈن دۇنيا يالغانچىلىق ئىچىدە تۈگىشىپ كەتمەمدۇ...
      ـ بولىدۇ، ئەرزىمىزنى قايتۇرۇۋالايلى، ـ دېدى ئىككى ياش تەڭلا.
      ـ ئۇنداق بولسا سىلەر ئوسمو ئەپەندىدىن ئەپۇ سوراڭلار!
      شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئوسمۇ ئەپەندىگە: «كەچۈرۈڭ، ئەپۇ قىلىڭ»، «سىزدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمىز...»دەپ تەزىم قىلىشىپ كەتتى.
      ئىككى ياش ئىشىكتىن چىقىشىغا ساقچى بىلەن ساقچى باشلىقى ئۇلارنىڭ كەينىدىن:«ئاغزىدىن ئانىسىنىڭ سۈتى تېمىپ تۇرغان تەلۋىلەر»دەپ تىللاپ كەتتى.
      ئەمدى  نۆۋەت ماڭا كەلدى. مەن شىرەنىڭ يېنىغا كېلىپ ساقچى باشلىقىدىن ئەھۋال سورىدىم.
      ـ ھۇ خۇنپەر! سەنمۇ بىزگە تۆھمەت قىلماقچىمۇ؟
      ـ سىز ئادەم تىللىماسلىقىڭىز كېرەك، ـ دەپ قارشىلىق بىلدۈردۈم مەن.
      ـ مەن سېنىلا ئەمەس، يەنە ئاپاڭنى، خوتۇنۇڭنىمۇ تىللايمەن!
      مەن ئاغزىمنى چىڭ يۇمۇپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم. چۈنكى بۇنداق سورۇنلاردا غەزەپلىنىشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق ئىدى.
      ـ ھەي، جاۋاپ بەر، ـ دەپ ۋارقىرىدى ئۇ، ـ سەن ساقچىغا پارا بېرىشكە قانداق جۈرئەت قىلالىدىڭ ؟ يەنە تېخى ئۇ  ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا ئۇنىڭغا ئېسىلىپسىنا! سەن قەيەرلىكسەن؟ يېزىدىن كەلدىڭمۇ ياكى ئىستامبولنىڭ ئۆزىدىنمۇ؟ قەيەردىن كەلدىڭ؟
      مەن ئەھۋالنى ئەينى بويىچە بىر ـ بىرلەپ سكزلەپ بەردىم. ساقچى باشلىقى مېنى تىللاشنى توختىتىپ ماڭا نۇتۇق سۆزلەشكە كىرىشىپ كەتتى. ئۇ تەرتىپ، قانۇن، تۆھمەت شۇنداقلا ساقچىلارنىڭ ئالىجانابلىقى ۋە شەرەپلىكلىكى ئۈستىدە ئەزەللەيتتى. ھەر بىر سۆزىدە ئۆزىنىڭ ئەزەلدىن توغرا بولمىغان گەپلەرنى قىلمىغانلىقىنى ئېيتاتتى. ئاخرىدا ئۇ:
      ـ ساقچىنىڭ بىر تال تۈگمىسىنى ئۈزۈۋەتكەن ئادەم ئون كۈن توختىتىپ قويۇلىدۇ، ـ دەپ بىر يۈز ئىككى قۇرۇشلۇق جەرىمانە تالونىنى يېزىپ قولۇمغا بەردى.
      ئۇ يالغۇز مېنىڭ ئىسىم ـ فامىلەم، ئائىلەم، يېشىم، خىزمەت ئورنۇمنى سۈرۈشتۈرۈپ قالماستىن ھەتتا مېنىڭ خەتنەمنى قىلغان ئادەمنىڭ مىللىتىنى ۋە ئوقۇتقۇچۇمنىڭ قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنىمۇ سورىدى.
        مەن ئۈن - تۈن چىقارماي ئىلاجىسىز بەش لىرالىق پۇلدىن بىرنى چىقىرىپ شىرەنىڭ ئۈستىگە قويدۇم. پۇل ئالىدىغان ئورۇندا ماڭا قايتۇرۇدىغانغا يېتەرلىك پۇل بولمىغانلىقتىن، ساقچى باشلىقى ئۆزىنىڭ ھەميانىدىن ئېلىپ، ھۈججەت بىلەن قوشۇپ ماڭا بەردى. ئەمدى مېنى ئەركىنلىككە ئېرىشتى، دېسىمۇ بولاتتى.
      ساقچى باشلىقىنىڭ يۈزى خۇددى ئاتنىڭ يۈزىگە ئوخشاش چىڭ تارتىشىپ تۇراتتى. پەقەت چاي ئىچكەن چاغدىلا بىر ئاز بوشايتتى. ئۇ ماڭا يەنە:
      ـ ھەي! سەن ئۆسمو ئەپەندىدىن كەچۈرۈم سورا! ـ دېدى.
      مېنىڭ كۆزۈم ساقچىنىڭ كۆزى بىلەن ئۇچراشتى. ئۇنىڭ رەزىل چىرايىدا نومۇس قىلىشنىڭ قىلچىمۇ ئالامىتى كۆرۈنمەيتتى. مەن گەپ قىلماي تۇرۇۋالدىم. بۇ چاغدا ساقچى باشلىقى ماڭا قاراپ:
      ـ ئەگەر ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىمايدىغان بولساڭ، بىر كېچە قاراڭغۇ ئۆيگە سولايمەن، ـ دېدى.
       مەن ئىلاجسىز ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىدىم. مەن ئوسمو ئەپەندىنىڭ مېنى كەچۈرگەن ـ كەچۈرمىگەنلىكىنى بىلمىدىم، لېكىن مەن ھازىرغىچە ئۇنى كەچۈرمەي كېلىۋاتىمەن. مەن ساقچى ئىدارىسىدىن ئەمدى چىقىشىمغا، ساقچى ماڭا:
      ـ ئەگەر سەن بۇ ئىشتىن نارازى بولغان بولساڭ، بۇنى بىر رومان قىلىپ يېزىپ چىقساڭمۇ بولىدۇ، بۇ چاغدا بىز يەنە ئۇچرىشىپمۇ قالىمىز، ـ دېدى.
      بۇ ھېكايىدە سۆزلەنگىنى پەقەت بىز بېشىمىزدىن كەچۈرگەن نۇرغۇن تۆھمەتلەر ئىچىدىكى كىچىككىنىلا بىر تۆھمەت. مەن بۇنى پەقەت  خاتىرە قىلىپلا يېزىپ چىقتىم. گەرچە ساقچى باشلىقى ئۆز يانچۇقىدىن ئېلىپ ماڭا قايتۇرۇپ بەرگەن بىر لىرا  نىڭ ئۈستىدىكى 206.003 دېگەن پۇل نومۇرى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ساقچى  باشلىقى بىلەن ساقچى ئوسمو ئەپەندىلەرنىڭ بىر ـ بىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ قىلىۋاتقان شۇملۇقلىرىنى ئىسپاتلاش تولىمۇ قىيىن ئىدى.
     
       (خەنزۇچە «چاڭجياڭ» ژۇرنىلىنىڭ 1982 ـ يىل 4 ـ سانىدىن)

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر فالق ئەلچىن تۈركىيە