چاقىرىلمىغان مېھمان

يوللىغۇچى : tahirhamut يوللىغان ۋاقىت : 2007-03-29 21:33:00

چاقىرىلمىغان مېھمان بەزىلەر بۇ ئىشنى ئاكا-ئۇكا نېلسىنلارنىڭ كىچىكى ئېدۋاردو ئاكىسى كرېستىئاننىڭ مىيىتىنى ساقلىغاندا سۆزلەپ بەرگەن دېيىشىدۇ. كرېستىئان 1890 نەچچىنجى يىللىرى مورۇن رايونىدا قېر...

                                                                                                        چاقىرىلمىغان مېھمان

        بەزىلەر بۇ ئىشنى ئاكا-ئۇكا نېلسىنلارنىڭ كىچىكى ئېدۋاردو ئاكىسى كرېستىئاننىڭ مىيىتىنى ساقلىغاندا سۆزلەپ بەرگەن دېيىشىدۇ.
        كرېستىئان 1890 نەچچىنجى يىللىرى مورۇن رايونىدا قېرىپ ئۆلگەن. بىراق بۇنداق رىۋايەتكە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئاشۇ مىسكىن ئۇزۇن كېچىدە، كىمدۇر بىرى چاي ئىچكەچ ئولتۇرۇپ بۇ ئىشنى ئاڭلىغان،  ئاندىن ساينت دىئاگو دابوۋىغا دەپ بەرگەن،  مەن دابوۋىدىن ئاڭلىغان.  بىر نەچچە يىلدىن كېيىن، بۇ ئىش يۈز بەرگەن تۇردىرادا مەن باشقىلاردىن بۇ ئىشنى يەنە ئاڭلىدىم. بۇ قېتىمقىسى تېخىمۇ تەپسىلىي ئىدى، ئايرىم يەرلەردىكى ئازراق پەرقنى ياكى پۈتۈنلەي قارمۇ-قارشى جايلارنى ھېساپقا ئالمىغاندا ساينت دىئاگونىڭ ئېيتىپ بەرگىنى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش ئىدى.  مەن ھازىر ئۇنى يېزىپ چىقىمەن، چۈنكى ـــ ناۋادا مەن ئۆزۈمنى ئالدىمىغانلا بولسام ـــ بۇ كىچىككىنە ئىشتىن بۇرۇنقى چاغلاردىكى نامراتلارنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇش سەرگۈزەشتىلىرىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.  مەن ئەمەلىيەتنى ھۆرمەتلەيمەن، بىراق چوقۇم ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن،  مەن بەزى تەپسىلاتلارنى بەكرەك تەكىتلەيمەن ياكى قوشىمەن.
         تۇردىرادىكى كىشىلەر ئۇلارنى ئاكا-ئۇكا نېلسىنلار دەپ ئاتىشىدىكەن. شۇ يەرلىك پوپنىڭ ماڭا ئېيتىپ بېرىشىچە،  ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى پوپ ھەيرانلىق بىلەن ئۇنىڭغا مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەرگەن: ئۇ ئاكا-ئۇكا نېلسىنلارنىڭ ئۆيىدە گوت خەت شەكلىدە بېسىلغان قارا مۇقاۋىلىق ناھايىتى كونا بىر « ئىنجىل»نى كۆرگەن.  كىتاپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىرنەچچە بېتىدىكى قول بىلەن يازغان ئادەم ئىسىملىرى ۋە چىسلالارنى خىرە-شىرە كۆرگىلى بولىدىكەن.  بۇ ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى بىردىنبىر كىتاپ ئىكەن.  ئاكا-ئۇكا نېلسىنلارنىڭ خەتەرگە تولغان تارىخىمۇ خۇددى ئۇلارنىڭ باشقا بارلىق نەرسىلىرىدەك ئىز- دېرەكسىز يوقالغان.
        ئۇلار ئاقارتىلمىغان بىر يۈرۈش خىش  ئۆيدە ( ھازىر ئەلۋەتتە مەۋجۇت ئەمەس ) ئولتۇرغان بولۇپ،  دەرۋازىدىنلا ئىككى ھويلىنى كۆرگىلى بولىدىكەن: بىرىگە رەڭلىك چىنە خىش ياتقۇزۇلغان ،  يەنە بىرى يەر پېتىلا ئىكەن.  بۇ قورۇغا كىرگەن ئادەم ساناقلىقلا بولۇپ،  ئاكا-ئۇكا نېلسىنلار ئەزەلدىن ئالدىراپ بىرەر مېھماننى كۈتىۋالمايدىكەن.  ئاشۇ بىرنەچچە ئېغىز ئەسكى ئۆيدە ئۇلار ئۇخلايدىغان قاتلىما كارۋات،  باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىدىغان نەرسىلەردىن پەقەت ئات، ئىگەر، خەنجەر، ھەپتە ئاخىرىدا كېيىدىغان ئېسىل مۇراسىم كېيىمى ۋە ئۆتكۈر ئاق ھاراقلا بار ئىكەن.  مېنىڭ بىلىشىمچە، ئۇلارنىڭ بوي-بەستى قاۋۇل،  چاچلىرى قىزىل بولۇپ، دانىيىلىكلەر ياكى ئىرېلاندىيىلىكلەر بىلەن قانداشلىقى بار ئىكەن، بىراق بۇ نۇقتىنى ئەمدى ئىسپاتلىغىلى بولمايتى.
         قوشنىلىرى ئۇلاردىن خۇددى گېنېرال روساس①نىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن قورققاندەك قورقىدىكەن : ئۇلارنى ئادەم خۇنىغا قەرز بولسىمۇ ھېچنېمە بولمايدۇ دېيىشەتتى.  بىر قېتىم ئۇلار ساقچىلار بىلەن يۈزمۇ-يۈز ئېلىشقان. بەزىلەر ئىدۋاردونى خۇئان ئىپېرا بىلەن ئۇرۇشۇپمۇ زىيان تارتمىغان دېيىشىدۇ. ئىچكى ئەھۋاللارنى بىلىدىغان ئادەملەرگە نىسبەتەن بۇ ئىش مەسىلىنى راۋرۇس چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇلار چارۋا باققان، ھارۋا ھەيدىگەن،  ئات ئوغرىلىغان،  ساختا قىمار ئوينىغان :  ئۇلار پىخسىقلىقتا داڭق چىقارغان بولۇپ، پەقەت ھاراق ئىچكەندە ۋە قىمار ئوينىغاندىلا ئازراق مەرتلىشىپ قالىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ نەدىلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن. ئۇلارنىڭ يەنە بىر ھارۋىسى ۋە ئىككى كالىسى بار ئىكەن.  قانداشلىق جەھەتتىن ئېيتقاندا ئۇلار بىر تۇغقان ئەمەس ئىكەن. ئۇلار ھەر ئىككىسىنىڭ براۋا دېڭىز ساھىلىدىكى سەرگەردانلىق كەچۈرمىشى ئۇلار ئارىسىدا دوستلۇق ئورناتقانمىش.
        ئاشۇ كەچۈرمىش ۋە بىز بىلمەيدىغان سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۇلار قېرىنداشلارچە ئاكا-ئۇكا بولۇشقانىكەن. كىمكى ئۇلارنىڭ بىرى بىلەن يامانلاشسا، ئۇ دەرھاللا ئۆزىگە ئىككى دۈشمەن تېپىۋالىدىكەن.  ئاكا-ئۇكا نېلسىنلار قاتتىق شەھۋەتپەرەس ئىكەن. بۇرۇن ، ئۇلار توغرىسىدا سۆز-چۆچەك بولغىدەك ئىش پەقەتلا باشقىلارنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قېلىش ياكى پاھىشىىخانىلارغا كىرىش ئىكەن. شۇڭىمۇ كرىستىئان خۇلىئانا بۇرگېسنى ئۆيىگە ئېلىپ كەلگەندە كىشىلەر بەس-بەستە مۇنازىزە قىلىشقان. ئىشقىلىپ كرىستىئاننىڭ مالىيى بار بولغان، بىراق ئۇ خۇلىئاناغا پۇلغا يارىمايدىغان بىرمۇنچە نەرسىلەرنى بەرگەن. ئۇ يەنە خۇلىئانانى نامراتلار ئۇۋىلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ھېلىقىدەك چۈپەي تانسىلارغا ئېلىپ بارغان. ئۇنداق تانسىلاردا قاتتىق ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا ياكى بەدەننى تولغاشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغان بولۇپ، چىراقلار باشتىن –ئاخىر ۋالىلداپ يېنىپ تۇرىدىكەن. خۇلىئانا قارامتۇل قىز بولۇپ، ئۇنىڭ كۆزلىرى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن ئىكەن، بىرەرسى ئۇنىڭغا قاراپ قويسىلا ئۇ كۈلۈپ كېتىدىكەن. بۇ نامراتلار ئولتۇراق رايونىدىكى ئاياللار ئۆي ئىشلىرىنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ياسىنىشقا چولىسى تەگمىگەچكە، خۇلىئانا خېلىلا نام چىقىرىپتۇ.  دەسلەپتە، ئېدۋاردو دائىم ئۇلارغا ھەمراھ بولىدىكەن. بىر مەزگىلدىن كېيىن، قانداقتۇر تىجارەت بىلەن ئارېشفېسقا كېتىپتۇ، قايتىپ كەلگەندە يولدىن تاپقان بىر قىزنى ئېلىپ كەپتۇ، بىراق بىرنەچچە كۈن ئۆتمەيلا ئۇنى قوغلىۋېتىپتۇ. ئۇ تېخىمۇ قوپاللىشىپ كېتىپتۇ، قاۋاقلاردا يالغۇز ھاراق ئىچىپ ئۆلگىدەك مەست يۈرۈيدىغان بولۇۋاپتۇ، ھېچكىم بىلەن كۆرۈشمەيدىكەن. ئەسلىدە ئۇ خۇلىئانانى ياخشى كۆرۈپ قالغانىكەن. ئۇنىڭ ئاشىقلىقىنى بەلكىم ئۇنىڭ ئۆزىدىن بۇرۇن بىلىپ قالغان قوشنىلار بۇ ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەننىڭ ئارىسىدىكى رەشىك رىقابىتىدىن ئۆز كۆڭلىدە خوش بولۇشۇپ كېتىپتۇ.  بىر كۈنى كېچىدە، ئېدۋاردو كوچىدىن ناھايىتى كەچ قايتىپتۇ، كرىستىئاننىڭ قارا ئېتى قوزۇققا باغلاقلىق ئىكەن.  ھويلىدا كرىستىئان ئەڭ ئېسىل كىيىملىرىنى كىيگەن ھالدا ئۇنى ساقلاپ ئولتۇرغانىكەن. خۇلىئانا چاي كۆتۈرگىنىچە كىرىپ-چىقىپ يۈرۈپتۇ. كرىستىئان ئېدۋاردوغا دەپتۇ:
        ــ مەن فېلۋاسقا ئوينىغىلى بارىمەن. خۇلىئانا مۇشۇ يەردە قالىدۇ. ئۇنى ياخشى كۆرسەڭ ئىشلەتكىن! ئۇ بۇ گەپنى ھەم بۇيرۇق ئاھاڭىدا ھەم ناھايىتى يېقىنچىلىق بىلەن دەپتۇ. ئېدۋاردو ئۇنىڭغا ھاڭۋاققىنىچە بىردەم قاراپ تۇرۇپتۇ،  نېمە قىلارىنى بىلەلمەپتۇ. كرىستىئان ئورنىدىن تۇرۇپتۇ،  خۇلىئاناغا پەرۋامۇ قىلماپتۇ، ئۇنى بىر نەرسە ئورنىدىلا كۆرۈپتۇ .
         ئۇ ئېدۋاردو بىلەن خوشلىىپ، ئېتىغا مىنىپتۇ، تەمكىن ھالدا ئاتنى چاپتۇرغىنىچە كېتىپ قاپتۇ. 
        شۇ كۈنى كېچىدىن باشلاپ ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن خۇلىئانادىن ئورتاق پايدىلىنىپتۇ، بۇ بىر رەزىل ھەم پاسكىنا ئىش بولغاچقا، قوشنىلارنىڭ ئىززەت-نەپسىگە قاتتىق تېگىپتۇ، ئۇنىڭ تەپسىلاتىنى ئەلۋەتتە ھېچكىم بىلەلمەيتى. دەسلەپكى بىرنەچچە ھەپتە ھەر ھالدا تېنچ-ئامان ئۆتۈپتۇ، لېكىن بۇنداق كېتىۋەرگىلى بولماپتۇ. ئۇ ئىككىسى خۇلىئانانىڭ ئىسمىنى ئۆزئارا قەتئىي تىلغا ئېلىشمايدىغان ، ھەتتا خۇلىئانانى چاقىرغان چاغلاردىمۇ ئۇنىڭ ئىسمىنى بىۋاسىتە چاقىرمايدىغان ،  بىر باھانىلارنى تېپپ بىر-بىرىگە يېنىچە-قىرىچە تېگىدىغان ياكى قېيدايدىغان بولۇشۇپتۇ. قارىماققا تېرە سودىسى توغرىلىق پاراڭلىشىۋاتقاندەك قىلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە گەپ باشقا يەرگە كېتىپ قالىدىغان بولۇپ قاپتۇ. كرىستىئاننىڭ ئاۋازىنى قويىۋېتىپ ۋارقىرايدىغان ئادىتى بار ئىكەن، ئېدۋاردو بولسا ئۈن چىقارمايدىكەن. 
        شۇنداق قىلىپ بۇلار ئىككىسى بىلىپ-بىلمەي ئىشىق كوچىسىدىكى دۈشمەنلەرگە ئايلىنىپ قاپتۇ.  نامرات رايوندا ياشايدىغان بىر ئەر بىر ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ جىسىي ھەۋىسىنى ۋە ئىگىلىۋېلىش ئارزۇسىنى قاندۇرۇشتىن ئارتۇق قىممىتى بارلىقىنى دېمەيدۇ ياكى ئېتىراپ قىلمايدۇ. بىراق، ئاكا-ئۇكا نېلسىنلار مۇھەببەت قاينىمىغا كىرىپ قاپتۇ. مەلۇم مەنىدن ئېيتقاندا، بۇ ئىش ئۇلارنى ھاقارەتكە ئۇچرىتاتتى.  بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئېدۋاردو روماس مەيدانىدا خۇئان ئىپىرا بىلەن ئۇچرىشىپ قاپتۇ.  خۇئان ئۇنىڭ چىرايلىق بىر قىزغا ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلەپتۇ. مېنىڭچە شۇ قېتىم ئېدۋاردو ئۇنى ئۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر ئېدۋاردونىڭ ئالدىدا كرىستىئاننى زاڭلىق قىلىشقا پېتىنالمايدىغان بولغان.  خۇلىئانا ناھايىتى رايىشلىق بىلەن ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەننى كۈتكەن. لېكىن ئۇ كرىستىئاننى بەكرەك ياقتۇرىدىغانلىقىنى يوشۇرالمىغان. ئېدۋاردو گەرچە خۇلىئانادىن ئىنىسى بىلەن ئورتاق پايدىلىنىشنى رەت قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى ئەزەلدىن مەجبۇلىمىغان.
         بىر كۈنى ئۇلار خۇلىئانانى چىنە خىش ياتقۇزۇلغان ھويلىغان ئىككى ئورۇندۇق قويۇشقا، ئاندىن كىرىپ كېتىشكە بۇيرۇپتۇ، چۈنكى ئۇلار ئىككىسىنىڭ مەسلىھەتلىشىدىغان ئىشى بار ئىكەن. خۇلىئانا بۇ سۆھبەت چوقۇم بىر دەمدە تۈگىمەيدۇ دەپ ئويلاپ، كىرىپ ئۇخلاپ قاپتۇ. بىراق ئۇ ئۇخلاپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا  ئۇلار ئۇنى ئويغىتىپتۇ ھەمدە ئەينەكتىن ياسالغان تەسۋى ۋە ئۇنىڭغا ئانىسىدىن قالغان كىچىك كرېستتىن تارتىپ ھەممە نەرسە-كېرەكلىرىنى يۇغۇشتۇرۇشقا بۇيرۇپتۇ، ھېچقانداق چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمايلا ئۇنى ھارۋىغا چىقىرىپتۇ. زېرىكىشلىك بۇ سەپەر داۋامىدا ھېچكىم گەپ قىلماپتۇ. تېخى شۇنىڭ ئالدىدىلا يامغۇر يېغىپ توختىغان بولغاچقا، يول پاتقاق ئىكەن. ئۇلار ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەن سائەت بەش بولغاندا مورۇنغا ئاران يېتىپ بېرىپتۇ. ئۇلار خۇلىئانانى پاھىشىخانىدىكى دەللالغا مانا شۇنداق سېتىۋېتىپتۇ. باھانى ئالدىن كېلىشىپ قويغانىكەن، كرېستىئان پۇلنىڭ يرىمىنى ئېدۋاردوغا بۆلۈپ بېرىپتۇ.  شۇنىڭدىن بۇرۇن،  ئاكا-ئۇكا نېلسىنلار مۇھەببەتنىڭ قورقۇنچلىق پاتقىقىغا پېتىپ قالغان بولۇپ (بۇنداق ئىش يېڭىلىق بولمىسىمۇ)، ئەمدى ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى ئەركەكلەرچە تۇرمۇشى يەنە ئەسلىگە كەپتۇ. ئۇلار يەنە قىمار ئوينايدىغان، توخۇ سوقۇشتۇرىدىغان ۋە ئارىلاپ ئۆتكۈزىلىدىغان تەنتەنىلەرگە قاتنىشىدىغان بوپتۇ.
         بەلكىم ئۇلار بىز ئەمدى قۇتۇلدۇق دەپ ئويلىغان بولغىيتى، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى قەتئىي ئاقمايدىغان ياكى پۈتۈنلەي يوللۇق باھانىلارنى تېپىپ سىرىتقا چىقىدىغان بولۇپ قاپتۇ.  يېڭى يىل ھارپىسىدا، ئېدۋاردو بىر ئىش بىلەن پايتەختكە بارىمەن دەپ كېتىپتۇ.  كرېستىئان مورۇنغا بېرىپتۇ.
        ئۇ ھېلىقى پاھىشەخانىنىڭ ئالدىدا ئېدۋاردونىڭ باغلاقلىق تۇرغان ئېتىنى تونۇۋاپتۇ. كىرىپ قارىسا ، ئىنىسى ئۆچرەتتە تۇرغۇدەك. قارىغاندا كرېستىئان ئاۋۋال ئېغىز ئاچقان بولسا كېرەك:
        ــ بۇنداق كېتىۋەرسەك ئاتلىرىمىزنىڭ جۇلىقى چىقىپ كېتىدۇ. ئەڭ ياخشىسى ئۇنى ئۆز قولىمىزدا تۇتساق بولامدىكىن؟ كرېستىئان دەللالنى تېپىپ پۇلنى تۇتقۇزۇپتۇ-دە، ئۇلار ئىككىسى خۇلىئانانى ئېلىپ مېڭىپتۇ. خۇلىئانا بىلەن كرېستىىئان بىر ئاتنى مىنىگەنىكەن، ئېدۋاردو ئۈزەڭگە بىلەن ئېتىنىڭ بېقىنىغا بىرنى تېپىپلا كېتىپ قاپتۇ،  ئۇنىڭ ئۇلارغا قارىغۇسى كەلمەپتۇ.  بۇرۇنقى ھېلىقىدەك تۇرمۇش قايتىدىن باشلىنىپتۇ، بىراق بۇنداق ئىپلاسلارچە ھەل قىلىش چارىسى ئاخىر يەنە مەغلۇپ بوپتۇ : ئۇلار ئىختىيارسىز ھالدا يەنە مۇغەمبەرلىك قىلىشقا باشلاپتۇ. قابىل ② ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەيدا بوپتۇ. لېكىن ئاكا-ئۇكا نېلسىنلار قانداق جاپا-مۇشەققەتلەردە بىللە بولغانكىنتاڭ، ئۇلارنىڭ مېھرى ناھايىتى چوڭقۇر ئىكەن. ئۇلار دەردىنى باشقىلاردىن ئالىدىكەن. ناتونۇش كىشىلەرگە،  ئىتلارغا ۋە ئازارچىلىق پەيدا قىلغان خۇلىئاناغا ئاچچىقلايدىكەن.  ئۈچ ئاي ئۆتۈپتۇ، ھاۋا يەنىلا ناھايىتى ئىسسىق ئىكەن. بىر يەكشەنبە كۈنى (يەكشەنبە كۈنى كىشىلەر بالدۇر ئۆيگە قايتىشقا ئادەتلەنگەن ) ئېدۋاردو قاۋاقتىن قايتىپ كەلسە، كرېستىئان كالىنى ھارۋىغا قېتىۋاتقانىكەن. كرېستىئان:
       ــ باردو شەھرىگە بىرنەچچە پارچە تېرە ئاپىرىپ ساتساق بولاتتى، مەن ھارۋىنى قېتىپ قويدۇم، يۈر، ھاۋا سوۋۇپ كېتىشتىن بۇرۇن بېرىپ كېلەيلى، ــ دەپتۇ.  مېنىڭچە، باردو شەھىرى ئۇلارنىڭ جەنۇپ تەرىپىگە توغرا كېلىدۇ، لېكىن ئۇلار لاستۇروپاغا بارىدىغان يول بىلەن مېڭىپتۇ، بىردەمدىن كېيىن يەنە بىر ئاچا يولغا چىقىپتۇ.  كېچىدە دالا تولىمۇ چەكسىز ئىكەن.  ئۇلار بىر چاتقاللىقنىڭ چېتىگە كەپتۇ، كرېستىئان ئاغزىدىكى تاماكىنى تاشلىۋېتىپ، ئالدىرىماي-تېنىمەي مۇنداق دەپتۇ:
        ــ كېلە،  بۇرادەر.  بىردەمدىن كېيىن قۇزغۇنلار بىزگە يادەم قىلىدۇ. بۈگۈن مەن ئۇنى جايلىۋەتتىم. ئۇ جۇلجۇل كېيىملىرى بىلەن مۇشۇ يەردە ياتسۇن! ئۇ ئەمدى بىزگە ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرمەيدۇ.  ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن يىغلىشىپ دېگۈدەك قۇچاقلىشىپتۇ. ئەمدى ئۇلارنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۇرۇلگەن ئايال بىلەن ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىش مەسئۇلىيىتىدىن ئىبارەت يېڭى بىر رىشتە بىر-بىرىگە مەھكەم باغلاپتۇ. 
    ---------------------
    ① گېنېرال روساس ــ ئارگېنتىنا تارىخىدىكى مۇستەبىت ھۆكۈمران. 
    ②قابىل ــ «ئىنجىل» ھېكايەتلىرىدىكى ئادەم ئاتىنىڭ چوڭ ئوغلى. «يارىتىلىش خاتىرىسى»دە ئېيتىلىشىچە، قابىل دېھقان ، ئۇنىڭ ئىنىسى ھابىل پادىچى ئىكەن. بىر كۈنى،  قابىل ئاشلىقنى، ھابىل قوزا ۋە قوي مېيىنى خۇداغا نەزىر قىپتۇ. خۇدا ھابىلنى ۋە ئۇ نەزىر قىلغان نەرسىلەرنى قوبۇل قىپتۇ، قابىلنى ۋە ئۇ نەزىر قىلغان نەرسىلەرنى قوبۇل قىلماپتۇ. قابىل ھەسەت قىلىپ،  ئېتىزلىقتا ھابىلنى ئۆلتۇرىۋېتىپتۇ. بۇ يەردە قېرىنداشلارنىڭ ھەسەت تۇپەيلىدىن بىر-بىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىگە تەمسىل قىلىنغان.
     تاھىر ھامۇت تەرجىمە قىلغان

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 17:29:56]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق