ساقچى تۇتۇپ كەتكەن پېرسوناژ (يان بويېشو | رۇمىنىيە)

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-02-12 21:27:23

ساقچى تۇتۇپ كەتكەن پېرسوناژ يان بويېشو (رۇمىنىيە) دىلنۇر ئەركىن تەرجىمىسى كۆپلىگەن زوقمەن ئوقۇرمەنلىرىم مەندىن ئەسەرلىرىمدىكى پېرسوناژلارنى قانداق قېزىپ چىقىدىغانلىقىم، خام ماتېرىياللارنى نەد...

    ساقچى تۇتۇپ كەتكەن پېرسوناژ

     يان بويېشو (رۇمىنىيە)

      دىلنۇر ئەركىن تەرجىمىسى
       

    كۆپلىگەن زوقمەن ئوقۇرمەنلىرىم مەندىن ئەسەرلىرىمدىكى پېرسوناژلارنى قانداق قېزىپ چىقىدىغانلىقىم، خام ماتېرىياللارنى نەدىن   ئالىدىغانلىقىم، ئىلھامىمنىڭ قانداق كېلىدىغانلىقى ھەمدە ۋەقەلەرنى قانداق قۇراشتۇرىدىغانلىقىم ھەققىدە سورايدۇ. مېنىڭ جاۋابىم ئاددى ھەم ئېنىقلا: مەن ھەممىنى تۇرمۇشتىن ئالىمەن. شۇنداق، تۇرمۇش مېنىڭ ماتېرىيال توپلىشىمدىكى پۈتمەس ـ تۈگمەس تەمىناتچىمدۇر.

    مەن پەقەت كوچىلارنى بىر نەچچە سائەت ئايلانساملا، يانچۇقلىرىم يېڭى تېمىلار بىلەن تولىدۇ. خۇددى يېمەكلىكلەر دۇكىنى ياكى تاماكا دۇكىنىغا كىرىپ قۇرۇق يېنىپ چىقمىغاندەكلا. مانا شۇ تاپتىمۇ مېنىڭ بۇ ھېكايەمگە بىر پېرسوناژ تەييار بولاي دېدى.

    ئالدىنقى كۈنى مەن ئىتىمنى ئەگەشتۈرۈپ سەيلە قىلىپ كېتىۋېتىپ، ئىكىئانا باغچىسىدا ئۇنى  ئۇچرىتىپ قالدىم. مېنىڭ ئىتىمنىڭ ئىسمى جونى بولۇپ، بىر خاۋازا ئىت ئىدى، ئۇ كىشىلەرنىڭ بەك ئامراقلىقىنى كەلتۈرەتتى (قانداقلا بولسۇن ماڭا ئوخشاش بىر تارتىنچاق ئادەمگە قارىغاندا، ئۇ كىشىلەرگە يېپىشىپ تۇرغاچقا، خەقنىڭ ئامراقلىقىنى قوزغىسا كېرەك). شۇنداق بولغاچقا بىز ئىگىلەپ ئولتۇرغان ئۇزۇن ئورۇندۇققا تېرىسى قارىغا مايىل، كىيىنىشى سىپتە ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئايال كېلىپ ئولتۇردى. ئۇ ئاۋۋال ئىتىمنى بىردەم ئەركىلەتتى، ئاندىن مەن بىلەن پاراڭلىشىشقا باشلىدى. بىزنىڭ پارىڭىمىز ئاساسەن دېگۈدەك قۇرۇق پاراڭ ئىدى: ھاۋارايى، بەرەڭگىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى، پۇتبۇل مۇسابىقىسى، ھايۋانات... دېگەندەك. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ تۇيۇقسىزلا ئادەمنى دەككە ـ دۈككىگە سالىدىغان بىر گەپنى سورىدى.

    ـ سىز بەختلىكمۇ؟ ـ دېدى ئۇ.

    ـ ئېنىق دەپ بېرەلمەيمەن، ـ دېدىم مەن تارتىنچاقلىق بالىدەك قىزىرىپ، ـ مېنىڭچە، ئاۋۋال قايسى جەھەتتىن دېمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

    ـ ئەلۋەتتە، ـ دېدى ئۇ، ـ بەخت توغرىسىدا ئۆز ئالدىڭىزغا قارىشىڭىز بولسا، قېنى ئاڭلاپ باقاي.

    ـ بولمايدۇ، ـ مەن كەسكىن رەت قىلدىم، ـ مېنىڭ بۇ ھەقتە ھېچبىر تەييارلىقىم يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەن بەخت دېگەننىڭ ئاساسىي مەنىسىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن، شۇڭا بۇ توغرىدا يەنىمۇ ئويلىنىپ  بېقىشىم كېرەك.

     

    مەندە بۇ ئايالغا بىردىن قىزىقىش پەيدا بولدى، شۇڭا ئىتىمنىڭ توڭلاپ تىترەپ كېتىۋاتقىنىغا قارىماي، ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق پاراڭلاشقۇم كەلدى.  شۇ تاپتا توقۇماقچى بولغان ۋەقەلىك ياكى ھېكايەمگە بىرەر پېرسوناژ تېپىۋالسام ئەجەپ ئەمەس، دېگەن ئويدا سىناپ باقماقچى بولدۇم.

    ـ سىز بەختلىكمۇ؟ ـ مەن ئۇ سورىغان سوئالنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ سورىدىم. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ ئاغزىنى كوچىلىماقچى ئىدىم، ـ مەن دەۋاتقان بەخت كونكرېت بولغان رېئال ئەھۋالغىلا قارىتىلىپ قالماي، يەنە روھىي جەھەتكىمۇ قارىتىلىدۇ.

    ـ ئەپەندى، دېدى ئۇ، ـ دېمەكچى بولغىنىڭىزنى چۈشەندىم، شۇڭا سوراشمۇ كەتمەيتتى. مەندىن گەپ سورىغىنىڭىز ئۈچۈن بەكمۇ مىننەتدارمەن. مېنىڭ ھەر كۈنى گۇگۇم چۈشكەندە بۇ باغچىغا كېلىشىم پەقەت ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلىش ئۈچۈنلا ئەمەس، ساپ ھاۋادىن ئۆينىڭ دېرىزىسىنى ئېچىپ قويۇپ نەپەس ئالغىلىمۇ بولىدۇ. مېنىڭ باغچىغا كېلىشىم كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىشقا جىددىي موھتاج بولغىنىمدىندۇر. ئەمما ئىقرار بولمىسام بولمايدۇ، ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرلا ـ مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن ـ مەندىن قىزىقسىنغان ھالدا «سىز بەختلىكمۇ» دەپ سورايدۇ. مېنىڭچە، ئۇلار ئۆزلىرى ئويلاپ باقمايدۇ. خوش، سىزگە ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن دەپ بېرەي.

    مەن بەختلىك ئەمەس. ئىلگىرى بالىلىق چاغلىرىمدا بەختلىك كۈنلىرىم بولغان، دادام بىلەن ئاپام مېنى ئالىقىنىدىكى گۆھەردەكلا ئەتىۋارلايتتى، مېنىڭ ماڭلىيىمدا ئۇلارنىڭ تالاي سۆيۈشلىرى قالغان. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، مەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بەختىكەنمەن. كېيىن ـ كېيىن شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئۇلارنىڭ ماڭا ئامراقلىقى مېنىڭ ساغلام بولغانلىقىم ئۈچۈنلا ئىكەن. ئۇلار مېنىڭ كېسىلىمنى بىلگەندىن كېيىن مەندىن سوۋۇپلا كەتتى.

    ـ نېمە كېسەل؟ ـ قورۇنۇپقىنا سورىدىم مەن.

    ـ ھەي، بىر خىل غەلىتە كېسەل، بۇنداق كېسەلنىي چۈشىنىدىغانلار يوق دېيەرلىكلا، مېنىڭمۇ بۇ جەھەتتە سۆزلىگۈم يوق. گەرچە ھازىر ساقايغان بولساممۇ، بىراق،  سىزنىڭ ياخشى كۆڭلىڭىزنى يەردە قويغۇم يوق. مېنىڭ بۇ كېسىلىمنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى بىشارەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەسلىك، مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىشارەتنىڭ قاراتما مەنىسى بويىچە ئىش كۆرمەسلىك. مەن بىشارەتنىڭ يۈزەكى مەنىسى بويىچە ئىش قىلاتتىم، سىزگە چۈشەندۈرۈپ قوياي...

    ـ دەۋېرىڭ، ـ دېدىم مەن گەپنىڭ ئاخىرىغا تەقەززا بولۇپ.

    ـ مەسىلەن، ئاپام ماڭا «بېرىپ ئاكاڭدىن گەپ ئېلىپ باق، ئۇ تەخەي نېمە قىلىۋاتىدىكىن» دېسە، مەن بېرىپ ئاكامنىڭ كۆڭلىنى بىلىپ كېلىشكە ئۇرۇناتتىم، نەتىجىدە ئۆيىمىزدە چوڭ ماجىرا تۇغدۇرۇۋېتەتتىم. بىر كۈنى بىرەيلەننىڭ «ئاۋۇ ئادەمگە چاپلىشىۋال» دېگىنىنى ئېيتمايلا قوياي، شۇ چاغدا ئۇ ئادەمنىڭ بەكمۇ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەنىدىم. ئەمدى نېمە دەي، مېنىڭ بۇ كېسىلىم ئاپام بىلەن دادامغا جىقلا ئاۋارىچىلىك تېپىپ بەردى. شۇڭا دادام بىلەن ئاپام شۇنىڭدىن تارتىپ مېنى خارلاشقا باشلىدى، ئۇلار مېنى تىللايتتى، ئۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن كىچىك تۇرۇپلا ئۆيدىن قېچىپ چىقىپ كەتتىم ۋە سىرتلاردا ئۇزاق يىلغىچە سەرگەردان بولۇپ يۈردۈم. مېنىڭ ئاشۇنداق يەككە ـ يىگانە يۈرۈشلىرىمنى ھېچكىممۇ چۈشەنمەيتتى. تاكى بىر كۈنى كەچلىكى، يەنى بۈگۈنكىدەك بىر چاغدا بىر باغچىدا مەن بىر ئەر بىلەن ئۇچراشقانغا قەدەر. ئۇ مېنىڭ كەچۈرمىشلىرىمنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلىدى ۋە مېنىڭ ئۆزى بىلەن توي قىلىشىمنى سورىدى. ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ شۇ خىلدىكى كېسەللەرنى داۋالايدىغان مۇتەخەسسىس ئىكەنلىكىنى ۋە مېنىڭ كېسىلىمنى داۋالاپ ساقايتالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

    ـ ئۇ كېسىلىڭىزنى ساقايتتىمۇ؟

    ـ شۇنداق، ساقايتتى، قانداق ساقايتتى دېمەمسىز؟ ئۇ مېنى كۆچمە مەنىدىكى سۆزلەرنى ئىشلىتىشتىن چەكلىدى. ھەرقانداق ۋاقىتتا سۆزلەرنى توغرىدىن توغرا ئىشلىتىشنى تەكىتلەيتتى، سىز دەپ بېقىڭە، شۇنداق بولۇۋەرسە، ئۇنى تۇرمۇش دېگىلى بولامدۇ؟ ئادەم ئۆز ئېرى بىلەن ھەپتىلەپ كىنايە ياكى زەردە قىلىشماي ئۆتكىلى بولاتتىمۇ؟ بىشارەت بولمىسا مەلۇم نەرسىنى، مەلۇم ئىشنى، مەلۇم ئىدىيىنى يوقاتقانلىق بولمامدۇ؟ ... بۇنداق تۇرمۇش بىر شەكىل بولۇپ قېلىشى مۈمكىن، ئۇنىڭدىن كۆرە ئاجرىشىپ كەتكىنىمىز تۈزۈك ئىدى. بىر كۈنى كەچتە...

    ئۇ ئايالنىڭ بايان قىلغانلىرى خۇددى كىتابتىكى گەپلەردەكلا ئىدى، مەن بۇ ئايالغا تېخىمۇ قىزىقىپ، گېپىنى ئاخىرىغىچە ئاڭلاي دەۋاتقاندا، كۆز ئالدىمىزدا بىر ساقچى پەيدا بولۇپ قالدى ۋە ناھايىتى تەۋازۇلۇق بىلەن ئۇنىڭغا:

    ـ سىز مەن بىلەن مېڭىڭ، ـ دېدى.

    مەن ئۇنىڭ قىلغىنىغا قاتتىق ئېتىراز بىلدۈردۈم، بىراق ساقچىنىڭ تەنبىھىگە ئۇچرىدىم.

    ـ ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشماڭ! ـ دېدى ساقچى ۋاقىراپ. مەن نائىلاج ئىتىمنى قولتۇقلاپ ئۆيگە قايتىشقا مەجبۇر بولدۇم، بۇ ئىشقا زەردەم قاينىغاچقا ھەممىنى ئايالىمغا دەپ بەردىم.

    ـ بىلەمسەن؟ ـ دېدىم مەن ياۋايىلارچە ھۆركىرەپ، ـ ھېلىقى ساقچى مېنىڭ پېرسوناژىمنى تۇتۇپ كەتتى! ئۇ ئايال ماڭا ئادەمنى قايىل قىلىدىغان بىر ئىشنى سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى، بىراق، ھېلىقى ئۆلگۈر ساقچى ئۇنى ئېلىپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىمەن!
     

    تېلىفون جىرىڭلىدى. ئايالىم تېلىفوننى ئېلىپ بىر پەس ئاڭلىغاندىن كېيىن تۇرۇپكىنى قۇيۇۋەتتى. ئايالىمنىڭ ماڭا دېگەن گېپى ئاچچىقىمغا سوغۇق سۇ سەپتى.

       ـ كالۋا، بېرىپ ساقچى ئىدارىسىدىن ھەميانىڭىزنى ئەكېلىۋېلىڭ! ـ دېدى ئايالىم ماڭا.
     
                  

    («قىسقا ھېكايىلەردىن تاللانما» دېگەن كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى)
                      تەھرىرلىگۈچى: گۈلجەننەت ئىسمائىل

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.