ئاخىرقى ئۇچىرىشىش ئا.ۋامپىلوۋ (سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى)

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-02-11 20:01:35

ئاخىرقى ئۆتۈنۈشئا.ۋامپىلوۋ (سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى)مۇھەممە تاۋۇت خۇدا بەردى تەرجىمىسى نىكولاي نىكولايېۋىچ سىمېرنوۋ ئۆمرىنىڭ ئەتىيازغا بارمايدىغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلەتتى. ـ مېنىڭ كۈنۈم ئاز قالدى...

    ئاخىرقى ئۆتۈنۈش
    ئا.ۋامپىلوۋ (سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى)
    مۇھەممە تاۋۇت خۇدا بەردى تەرجىمىسى
       نىكولاي نىكولايېۋىچ سىمېرنوۋ ئۆمرىنىڭ ئەتىيازغا بارمايدىغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلەتتى.
       ـ مېنىڭ كۈنۈم ئاز قالدى، ـ دېدى ئۇ ئۇھ تارتىپ، ئۆيلەرنى يېغىشتۇرىۋاتقان قىزى لىدىيە نىكولايېۋتاغا،
       ـ نەدىكى گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈيسىز! سىز تېخى ياشاپ باقىسىز، ـ دېدى لىدىيە نىكولايېۋنا كىتاب جازاىسىدىكى توپا ـ چاڭلارنى سۈتكەچ جاۋاب بېرىپ.
       ـ ھەر قانچە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرسەممۇ ساناقلىق كۈنۈملا قالدى.
       كۈز كىرىشى بىلەنلا نىكولاي نىكولايېۋىچ ئۆزىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن پۈتۈنلەي قېپقېلىۋاتقانلىقىنى سەزگەنىدى.
       ئادەم ئۈمىدسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا،  كاللىسىغا ئۆلۈملا كىرىۋالىدۇ، ئەمما ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا تامامەن ماغدۇرىدىن كەتكەن نىكولاي نىكولايېۋىچنىڭ قەلبىدە ئۈمىد ئۇچقىنى پەيدا بولدى، ئۇ بۇنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىنى بالىلارچە ئارزۇ قىلىدىغان بوپقالدى.
       ئۇ باھارغىچە ئۆمۈر كۆرۈشىنى، ئۈستەل ئۈستىدىكى سېرىنگۈلنىڭ يەنە بىر قېتىم ئېچىلىشىنى كۆرۈشنى؛ باھاردا قۇشلارنىڭ سايرىشىنى يەنە بىر قېتىم ئاڭلاشنى؛ ئۆزىنىڭ يېشىللىققا پۈركەنگەن خىيالى جەننىتى ـ ئاق قېينزارلىققا يەنە بىر قېتىم بېرىشنى ئارزۇ قىلاتتى.
       بۇ قېيىنزارلىق ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىلا ئىدى.
       نىكولايېۋىچ قىزى بىلەن بىرگە تۇراتتى. لىدىيەنىڭ ئېرى ئالەمدىن ئۆتكەن، بالىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆي ـ ئوچاقلىق بولۇشۇپ، ئۆز ئالدىغا ياشىشاتتى.
       نىكولاي نىكولايېۋىچ  ئۆزى ئالەمدىن ئۆتسە، لىدىيەنىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ ئۆيىگە كېتىدىغانلىقىنى بىلەتتى.
       كەچ كىرگەندە، لىدىيە ھەمىشە دادىسىنىڭ كارىۋىتى يېنىدا ئولتۇرۇپ، پۇت ـ قوللىرىنى تۇتۇپ قوياتتى، «بالدۇرراق ئۆلۈپ كەتسەم بولاتتى، ساڭا بەك جاپا سالدىم، بۇ جاپادىن  قۇتۇلۇشىڭغىمۇ ئاز قالدى.» دەيتتى دادىسى. لىدىيە بېشىنى دادىسىنىڭ مەيدىسىگە قويۇپ بوش شىۋىرلاپ قوياتتى. ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ، نىكولاي نىكولايېۋىچنىڭ كۆزلىرىدە قېرىلىق ياشلىرى ئەگىيتتى.
       دوختۇرلار پات ـ پات كېلىپ تۇراتتى. ئەمما نىكولاي نىكولايېۋىچقا ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ كېسىلىنى داۋالاش ئۈچۈن ئەمەس، شەكىل ئۈچۈنلا كېلىپ قويىدىغانلىقى بەش قولدەك ئايان ئىدى، ئۇ دوختۇرلارغا، قېرىلىقنى داۋالاشنىڭ مۈمكىن ئەمەسلىكىنى سىلەرمۇ، مەنمۇ بىلىمەن دەپ قوياتتى.
       بىر كۈنى ئوغلى سېرگىي ئۇنى يوقلاپ كەلدى. سېرگىي چوڭ ئەمەلدار ئىدى. ئۇنىڭ كۈنى دائىم ئالدىراشچىلىقتا ئۆتكەچكە، بىرەر قېتىم ئۆيگە كېلىش پۇرسىتىمۇ ئاسانغا توختىمايتتى.
       ئۇ يېرىم كېچە بولغاندا قولتۇقىغا ھۈججەتلەر بىەلن تولغان سومكىسىنى قىستۇرغان پېتى ئۆيگە كىرىپ كەلدى ۋە چاپىنىنى سالماي، شەپكىسىنى يوغان قوللىرى بىلەن مىجىقلىغىنىچە جىم تۇردى.
       ئوغلى كېتىدىغان چاغدا، نىكولاي نىكولايېۋىچ غەيرەتكە كېلىپ ئوغلىغا بىر ئېغىز چاقچاق قىلدى، لېكىن ئاڭلىغان ئادەمگە چاقچاقتەك بىلىنمەيتتى.
       ـ مېنىڭ قىشتا ئۆلۈپ كەتكۈم يوق، ـ دېدى ئۇ، ـ بۇ دۇنيادىن تەسىرات بىلەن كېتىش ئۈچۈن گۈللەر ئىچىدە كۆز يۇمسام دەيمەن.
       ـ سىز تېخى تىمەن، بىز بىللە ياۋا ئۆردەك ئوۋلىغىلى بارىمىز تېخى، ـ دېدى سېرگى كۈلۈپ تۇرۇپ.
       ئەمما ئوغلىنىڭ بۇ سۆزلىرى نىكولاي نىكولايېۋىچقا مەنىسىز تۇيۇلدى...
       نىكولاي نىكولايېۋىچ قىشتىن تولىمۇ بىزار ئىدى، قىش ساغلاپ، قاۋۇل كىشىلەر ئۈچۈنلا پايدىلىق، يا ئىشىك ـ دېرىزىلەرنى ئېچىۋەتكىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىش پەسلىنىڭ ئۇزۇنلىقىچۇ تېخى، ئۇ قېرىلىقىغا ئەمەس. بەلكى قىشنىڭ ئۇنى ھەممە نەرسىدىن مەھرۇم قىلىپ، پەقەت ئۆتكەن ئىشلار ھەققىدىكى ئەسلىمىنىلا قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىدىن نارازى ئىدى. دەل مۇشۇ  ئەسلىمىلەر ئۇنى ھالدىىن كەتكۈزۈپ، بىردەم قايغۇ ـ ھەسرەتكە سالسا، بىردەم خۇشال قىلىپ تۇرۇۋاتاتتى.
       لېكىن نىكولاي نىكولايېۋىچ ئەسلىمىلەرگە تايىنىپ كۈن ئۆتكۈزۈشكە زادىلا كۆنەلمەي، باھارنىڭ تېزراق يېتىپ كېلىشىنى كۈتەتتى.
       باھار ئاخىر يېتىپ كەلدى. نىكولاي نىكولايېۋىچ ئۆزى تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ دېرىزىسى تەرەپكە قاراپ ئۆسكەن قارىغاينىڭ شېخىغا خېلى بۇرۇنلا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتاتتى. 3 ـ ئاينىڭ ھاۋا ئوچۇق بىر كۈنى چۈشتە قارىغاي شاخلىرىغا ئاق چېچەكتەك يېپىشىپ تۇرغان قار ئاخخر ئېرىپ تۈگىدى. نىكولاي نىكولايېۋىچ دائىم دېرىزە ئالدىغا قويۇپ قويغان كرېسلوغا كېلىپ، ئۇزاققىچە سىرىتقا قاراپ ئولتۇراتتى.
       قىش ئاستا ـ ئاستا ئاخىرلاشماقتا. ئورمانلىقتىكى چىغىر يولنىڭ يۈزى ئالدى بىەلن ئېچىلىشقا باشلىدى. ئارقىدىنلا قېلىن قار ئاستىدا قالغان سرىق تۇپراق كۆرۈندى. ئاخىرىدا پۈتكۈل زېمىن ئۆزىنىڭ تۈنجى قار بىلەن قاپلىنىشتىن بۇرۇنقى قىياپىتىنى نامايەن قىلدى.
       ـ نېمىدېگەن گۈزەل! ـ دېدى لىدىيە دەرەخزارلىق تېخى يىراق جايدا كۆرۈشكە مۈمكىن بولمايدىغان يېشىللىق بىلەن پۈركەنگەن چاغدا دېرىزىلەرنى ئېچىپ.
       لېكىن نىكولاي نىكولايېۋىچنىڭ قەلبىدە ئۆزى ئۇزۇندىن بېرى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن، باھارنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان خۇشاللىق تېخى پەيدا بولمىغانىدى، ئۇ كۈتكەن نەرسىلەر كەلدى. ئەمما بۇ ئۇنىڭ ھەقىقى كۈتكەن نەرسىسى ئەمەس ئىدى. ئۇ ياشىشى كېرەك ئىدى.
       «باھار ھامان ئۆتۈپ كېتىدۇ، ـ دەپ ئويلىدى ئۇ، ـ گۈللەرمۇ سولۇشىدۇ. ئەمما ھاياتلىق داۋاملىشىشى كېرەك. ھاياتلىق مەيلى قاچان، قەيەردە بولسۇن گۈزەل نەرسە، مەيلى گۈللەرت ئېچىلغان باغدا، ياكى قار ـ مۇزلار بىەلن قاپلانغان يولدا، ھەتتا دېرىزە ئالدىدىكى كرېسلودا بولسۇن ئوخشاش، گەرچە ئۇ كرېسلودىن تۇرالمىسىمۇ...»
       دېرىزىنىڭ ئۇدۇلىدىكى قېرى قېيىن دەرىخى ئاستىدا ھەر كۈنى كەچتە بىر قىز بىلەن بىر يىگىت ئۇچرىشاتتى. قارىغاندا، ئۇلار قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقان ئاشىق ـ ماشۇقلاردەك قىلاتتى. نىكولاي نىكولايېۋىچ ئۇلار ئۇچراشقان مەنزىرىنى كۆرۈشكە تولىمۇ قىزىقاتتى، بۇ ئۇنىڭ ئادىتىگە ئايلانغانىدى. ئۇ ھەر كۈنى قاش قارايغاندا لىدىيەگە لىدىيە، مېنى دېرىزە ئالدىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويغىن، ئۇچرىشىش ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋەتمەي، دەيتتى. شۇنىڭ بىەلن ئۇ قېيىن دەرىخى ئاستىدىكى ئاشىق ـ مەشۇقلار تۈن پەردىسى ئىچىگە پۈتۈنەلي ئورۇلۇپ بولغانغا قەدەر ئۇلار تەرەپكە قاراپ ئولتۇراتتى.
       بەزىدە ئۇنىڭ چۈشىگە قىز قېيىن دەرىخىگە يۆلىنىپ ئولتۇرغان، يىگىت بولسا بېشىنى يوغان بىر شاخقا يۆلەپ، ئىككى قولى بىلەن شاخنى تۇتقىنىچە قىزغا تىكىلىپ قاراپ تۇرغان ھالەتتە كىرىپمۇ قالاتتى.
       بىر كۈنى، نىكولاي نىكولايېۋىچ بۇ بىر جۈپ ياشنىڭ بۇ يەردە ئۇچرىشىدىغان ۋاقتىنىڭ بىردەك بولماي قالغانلىقىنى بايقىدى. دېمەك، بۇ ئىككىسى ماي تارتىشىپ قالغان،
       «ئۇ ئىككىسى نېمىدېگەن ئەخمەق، نېمىدېگەن بەختلىك، ـ دەپ يلىدى نىكولاي نىكولايېۋىچ، ـ بۇ يەرگە بىرلا ۋاقىتتا كەلمىسە ھەر ئىككىسىنىڭ قەلبى ئازابتىن ئۆرتەنمەمدۇ؟ ئەمما ئۇلار تېخى ياش، ياشلىرى ئۈستىدە بەخت يۇلتۇزى چاقناپ تۇرىدۇ.»
       تۈنجى دىمىق ئىسسىق كۈنى، تۈنجى كۈچسىز گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەشتىن ئىلگىرى، قېرىلىق ئىلاھى بىلەن كېسەل ئازابى نىكولاي نىكولايېۋىچنىڭ كارىۋىتىغا سايە تاشلىدى. ئەزرائىل ئۇنىڭ كارنىيىدىن ئالغان، ئۇ دېمى سىقىلپ، نەپەس ئالالماي قالغانىدى.
       ـ لىدا، ـ ئۇ بىر خىل خىيالى تۇيغۇ ئىچىدە قىزىنىڭ تاتارغان چىرايىنى ئاران كۆرەلىدى.
       ـ سېريوژانى چاقىرىپ كەلگىن، ـ دېدى ئۇ زورۇقۇپ تۇرۇپ، ـ ھازىرلا بار... مەن ئاخىرقى بىر قېتىم...
       چاقماق چېقىلدى، سىرتتىكى بارلىق نەرسىلەر قاتتىق سىلكىنىشكە باشلىدى. بوراننىڭ بىردەم  كۈچىيىپ، بىردەم پەسەيگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. شارقىراپ ياغقان يامغۇر دېرىزە ئەينەكلىرىگە تارسىلداپ ئۇرۇلماقتا ئىدى.
       قاتتىق بوراندا دەرەخلەر بىردەم ئىڭرىغاندەك، بىردەم ئېچىنىشلىق چىرقىرىغاندەك شاۋۇلدايتتى. نىكولاي نىكولايېۋىچنىڭ چېكىسىگە قانداقتۇر بىر نەرسە توكولدىتىپ ئۇرۇلۇۋاتقاندەك قىلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نەپىسى يېنىكلەپ قالغانىدى.
       يامغۇر ئاخىر توختىدى. نىكولاي نىكولايېۋىچ تۇيۇقسىز ئۆزىنى يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلىپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئولتۇردى ـ دە، روھلانغان ھالدا توۋلاپ كەتتى:
       ـ مېنى دېرىزە ئالدىغا ئاپىرىپ قوي!
      لىدىيە جىددىيلىشىپ دەرھال كېلىپ ئۇنى توسىماقچى بولدى.
       ـ مېنى كرېسلوغا ئاپىرىپ قوي، ـ دېدى نىكولاي نىكولايېۋىچ جاھىللىق بىلەن گېپىنى تەكرارلاپ، ـ دېرىزىلەرنىڭ ھەممىنى ئېچىۋەت! مەن ياخشى بولۇپ قالدىم، ئۆزۈمنى خېلىلا ياشىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن.
       ئۇ كۈلۈمسىرىگىنىچە دېرىزە ئالدىدا ئولتۇردى. ئۇنىڭ قەلبى ئەمدىلا يىگىرمە ياشقا كىرگەن، خۇددى ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى قىزى بىلەن بايىلا ئەپلىشىپ قالغان يىگىتتەك شۇنداق شاد ـ خۇرام ۋە پەرۋاسىز ئىدى.
       بايىلا يېغىپ ئۆتۈپ كەتكەن قارا يامغۇر يېشىللىق بىلەن قاپلانغان پۈتكۈل تەبىئەت دۇنياسىغا بايرام تۈسىنى بەرگەنىدى. كۈن تېخى پاتمىغانىدى، يامغۇردا ھۆل بولۇپ كەتكەن دەرەخ شاخلىرى دەرەخ ئارىلىرىدىن ئۆتۈپ تۇرغان كۈن نۇرىدا لەرزان تەۋرىنەتتى. نىكولاي نىكولايېۋىچ يەنە ئۆزىگە يېقىن يەردىكى بىر تۈپ دەرەخنىڭ يوپۇرماقلىرىدىكى يامغۇر سۈيىنىڭ تۆۋەندىكى دەرەخ يوپۇرماقلىرىغا تامچىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
       ھېلىقى يىگىت قېرى قېيىن دەرىخخ ئاستىدا تۇراتتى. نىكولاي نىكولايېۋىچ دېرىزە تەكچىسىدىكى سائەتكە قاراپ قويدى.  يىگىتنىڭ كېتىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى، لېكىن قىز يەنە يېرىم سائەتتىن كېيىن كېلەتتى. دەل شۇ چاغدا جىددىيلەشكەن سېرگىي ھاسىرىغىنىچە كىرىپ كەلدى.
       ـ دادا، قانداقراق تۇرۇۋاتىسىز؟ ـ دېدى ئۇ تېزلىكتە كرېسلوغا يېقىنلاپ. دادا ئوغلىنى سۆيۈپ قويدى.
       ـ سېنى مەن چاقىرتتىم، سېريوژا...ـ دېدى نىكولاي نىكولايېۋىچ خاتىرجەملىك بىلەن، ـ كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرۇۋاتىدۇ، مەن...
       نىكولاي نىكولايېۋىچ ئوشتۇمتۇت دېرىزە تەرەپكە بۇرۇلۇپ، دەرەخلىككە بىردەم قاراپ تۇردى. ئۇ ئوغلىغا قايتا قارىغاندا، سېرگىي دادىسىنىڭ ئادەتتىكىدىن باشقىچە، ئۇزۇندىن بېرى كۆرۈپ باقمىغان ھاياتى كۈچكە ۋە خۇشال ـ خۇراملىققا تولغان كۆزلىرىنى كۆرۈپ داڭ قېتىپ قالدى. نىكولاي نىكولايېۋىچ پەس ئاۋازدا دېدى:
       ـ سېريوژا، دەرەخنىڭ ئاستىدا تۇرغان ئاۋۇ يىگىتنى كۆردىڭمۇ؟ قېرى قېيىن دەرىخى ئاستىدا تۇرغان يىگىتنى، يۈگۈر، بېرىپ ئۇنىڭغا ئېيتقىن، ئۇ يەنە يېرىم سائەت ساقلاپ تۇرسۇن... ـ ئۇ ئوغلىنىڭ دەر گۇمان گاڭگىراپ تۇرغان چىرايىغا قاراپ قويدى، ـ شۇنداق، شۇنداق، بارغىن، بېرىپ ئۇنىڭغا، بۇ ئىنتايىن مۇھىم. يەنە بىردەم ساقلاپ تۇرغىن، دېگىن.
       ـ دادا... ـ دېدى سېرگىي ئىنتايىن خاتىرجەمسىزلىنىپ، ئەمدىلا گەپكە ئېغىز ئېچىشىغا، نىكولاي نىكولايېۋىچ ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتتى:
       ـ بولدى، گەپ قىلما... كاللام جايىدا، بارغىن! مەن ئۆتۈنۈپ قالاي، تېز بول. تېزرەك بارغىن... ـ سېرگىي ھېچنېمىنى چۈشىنەلمەي، مۈرىسىنى قىسىپ قويۇپ، ئارقىسىغا قارىغىنىچە ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.
       دېرىزە ئوچۇق ئىدى. كينىڭ ئىچى يامغۇردىن كېيىنكى قېيىن دەرىخىنىڭ ئۆزگىچە ساپ پۇرىقى بىلەن تولغانىدى.
       نىكولاي نىكولايېۋىچ كرېسلودا ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ گەۋدىسى بىر تەرەپكە سەل قىڭغايغان، چىرايىدىن بىرخىل خاتىرجەملىك، چوڭقۇر خىيال سۈرۈۋاتقان ئىپادە چىقىپ تۇراتتى.
       سىرتتىن قايتىپ كىرگەن سېرگىي ئەھۋالنى چۈشىنىپ بولغىچە، نىكولاي نىكولايېۋىچ بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقانىدى.

                           (خەنزۇچە«چەت ئەل ئەسەرلىرى»ژۇرنىلىنىڭ 1982 - يىللىق 5 - سانىدىن)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.