چىرايىدىن كەتمەستە-ف.سىرنوۋا(چېخوسلوۋاكىيە)

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-02-12 21:25:41

چىرايىدىن كەتمەستە...ف.سىرنوۋا(چېخوسلوۋاكىيە)ئامىنە مامۇت تەرجىمىسى ـ موما، چىرايىدىن كەتمىگەن دېگەن نېمە گەپ؟ ـ بۇنى ساڭا قانداق چۈشەندۈرسەم بولار... بىر ئاپاشنى مىسالغا ئالساق، ئۇ خېلى ياشىن...

    چىرايىدىن كەتمەستە...
    ف.سىرنوۋا(چېخوسلوۋاكىيە)
    ئامىنە مامۇت تەرجىمىسى

       ـ موما، چىرايىدىن كەتمىگەن دېگەن نېمە گەپ؟
       ـ بۇنى ساڭا قانداق چۈشەندۈرسەم بولار... بىر ئاپاشنى مىسالغا ئالساق، ئۇ خېلى ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، چىراي شەكلى ئانچە ئۆزگىرىپ كەتمىگەن بولسا، شۇنداق دېسە بولىدۇ.
       بەش ياشلىق ماركىن ئويۇنچۇق پويىزنىڭ كۇنۇپكىسىنى باستى، كىچىككىنە پويىز رېلىسنى بويلاپ مومىسىنىڭ ئازادە ئۆيىدە ئايلىنىشقا باشلىدى. بىراق ماركىن بىردەمدىلا پويىزنىڭ ۋىكليۇچاتېلىنى يەنە ئېتىپ قويدى.
       ـ موما ئۇنداق بولسا سىزمۇ چىرايىڭىزدىن كەيمىگەنمۇ؟
       ـ بۇنى نېمە دېسەم بولار، قوزام... يېشىمغۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى، بىراق قېرى دېگىلىمۇ بولمايدۇ، بۇنى ئاساسلىقى ئادەمنىڭ ئۆز يۇيغۇسى بەلگىلەيدۇ.
       ـ مەن سىزنى كەتكۈزمەيمەن، ـ ماركىن تۇيۇقسىز ئۆسۈپ يىغلاپ كەتتى.
       موماي ھەيران بولۇپ نەۋرىسىگە بىر قاراپ قويدى ـ دە:
       ـ مەن سىلەرنى تاشلاپ نەگە كەتكۈدەكمەن، قوزام؟ ـ دېدى.
       ـ دادام، ئاكام ئىككىمىزنى چوڭ بولۇپ قالدى، ئەمدى مومىسى تۇرغان بالىخانىدا تۇرسۇن، دەيدۇ. ئۇ سىزنى بۇ يەردىن قانداق كەتكۈزۈۋېتىشنىڭ ئامالىنى تاپالمايۋاتىدۇ.
       موماي ھوشىدىن كېتىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشكاپتىن تىنچلاندۇرۇش دورىسى ئېلىپ ئىچىۋالدى.
       ـ ئۇ كىمگە شۇنداق دېدى، ماركىن، ئاپاڭغىمۇ؟
       ـ ياق، ئاپامغا ئەمەس، سىمىرى كارل ئەپەندىگە. ئاشۇ ئەپەندى دادامغا، سىزنى تېخى چىرايىڭىزدىن كەتمەستە توي قىلىپ چىقىرىۋەتكىلى بولىدىغانلىقىنى، شۇنداق قىلسا پۈتۈن يۈرۈش ئۆينىڭ دادامغا قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
       موماي كۆزلىرىدىن تاراملاپ ئېقىۋاتقان ياشنى ماركىننىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭغا بىر تال شاكىلات تۇتقۇزدى ـ دە، ئۇنى پەستىكى ئۆيگە چۈشۈپ كېتىشكە بۇيرۇدى.
       «ئەسلىدە ئىش مۇنداق ئىكەن ـ دە! مېنىڭ ئەمدى ئۇلارغا كېرىكىم قالماپتۇ. پېترىك ئون ئىككى ياشقا كىرىپ قالدى، ماركىنمۇ پات ئارىدا مەپتەپكە كىرىدۇ. ئەمدى مەن ئۇلار ئۈچۈن ئارتۇقچە ئادەم بولۇپ قاپتىمەن... مەن شۇلارنى دەپ، ئېرىم ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن تۇرمۇشۇشمنى ئويلاشمىغانىدىمغۇ!...» موماي ئازابلانغان ھالدا ئۆز ـ ئۆزىگە شىۋىرلىدى.
       شۇنبىڭدىن تارتىپ، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر مومايدا ھەيران قالارلىق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى سەزدى، موماي ئۆزىگە تەنھەركەتچىلەر كىيىمىدىن بىر قۇر، ئوچۇق رەڭدىكى كوپتىدىن ئىككىنى سېتىۋالدى، ئۇ توختىماي خەت يازاتتى. يەكشەنبە كۈنلىرى ئۇنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرگىلى بولمايتتى، پېنسىيە پۇلىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۆزى خەجلەيتتى.
       ـ ئاپا، يېقىندىن بېرى سىزگە نېمە بولدى؟ بىرەر لايىق يېپىۋالدىڭىزمۇ، نېمە؟ ئۇ كىم؟ ـ دەپ سورىدى قىزى مونىكا.
       ـ سەن ئۇنى تونۇيسەن. ئۇ ھېلىقى ئۇست شەھىرىدىكى سونپىن ئەپەندى. ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ بىر كورپۇس ئۆيى بار، مەن نەچچە قېتىم ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ مېھمان بولۇپ كەلدىم.
       ـ سىز دادام بىلەن توي قىلىشتىن ئىلگىرى كەينىڭىزگە كىرىۋالغان ھېلىقى كىشىمۇ؟
       ـ ھەئە، ـ موماي قىسقىلا جاۋاب بەردى. موماينىڭ كۈيئوغلىنىڭ چىرايى بىردىنلا ئېچىلىپ كەتتى. ئۇ قوللىرىنى توختىماي ئۇۋىلايتتى، موماي بالىخانىنى بىكارلاپ بەرگەن ئاشۇ بەختلىك مىنۇتلارنىڭ يېتىپ كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتەتتى.
       بىر كۈنى ئەتىگەندە موماي ئۆيدىكىلەرگە، شەنبە كۈنى سونپىن ئەپەندىنىڭ ئۇست شەھىرىدىن بۇ ئۆيگە مېمان بولۇپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شەنبىمۇ يېتىپ كەلدى، چۈشلۈك تاماقتا كۆپچىلىك كاتلىت بىلەن مەززە قىلىشتى، بۇ موماينىڭ لايىقى باققان ئۆي توشقىنىدا قىلىنغانىدى. تاماقتىن كېيىن ئويلىمىغان بىر ئىش يۈز بەردى.
       ـ بالىلىرىم، ـ دەپ گەپ باشلىدى موماي سالماقلىق بىلەن، ـ سونپىن ئەپەندى ئىككىمىزنىڭ يېشى خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالدى. شۇڭا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزمەيلا، ئۆتكەن ھەپتە توي رەسمىيىتىنى ئۆتىۋالدۇق. مانا بۇ بىزنىڭ توي خېتىمىز...
       مونىكا ھەيران قالغىنىدىن ۋارقىرىۋەتتى، ھالبۇكى، كۈيئوغۇل كالېر چاۋاك چالغىنىچە، ئۆزىگە دەرھال لىقمۇلىق بىر رومكا ھاراق قۇيدى ـ دە، يېڭى توي قىلغان بۇ ئەر ـ خوتۇننى تەبرىكلەپ قەدەھ كۈتۈردى.
       ـ قەدىرلىك ئاپا، بىزنىڭغۇ سىزدىن ئايرىلغۇمىز يوق ئىدى، بىراق سىزنىڭ بەختىڭىزگە توسقۇنلۇق قىلىشنى خالىمايمىز ـ ئۇ ھاياجان ئىچىدە ئۆز قەلبىنى ئىزھار قىلدى ۋە رومكىدىكى ھاراقنى بىراقلا كۆتۈرۈۋەتتى.
       ـ بىز ھېلىھەم ئايرىلمايمىز! ـ دېدى موماي سەل ـ پەل كۈلۈمسىرەپ، ـ نەۋرىلىرىمدىن ئايرىلىپ قانداق چىدايمەن؟ سەنپىن ئەپەندى ئىككىمىز بالىخانىدا تۇرايلى، ئۇنىڭمۇ ئۆي ـ ئوچاقلىق بولغان ئوغلى بار ئىكەن، ئاتا ـ بالا ئانچە ئىناق ئەمەسكەن.
       بۇ چاغدا ئوتتۇرا ياشلىق بۇ ئەر خوتۇننىڭ چىرايى بىردىنلا ئۆزگىرىپ كەتتى، بىراق ئىككى نەۋرىسى خۇشال بولۇپ ۋارقىرىشىپ كەتتى:
       ـ ئۇررا! ئەمدى بىز بوۋىمىز بىلەن پۇتبۇل ئوينايدىغان بولدۇق!
       ماركىن سەكرەپ سونيىن ئەپەندىنىڭ تىزىغا چىقىۋالدى...
       
                      (خەنزۇچە «چەت ئەل ھېكايىلىرىگە بىر نەزەر» ژۇرنىلىنىڭ 1989 - يىل 12 - ساندىن)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.