ئىككى ئادەمنىڭ چۈشى ھەققىدىكى ھېكايە

يوللىغۇچى : tahirhamut يوللىغان ۋاقىت : 2007-03-29 21:31:00

ئىككى ئادەمنىڭ چۈشى ھەققىدىكى ھېكايە (ھېكايە)لۇئىس بورگېس(ئارگېنتىنا) بۇ ھېكايىنى ئەرەپ تارىخچىسى ئەلى ئىشاجى خەلىفە ئەلى مۆئمىن (مىلادىيە 786- يىلدىن 833-يىلغىچە) زامانىسىدا بايان قىلغان: ئىشەنچلى...

    ئىككى ئادەمنىڭ چۈشى ھەققىدىكى ھېكايە              

    (ھېكايە)لۇئىس بورگېس(ئارگېنتىنا) 

     

             بۇ ھېكايىنى ئەرەپ تارىخچىسى ئەلى ئىشاجى خەلىفە ئەلى مۆئمىن (مىلادىيە 786- يىلدىن  833-يىلغىچە) زامانىسىدا بايان قىلغان:

    ئىشەنچلىك كىشىلەرنىڭ يازمىلىرىدا ئېيتىلىشىچە (پەقەت ئاللاھلا ھەممىنى بىلگۈچى ۋە ھەممىگە قادىر ۋە ھەممىدىن مېھرىبان ۋە مەڭگۈ ئويغاقتۇر)،بۇرۇن قاھىرەدە بىر ئادەم ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ناھايىتى كۆپ مال-دۇنياسى بار ئىكەن، بىراق ئۇ بەدخەج ۋە كەيپ-ساپاغا ئامراق بولغاچقا،دادىسىدىن قالغان ئۆيىدىن باشقا بارلىق ۋەجىنى خەجلەپ تۈگىتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىشلەپ جان بېقىشقا مەجبۇر بوپتۇ.

    ئۇ ناھايىتى جاپالىق ئىشلىگەچكە بىركۈنى گۈللۈكىدىكى بىر تۈپ ئەنجۈرنىڭ تۈۋىدە ئۇخلاپ قېلىپ چۈش كۆرۈپتۇ.چۈشىدە پۈتۈن بەدىنى چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەن بىر ئادەم ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ ئاغزىدىن بىر تىللانى چىقىرىپتۇ  ھەمدە  ئۇنىڭغا: « سېنىڭ بايلىقىڭ ئەجەمدە، ئىسپىھاندا، شۇ يەرگە بېرىپ ئىزلە» دەپتۇ.

    ئەتىسى سەھەردە ئويغىنىپلا بۇ ئادەم يولغا چىقىپتۇ. ئۇ ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ، چۆل-جەزىرىلەردىن، دېڭىز-ئوكيانلاردىن ئۆتۈپتۇ، قاراقچىلارغا،بۇتپەرەسلەرگە،دەريالارغا، ياۋايى ھايۋانلارغا ھەمدە ئادەملەردىن كېلىدىغان تۈرلۈك خېيىم-خەتەرلەرگە يولۇقۇپتۇ. ئاخىر ئىسپىھانغا يىتىپ كەپتۇ،بىراق شەھەر دەرۋازىسىدىن كىرىشىگە قاراڭغۇ چۈشۈپ كېتىپتۇ. ئۇ بىر مەسچىتكە كىرىپ ھويلىدا يېتىپ ئۇخلاپتۇ.مەسچىتنىڭ يېنىدا بىر ئۆي بار ئىكەن.ھەممىنى بىلگۈچى ۋە ھەممىگە قادىر ئاللاھنىڭ ئەمىرى بىلەن، بىر توپ قاراقچى بۇ مەسچىتكە كىرىپتۇ،ئاندىن بۇ يەر ئارقىلىق ياندىكى ھېلىقى ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپتۇ. لېكىن ئۆينىڭ ئىگىسى قاراقچىلارنىڭ شەپىسىنى تۇيۇپ قېلىپ ئويغىنىپ كېتىپتۇ ھەمدە جېنىنىڭ بارىچە ۋارقىراپتۇ،خۇلۇم – قوشنىلارمۇ تەڭ ۋارقىرىشىپتۇ. پاششاپ بەگ لەشكەرلىرىنى باشلاپ يېتىپ كەپتۇ، قاراقچىلار ئۆگزىلەرگە يامىشىپ قېچىپ كېتىپتۇ. لەشكەرلەر پاششاپ بەگنىڭ بۇيرۇقى بىلەن مەسچىتنى ئاختۇرۇپ، قاھىرەدىن كەلگەن بۇ ئادەمنى تۇتۇۋېلىپ، دەررە بىلەن ئۆلگۈدەك ئۇرۇپتۇ. ئىككى كۈندىن كېيىن، ئۇ زىنداندا ھۇشىغا كەپتۇ.

    پاششاپ بەگ ئۇنى چاقىرىپ :« سەن نېمە ئادەم؟ قەيەردىن كەلدىڭ؟» دەپ سوراپتۇ.بۇ ئادەم:« مەن مەشھۇر قاھىرە شەھرىدىن كەلدىم، ئىسمىم مۇھەممەد ئەلى مەغرىبى» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.پاششاپ بەگ يەنە :« ئىسپاھانغا نېمىشقا كەلدىڭ؟» دەپ سوراپتۇ. بۇ ئادەم يەنىلا راست گەپ قىلغىنىم تۈزۈك دەپ ئويلاپ:« مەن ئىسپاھانغا چۈشۈمدە كۆرگەن بىر ئادەمنىڭ دەۋىتى بىلەن كەلگەن، ئۇ ماڭا تەئەللۇق بايلىقنىڭ مۇشۇ يەردە مېنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى ئېيتقانىدى.بىراق ئىسپاھانغا كەلسەم ، ئۇ دېگەن بايلىق ئەمەلىيەتتە ماڭا ناھايىتى سېخىيلىق بىلەن ئىنئام قىلىنغان دەررە ئىكەن ئەمەسمۇ»دەپتۇ. بۇنى ئاڭلاپ پاششاپ بەگ ئۆزىنى تۇتىۋالالماي قاقاھلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ،ئۇ شۇنداق قاتتىق كۈلۈپتۇكى، ئۇنىڭ ئېزىق چىشلىرىمۇ كۆرۈنۈپ قاپتۇ. ئاخىر ئۇ:« ھەي ئەخمەق،ھەي ئەخمەق! مەن ئۇدا ئۈچ قېتىم چۈشۈمدە قاھىرەدىكى بىر ئۆينى كۆردۈم، ئۇ ئۆينىڭ ھويلىسىدا بىر گۈللۈك ، گۈللۈكنىڭ پەس تەرىپىدە بىر قۇياش سائىتى بار ئىمىش، قۇياش سائىتىدىن ئۆتۈپلا بىر تۈپ ئەنجۈر بار ئىمىش، ئەنجۈردىن ئۆتكەندىن كېيىنلا بىر فونتان بار ئىمىش،ئاشۇ فونتاننىڭ ئاستىغا نۇرغۇن بايلىق كۆمۈكلۈك ئىمىش.بىراق مەن بۇ بىمەنە چۈشكە زادىلا پەرۋا قىلمىدىم. لېكىن سەنچۇ؟ ھۇ ئېشەك بىلەن شەيتاننى ئېمىپ چوڭ بولغان ئەبلەخ! بىر چۈشكە ئىشىنىپ شۇنچە ئۇزۇن يول مېڭىپسەن. ئەمدى سېنى ئىسپىھاندا كۆرۈپ قالماي، مە،بۇ ئازراق پۇلنى ئېلىپ دەرھال يوقال!»دەپتۇ.

    بۇ ئادەم پۇلنى ئېلىپ قايتىش سەپىرىگە ئاتلىنىپتۇ.ئۇ ئۆزىنىڭ گۈللۈكىدىكى( ھېلىقى پاششاپ بەگ چۈشىدە كۆرگەن گۈللۈكتىكى) فونتاننىڭ ئاستىنى  كولاپ بىرمۇنچە بايلىقنى تېپىپتۇ.شۇنداق قىلىپ،ئاللاھ ئۇنىڭغا ناھايىتى جىق بايلىق ئاتا قىپتۇ، ئۇنى مۇكاپاتلاپتۇ، ئۇنى ئەزىزلەپتۇ.ئاللاھ مېھىر-شەپقەتلىكتۇر،ئاللاھ ھەممىگە قادىردۇر.    تاھىر ھامۇت تەرجىمە قىلغان

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.