ئانا قەلبى - ھېنرى روسسىن(فىرانسىيە)

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-02-11 20:11:11

ئانا قەلبىھېنرى روسسىن(فىرانسىيە)ئەركىن ئىبراھىم تەرجىمىسى لويىس رامىل تاماق يېيىشتىن توختاپ ۋىلكىنى ئۈستەلگە تاشلاپ قويدى. چىرايى سۇلغۇن ۋە تولىمۇ خاپا كۆرۈنگەن بۇ يىگىتنىڭ چاچلىرى ئالتۇندە...

    ئانا قەلبى
    ھېنرى روسسىن(فىرانسىيە)
    ئەركىن ئىبراھىم تەرجىمىسى

        لويىس رامىل تاماق يېيىشتىن توختاپ ۋىلكىنى ئۈستەلگە تاشلاپ قويدى. چىرايى سۇلغۇن ۋە تولىمۇ خاپا كۆرۈنگەن بۇ يىگىتنىڭ چاچلىرى ئالتۇندەك سېرىق، كۆزلىرى قوڭۇر، تەقى ـ تۇرقى قاملاشقان ئىدى. ئانا ئوغلىنىڭ غېمىنى يەيتتى، ئۇنىڭ ئوتىدا پۇچۇلىنەتتى، ئۆزىنىڭ بارلىق ئارزۇ ـ ئۈمىدلىرىنى ئۇنىڭغا باغلىغان ئىدى.
        ئانا ئوغلىدىن ئۈچىنچى قېتىم سورىغاندىلا، لويىس ئانىسىغا راست گەپنى قىلىش نىيىتىگە كەلدى.
        ـ ئەسلىدە سىزگە بۇ ھەقتە گەپ قىلمىسام بولاتتى، زادىلا ئېيتمىساڭ بولمايدۇ دېسىڭىز، ئېيتىپ بېرەي: بايا مەن ئەيرېننانىڭ دادىسىنى كۆردۈم، ئۇ مېنىڭ ئۆزىنىڭ قىزىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. بۇ قورقىدىغانمۇ ئىش ئەمەس... ئەيرېننانىڭمۇ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى ئۇنىڭغا مەلۇم، شۇڭا ئۇ مەن بىلەن ئوچۇق سۆزلەشتى. مەن ئىككى يۈز ئەللىك مىڭ فرانك چىقىرالىسام، ئۇ ماڭا قىزىنى بەرمەكىچى بولدى. بۇ ئىككى يۈز ئەللىك مىڭ فرانك مېنىڭ ھىيوگورامپېل ماگىزىنغا سالىدىغان پاي چېكىم بولۇپ قالىدىكەن.
       لويىس ئازابلانغان ھالدا سۆزىنى تۈگەتتى. رامىل خانىممۇ ھەر خىل چىگىش خىياللارغا چۆكەنىدى: بۇ، لويىسنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئۆمۈرلۈك ئىش  ئىكەن. يەنە كېلىپ، باي ئائىلىدە چوڭ بولغان ئەيرېننادەك بىر قىزنىمۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە مال مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ.
       ـ ھەي، بىزدە شۇنچىلىك كۆپ پۇل بولغان بولسا قانداق ياخشى بولاتتى  ـ ھە! ـ دېدى ئانا ئۇلۇغ ـ كىچىك تىنىپ.
       ـ بىزدە نەدىمۇ بۇنچىلىك كۆپ پۇل بولسۇن؟ ـ دېدى لويىس قايغۇرۇپ.
       ئۇلاردا شۇنچىلىك ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ پۇل بولغان، بىراق لويىس يەتتە يىل كەيپ ـ ساپا سۈرۈپ ھەممىنى سوروۋەتتى. رامىل خانىم باغرى يۇمشاق ئايال بولغاچقا، ئوغلىنى پەقەتلا چەكلەپ باقمىغانىدى. دەسلەپتە لويىس، ئانام مەندىن بىرمۇنچە بايلىقنى يوشۇرۇۋاتىدۇ، دەپ قارىغانىدى، ۋەيران بولۇشقا ئازلا قالغانلىقىنى چۈشەنگەندىن كېيىن، قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ قىمارغا كىرىشىپ كەتتى. ئۇ يوقاتقانلىرىنى قىمارخانىلاردىن ئۈندۈرۈۋالىمەن، دېگەن شېرىن خىيالدا ئىدى. ئاخىر بېرىپ يانچۇقى قۇرۇقدىلىنىپ قالدى ھەتتە ئاپىسىنىڭ زىبۇ ـ زىننەتلىرىمۇ قالمىدى. پەقەت رامىل خانىمنىڭ ئازراق ئاخىرەتلىك پۇلىلا قالغانىدى.
       رېئاللىق لويىسنى سەل سەگەكلەشتۈرگەندەك قىلدى. ئۇ تۇرۇپلا ئېھتىياتچان ۋە سالماق بولۇپ قالدى. بىر پۇلنىڭ تۆشۈكىدىن مىڭ قېتىم ئۆتكۈدەك بولۇپ ياشىدى. كىيىنىشتە، تاشقى قىياپىتىنى سالاپەتلىك كۆرسىتىشكە تىرىشىدىغان بولدى، قانداق كىيىنگەندە، سۆلەتباز دوستلىرىدىن ئازادە ۋە چىرايلىق كۆرۈنگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدى ۋە بۇرۇنقىدەكلا كىشىلەر بىلەن بېرىش ـ كېلىش قىلىپ تۈرىۋەردى. مېھمانغا بېرىشقا توغرا كەلسە، بىر نەچچە كورۇپكا كەمپۇت ۋە بىر دەستە گۈللا ئېلىۋالاتتى، پۇل خەجلەيدىغان يەرلەردىن جېنىنىڭ بارىچە ئۆزىنى قاچۇراتتى.
       رامىل خانىم ئۇھ تارتىپ قۇيۇپ، ئوغلىدىن ئەپۇ سوراۋاتقاندەك مېھرىبانلىق بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ قويدى:
       ـ ستىراجۋانىيىدىكى ئاخىرەتلىكىمگە ئاتاپ قويغان پۇلدىن باشقا پۇل يوق. شۇنى ئالساق...
       لويىسنىڭ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى...
       ـ سىز ئۇنداق قىلامىغاندىكىن، يەنە بۇگەپنى قىلىپ نېمە قىلىسىز؟ ـ دېدى ئۇ قوپاللىق بىلەن.
       ـ مەن ئۆلسەملا...
       ئانا بىلەن بالىنىڭ كۆزلىرى ئۇچرىشىپ قالدى.
       ئانا ئوغلى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ بولدى، ئوغلىنىڭ دەردىدە تارتمىغان جاپالىرى قالمىدى. ئۇ ئوغلىنى ئۆز جېنىدىنمۇ ئېزىز كۆرەتتى. ئەمدى ئانىسى ئۆلسە ئوغلىنىڭ چېچىكى چاي بولىدۇ، بەختى ئېچىلىدۇ... ئانىنىڭ خىيالى شۇ يەرگە كەلگەندە، تېنىگە تىترەك ئولاشتى. ئۇ ئىتتىك باشقا ياققا قارىۋالدى، كۆز چاناقلىرىدا ياش لىغىرلاپ تۇراتتى...
       لويىس پۈتۈن بىر ئاخشام ئۆيگە كەلمىدى. ئانىنىڭ ئەس ـ يادى ئوغلىنىڭ ئىشىدا قالغانىدى. بۇ ئۇنىڭ تەقدىرىگە تاقىلىدىغان ئىش ئىدى. ئانا ئوشلىنىڭ ھەر بىر سۆز ۋە ھەرىكىتىدىن. ئانىسىنىڭ ئۆلۈمىنى تىلەۋاتقانلىقىنى سەزگەنىدى. مانا ئەمدى ھەممە نەرسە تۈگەيدۇ: ئۇ كۈننىڭ سېرىقىنى، قىزىل گۈللەرنى كۆرەلمەيدۇ، دېڭىز ساھىلى ۋە چىمەنزارلىقلارغا بېرىپ گۈزەل ياز كېچىلىرىنى تاماشا قىلالمايدۇ، قىش ئاخشاملىرى ئىللىق ئوچاق  يېنىدا ئولتۇرۇپ، ئاشۇ راھەتبەخش ھارارەتتىن ھوزۇرلىنالمايدۇ، كىتاب كۆرەلمەيدۇ، ساياھەت قىلالمايدۇ. ھازىرمۇ،  كەلگۈسىمۇ شۇنىڭ بىلەن تۈگەيدۇ، ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئوغلىنىڭ بەخت ـ ئىقبالىنى ئاچىدۇ، شۇنداق تۇرۇپ يەنە ياشاش كېرەكمۇ؟
       تۈن نىسبى، يېقىن ئەتراپتىكى چېركاۋ قوڭغۇرىقى ئون ئىككى قېتىم داڭ ئۇردى، رامىل خانىم تېخىچە خىيالغا پېتىپ ئولتۇراتتى. تەقدىر ئۇنىڭغا بېسىم ئىشلەتمەكتە. ئۇ ئەمدى لويىسنىڭ كېلىشىنىلا كۈتۈپ ئولتۇراتتى. لويىس دالاننىڭ ئىشىكىنى ئېچىشىغا، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئوغلىنىڭ ئالدىغا چىقتى ۋە ئانىلىق مېھرى بىلەن ئۇنى يېنىككىنە سۆيۈپ قويۇپ، پەس ئاۋازدا:
       ـ بالام، مەن مۇنداق ئويلاۋاتىمەن...ئامال تېپىلىدۇ، بۇرۇن خىيالىمىزغا كەلمەپتۇ... يەنىلا ئۈمىد بار... قېرى ئاناڭنى ئوبدانراق بىر قۇچاقلاپ قويغىنا! ـ دېدى.
       لويىس ئانىسىغا قارىدى، دەسلەپتە ھەيران بولدى، كېيىن ئۆزىنىڭ ئاللىقانداق بىرەر بايلىققا ئېرىشىپ قېلىش مۈمكىنلىكىنى ئويلاپ، ئانىسىنى يېقىملىق قۇچاقلىدى. ئانا توساتتىنلا:
       ـ ئەتە، بالام، ئەتە! ئەتە مەن ساڭا ھەممىنى ئېيتىپ بېرەي، ـ دېدى ـ دە، ھۇجرىسىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ كەتتى.
       ئۇ ئۆيگە كىرىپلا ئىشىكنى مەھكەم يېپىۋالدى، پېشانىسىدىكى ئوغلىنىڭ سۆيۈشىدىن قېپقالغان ئىللىق سېزىمنى يوقىتىپ قويۇشنى خالىماي. كىچىك دورا ساندۇقىنى ئېچىپ، ئەپيۈن تىنكتۇرىسى قاچىلانغان بىر قۇتىنى ئالدى ـ دە، دەورىنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا ئىچىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن لويىس رامىلنىڭ بەخت دەرۋازىسى ئېچىلدى.

                  (خەنزۇچە «چەت ئەل ھېكايىلىرىگە بىر نەزەر»ژۇرنىلىنىڭ 1988 - يىل 11- ، 12 - سانىدىن)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر لويىس رامىل